مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 4

كۈمۈشنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە تەھلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7889
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     كۈمۈشنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە تەھلىل


        خەلىقئارا قىممەت مىتال بازىرى ئۇستىدە توختالغىنىمىزدا ،سىرىق ئالتۇن ھەققىدە كۆپ مۇلاھىزە قىلغان بولساقمۇ ،ئەمما كۈمۈشنىڭ يۆلىنىش ھالىتى ھەققىدە تۇزۇكرەك مۇلاھىزە قىلمىغانىدۇق .خەلىقئارا كۈمۈش بازىرى ئەمەلىيەتتە سىرىق ئالتۇنغا قارىغاندا يوچۇن ھالەتتە تەۋرىنىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، يەرشارى چوڭ قىممەت مىتال سودا ماگناتلىرى ئالتۇندىن بەكرەك كۈمۈشكە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا .
  گەرچە كۈمۈشنىڭ تەنەرخى تۆۋەن ساقلاش قىممىتى ئالتۇندەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ،ئەمما قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى ئەكىس ئەتۇرۇشتە مىنىڭچە كۈمۈش ئەڭ بىخەتەر مەبلەغ سىلىنما بۇيۇمى بولالايدۇ .
  2013-يىلى خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى چوڭ چۇشكەندىن بۇيان خەلىقئارا كۈمۈش ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 38% چۇشۇش ھالىتىنى شەكىللەندۇرۇپ ، ئۆزىگە نىسبەتەن قوغدىنىش ئىقتىدارىنى دىگەندەك جارى قىلدۇرالمىغان .تەكىتلەپ ئۆتۇشكە ئەرزىيدىغان يىرى شۇكى ، ئالتۇنغا قارىغاندا كۈمۈش يىقىن مەزگىللەردە ،« ئۆزىنى تۇتىۋىلىش» خارەكتىردىكى تۇراقلىق تەۋرىنىش سىخىمىسىنى ھاسل قىلغان بولۇپ، خەلىقئارا كۈمۈش 25دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلگە بىر قىتىم تىگىش قىلىش ئارقىلىق ،ئوتتۇرا مۇددەتلىك ئۆسۇش يۆلىنىشىنىڭ شەپىسىنى بەرگەن .
   تىخنىلىق ئانالىز نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، 11-ئاي مەزگىلىدىن بۇيان 20.70دوللار بىلەن 18.56دوللارنىڭ ئارىسىدا تىخنىكىلىق تەڭشەلدى .گەرچە ئاساسىي ئانالىز خەۋەرلىرى تەسىرىدىن ئۆسۇش چۇشۇش يۆلىنىشى بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ ،ئەمما يەنىلا ھەرقايسى ۋاقىت بۆلەكلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ 19دوللار ئۈستىدە تەۋرەنمە تەڭشىلىش لىنىيىسىنى ھاسىل قىلغان .بۇيەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى ،كۈمۈش بۇ مەزگىل ئىچىدە 18.20دوللارلىق تىرەش نۇقتىسىغا بىرقىتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما بۆسۇپ چۇشۇلمەي قاڭقىپ كەتتى .ھەم شۇنىڭدەك قايتىدىن 19دوللارلىق تەڭشىلىش رايونىغا قايتىپ كەلدى . بۇ جايدا كۈمۈش «تەگ ئورۇننى چىڭداش ، بىسىم نۇقتىنى سىناش» دىن ئىبارەت مانۋىر خارەكتىرلىك تەۋرىنىشنى ھاسىل قىلىپ ،بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كۇچلۇك ئۆسۇش ئىنىرگىيىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .بۇ ئەھۋال 2013-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە 20.70دوللاردىكى بىسىم نۇقتىنى بۇزغاندىن كىيىن كۆرۇلگەن .
  تۆۋەندىكى رەسىمدىمۇ كۆرسىتىلىپ تۇرۇپمۇ ، كۆڭ رەڭلىك كاتەك ئىچىگە ئىلىنغان تەۋرىنىش بولىكى كۈمۈشنىڭ ھازىرقى تەڭشىلىش ھالىتىنى بىلدۇرىدۇ . بىسىم نۇقتا دەل 20.50دوللار بىلەن 20.70دوللار ئارىسىدا شەكىللەنگەن . تىرەش نۇقتا 19.15دوللار بىلەن 18.20دوللاردا شەكىللەنگەن .

                   kumux.png

بەزى تەھلىل مۇلاھىزچىلەر ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ھازىرقى ئۆسۇش ھالىتى پەقەتلا «ۋاقىتلىق» دەپ مۆلچەرلىمەكتە .بەلكىم بۇ تەھلىلنىڭمۇ ئاساسىي باردۇر .ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ئوتتۇرا مۇددەتلىك ئۆسۇش يۆلىنىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ .دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ
   .ئاساسىي ئانالىز نۇقتىىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، ئامىرىكا فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىڭى ئايال رەئىسى يىللۇن مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتكۇزىۋالىدۇ ،ئىلگىركى رەئىس بىن بورناك ئەپەندى ،30-چىسىلا رەئىسلىك ۋەزىپسىنى فىدىراتسىيە ھۆكۇمىتىگە ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ .بۇ ئامىرىكا تارىخىدىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم ئايال ئەمەلدارنىڭ فىدىراتسىيە رەئىسلىكىگە سايلىنىشى ھىساپلىنىدۇ .

                                     u=967830609,3108943790&fm=23&gp=0.jpg

  مۇۋەققەت رەئىس يىللۇننىڭ ئىپادىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ،يىللۇن قىسقا مۇددەتتە قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش ياكى قىسقارتىش قارارىغا دىگەندەك قايىل ئەمەس .ئەمما ئامىرىكا ئوڭ قانات ۋە سول قانات پارتىيەلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ ئىغىر بولغانلىقتىن ،يىللۇن يىڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ھارپىسىدا قويۋىتىش سىياسىتىنىڭ يۆلىنىشى توغرىسىدا ئىنىق ئىپادە بىلدۇرمەسلىكى مۇمكىن .بۇ ھالەت ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكىنىڭ 12-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانلىق قىممىتى ئىنتايىن ناچار چىقتى .بۇ قويۋىتىش سىياسىتىنى قىسقارتىش قارارىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىرگە ،ئامىرىكا ھەرقايسى مەزھەپلەردە «قويۋىتىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىش» داۋرىڭىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن .بۇنداق بولغاندا ،مەبلەغ سالغۇچىلار قىممەت مىتال بازىرىغا قىزغىن كەيپىياتتا بولىدۇ .

  يىغىپ ئىيتقاندا ،تىخنىكىلىق ۋە ئاساسىي ئانالىز ئامىللىرى تۇرتكىسىدە ،كۈمۈش كەلگۇسى 3ئاي ئىچىدە ئوتتۇرا مۇددەتلىك ئۆسۇش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇرىشى مۇمكىن .ئۆسۇش يۆلىنىشىنىڭ نىشانى 25.50دوللار .


    كۈمۈش باھاسىغا قىزززىققۇچىلار بۇ ئادىرىستىن كۆرسە بولىدۇ :http://gold.hexun.com/byxh


                                مەنبەسى : ئۆزۇم
               ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 12:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28568
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100269
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

]\
؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101587
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-12-31
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھيى نازىل بولغان تۇنجى كۈندىن زامانىمىزغا قەدەر ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلام، مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىم ۋە سۆيۈملۈك ېەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش