ماقال-تەمسىللەر
1.تامنىڭ يىقىلىشى زەيدىن، ئادەمنىڭ يىقىلىشى مەيدىن.
2.يىغلىغاندىن ھال سورا،كۈلگەندىن پۇل سورا .
3. كۆڭلى بۇزۇق ھەمىشە باشقىلاردىن ئەيىپ ئىزدەر.
4. ھەسرەت سۆزدىن بىلىنەر،مۇھەببەت كۆزدىن.
5. ئۇزارتقىڭ كەلسە ئۆمرىڭنى، ئورمانغا چۈمكە ئۆيۈڭنى.
6. ئىسراپچىلىق نەدە، پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە.
7. چاينىمىغان غىزانىڭ لەززىتى يوق،چىللىمىغان مىھماننىڭ ئىززىتى يوق.
8. ئاتاڭنىڭ نەسىھەتىدە تاغ كۆكلەيدۇ، ئاناڭنىڭ نەسىھەتىدە باغ كۆكلەيدۇ.
9.يالغان گۇۋاھچى قاتىلدىن يامان.
10. ئاتا سۆزى پەرىز، ئانا سۆزى قەرىز.
11. نەدە يىقىلساڭ شۇيەردە دەس تۇر.
12.تۇنجى ئىسمىڭنى ئاتا-ئاناڭ قويىدۇ، يامان ئىسمىڭنى ئۆزۈڭ.
13.نادان دوستتىن، ئەقىلللىق دۈشمەن ياخشى.
14.ياخشى مىھمان غىزاغا ئۈلگۈرەر، نىيتى يامان ئىزاغا ئۈلگۈرەر.
15.باغنىڭ زىننىتى گۈل،يانچۇقنىڭ زىننىتى پۇل.
16. پۇلۇڭ ئاز بولسىمۇ، تىلىڭ ساز بولسۇن.
17. سەپەردە ئۆزۈڭنى تۈز، سورۇندا سۆزۈڭنى تۈز.
18. ھەق سۆزلىگەن ئالىمدۇر، خوشامەتچى زالىمدۇر.
19. قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك بول.
20. ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا،يوقسۇلغا پۇتلاش تولا.
مەنبە: ئۆزۈم توپلىغان ماتىرياللاردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 02:57 PM