ئۈرۈمچىدىكى گىزىتچى بالا
جاندىن ئۆتكەن قاتتىق سوغۇقتا،
ئۈرۈمچىدە بازار قاينايدۇ .
دوقمۇشتىكى گىزىتچى بالا ،
پاكلىق ئۈچۈن ئۆزىنى تاۋلايدۇ .
ئالارمەنگە تەڭلىسە گىزىت ،
ئۇچۇر ئۈچۈن كۆۋرۈك ياسايدۇ .
خارلانغاندا بىلىم ئەلچىسى ،
جىمجىتقىنە كۆڭلى قانايدۇ .
شىۋىرغاندا ، قاتتىق سوغۇقتا ،
يەر توڭلايدۇ ،ئادەم توڭلايدۇ .
قەلبى ئىللىق گىزىتچى بالا ،
ھالال تەردە باھار چىلايدۇ .
تىرىشسىلا ئىنسان بالىسى ،
غالىپ كىلەر بارچە مۈشكۈلدىن .
ھوزۇر ئالىمەن گىزىتچى بالا ،
بىلىم ئۈچۈن سۇنغان كۆڭلۈڭدىن .
ياشاۋەرگىن ھالال يولۇڭدا ،
مۈشكۈل دىگەن ئۆتكۈنچى قىسمەت .
سېنىڭ سۇنغان ئەجىرلىك گۈلۈڭ ،
بارچە دىلدا قوزغايدۇ ھۆرمەت .
مەنبە--- خەيرۇللا قۇربان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 11:30 AM