كۆردۈم
ئېتىزلاردا قىرىجان ئەمگەكتە كۆردۈم، مەزلۇملارنىڭ قولىدا كەتمەننى كۆردۈم.
ئىرى غەمسىز پىشايۋان ئاستىدا سالقىن، بىخىرامان قولىدا كورىتلارنى كۆردۈم.
بالىلىرىنىڭ سۆيگۈ شارابلىرىدا مەست، يېگىتلىرىڭ قاۋاقتا رومكىنى كۆردۈم.
بۇلبۇللارنى ياراتماي غادىيىپ كەتكەن، شۇ گۈللەرنىڭ سولاشقان ھالىنى كۆردۈم.
باشلىق بولدۇم نەچچە رەت پۇرسەت كەينىدە، بولاق كەلدى ھۆرمىتى پۇللارنى كۆردۈم.
پۇلمۇ تاپتىم بىرمەھەل ئىزدىنىپ يۈرۈپ، شۇ پۇللارغا ئالغان قىز رەنانى كۆردۈم.
ۋىجدانلىقنىڭ يايرى يوق چۆللەردە پېنھان، ۋىجدانسىزلار يالىڭاچ ياتقاننى كۆردۈم.
بۇلبۇللارنىڭ كۆزى ياش تاغلاردا قالغان، ياۋىلاشقان قىزىلگۈل ئېبلىسنى كۆردۈم.
پۇل ئۈچۈنمۇ دۇنىيانىڭ ئۇيقا ئويغىقى، پۇل-پۇل دەپلا سۆزلىگەن ئېغىزنى كۆردۈم.
ئۆلۈش يوقمۇ يولىدا توختىماي ئازغان، ئىتىقاد، ئىمان دىنسىز بىر مەخلۇقنى كۆردۈم.
مۇئاشى يوق قىزلارنى ئالمىغان يېگىت، ئانىلارمۇ قارىماي كەتكەننى كۆردۈم.
پۇلى بارنى تاپالماي يوقنى ياراتماي، كېر-قات يۇيۇپ ئولتۇرغان بويتاقنى كۆردۈم.
ھۆرمىتى يوق ئۆلىما ئالىم كىشىنىڭ، يوللىرىڭدا ئىتىبارسىز ماڭغاننى كۆردۈم.
پەدىشەپ يوق بىرئۆيلۈك كىشىلەر ئارا، تېنىشىپمۇ كەتكەن ھەم تۇغقاننى كۆردۈم.
ئىسمى بىلەن دادىنى چاقىرغان ئوغۇل، ئانا دىمەس قىزلارنى بالىنى كۆردۈم.
بالا بېقىپ ئاقىۋەت يېغلاپ قاخشىغان، ئوغۇللارغا قەرزدار دادىنى كۆردۈم.
ئىشخانىلار شەكىلۋاز قۇرۇق پارىتا، سورۇنلاردا رەسمىيەت بەرگەننى كۆردۈم.
قىش بولسىمۇ سوغۇقتا دىر-دىر تېتىرەپ، رەسمىيەتكە بېلىقتەك يۈرگەننى كۆردۈم.
شۇنچە سەتمۇ ئىسمىمىز مودا قوغلىشىپ، كىنو ئىسمى بالىغا قويغاننى كۆردۈم.
نام-شۆھرەتمىش ئاڭلىسام غادىيىپ تۇرماق، سەت تۇراردەپ ئەمگەكتىن قاچقاننى كۆردۈم.
تۆتكۈن چەتئەل قوينىدا يايرىغان بولسا، ئۆز يۇرتىنى ياراتماي سۆككەننى كۆردۈم.
پۇل تاپقاندا ئۇنتىغان تاشلىغان خەقلار، پۇلسىز قالسا قولىدا قۇرئاننى كۆردۈم.
شۈكۈرلەردە بەرگەنگە ئەكسىچە ھەركەت، قوللىرىدا داپ، دۇتتار چالغاننى كۆردۈم.
ياخشى ئىشقا كەينىنى قىپ ئۆتكەنلەردە، يامان يولدا دۇۋاغا قوپقاننى كۆردۈم.
باشقا مىللەت ئۈگەنمەك ئۇيغۇر تىلىنى، ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىگەن ئۇيغۇرنى كۆردۈم.
بۇ يولۇڭدا نەتىجىدە پارلاق ئەتىمىز، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇغان ئەۋلاتنى كۆردۈم.
ئۆيۈم بار دەپ بىناغا چىقىۋالغان بىلەن، قوشنىسىنى تونۇماس قوشنىنى كۆردۈم.
خەقنىڭ ئەجىر تەرىدىن ناممۇ چىقارغان، پۇلغا كەلگەن ئابروي ھەم شۆھرەتنى كۆردۈم.
دادىسى باشلىق بالىلار شاھزادە ئىكەن، دۆت بولسىمۇ بېشىدا ماڭغاننى كۆردۈم.
پۇقىرالارمۇ ئامالسىز شاپاشلاپ يۈرۈپ، كېتىۋاتقان كەينىدىن ئازغاننى كۆردۈم.
خاتا ھۆكۈم بولسىمۇ كۆزىنى يۇمۇپ، توغىرا دېگەن نائەھلى ئەرباپنى كۆردۈم.
توغىرا بولدى شۇ سەۋەپ نۇرغۇن خاتالىق، خاتا دېمەس بىچارە ئەللەرنى كۆردۈم.
ئىزچىل بولۇپ ئۈگىنىپ زەپەرلەر قۇچقان، كەلگۈسىمىز ئەتىمىز ئۇچقاننى كۆردۈم.
بارچە دەرىتنى يەلكىدە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، تەرگە چۆمگەن قىشمۇ ياز دېھقاننى كۆردۈم.
بەختىيار مامۇت چـــــــــــــــــــــۈش 2013-يىلى 11-ئايىنىڭ 20-كۈنى دىيارى ئۈرۈرۈمچـــــــــــــــــــــــــــــى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BaHTiYar.qux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 11:10 AM
|