پارىخورغا كۈلىمەن
ئەي پارىخور مەن سىنىڭ قىلىقىڭغا كۈلىمەن.
ھەشەمەتلىك يىشىيىشىڭ،ئىچىشىڭگە كۈلىمەن.
مەرتىۋەڭنى پەش قىلىپ، ئاۋام-خەلق ئالدىدا،
ئاجىزلارغا غەزەپلىك، بېقىشىڭغا(قارىشىڭغا) كۈلىمەن.
ئاتاڭدىنلا سوراپ باق، نىمە كۈننى كۆرۈپتۇ؟
ئىنقىلاپتا نەچچەيلەن، ئاچلىق سەۋەپ ئۆلۈپتۇ؟
بىلىپ تۇرۇپ شۇلارنى، كۆزگە ئىلماي دېھقاننى،
تاماقنى كۆپ بۇيرۇتۇپ، تۆكۈشۈڭگە كۈلىمەن.
سورۇنۇڭمۇ كاتتىكەن،‹‹ماۋتەي›› ئىكەن ئىچىشىڭ.
نازىنىنمۇ بار ئىكەن، ‹‹بەش يۇلتۇز›› كەن يېتىشىڭ.
شەربەت تۇرسا مىزىلىك، تاتلىقكەن دەپ ياراتماي،
شۇنچە پۇلغا ‹‹سېسىق››نى، ئېلىشىڭغا كۈلىمەن.
يامانلاشتى خۇي-پەيلىڭ، مىجەزىڭنى ئۇنۇتتۇڭ.
پېقىرلاغا مۇش ئېتىپ، ئۆزەڭنى بىر ‹‹تونۇتتۇڭ››.
نوچىلارنى كۆرگەندە، خوشامەت قىپ ئىگىلىپ،
غورورۇڭنى بىردەمدە، سېتىشىڭغا كۈلىمەن.
مەركەزدىن سادا كەپتۇ، سەندەكلەرنى جايلارمىش.
يۇلۇپ راھەت ئۆيىدىن، تۈرمىلەرگە تاشلارمىش.
شۇنداق چاغلار كەلگەندە، ‹‹ئۇۋال بولدى›› دېگەندە،
خەلق گۇۋاھ بولغاندا، يىغلىشىڭغا كۈلىمەن.
مايماق ئىجادىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 04:56 PM