مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 5

مۇزلىغان قار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇزلىغان قار

قالدى ئازاب دانلىرىم قار ئۈستىدە  ياش تۆكۈپ ،
يىرىڭدىغان دوقمۇشۇم يانىۋاردا ساپلىشار
قەلبىم ماڭار بازارغا رامكىسىدىن  پارتىلاپ .
سومكا مىجەز خىيالىم تېلىفۇنغا چاپلىشار .

باش كىيىمى يىرتىلغان يوللىرىمنىڭ ھالى بوش،
ساپما كەشتە مەھەللەم يەر شارىنى چۈشەيدۇ .
ناۋات سۈيى سېغىنغان كالپۇكلىرىم يېرىلىپ ،
قەغەزدىكى تامغىلىق مەدىيەنى كۆشەيدۇ .

ئۇزۇن ساقال تارىخىم كاپالەتكە ئېرىشتى ،
توختام سۇدا سۇ ئۈزۈپ نەۋرەم بولدى قومۇچاق .
شاھادەتكە ئېرىشتىم غىدىقلىنىپ بىر ئەسىر ،
ئەتتىر پۇراق تەقدىرىم ياسىماقتا لاي ئوچاق .

ئالايغانغا تومپايدى شاكاللارنىڭ قورسىقى ،
ئىپادىسىز تاپىنىم تەييارلىقسىز ‹ھۆ ›قىلار .
قىسىر قايتتى بۈگۈنىم مۈڭگۈزىگە دوق قىلىپ ،
ئەتە ناملىق موزىيىم  يىقىلغاندا ‹ مۆ  ›قىلار .

شام ياندۇردى بىراۋلار كۆزگە ئىلماي قۇياشنى ،
ۋىجدان بىسى داتلىشىپ سوغۇق سۇدىن زېرىكتى .
پاختا بىلەن داڭگالنىڭ قىسىمىتىنى ئوقالماي،
  ئەڭ ئاخرىقى تارازا تەڭسىزلىككە تېرىكتى .


قوۋۇرغامغا چاپلاشتى ھېدى قاڭسىق مەسەللەر،
چوكا مۇزغا زار بولدۇم ،ئېشىپ كەتكەچ ئىسسىقىم.
قەدىمىنى سانايدۇ ياماق چۈشكەن دەقىقە،
پۇشۇلدايدۇ ئۈمۈدسىز بۇلۇڭلاردا تىنىقىم .

سېيرىتمىلىق تاللىنىش چىشلىمەكتە تىلىنى ،
بىر لوقمىغا كۈچىسەم ئېغىم كەتتى يىرتىلىپ .
سوغۇق چىشنىڭ ئىزى بار زەرداپ چىققان گۆشۈمگە ،
پارچە -پارچە ئاھانەت ئۆتۈپ كېتەر سۈركىلىپ .

ئايدىڭ كېچە ئاي يورۇق ،قار كۈلكىسى جاراڭلار ،
سەييارىلەر چەكمەكتە دەرىزەمنى توختىماي .
تۆكۈلمەكتە كۆزۈمدىن ئاسمانلارنىڭ پارچىسى ،
چۈشلىرىمدىن  ئاقتى تەر ،كۆڭلۈم لوقما خالىماي .


ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 04:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1579517
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12227 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شىئېر… ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىپ ھوزۇر ئالدىم، ھارمىغايسىز…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلىرىمنى سېغىندىم...مېنى سېغىنغانلار ۋە ئىزدەپ تاپالمىغانلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سومكا مىجەز خىيالىم تېلىفۇنغا چاپلىشار
ماۋۇ مىسرالار ئۆتتۈرۈدىغىنىكەنغۇ

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28730
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزلىغان قارنىڭ بازاردىكى باققالغا زىينى بار،باغۋەنلەرگە پايدىسى بار.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98532
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20691
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1491 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتمەكتە سېنى مۇزلىغان يۈرەك ،
كۈتمەكتە سېنى توڭلىغان تېلەك .
تەلمۈردىم ساڭا كېچە ھەم كۈندۈز،
سەن مۇنى مەڭگۈ بىلمىسەڭ كېرەك.

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش