مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 766|ئىنكاس: 13

شۈكۈر قىلىش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61264
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3633
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1383 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                    شۈكۈر قىلىش ھەققىدە

جانابىي ھەققە قانداق شۈكۈر قىلىشىمنى بىلمەيمەن .
ۋۇجۇدۇمدىكى ھەر بىر تۈك ئۇنىڭ بىر ئىھسانىدۇر. ھەر بىرى ئۈچۈن قانداق شۈكۈر قىلاي؟ پۈتۈن ھەمدۇ سانالار قۇللىرىنى يوقتىن بار قىلغان ئەپۇكار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر .ئۇنىڭ ئىلتىپات ۋە ئىھسانلىرىنى تەرىپلەشكە كىمدە قۇدرەت بار؟ ھەر قانچە تەرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىكار. ئۇ شۇنداق ياراتقۇچىكى ، ئادەمنى لايدىن ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان،ئەقىل،كۆڭۈل ئىھسان قىلغان ئۇدۇر. ئاتىنىڭ مەنىيىدىن تاكى قېرىلىقنىڭ ئاخىرىغىچە قاراپ چىققىن-دە ، ساڭا غايىپ خەزىنىسىدىن نېمىلەرنى ئىلتىپات قىلغىنىنى كۆرگىن . ئۇ سېنى پاك ياراتتى . كاللاڭ بىلەن ئويلاپ كۆرگىن-دە ، تۇپراققا مەينەت كىرمە ، ئەيىپ بولىدۇ . توۋا قىلىش بىلەن قەلىب ئەينىكىڭنى ھەمىشە پاكىز تۇت ، كىرلەشسە ھېچ نەرسىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەسلىڭ بىر تامچە مەنىيدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، بۇنى ئېسىڭدە تۇتۇپ مەنمەنلىك قىلما . ئىشلەپ بىر چىشلەم رىزىق تاپقىنىڭدا، قولۇڭنىڭ كۈچىگە مەغرۇرلانما . ئەي ئۆزىگە چوقۇنىدىغان ئىنسان ، نېمە ئۈچۈن قولۇڭغا قۇۋۋەت بەرگەن  ھەقتائالانى كۆرمەيسەن ؟ توپنى ھېچكىم قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئۇرمايدۇ ، سېنى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغان جانابىي ھەقتۇر ! بۇنىڭغا شۈكۈر قىل .  
ئانا قارنىدىكى ۋاقتىڭدا ، ئاغزىڭ يۇمۇقلۇق بولغىنى ئۈچۈن  رىزقىڭنى كىندىكتىن ئالاتتىڭ . كىندىكىڭ بىلەن بىللە رىزقىڭمۇ ئۈزۈلگەندە ، شۇئان ئىككى قولۇڭ بىلەن ئاناڭنىڭ كۆكرىكىگە يېپىشتىڭ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
غۇربەتتە كېسەل بولغان كىشى دورا دەپ يۇرتىدىن سۇ كەلتۈرىدۇ . مانا ئەمدى سەنمۇ شۇنداق بولدۇڭ...
ئانىنىڭ قۇچىقى بالىنىڭ جەننىتى ، ئىككى كۆكسى ئۇ جەننەتنىڭ سۈت دەرياسىدۇر .

ئانىنىڭ جاننى يېتىشتۈرگەن تېنى بىر دەرەخ ، بالا بولسا ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدۇر . ئەمچەكلەرنىڭ تومۇرى يۈرەكتىن كەلمەمدۇ ؟ شۇنداق ئىكەن ، سۈت يۈرەكنىڭ قېنىدۇر .

بالا ئانىسىنىڭ قېنىنى ئېمىدۇ . ئانىغا شۇنداق مۇھەببەت بېرىلگەنكى ، ئۇنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ . بالا قۇۋەتلىنىپ ،  چىشلىرى قاتقاندا ، ئەمچەككە ئاچچىق  سەۋر ئوتى سۈركەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاچچىقى بالىنى ئەمچەكتىنمۇ ، سۈتتىنمۇ سوۋۇتىدۇ .  دوستۇم ، سەنمۇ توۋا خۇسۇسىدا بىر ئويۇنچى  بالا ، سەۋر بىلەن گۇناھلىرىڭدىن سوۋۇغىن .  


                                    تەلىم ۋە تەنبىھ ھەققىدە

ئەي سۆڭەك قەپەس ! بىلەمسەن ، جان سېنىڭ ئىچىڭدە  بىر قۇشتۇر . ئۇنىڭ ئىسمى نەپەستۇر . قۇش قەپەستىن ئۇچۇپ كەتسە  ، ئۇنى تەكرار قايتۇرۇپ كېلەلمەيسەن .  پۇرسەتنى قولدىن چىقارما ، ئالەم بىر نەپەستىن  ئىبارەتتۇر . ئالىملارنىڭ بىر نەپىسى ئالەمدىنمۇ  قىممەتلىكتۇر  . ئىسكەندەر جاھانغا ھۆكۈمران ئىدى  ، دۇنيانى تاشلاپ كەتتى ، بىر دەممۇ ئارتۇق قېلىش مۇمكىن بولمىدى ، مۇمكىن بولسا ، بىر نەپەس ئۈچۈن  دۇنيانى  بېرەتتى  . كېتىشتى.... ھەر كىم تەرگىنىنى ئېلىشتى . ياخشى -يامان نامدىن باشقا نەرسە قالمىدى  . نېمىدەپ بۇ كارۋان سارايغا كۆڭۈل بېرىمىز ؟ دوستلار كەتتى ، بىزمۇ كېتىش يولىدىمىز .
بۇ دۇنيا  گۈزىلىگە كۆڭۈل بەرمە ، ئۇ كىم بىلەن بىر دەم بىللە بولسا ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى يۇلۇۋالىدۇ  . ئۇنىڭ ئىشى مانا شۇدۇر .
قەبرىدە ياتقان كىشى يۈزىدىكى  توپىنى مەھشەر كۈنى سۈرتۈۋېتەلەيدۇ . شۇڭا ، ھازىر بېشىڭنى غەپلەت ياقىسىدىن چىقارغىنكى  ، خىجالەتتىن  بېشىڭنى ئەگمەيسەن .
ساياھەتتىن شىرازغا قايتقىنىڭدا ، يۈز-كۆزۈڭنى يولنىڭ چاڭ توزانىدىن يۇماسسەنمۇ ؟  ئەي گۇناھ توزىنىغا  مىلەنگەن ئىنسان ، يېقىندا كۆرمىگەن -بىلمىگەن  بىر شەھەرگە  سەپەر  قىلىسەن  . شۇنداق ئىكەن ، كۆز ياشلىرىڭنى  ئېقىتىپ  ، ئۇ چاغدا توپا-تۇمان  ، مەينەتچىلىكلەر بولسا بۈگۈندىن باشلاپ تازىلىغىن  .




مەنبە :  بوستان  .   داۋاملىق يوللىنىدۇ  .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1579517
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12227 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىدىن بىرى يوللىنىپتۇ، داۋامىغا ئىنتىزارمىز…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلىرىمنى سېغىندىم...مېنى سېغىنغانلار ۋە ئىزدەپ تاپالمىغانلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100166
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم ! رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1541 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28730
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىسسىمىللاھ يۇرەھمانۇرەھىمنى چىڭ دىگىن دىمىگەنلەر دىسۇن،شۈكرىنى بوش دىگىن يىمىگەنلەر دىسۇن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28730
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىسسىمىللاھ يۇرەھمانۇرەھىمنى چىڭ دىگىن دىمىگەنلەر دىسۇن،شۈكرىنى بوش دىگىن يىمىگەنلەر دىسۇن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98532
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84622
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكمەت  ئىنسانغا  ياشاش  يوللىرىنى كۆرسۈتۈپ  بېرىدۇ    بىزنى  شۇھېكمەتلەردىن ئايرىمىغايسىز
ئاللاھ  سىزنى  ياخشىلاردىن قىلسۇن

بىسمىللاھ  ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر،بىز ھەم ئىشىمىزنى بىسمىللاھ دەپ باشلايمىز  .
_(بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1865
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3457
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپتىن ئىسىمدە قالغانلىرىنى دەپ بىرەي.
شەيىخ سەئدىگە يولدا ياتقان مەسىتتىن يىرگىنىپ، يۈز ئۆرىگەن بىر تەقۋادارنىڭ ۋەقەسى خەۋەر قىلىندى.

شەيىخ سەئدى ئېيىتتى:
بىر ۋاقىتلاردا ھىندىستاننىڭ سۇمەنات شەھرىدە بولدۇم.
بۇ شەھەردە ھەركۈنى سەھەردە قولىنى ئاسمانغا كۆتىرىدىغان بىر بۇتنىڭ بارلىقى ئېيتىلدى.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسولىغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىشقا ئەلۋەتتە چىن پۈتمىدىم.
ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەك بۇلۇپ، بۇتخانىغا باردىم. بۇتپەرەسلەر يىغىلىشقا باشلىدى. بىر ۋاقىتلاردا قىستاڭچىلىقتىن نەپەسلىرىم سىقىلىشقا باشلىدى.
شۇ پەيىتتە بۇتنىڭ ئوڭ قولى مىدرىغاندەك بولدى، قايتا سىنچىلاپ قارىدىم. بۇتنىڭ قولى راستىنلا مىدراپ ئۈستىگە كۆتۈرلىۋاتاتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇتپەرەسلەرنىڭ يىغا-زارىسى ئەۋج ئالدى.
نەئۇزىبىللاھ...  جانسىز بۇتنىڭ قولىنى كۆتۈرگىنىگە ئىشەنسەم، مەھشەردە مۇرتەدلەر قاتارى قوپىدىغانلىقىم ئىنىق.
بۇنىڭ سىرىنى بىلمەك ئۈچۈن، قىستىلىپ يۈرۈپ بۇتنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتىم.
بۇتنىڭ ئاستىدىكى زەر پەردىنى ئاستا قايرىدىم.كۆردۈمكى بۇتنىڭ تىگىدە بىر راھىپ، بۇتنىڭ قولىغا چىگىلگەن يىپەك يىپنى تارتىپ ئولتۇراتتى.

شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقېتىم دۇئاغا قول كۆتۈرسەم،شۇ ۋەقە يادىمغا يىتىدۇ.
قوللىرىمنى يىپسىز، ياردەمسىز كۆتۈرۈشكە نىسىپ ئەتكەن رەببىمگە شۈكۈرلەر ئېيتىپ يىغلايمەن.
تىللىرىمىزنىڭ سۆزلىشىنى، قەدەملىرىمىزنى، رىزقىمىزنى، ئاسمان-بۇلۇت، زىمىن-تاغ،دەريا كۆللەرنى نەپەسلەنگەن ھاۋادىن تارتىپ بارلىق مەۋجۇداتنى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى دەپ بىلىمىز.
بىلسەڭ ئەي مەسىتتىن يۈز ئۆرىگەن تەقۋادار كىشى، تىلىڭدىكى سۆزنى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى دەپ بىلىسەنۇ تەقۋادارلىقىڭنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم بىلىپ، مەخلۇقتىن يىرگىنىپ، تەمەننا قىلامسەن؟؟؟؟
ئاللاھ....سىنى شەيتاننىڭ شەرردىن ساقلاپ، ھىدايىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىمىغان بولسا، سىنىڭ ھالىڭ ھەم شۇ مەسىتتىن نە پەرقىلىق بولار ئىدى.

سەئدى ئېيتۇر:
گۇناھىدىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى، ئەمىلىگە ئىشەنگەن تەقۋاداردىن ياخشىراق.


كۆكرەگىم سۈبھى پىراھانىدىن چوكراق،
كىرپەگىم شەبنەم تۆكۈلگەن سەبرەدىن نەمناكراق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش