|
|
|
|
ئۈرۇمچى ۋاختى 1-ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 24- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىياڭسۇ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجان 23 نۇمۇر ئالدى، ئاخىرى شىنجاڭ كوماندىسى 90-81 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 19 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى شىرئەلىجان 23 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 6 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ خاندېرسېن 28 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 13 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 11 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 3 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 2 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
جىياڭسۇ كوماندىسىدىن خاسىلىپ 10 نۇمۇر ئالدى؛ سۇلىمان 11 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خوشۇپىڭ 19 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مىڭ دا 17 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 15-يانۋار ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
|
|
|
|
|
|