مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 910|ئىنكاس: 12

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، پەرزەنتىڭىزنى قوللامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101811
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 05:34:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، پەرزەنتىڭىزنى قوللامسىز؟

  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 t# j! d2 N2 ?3 H" z4 d

سۆيۈملۈكئاتا-ئانىلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن،ئۇلۇغ ئاللاھدىن تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. سىلەر ئۆزپەرزەنتىڭلارنىڭ بەختى، كېلەچىكى ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتتىڭلار، ۋۇجۇدۇڭلاردىكىبارچە مېھىر- مۇھەببەتنى پەرزەنتىڭلارغا بەردىڭلار، «باغرىم، بالام» دەپ تالايكېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىڭلار، سىلەرنىتەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن نىمىشقا سىلەردىن «پەرزەنتىڭىزنىقوللامسىز؟» دەپ سوراپ قالدىم. بۇنىڭغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار تۆۋەندىكىبايانلاردا بولسۇن، بۇ بايانلارنى كۆرۈپ بولۇپ، سۇئالىمنى جاۋابسىزقويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

گەپنىيەنىلا ئۆزۈمدىن باشلاي. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. كىچىكىمدىنلائوقۇشۇم ياخشى بولغاچقا، مېھرىبان ئانام ۋە ئۇرۇق- تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىنناھايىتى رازى ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە«ئىرادىلىكلەر سىنىپى» دا ئوقۇدۇم. ئالىي مەكتەپكە جۇغراپىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولساممۇ لېكىن مەكتەپنىڭ تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ فىزىكا تەجرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. بۇ سىنىپقىمۇ نۇرغۇن ياخشى بالىلار توپلانغان ئىدى. شۇتەرىقىدە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىدىم. ئوقۇش داۋامىدا كەسپىمنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدىم. فىزىكىدىكى قىيىن مىساللار،ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بەزىدە قانۇنىيىتىنىمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىشلەنگەنتەجرىبىلەردىن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولاتتى. بەزىدە زادىلا ئامال بولمىغاندائەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە مەجبۇر بولاتتۇق. بەلكىم مۇشۇلارنىڭ تەسىرىمىكىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە كۆپرەك قاتناشسام، بىرلا خىزمەت بىلەن چەكلىنىپ قالمىسام دەپ ئويلايتتىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى مەنمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن سىتودىنتلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بولغان مەمۇرلۇق ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتىم. ئۇ يىلى قومۇل ۋىلايىتىگە فىزىكا كەسپىدىن ئۈچ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا كەسپىم چۈشمىگەچكە شەھەر ئىچىدىكى بىر ئادەم قوبۇل قىلىدىغان مەلۇم بىر ئىدارىگە تىزىملاتتىم، كىيىن قارىسام ئۇ ئورۇنغىمۇ 200 دىن ئارتۇق ئادەم تىزىملىتىپتۇ. مەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپلا سىڭلىمنى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن قومۇلغا كېلىپ، سىڭلىمنىڭ ئىمتىھانى تۈگىگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگەقايتىپ چىقتىم، بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا 12 كۈنلا ۋاقىت قالغانىدى، شۇڭاماتىرىيال كۆرۈپ بولالماي بەك جىددىيلىشىپ كەتتىممۇ قانداق ئىمتىھان بېرىدىغانغائۈچ كۈن قالغاندا ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمىدىم، ئۈچ كىچە كۈندۈز ئۇخلىيالماي كاللام قۇپقۇرۇق ھالەتتە ئىمتىھانغا قاتنىشىپتىمەن، نەتىجىلەرمۇ چىقتى، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۈچىنچى بولۇپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگەئېرىشىپتىمەن، بىراق ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتىمەن. ئىدىيەمدە تەييارلىق بولغاچقا بەك مەيۈسلىنىپ كەتمىدىم. لېكىن ئائىلەمدىكىلەرگە ئېغىركەلگەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ماڭا بەك ئىشىنەتتى، مېنى ئوقۇشپۈتتۈرۈپلا خىزمەت تاپالايدۇ دەپ قارايتتى. مەن بولسام بۇلارنى تەغدىرنىڭئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايتتىم. شۇ تەرىقىدە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز تۇرانەئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بۇ ئىمتىھاندىن قالدۇرىۋىتىلدىم، شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بېرىشنى تاللىدىم. بۇ ئىمتىھانغائىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ، بىر مۇنچە جاپادا ئىمتىھانغا قاتناشقانبولساممۇ، لېكىن نەتىجە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى، دەل شۇ كۈنلەردە تولۇق كۇرسپۈتتۈرگەن بالىلارنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ئىككى يىللىق تەربىيلىگەندىن كىيىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش چىقتى. ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇقتۇققانلىرىم مېنىمۇ مۇشۇ تەربىيلەشكە بېرىشقا دەۋەت قىلدى، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكەئېرىشىش ئۈچۈنلا بۇ تەربىيلەشكە بارغۇم يوق ئىدى، بۇ تەربىيلەش ئارقىلىق مەنئادەتتىكى  بىر خىزمەتكە ئېرىشىشىم تامامەنمۇمكىن ئىدى، لېكىن مەن يەنە ئۆزۈم ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشتىن مەھرۇمقالاتتىم، شۇڭا «تەربىيلەشكە بارمايمەن» دەپ جاھىللىق قىلىپ  تۇرىۋالدىم، ئەتراپىمدىكىلەر مېنى گەپكەكىرگۈزەلمەي ئاخىرى مەيلىمگە قويىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن خىزمەت ئىزدەشكەباشلىدىم. مەن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە بىرنەچچە شىركەت كارخانىلارغا باردىم ۋە شۇلارنىڭ ئىچىدە بىر شىركەتتە خىزمەتكەچۈشتۈم. خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا مەكتەپتە ئۆگىنەلمىگەن نۇرغۇن يېڭىبىلىملەرنى ئۆگەندىم، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بىر تۈركۈمكىشىلەرنى ئۇچراتتىم. ئۇلاردىن ئۈلگە ئالدىم. ئىشتىن سىرت توردا كىتابخانائاچتىم. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ مۇنبەر ئاچتىم،  نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىدىم، لېكىنمەن بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم دوستلارغا ماتىرىيال تېپىش جەھەتتە ياردەم قىلدىم،ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم، ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن سىتودىنتلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمىگەدىن كېيىن ئۆز ئالدىغائىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى تاللىغان، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭقوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇلارنىڭجان-جەھلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، مانا ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگە ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇجەرياندا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەمۇرلۇقتىن باشقا ئىمتىھانلارغا ئاساسەن قاتناشمىدىم،نىمىشقا دىگەندە مېنىڭ ئۆزۈمگە تەقسىملىگەن ئىشلىرىم بار. نۇرغۇن ئىمتىھانلاربولسىمۇ ئۇ ئىمتىھانلارغا مېنىڭ كەسپىم چۈشمەيدۇ، رىقابەت كۈچلۈك، مەن ئىمتىھانغاتەييارلىق قىلىمەن دەپ بىر مۇنچە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغانغا چۇشلۇق ئىش بولماسلىقىمۇمكىن. يەنە كېلىپ مەن ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن.ئىمتىھانغىلا ئېسىلىۋالماي باشقا يوللار ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ باقسام بولىدىغۇ؟ئەلۋەتتە مەن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئېرىشىشنى چەتكە قاقمايمەن،بۇ مېھرىبان ئانامنىڭ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئارزۇسى، شۇڭا بۇ ئىككى ئىمتىھانۋاقتىدا ئاز-تولا تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. ئوقۇتقۇچىلىقئىمتىھانىدىمۇ كەسپىمگە ئالىدىغان ئادەم سانى ئاز بولغاچقا ماتىماتىكا كەسپىدىنئىككى قېتىم ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقتىم. نوقۇل ھالدىكى بىر خىزمەت ئورنىغائېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قانداق قىلسام كىيىنكى تەرەققىياتىمغا پايدىلىق بولىدۇدىگەننى ئويلاپ تۇرۇپ ئىمتىھانغا تىزىملاتتىم.بىراق رىسقىم بۇ ئىمتىھانلارغاپۈتۈلمىگەنمۇ قانداق، ھەر قېتىم بىر ئىككى نومۇر پەرقى بىلەن ئۆتەلمىدىم، مەنبۇلارنى تەغدىرنىڭ سىنىقى دەپ قارايمەن،مۇشۇنداق سىناقلارغا ئۇچرىغانلىقىم ئۈچۈنتولىمۇ خۇشالمەن. چۈنكى ھاياتلىق يولى ئەگرى- توقاي بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىقئىزدىنىش پۇرسىتىگە، نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشتىم. مېنىڭ ئانامنىڭ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇم يوق ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى «ئالتۇنتاۋاق» قا ئېرىشەلمەي، ئۇلار بىلەن بەزىدە قارشى پىكىردىمۇ بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭنەزىرىدە مەن ئىشسىز قالدىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ نەزىرىدە مەن نۇرغۇن ئىشقا ئېرىشتىم.بۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن قانچە قېتىم مۇشۇ توغرىسىدامۇنازىرىلەشكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،   بۇ ئىككى يىلدا ھېچكىم ماڭا ئىش تەقسىملەپبەرمىدى، ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىش تەقسىملەپ نۇرغۇن ئىشقا ئېرىشتىم. كۈنلىرىم ئالدىراشئۆتتى. مەن ئويلايمەن، بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ بىزگە ئىش تەقسىملەپ بېرىشىنىكۈتۈپ ياتىمىز، ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسەم ئۆتەلىدىم، ئۆتەلمەي قالسام، ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپكېتىۋىرىمەن. بىراق مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە مۇنداق ئويلايدىغانلار بەك ئاز قاپتۇ.

سۆيۈملۈكئاتا-ئانىلار، سىلەر پەرزەنتىڭلاردىن نۇرغۇن ئارزۇلارنى كۈتۈپ، ئۇلارنىئوقۇتتۇڭلار. ئۇلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياخشى خىزمەتكە ئېرىشسىكەن،تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولسىكەن دەپ ئويلىدىڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قىلغانلىرىبەدىلىگە پەرزەنتىڭلاردىن بۇلارنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. سىزنىڭ بالىڭىزباشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان. سىز ئۇنىڭ ئوقۇشپۈتتۈرۈپلا مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىڭىز، ئەپسۇس، ئۇنىڭ خىزمىتىمۇقىم بولماي قالدى، ئۇ ئادەتتىكى بىر ئىدارىدە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇربولدى. ئەكسىچە دوسلىرىڭىزنىڭ ئادەتتىكىدەك ئوقۇغان بالىلىرى ئاللىقانداقتۇئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ «مۇقىم» خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. ئۇلار سىزدىن« بالىڭىزئىمتىھاندىن ئۆتتىمۇ؟ قايسى ئىدارىدە ئىشلەۋاتىدۇ؟» دەپ سوراشتى. سىز بۇسۇئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىدىڭىز. نەتىجىدە قايتىپ كىلىپ بالىڭىزدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىشقامەجبۇر بولدىڭىز. «نانقېپى، مەن سېنى شۇنچە يىلدىن نېمىگە ئوقۇتقاندىمەن، نېمىشقائىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن؟ ئالىي مەكتەپتە نېمىمۇ ئۆگەنگەنسەن؟» دەپ تىللاپكەتتىڭىز. ئەجابا بالىڭىزنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈسى، يۈزىڭىزنى «يورۇق» قىلغۇسىيوقمۇ؟ ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا، سىزدىن سوراپ باقاي، مۇشۇ  چاغدا پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنىئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغانئىزتىراپلىق يۈرىكىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟ يۈرىكىنىڭ قانچىلىك پۇچىلىنىپكېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلارنى سىزدىن كۆرۈشكەبولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بىر قىسىم قۇرداشلىرىڭىز ئىشى يوقتەك كەچكىچە سىز بىلەنلاقالدى. بالىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان دوسلىرىڭىز بالىلىرىنىڭ قايسىدۇبىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان «كادىر» ئىكەنلىكى بىلەن ماختاندى. سىز بالىڭىزنىڭئىستىقبالىدىن ئەنسىرىدىڭىز؟ مۇقىم خىزمەت تاپالمىسا كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكەئىگە بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلدىڭىز.  يۈرەكلىك ھالدا « مەن بالامنى كادىر قىلىش ئۈچۈنئەمەس، بەلكى ئادەم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتتۇم، بىلىم ئىگىلىسۇن دەپ ئوقۇتتۇم»دىيەلمىدىڭىز. بىراق سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھازىر رىقابەت تولىمۇ كەسكىن، بالىڭىزئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئۆگەنگەنلىرىدىن ئىمتىھان بەرمەيدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئادەمبولۇشنى، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىنەلىسە ئاشۇنىڭ ئۆزى چوڭ غەلبە. شۇڭا ئۇنىئەيىپلىمەڭ. بالىڭىز ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەندە سىز بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىڭىزبىلەن « بالام، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ، ئەمدى نېمە قىلاي دەيسەن؟ قانداقپىلانلىرىڭ بار؟» دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ يۈرۈكىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياق،سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز، بەلكى ئۇنى ئۆزى خالىمايدىغان ئاشۇ تۈگىمەس ئىمتىھانلارنىبېرىشكە زورلىدىڭىز، پەرزەنتىڭىز ئاشۇ تۈگىمەس ئىمتىھانلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىپ،ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىش قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى.سىز بۇنى ھېسقىلالمىدىڭىز، چۈنكى سىزنىڭ كاللىڭىزدا بالىڭىزنى ئاتالمىش «»كادىر » قىلىشلا بار.

مەن ئوقۇشپۈتتۈرگەن ئىككى  يىلدىن بۇيان، نۇرغۇنسىتودىنتلار بىلەن ئەسرالىشىپتىمەن، ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىئۈمۈدسىزلەنمەسلىككە رىغبەتلەندۈرسەم، ئۇلار « ئاتا-ئانىمىز بىزنى سىزچىلىكقوللىغان بولسا،-ھە » دېيىشتى، مەن كۈلۈپلا قويدۇم، ئۇلار ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مېنىپۈتۈنلەي قوللاپ كەتمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن، ئۈلۈشكۈن ئاپام بىلەن يەنە مۇشۇئىش توغرۇلۇق مۇنازىرلىشىپ قالدىم، ئاخىرى ئاپام« بوپتۇ، بالام، ئۆزۈڭ ئويلىنىپبىر ئىش قىل » دەيدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، مەن بىرەرئىدارىگە ياكى مەكتەپكە كىرىپ ئىشلىگەچ تۇرۇپ شۇ ئورۇنغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقسامبولىدىكەن، لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، ئۇنداق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسىبار. نۇرغۇن سىتودىنتلار ئىسمىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە يېزىلىشىنى شۇنچەئۈمىد قىلسىمۇ، بۇ دەپتەرنىڭ ئىچى-تېشى، مۇقاۋىلىرىنىڭ ھەممىسى توشۇپ بولغان،ئۇنداقتا سىز قانداق قىلىسىز، يەنىلا خىزمەت ئىزدەپ ئاللىقانداق ئىدارىلەرگەقاتراپ يۈرەمسىز؟ ۋاقتىڭىزنى، ياشلىقىڭىزنى مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزەمسىز؟ بىر يىلدىنبۇيان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بىر نەچچەمۇنبەر قۇرۇلۇپ،  ئوقۇش پۈتتۈرگەنسىتودىنتلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. چۈنكى بۇ مۇنبەرلەر ئوخشاش  ھېسسىياتتىكى سىتودىنتلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇشپۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. بەزىدە بۇ مۇنبەرلەرگە كىرىپ سىتودىنتلارنىڭ يۈرەكسۆزلىرىنى كۆرۈپ قالىمەن. نىمىشقىكىن قەلبىمنى ئاچچىق ھېس تۇيغۇلار ئىگىلەيدۇ.ئۇلار توختىماستىن ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئىمتىھان ماتىرىيالىئىزدەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس، ئۇلار ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ ئۆزنېسىۋىسىنى تېپىش ئۈچۈن شۇ ئىمتىھانلار قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ. بولدى بەس، ناۋادائۇلار ئىمتىھانلاردىن ئۆز نېسىۋىسىنى تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ. ئاشۇنداق ئىمتىھانبېرىۋىرىپ ياش چېكى ئۆتۈپ كەتكەندە ئاندىن « تەغدىرىم مۇشۇكەن» دەپ ئولتۇرامدۇ؟ ئېسىمىزدەبولۇشى كېرەككى ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن نەچچە ئونمىڭلىغان سىتودىنتلارنىڭھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورنىغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئاز بىر قىسمىلا شۇ ساننىڭئىچىگە كىرەلەيدۇ. سىتودىنتلار بۇلارنى ھېس قىلغاندا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇمقېلىشى، ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، ئاتا- ئانا بولغۇچى سىز بۇنىئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ پەرزەنتىڭىزنى قوللاش ئىدىيىسىدە بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟  تۆۋەندە ئۆزۈم ئۇچراتقان بىر نەچچە سىتودىنتنىڭئىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، بۇلار ئويدۇرۇلۇپ چىقىلغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت.

بىرىنچىمىسال: ئىككى يىل ئىلگىرى، يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەن چاغلىرىم ئىدى، شۇ چاغدائوقۇشتىن سىرت خىزمەت تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىر سىڭلىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ تارىم ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇيدىكەن. پاراڭلىشىش داۋامىدا ئۇماڭا ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىيىم-كىچەك كارخانىسى قۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنىئېيتىپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن « بۇ خىيالىڭىزنى ئاتا- ئانىڭىزغا دىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارقوللامدۇ؟ دەپ سورىسام ئۇ « ئاتا-ئانام مېنى بەك قوللايدۇ. چۈنكى ھازىر ئىمتىھانبېرىپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەك ئاسان ئەمەس» دېدى. مەن ئۇنىڭغاكارخانا قۇرۇشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇنىڭ نىمەدىگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن ھازىر ئىشتىن سىرت بىر ئىچىملىكشىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،مەن ئوقۇشپۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىرەر كىيىم- كىچەك كارخانىسىغا كىرىپ تەجرىبەتوپلايمەن، ئاندىن ئۆزۈم ئىش باشلايمەن، ئاتا-ئانام مېنى ھازىرقىدەكلا قوللاپبەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ كىيىم-كىچەك كارخانىسى قۇرۇپ چىقالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن.»ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭمۇشۇنچىلىك ئېنىق نىشان تىكلىشى مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغانىدى، بەلكىمئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ھەر ۋاقىت قوللاپ بېرىشى ئۇنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرغان بولىشىمۇمكىن.دېمەك، بالىلارنىڭ يۆلەنچۈكى، تۈۋرۈكى بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىككىنچىمىسال: مەن مۇنبەر ئاچقان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر قىزغا نەچچە قېتىم ماتىرىيالتەمىنلەپ بەردىم. كېيىن بۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا ئوقۇش پۈتتۈرگەنئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، ھازىر بىر شىركەتتەئىشلەيدىغانلىقى، خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ،ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمايدىغانلىقى، بارا-بارا بۇرۇنقى خۇشخۇيمىجەزى ئۆزگىرىپ، دوستلىرىدىنمۇ يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ئۆيىگە نەچچە قېتىمئەلچى كېلىپ، خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دەپ قايتىپ كەتكەنلىكى، بۇ ئىش ئاتا-ئانىسىغابەك ئەلەم قىلغانلىقى، ئۇنى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ دەپ تاپا-تەنە قىلغانلىقى،ئۆزىنى چۈشىنىدىغان، سىردىشىدىغان بىرەر دوستىنىڭمۇ يوقلىقى قاتارلىق بىر قاتارئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭبىلەن دوست بولۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ماڭا ھەممىدىن بەكرەك تەسىر قىلغىنى، كۆڭلۈمنىيېرىم قىلغىنى، ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دەپقايتىپ كەتكىنى بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بىر قىزمۇمەندىن ماتىرىيال سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەلۇم ئورۇندا ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغانلىقى،يېقىندا توي قىلغانلىقى، يولدىشىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ مۇقىمبولىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟بۇ قانداق ئىدىيە؟ كېلىننىڭ ئىمتىھان بېرىشىنى  تەلەپ قىلىدىغان قانداق ئاتا-ئانىلار ئۇ، ئەجابائۇلارنىڭ بالىسىنى كېلىنى باقامدىكەن؟ قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار، ئۇلارنىڭۋەزىپىسى ئوغۇللار بىلەن بەسلىشىپ خىزمەت قىلىش ئەمەس، مۇھىمى يولدىشىنى ياخشىكۈتۈش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش. ئەس ھوشىجايىدا بىر ئاتا-ئانا كېلىنىدىن يۇقىرىقىلارنى تەلەپ قىلماي ، خىزمەت تەلەپقىلامدۇ؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ شارائىتى باردۇ؟ كېلىنى ئىشلىسىمۇ، قېينانا بولغۇچىئۇلارنىڭ ئاش تامىقىنى ئېتىپ، بالىلىرىنى بېقىپ بېرەلەيدىغاندۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يەنىلا ئۆزى باققىنى تۈزۈك. بىر مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاپ بېرەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان ئايالىبولمىسا بولمايدۇ. ئەر ئايال ئىككىسىلا خىزمەت ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرسە،پەرزەنتلەرنىڭ، ئاشۇ بىر جۈپ مېھرىبانلارنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ. ھازىر ئەرئايال ئىككىسىلا خىزمەت قىلىپ، تاماقنىمۇ سىرتتا يەيدىغان، بالىلارمۇ شەنبە-يەكشەنبە كۈنىلا ئانىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقىنى يىيەلەيدىغان ئەھۋاللارناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە ھازىرقى شارائىتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى، ئۈچ مىڭيۈەن مائاشىغا قاراشلىق ئائىلىلەردە ئەر ئايال ئىشلىمىسە تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەستەقامدىشى مۇمكىن، پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشمۇ تەسكەتوختايدۇ. لېكىن بۇنىڭ باشقا ئاماللىرىمۇ بار. مەسلەن، ئايال تەرەپ ئائىلىنىڭبارلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ يولدىشىنى قوللاپ بەرسە، ئەر تەرەپ قولىدىنكېلىدىغان باشقا ئىشلارنى قوشۇمچە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىسى كېڭىشىپ ھەلقىلغىلى بولىدىغان ئىشلار. نەچچە يىل ئىلگىرى باشلانغۇچ ئۈچىنچى يىللىقتائوقۇيدىغان بىر بالىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغىنىمدا ئۇ بالىنىڭ « ئاتا-ئانامماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلار بەك ئالدىراش، ساۋاغداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسىشەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇلارنى ئويناتقىلى ئاچىقىدىكەن، بىراق مېنىڭئاتا-ئانامنىڭ ۋاقتى يوق» دىگەن سۆزلىرى تۆنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە. بالىلارنىڭ كىچىكۋاقتىدىكى ئۆگىنىشىگە، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، چوڭ بولغاندا مىڭلاپ، نەچچەئون مىڭلاپ پۇل خەجلىگەننىڭ نىمە پايدىسى.بەلكىم سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقانۋاقىتتا سىتودىنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى دەپئويلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن خىزمەت، ئائىلە، پەرزەنتلەر تەربىيىسى قاتارلىقلارنىچوڭقۇرلاپ ئويلاپ باقسىڭىز، بۇلار بىر- بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان.

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، مەنمۇ سىزنىڭ ئالىيمەكتەپنى پۈتتۈرگەن پەرزەنتىڭىزگە ئوخشاش. مەن ئويلايمەن، ئادەمنىھورۇنلاشتۇرىۋىتىدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغىلى بولمايدىغان ئىدارىلەرنىڭتۆمۈر دەپتىرىگە يېزىلىۋىلىپ، «ئىشسىز» يۈرگەندىن مۇشۇنداق ئىشسىز يۈرگەن ياخشى.قىسمەن ئىدارىلەردە يۇقىرىدىن ئىش تەقسىملەپ بەرمىسە، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي يۈرگەن،بىر خىل ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، غەيۋەت-شىكايەت، قۇرۇق پاراڭ بىلەن كۈنئۆتكۈزىدىغان ئىشسىزلارنىڭ بارلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز ھەقاچان، ئەجابا سىزمۇبالىڭىزنىڭ شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ياق، مۇنداق كېتىۋەرسەبولمايدۇ، مەن بۇ ئىككى يىل جەريانىدا باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭتىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىگەنلىكىنى كۆردۈم. سىزنىڭ بالىڭىز قانداقلابولمىسۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلدى، ئۇلار بىرەر ئىش قىلسا مائارىپ تەربىيىسىئالمىغان ئادەملەردىن ئاسان قىلالىشى ھەم ئاسان مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى مۇمكىن، سىزئۇنى20 نەچچە يىل بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز، ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا قىزىقىشى بويىچەتەربىيلىيەلىدىڭىزمۇ؟ ئۇ ئالىي مەكتەپكە سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە كەسىپتاللىدىمۇ؟ ئەمدى بولسىمۇ ئۇنى كىچىك بالا قاتارىدا كۆرىۋەرمەڭ، ئۇلارنىڭ تاللىشى خاتاتاللاش بولمىسىلا، مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭقەلبىنى يەنە بىر قېتىم تىڭشاپ بېقىڭ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللىيالمىسىڭىز، روھىيجەھەتتە قوللاپ بېرىڭ، « بالام، ساڭا ئىشىنىمەن، سەن كىچىكىڭدىنلا ئەقىللىق ئىدىڭ،بۇ سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭ ئەمەس، يەنىمۇ تىرىشقىن» دەڭ، بۇ ئارقىلىق پەرزەنتىڭىزگەقايتىدىن ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتەلىشىڭىز مۇمكىن. پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ، جەمئىيەتنىڭقوللاپ- قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج. مەن ئەسلىدە بۇلارنى يازماقچى ئەمەس ئىدىم. لېكىنمېنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى كۆرگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم مېنى مۇشۇنداق سۆزلەشكە مەجبۇرقىلدى. مەن سۆزلەپ بولدۇم، ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى.سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ،ئاتا-ئانا بولسىڭىز پەرزەنتلىرىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ بېقىڭ، جەمئىيەتكە قەدەمباسقان ياشلاردىن بولسىڭىز خىزمەت، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا ئويلىنىپبېقىڭ، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

مەن ئەسلىدە بۇلارنى يازماقچى ئەمەس ئىدىم.لېكىن مېنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى كۆرگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم مېنى مۇشۇنداق سۆزلەشكەمەجبۇر قىلدى. مەن سۆزلەپ بولدۇم، ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى.سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ،ئاتا-ئانا بولسىڭىز پەرزەنتلىرىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ بېقىڭ، جەمئىيەتكە قەدەمباسقان ياشلاردىن بولسىڭىز خىزمەت، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا ئويلىنىپبېقىڭ، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. J4 }' B  @  F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 a7 N& G' o4 j' f. T" b5 n
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 06:13 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- S' d* \% P0 B+ B" h6 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y! J4 b' ~: k4 d

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 06:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىنىڭ ھەر قانداق بىر ئورۇنلاشتۇرىشى پەرزەنتىنىڭ پەقەت پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈنلا خالاس....بىراق ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بار بولغىنى مۇقىم خىزمەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! n3 n, H/ B1 Eۋە شۇ ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ خاتىرجەم مۇقىم ئىقتىسادقا ئىگە بولىشى.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, o2 L/ F4 q- t

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 06:41:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىشىم  دىيارىمىزدىن چىققان داڭلىق كارخانىچىلار جەم بولغان ‹ئىستىقبال سەھنىسى › گە قاتنىشىپ ئۆزئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلەش پىلانىڭىزتوغرۇلۇق ئورتاقلىشىپ بېقىشىڭىزنى ياكى كارخانىچىلار بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" o! L  g* |& F
ئۆ ز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن . نىشانىڭىز بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشسۇن .

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10561
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5253 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 08:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسى يولغا قويغان ئىستىقبال سەھنىسى ھەقىقەتەن ياخشى يولغا قويۇلدى،بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەبلەغ بولماستىن بەلكى ئىقتىساسلىق خادىملار بۇلۋېتىپتۇ،ئالدىنقى سان پىروگىراممىدا بىر ياش شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىستىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىدىن مىراس شىركىتىنى ئەلا بىلدى،مانا بۇ يېڭى يۈزلىنىش.مىنىڭچىمۇ مۇشۇنداق كارخانىلاردا ئىشلەپ چېنىقساق،شۇلارغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشساق ياخشى دەپ قارايمەن.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11620
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8244 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 08:09:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىمىكەن . ھەممىمىز ئويلىنىپ باقساق بۇلىدۇ . ئىستىقبال سەھنىسىدىكىدەك كارخانىلار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇھتاج . ھەممىمىز قابىلىيىتىمىزگە قارىتا پۇل تاپايلى ! مۇقىم خىزمەتكە باغلىنىپ قالماڭلار . مۇقىم خىزمەتتىكى مۇئاش ئادەمگە ئاران يىتىدىغان پۇل . مۇقىم خىزمەت دىگەن چوڭ بىلىدىغان ئىش ئەمەس . خۇددى ھارۋىغا قاتقان ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان خىزمەتتۇر .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 10:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2713 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 11:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 10:25 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- O  k9 V6 v: J- y* \0 n1 Q. [
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش : تۆت سائەتنىڭ ئالدىدا يوللىغان تېما ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O( w* k8 E# b9 N8 M* ]' K( Kئۇكام قايسى تېما ئۇ،يوقاپ كەتكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1281 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 01:21:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 10:25 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" M1 y$ m, D+ F) M+ `; @1 _0 Wئالاھىدە ئۇقتۇرۇش : تۆت سائەتنىڭ ئالدىدا يوللىغان تېما ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 x7 _$ D* V. O4 s: [* c2 q" Uتېما قوربان بوپ كىتىدىغان ئىش ئادەتتكى ئىش مىسرانىم مۇنبىردە.

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18402
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 01:30:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 10:25 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' k0 r# j! e" I! f( }; |
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش : تۆت سائەتنىڭ ئالدىدا يوللىغان تېما ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Y- m1 c% j7 B: i% K
تېما بىلەن باشلىقلار  جەڭ قىلدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( r8 H3 C. Y6 g1 {7 F: c' ]! ?تېما يەڭسە چىقىدۇ- باشلىق يەڭسە... ئۆلىدۇ...

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 01:47:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش