|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك تورداشلار، بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال تورىمىز تۈركىيەلىك داڭلىق سەنئەتكار رافەت ئەل روماننىڭ 8-فېۋرال خەلق سارېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئالدىن تەييارلىقى ھەققىدە زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. مانا بۇ سەنئەتكار (5-فېۋرال ) ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ھەمدە (6-فېۋرال ) ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتىۋېلىش زىياپىتىگە داخىل بولدى. شۇ كۈنىكى زىياپەتتە مېھمانلار، ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ كۈيلىرىگە جۆر بولۇش بىلەن بىرگە، رافەت ئەل روماننىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە ئىشتىراك بولدى،شۇنداقلا پائاليەتتە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى تونۇشتۇرلدى،ئارقىدىن ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن شىرئەلى ئەلتىكىن ، مەمەتتۇرسۇن بارات قاتارلىقلار مۇقامدىن ئارىيەلەرنى ئورۇنلىدى، پۈتۈن پائالىيەتكە مەمەتجان روزى سايىت رىياسەتچىلىك قىلدى.، شۇنداقلا پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار رافەت ئەل رومان بىلەن قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. مىسرانىم تورىمىزمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ،رافەت ئەل رومان يەنە تورىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىز بىلەن قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بولدى.زىيارەت ئاخىرىدا كارۋان ۋە مىسرانىم تورلىرىمىز رافەت ئەل رومانغا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام پىلاستىكىسىنى سوۋغا قىلدى، بۇ قېتىملىق زىيارەتنى كارۋان تورى،مىسرانىم تورى،ئانا تۇپراق تورى ،چىمبۇلاق تورى ،مىرشاپ تورى ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق تور ئاخبارات تارتقۇلىرى بىرلىشىپ تارقاتتى. زىيارەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى زىيارەت فىلىمىمىزدا بولسۇن!
زىيارەت فىلىمى ھوزۇرۇڭلاردا .....
يانفوندىك ئابونىتلار ياكى نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ،
http://v.youku.com/v_show/id_XNjcwMTA4MzEy.html
زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر:
مىسرانىم ئۇيغۇچە ئۇنۋېرسال تور بېكتى
ئوپىراتور:شۆھرەت خالزات
فوتوگراف:جۇمەياقۇپ(مىسرانىم تورى) 15099673331
رىياسەتچى :مىسرانىم ئەزاسى ناركوز --- قەھرىدىن قەييۇم(كارۋان تورىدىن)
|
|
|
|
|
|