|
|
|
|
ئامىرىكا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىلان قىلىندى
ئامىرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىدىن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 18:30دا ئىلان قىلىنغان ئامىرىكا 12-ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانلىق مەلۇماتى ئىلان قىلىغان بولۇپ،.ئامىرىكا 12-ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى7.4تۇمەن ئادەم بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن قىممەت 19.6تۇمەن ئادەم ،بۇ 2011-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە ھىساپلىنىدۇ .
ئامىرىكا 12-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 6.7% بولۇپ ،مۆلچەرلەنگەن قىممەت 7.0%.بۇ 2008-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان .
يۇقارقى ئىككى سانلىق مەلۇمات ئىلان قىلىغاندىن كىيىن ، خەلىقئارا تاشقى پىرۋۇت قىممەت مىتال چوڭ تاۋارلار ئۆسۇشكە باشلىغان . بولۇپمۇ سىرىق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ئۆسىشى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ ، خەلىقئارا دوللار كۆرسەتكۇچى قىممىتى 81.15لىك ئۆلچەمدىن 8.53لىك ئۆلچەمگە چۇشۇپ كەتكەن .،
ئامىرىكا 12-ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانلىق مەلۇماتىنىڭ بۇقەدەر ناچار چىقىشى ئامىرىكا ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ ھىلىھەم ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا ، 12-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چىقىشى يۇقارقى ئوبىكتىپ مەزمۇن بىلەن قارمۇ قارشىلىقنى شەكىللەندۇرگەن .،ئومۇمەن غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممىتىنىڭ تۆۋەن چىقىشى ئامىرىكا فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ QE3ئىقتىسادى تەدبىرىنى يەنىمۇ كىڭەيتكەن ھالەتتە يولغا قويدىغانلىقىدىن بىشارەت بولىشى مۇمكىن .ئەمما يەكۇن چىقىرىشقا سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ . چۇنكى فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئاز دىگەندىمۇ 3ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن QE3ئىقتىسادى تەدبىرىنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ .كەلگۇسى 1-2-ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ، 3-ئايلىق فىدىراتسىيە ئومۇمىي دوكىلاتىدا QE3 ئىقتىسادى تەدبىرىنى كىڭەيتەمدۇ ياكى تارايتامدۇ ئىنىق يەكۇن چىقىرىلىشى مۇمكىن .شۇنىڭغىچە بولغان مەزگىلدە ئالتۇن كۈمۈش ئوتتۇرا مۇددەتلىك ئۆسۇش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇرىشى مۇمكىن .
سىرىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسىنى بىلىشكە قىزىققانلار بۇ ئادىرىستىن كۆرسە بولىدۇ :
http://gold.hexun.com/hjxh/
http://gold.hexun.com/byxh/
مەنبەسى : ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 08:27 PM
|
|
|
|
|
|