رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
سەن كەلمەي
نەچچە باھار ئۆتۈپ كەتتى سەن كەلمەي،
يۈرۈكۈمگە ئەلەم يۈتتۈم سەن كەلمەي.
شۇ ھىجراننىڭ چۆللىرىدە تەمتىرەپ،
كېچە-كۈندۈز سېنى كۈتتۈم سەن كەلمەي.
يىراقلاردا يۈردۈڭ بەلكىم بىخەۋەر،
مەھەللەڭدىن تالاي ئۆتتۈم سەن كەلمەي.
ياتلار يارى بىلەن ئويناپ كۈلگەندە،
مەن پىنھاندا غەمگە چۆكتۈم سەن كەلمەي.
ئارمانلىرىم ساڭا مۇھتاج بىر ئۆمۈر،
پىراقىڭدا ئوتتەك كۆيدۈم سەن كەلمەي،
كونا جايدا قالغان ئاشۇ ئىزىڭغا،
لەۋلىرىمنى يېقىپ سۆيدۈم سەن كەلمەي.
سۈرۈتىڭگە قاراپ ھەر كۈن سېغىنىپ،
ئۈنسىز يىغلاپ ياشلار تۆكتۈم سەن كەلمەي.
سېغىنىشنىڭ ئازابىدا تولغۇشۇپ،
مىڭ تىرىلىپ مىڭ بىر ئۆلدۈم سەن كەلمەي.
بولدى كۆڭلۈم
بولدى كۆڭلۈم ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالدىما،
تاشلاپ كەتتى بىۋاپا يار ئەمدى بەس.
ئۇ كەلمەيدۇ تاشلىمىغىچە يات بىرى،
قايتىپ كەلسە كەچۈرمىكىم بەكمۇ تەس.
بېغىمدىكى رەيھان دىدىم بىلمىدى،
باياۋانغا تاشلىدى ئۇ چاندۇرماي.
باھاردىكى سىم-سىم يامغۇر بۇ داغنى،
يۇيۇۋەتكىن يۈرۈكۈمدىن قالدۇرماي.
ئىچىشىدۇ يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتى،
ئەسلىسەم گەر ئاشۇ گۈزەل ئۆتمۈشنى.
ئىچىڭدىلا قالسۇن دەرتنىڭ ھەممىسى،
سۆزلەپ يۈرمە قايتا كۆڭلۈم بۇ چۈشنى.
بولدى كۆڭلۈم ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالدىما،
ئالدامچى يار خوش بولىدۇ يېغلىساڭ.
سىمايىنى ئەسكە ئالما ئىككىنجى،
ئۇنتۇپ كەتكىن ھەم بەرىبىر تېللىساڭ.
رۇستەم قاراسۇ...ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 08:17 PM