مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 24

يېزىلارغا كىتاپ يەتكۇزۇشتىن ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6627
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 11:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.مەنغۇ يېزا كەنىتلەرگە  كىتاپ يەتكۇزگۇچى ئەمەس .ئا كۇنى تۆت كوچىدىكى كىتاپخانىغا كىرىپ يىڭى كىتاپنىڭ جىدىلىنى قىلسام ۋاي ئۇكام ھازىر شۇ  ئۆرۇمچىدىكى كىتاپخانىدىكىلەر كىتاپلارنى يېزىلارغا يەتكۇزۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەن . زاكاسنى ئاللىبۇرۇن بىرىپ بولغان ھېلىغۇچە يوق ، قارىغاندا ئامبارغاقارايدىغاندىن تارتىپ ھەممسىى يېزىغا جۆنەلگەن گەپ .

2.موشۇ ھۆكۆمەتنىڭ بەزى ئىشلىرى بوپ قويىدا جۇما ، كىتاپنى يېزىلارغا بىكىرىغا يەتكۇزەر ھەقاچان .

3.ئەمما ئۆتكەنكى بىر ئشىنى ئەسلىسەملا كۆڭلۇم قاتتىق غەش بولىدۇ. جۇڭگو بويىچە ئەمىلى ئەڭ كىچىك بىر يېزا كەنىت  ئەمەلدارى ساۋاقدىشىم بولدىغان ئۆيىگە كىرسەم كىتاپ تەكچىسىگە بىرمۇنچە يېڭى كىتاپ تىزىپ قويۇپتۇ ، ۋاي دەھشەت يېڭىلىققۇ بۇ  قاچاندىن باشلاپ كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان بوپ كەتتىڭ ، ھە بىزنىڭ كەنىتنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلاركەن ،دىخانلار بەرىبىر ئوقۇمىغاندىكىن ،ئۆيۇمگە ئەكىۋالدىم. سەنمۇ بەرىبىر ئوقۇمايسىەنغۇ ئاشۇ دىخانلارنىڭ كۇنىگە يىقىلىپ نىمە قىلارسەن ، دىسەم ھە مەنغۇ ئوقۇمايمەن بۇ يەرگە تىزىپ قويسام بىر كۇنلەردە بالام ئوقۇپ قالامدىكىن دەيمەن .
دادسىى قولىغ ئېلىپ باقمىغان كىتاپنى بالىسى ئوقارمىش . مۇشۇنداق ئەكىلىشپەرۋەر كەنىت كادىرلىردىن ئۆزەڭ ساقلا ئەي رەببىم .  

4.راست ھازىر قاراپ باقساق ھەر بىر يېزا كەنىتلەردە كۇتۇپخانا باركەن ، كۇتۇپخاندا كىتاپ جۇرناللارمۇ ئاز ئەمەسكەن .نىمشىقا دىخانلار كۆرمەيدىغاندۇ .
مەن تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىلنى ئويلاشتىم .بىرنەنچىدىن ئاخشىمى كەنىت كۇتۇپخانىسىنى ئاشمايدىكەن ، دىخان دىگەنمۇ ھازىر كۇندىزى ئالدىراش ئاخشىمى ئېىچىپ كىتاپ ئوقۇشقا يىتەكلىسە قانداق بولاركىن دەپ قالدىم .ئىككىنەنچىدىن  دىخانلار شەھەرلىكلەردەك كىتاپ ئوقۇشنى ئەمەس توپلىشىپ بىر ئادەم ئوقۇسا قالغانلار تىڭشاشنى بەكرەك ياقتۇرامدىكىن دەيمەن . ئاۋازى سۇزۇك قىزلاردىن بىرەرنى كىتاپ ئوقۇتۇپ قالغانلار ئىڭەكنى يۆلەپ ئاڭلىسا  كىتاپ ئاڭلاشقا خېلى رايى بولامدىكىن دەيمەن. ئۇچنەنچىدىن يېزا كەنىت كۇتۇپخانسىىنى قۇرۇقداپ قويىدىغان نومۇسسىز قىلمىشلارنىڭ قەتئى ئالدى ئېلىنسا ، بۇياقتىن سۇقۇيسا ئۇياقتىن ئېقىپ كەتكەندەك كۇتۇپخانا رەڭدار بولماي بوران ئۇچۇپ تۇرسا كىم  كىرىتۇ ئۇ يەرگە .

5. بىر سورۇندا مەدىنيەت ئىنقىلابىنىڭ گىپى چىقىپ قېلىپ ئاشۇ يىللاردا ئۇيغۇرلاردا ناھايتى يوقۇرى بىر كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى باركەن ، يوشۇرۇن  ھالدا كىچىدە بىر ئۆيگە يغىلىپ بىر ئادەم ئوقۇپ بەرسە قالغانلار ئۇيقۇدى ۋاز كىچىپ كىچىچە كىتاپ ئوقۇغاننى تىڭشايدىكەن. ناۋادا مەدىنيەت ئىنقىلابىدىكى يوشۇرۇن كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قايتا تاپىمىز دەيدىكەنمىز ، ئاشۇ چاققا ئوخشاش بىر ئادەم ئوقۇپ كۆپ ئادەم تىڭشاش ۋەزىيىتنى ياراتساق ، ئاندى قالسىگىزە ئاشۇ يوشۇرۇن كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغالغاندا تۇنجى كىتاپنى قسىسۇل ئەنبىيادىن بوستان گۇلۇستانلاردىن ، سەھىھۇلبۇخارىدىن باشلاپ باشلىۋالساق دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم. يېزىلاردىكى كىتاپ ئوقۇش بىلەن شەھەرلەردىكى كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شەھەردە ئادەملەر جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇشنى بەكرەك خالىسا يېزىدا ئادەملەر جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇغاننى ئاڭلاشنى بەكرەك خالسىا كېرەك .  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 11:49 PM  


پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2878
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرىق شامىلى دەيدىغان بىر گەپ قاچانلاردىن بېرى پەيدا بولدىكىن شۇندىن بىرى يىزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىن ئايىغىم ئۈزۈلمەيدىغان ....داغ،ئويغانغان زىمىندىن تارتىپ مەن كەچكەن كېچىككىچە ....مېليونىرلار مۇۋاپىقىيىتىن تارتىپ جۈجە بىقىش تېخنىكىسىغىچە .....ئېلمىنىتلار دەۋرى جەدىۋېلىدىن تارتىپ كالىندارغىچە .............ھەممە كىتاپ بۇ يەردىن تىپىلىدىغان ...
بۇ شەرىق شامىلىنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى يەنىلا ماڭا ئوخشاش نامراتلارغا بولدىمىكىن دەيمەن.....

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5894
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 972 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ گەپلەرنى قويۇڭا ئاۋۋال مەن ناھىيلىك كىتابخاننىڭ ئىشنى ئىيتىپ بىرەي سىزگە .
مەن ھەر كۈنى ئىشلىگەچ ناھىيلىك كىتابخانىغا قارايمەن 1 ئايدىن ئاشقىلى تۇردى ئىچلىمىغىلى.
مەن كىتاب ئالاي دىسەم ئالالماي بەكلا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭلىق بىلەن توختام قالسام بولمايدۇ-دە، شۇڭا باشقىلار قەشقەرگە بىرىپ قالسا ژورنال بولسمۇ كۆرگەچ تۇراي دەپ شۇ ژورناللارنى ئەكەلدۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن.
ئەمدى يىزا كۈتۈپخانىسنىڭ كىپىگە كەلسەك مەن نەچچە قىتىم شۇ كەنىت كۈتۈپخانسىغا بىردىم. ئادەم يوق ھەتتا تىلغۇن قىلىدىم.ئۇلار باھانە كۆرستىپ مەن كۈتۈپخانىغا كىرەلمىدىم.
كۈتۈپخانىنىڭ ئىچىدە قانداق كىتابلار بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. سىزدىن بەكرەك مىنىڭ ئىچىم بەكرەك ئاچچىق بولۋاتىدۇ.
مەن ئامالسىز ناھىيلىك كۈتۈپخانىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئىلىش كىنىشكىسى بىجىرىدىم . ئۇلار سىلەرنىڭ كەنىتتە بار شۇ يەردە بىجەرسىڭىز بولىدۇ دەپ ئۇنماي ئاران تەستەبىجىرىم تىخى .
ئۇلارغا بىزنىڭ كەنتىنىڭ كۈتۈپخانىسى ئىچىلمايدۇ. دەيمەنمۇ. ئائىلە قىرائەتخانىسمۇ بارمىش بولمىسا بىراق مەن ئۇ كۈتۈپخاننىڭ كىمنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇرادەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6627
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داخەي بۇرادەر ، گەپنى دىگەندىكىن زادى قايسى ناھىيە قايسى كەنىت ئوچۇق دەڭ ، بۇنىڭ توردا ئاشكارا دىيىلسە پايدسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ،

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2878
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dahai يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 03:15 PM
ھەي بۇ گەپلەرنى قويۇڭا ئاۋۋال مەن ناھىيلىك كىتابخاننى ...

بىزنىڭ يېزىلىق مەدەنيەت پونكىتتا 5كۈن 8سائەت تولۇق ئىشلەيدۇ....بۇ يىلدىن تارتىپ كىتاپ ئاريەت ئىلىش كىنىشكىسى بىجىردى ...ئاريەت بىرىش مۇددىتى1 ئاي ئېكەن ناۋادا 1ئايدىن ئېشىپ كەتسە ئىشىپ كەتكەن 1 كۈنگە 1 سومدىن جەرىمانە ئالارمىش

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توخوتۇر ئاكىمىز زادى ياخشى تىمىلارنى ئۇتتۇرغا قۇيىدۇ،سومكا ناملىق كىنودىكى سومكىچان ئولىمالارنىڭ كۆزى تەگمىگەي بۇ ئادەمگە...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/

ھەمىسى ھەممىمىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5932
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1811 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:52:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
'مەن ھەر جۈمە جۈمەدىن كېيىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىمەن،  ئىككى -ئۈچ يۈز دېھقان ئاڭلايدۇ دۈگدىيىپ تۇرۇپ،  ھەممىسى قىزىل مەزمۇندىكى نەرسىلەر.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6627
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdul915 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 03:52 PM
'مەن ھەر جۈمە جۈمەدىن كېيىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىمەن،  ئىككى ...

سەھىھۇل بۇخارىنى ، قىسسۇل ئەنبىيانى ، بوستان گۇلۇستانلارنى ئوقۇپ بەرمەمسىز دەيمەن ئەرنىڭ، كىم ئاڭلايدۇ ئۇ قىزىل سېرىق بىرنىمىلەرنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 05:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 03:55 PM
سەھىھۇل بۇخارىنى ، قىسسۇل ئەنبىيانى ، بوستان گۇلۇستا ...

جىنى بار ئىنكاس ، .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 05:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdul915 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 03:52 PM
'مەن ھەر جۈمە جۈمەدىن كېيىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىمەن،  ئىككى ...

ئاڭلىمىسمۇ زورلاپ تۇرۇپ ئاڭلىتىمىز دەڭ ،  بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا ئىستىلىڭدا مەسىېلە بار  دەپ  قۇلاقتىن سۆرەپ ئەكىلىپ ئاڭلىتىمىز دەڭ ،  ،، ، ،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش