|
|
|
|
ئۆلتۈرۋېتىمەن باشقۇرماق تەس ئۆزەمنى ئۆزۈم ،
باشقۇرماق تەس كۆزەمنى ئۆزۈم .
تەلمۈرىمەن كۆككە يۇلتۇزغا ،
سېغىنىشنى گۆللەيدۇ سۆزۈم .
كىرمەي تۇرۇپ تېخى ئوتتۇزغا ،
قورۇق باسقان يىغلايدۇ كۆڭلۈم.
ئېچىلماستىن قاغجىراپ گۈللەر ،
تەلمۈرىدۇ سۇغا كۆڭۈلگە .
يىراقلاردا قالغان كۆڭۈللەر ،
ئازاب سانجار ماڭا ئۆمۈرگە .
سېغىنىشتىن ئويغانغان سەھەر،
ئايلانسامكەن سەنچۈن كۆمۈرگە.
ئېقىپ كەتتىم تەكلىماكانغا ،
ئىزلەپ سېنى قۇملار ئاستىدىن.
سەن ئايلانساڭ مۇڭلۇق لىرىكا،
ئۈزۈپ چىقاي ھىجران دېڭىزدىن.
مېنى چالغىن بولاي موزىكا ،
داچا سېلىپ قەلبىم قېتىدىن .
كەلسەڭ زەينەپ يىراق مەركەزدىن،
ھەسرەت ھىجران تاشلىۋېتىمەن.
سېغىنىشنى قەلبىم قېتىدىن ،
قەبرە كولاپ كۆمۈۋېتىمەن .
سۆيگۈ تامسا گىلاس لېۋىڭدىن،
سېغىنىشنى ئۆلتۈرۋېتىمەن .
باغراش كاككۇكى !! 2014.01.08 دىيارى- باغراش
|
|
|
|
|
|