|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم....يەتتە يېشىڭغا مۇبارەك.....
ئەلى تۇرسۇن ‹ سىرلىق ›
مىسرانىممۇ مانا بۈگۈن يەتتە ياشقا كىرىپتۇ
مۇبارەكلەپ‹سىرلىق›مۇ مىسرانىمدا يۈرۈپتۇ
مىسرانىمنىڭ مۇنبىرى ئەجەپ بەكمۇ قىزيدۇ
بەخىت تىلەپ ئۆزگىچە ھەممە ئەزا كىرىپتۇ
تاڭ ساباسى قۇشلارمۇ نەغمە-ناۋا قىلىپتۇ
بۇلبۇلارنىڭ نالىسى مىسرانىمغا كۆچۈپتۇ
رازى بۇلۇپ گۈللەرمۇ غۇنچىسىنى ئېچىپتۇ
مىسرانمىنڭ شاتلىقى ھەتتا كۆككە يتىپتۇ
يەتتە ياشقا كىرگۈچە تالاي كۈنلەر ئۆتتمۇ
رازى بولماي سېنىڭدىن بىلمگەنلەر كەتتمۇ
ئۇيالمايلا بەزىلەر كۈندە ئۇرشۇپ مۇنبەردە
مىسرانىمنڭ يۈركىنى نەچچە پارە ئەتتمۇ
مىسرانىمدا خوشال بۇپ بىرگە ئىناق ياشايلى
غەيۋەت قىلماي ئۆزئارا داۋانلاردىن ئاشايلى
مىسرانىمغا تىلىكىم پەقەت شۇدۇر مىنىڭكى
ياخشى سۇرۇن ھازىرلاپ ئاداۋەتنى تاشلايلى
مىسرانىمدىكى دوسلارغا قايتا سالام بىرەيمەن
شاتلىق ئىزلەپ ھەركۈنى مىسرانىمغا كىرەيمەن
مىسرانىمدىكى دوسلار مەڭگۈ ئامان بۇلۇڭلار
ياخشى ئىشتا سىلەرگە بەخت-ئامەت تىلەيمەن
ئاپتورى : ئۆزەم 2014-يىلى 10-يانۋار...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-10 11:34 AM
|
|
|
|
|
|