|
|
|
|
ئانا يۇرتۇم گۈزەل ئويتاغ (نەسىر)
ئويتاغ دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىڭىزدا سىزدە يېڭىچە بىر ئۈقۈم،مەلۇم بىر سوئاللار ۋەياكى بىزنىڭ ئويتاغ ساياھەت مۈزتاغ باغچىسى دەپ ئاتالغان بۇ ېلىپ،ئائىلە تائابەتلىرىڭىز بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۇپ بۇ يەردىن كەتكۈڭىز كەلمەي ئۆز يۇرىڭىزغا كەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
سىز بۇ يەرگە كىلىپ ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز قاتناش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئويتاغ ئېغىزىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ يوقىرىغا ماڭسىڭىز شۇنداقلا ئويتاغقا قەدەم قويغان بولىسىز.
سىز يول بىلەن يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىگىز تاغلارنىڭ ئارلىقىدا بىر سوزۇلۇپ ياتقان ئەجدىرىھاغا ئوخشاش ئەگىرى~بۇگىرى ئاققان ئېقىن سۇلارنى كۆرىسىز،مانا بۇ يۇرتىمىزنىڭ قىشمۇ~ياز ئاقىدىغان ئەجدادلىرىمىزدىن تا ھازىرغىچە ئېقىپ كىلۋاتقان،ھاياتلىق بەخىش ئىتۋاتقان ئويتاغ دىيارىنىڭ ئېقىن سۇلىرى.
يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بوز،سېرىق،قىزىل،قىزغۇچ،قوڭۇر،ئاق،سۆسۇن،قارا ……ۋە ھەرخىل تۇستىكى،ھەرخىل شەكىلدىكى تاغلارنى شۇنداقلا تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى كۆرگەچ 10كىلومىتىر يول يۇرسىڭىز ساياھەت رايۇنى ئويتاغ دىيارىغا كىلىسىز.ئەگەر بۇ يۇرۇتنىڭ مەنزىرىلىرىنى تېىىمۇ ئېنىق كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىگىز تاغ چوقىسىغا چىقىپ نەزەر تاشلىسىڭىز مەنزىرىدىن ھاياجانغا تولىسىز ۋە تاغ ئارىسىغا جايلاشقان جەننەتتەك گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك بىر خىلۋەت ماكان ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.
سىز يەنە ئويتاغ بازىرىدىن تەخمىنەن 20~23 كىلومىتىر يولنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ھوزۇر ئالغاچ قەدەم باسسىڭىز تېزلا قارلىق مۈزچوققا يايلىقىنڭ كىرش ئېغىزىغا بارىسىز .(ساياھەت مۈزتاغ باغچىسىغا)
دوستۇم !ئەمدى خالىسىڭىز مەن سىزنى ساياھەت ئورنى قارلىق مۈز چوققا چىگىرا ئېغىز يايلىقىغا باشلاپ كىرەي.
سىز بۇ يايلاقنىڭ گۈزەل جايلىرىغا ماشىنا ئارقىلىق ساياھەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز ماشىنىلار ماڭالمايدۇ شۇڭا مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئات-ئىشەكلىرىگە مىنىپ سەيلە قىلسىڭىز بولىدۇ.(ھازىر جەمىئەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ كىرا قىلىدىغان ئىشەك ئورنىدا موتۇرسىكىلىتلىرىمۇ بار)
سىز ئاشۇ ئاتلارنى مىنگىنىڭىزدە بوشلۇقتا پەرۋاز قىلۋاتقان قۇشلاردەك تۇيغۇغا كىلىسىز.
قويۇق ئۆسكەن ھەم شۇنچە قاملاشقان،بىر-بىرىگە ئەركىن ئالماشقان،تارىخى ئۇزۇن بولغان ئىگىز ئارچا-قارغايلارنى كۆرگىنىڭىزدە خۇددي ئاسماننى تېرەپ تۇرغان گىگانىت كۈنلۈكلەرنى كۆرگەندەك ھىسلارغا تولىسىز!
يوقىرىغا مېڭىۋەرسىڭىز ناھايتى ئۇزۇن،ناھايىتى كەڭ بىر تاش ئېقىننى كۆرىسىز.
ياز كۈنلىرى ئاشۇ يايلاقتىكى تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىقسىڭىز سەرخىل گۈللەرنى كۆرىسىىز ھەم ياپ~يېشىل ئوت~چۆپلەر سىزگە تولىمۇ ئازادەچىلىك بەخىش ئېتىدۇ.
ئاشۇ گۈللەر ئارىسىدا بىر داڭلىق كەم ئۇچىرايدىغان گۈل بولۇپ ئۇ گۈلنىڭ ئىسمى سېرىق سەپتەر گۈلى ،ئۇ گۈل ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئېسىل پۇراقلىق بولۇپ كىشلەر ئۇنى قۇرتۇپ چاي ئورنىدا دەملەپمۇ ئىچىدۇ ھەمدە تارىخى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنى دائىم ئىچىپ بەرسە ئادەم بەدىنىدىكى قۇرۇق ئىسسىقنى كىسىپ يۇرەكنى ياشارتىدۇ دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
يەنە بۇ يۇرىتنىڭ مەلۇم چوقىلىرىنىڭ سۇيىنى ئەركەك سۇ دەپمۇ قويىدۇ ھەم بەزىبىر كىسەلگە شىپا دەپ قارىلىپ تارىخى قاراشلاردا تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
ئىگىز قارلىق چوقىدىن قار كۆچكەننى كۆرسىڭىز شىددەتلىك بوران-چاپقۇن،شىددەتلىك دولقۇنلارغا ئوخشاش ۋەششى ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز ھەمدە ئۇ قار ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۇپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا مۇجەسسەم بولىسىز!
يەنە بۇ جاينىڭ ئەتىراپلىرىدا ئىگىز،ھەيۋەتلىك ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان شارقىراتمىلار خېلىلا كۆپ.
ئەنە شۇنىڭدەك قارلىق مۈز چوققىلاردىن ياز كۈنلىرى ئىرىگەن قار مۈز سۇلىرى قوشۇلۇپ شىددەتلىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
يەنە بۇ يايلاقتا توپ~توپ ئوتلاپ يايلاۋاتقان چارۋالارنى ھەممىلا يەردە ئۇچىرىتىسىز،بۇ چارۋىلارنىڭ ئەركىلەپ ئويناق سېلىشىنى،يۇڭلىرىنىڭ گويا پارقىراق ياقۇتتەك نۇرچېچىپ تۇرغىنىنى ھەم قوغلاشماق ئويناپ تاقلاپ يۈرگىنىنى كۆرىسىز!
ئويتېغىم
ئىھ!سۆيۈملۈك ئويتېغىم،
ئىگىز~ھەيۋەت تاغلىرىڭ.
سۆيۈندۇرەر كىشىنى ،
گۈلشەن ئارا باغلىرىڭ.
ئىھ!سۆيۈملۇك ئويتېغىم،
ھەربىر ئۆسكەن دەرىخىڭ،
ئېسىل ياخشى كىشىدىن،
زادى يوقتۇر پەرىقىڭ.
ئىھ!سۆيۈملۈك ئويتېغېم،
شۇنچە خۇشخۇي خەلىقىم.
كۆيەر ئىشىق ئوتۇڭدا،
سېنى دەپلا يۈرۈگۈم.
چىمەن تاغسەن گۈلچىمەن،
ئەزىز جەننەت بىر ماكان.
ياشنا ،كۆكلە ئويتېغىم،
كۆكتە ئۇچقىن ھەر زامان.
ئاپتۇر:نەبىجان نۇراخۇن(ئاقتۇ ناھيە ئويتاغ يېزىسىدىن)
مەنبە:ئويتاغ دىيارى ئۈدىدار سالونى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nabijan527 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-9 05:42 PM
|
|
|
|
|
|