ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك مۇنبەرداشلار، مەرھۇم روزى سايىت ئاكىمىزنىڭ بىز بىلەن ۋىدالاشقىنىغىمۇ ئۇزۇن بوپقاپتۇ.ئەمدى،مۇشۇ بىر تىما ئارقىلىق مەرھۇم شائىرىمىزنىڭ شىئىرلىرىنى يىغساق،بىلىدىغانلار يوللىساڭلار تەڭ بەھىرلەنسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن.مەن تۆۋەندە شائىرنىڭ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان،ئابدۇسوپۇر ئىسمايىل ناخشا قىلىپ ئىيتقان ئۇيغۇر قىزى ناملىق شىئىرىنىڭ ئەسلى نۇسخسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇناي.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ m4 t' {8 j4 B# N9 nئۇيغۇر قىزى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! U% ?' u$ |) G( Qروزى سايىت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ~0 m$ m0 O2 aكۆر ئەنە بىر قىزكى چېھرى، مېھرى نۇر، ئاتەش ئۆزى
زىلۋا بوي، سەرۋى بەدەن، چولپان كەبى پارلار كۆزى.
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك، كىرپىكى تال – تال يىپەك،
مەڭزى ئانار.لېۋى ياقۇت، خۇددى ئاي رۇخسار – يۈزى.
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا، چىشى سەدەپ،
ھەم ئۇزۇن، ھەم توم، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى.
چامدىشى ئوخشار كىيىككە، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال،
شەرم – ھايالىق باقمىشى، شۇنچە ئەدەبلىك گەپ سۆزى.
سۆيگۈگە سادىق، ۋاپالىق، قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى، باسقان ئىزى.
ناخشا ئېيتسا تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر،
چالسا دۇتتار، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى.
كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى، دوپپىسى رەڭدار چىمەن،
چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ، ئىپپەت – نومۇسنىڭ ئەندىزى.
« پاھ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ؟...» دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتۇل فىردەۋىسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' C1 v. \( O6 f4 I3 B« سىرت سىياقى شۇنچە، ئەمما كۆڭلى قانداق ؟ » دەرسىلەر،
ئۇ – ئەقىل، ئەخلاق، لاتاپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !
ئىچ – تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
كىم دېسەڭ، ئۇ – مەرد، غورورلۇق شەرق گۈلى – ئۇيغۇر قىزى !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# {1 {1 P8 u' @" D9 R5 T5 m
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurahmadjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 07:59 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 `6 d$ f) h. B- t0 @ I0 q% v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 X* j: q- w& A: w. S% o