مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1608|ئىنكاس: 0

يەمەندىكى تارىم _ يېڭى يىللىق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 04:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تارىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ بىرى ،بىز تارىمنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ۋە تارىمدا چوڭ بولغان .ئەمما بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىنكى ،بىزدىن نەچچە مىڭ چاقىرىملىق يىراقلىقتىكى يەمەن دىيارىدا يەنە شۇنداق بىر تارىم ئىسىملىك مەشھۇر يۇرت بار .بۇ يەردە قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئاد ،سەمۇد قەۋملىرى ياشاپ ئۆتكەن  ۋە شۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ھۇد ،سالىھ ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ياشىغان .كېيىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دەۋىتى بىلەن بۇ يەر خەلقى پۈتۈن مۇسۇلمان بولغان ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ،شەرقى ئافرىقا ،ھىندىستان زېمىنلىرىدا ئىسلامنى تارقىتىپ ئۇ يەرلەرنىڭ ئىسلام دىيارلىرىغا ئايلىنىشىدىكى ئاۋانگارت قوشۇنلاردىن بولغان .بۇ يەر كېيىنچە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەككە ،مەدىنىلەر بىلەن تەڭداش تۇرۇدىغان ئىلىم مەرىفەت مەركەزلىرىگە ئايلانغان ،نۇرغۇنلىغان ئەۋلىيا ئەنبىيالار ،ئۆلىما -ئالىملار  ھەزرىمەۋت دىيارىدا ئىلىم تارقاتقان .ھەزرىمەۋت خەلقى مۇلايىم ئاقكۆڭۈل خەلق ،ئۇلار تىنچ -ئامانلىق خاتىرجەملىكنى قىزغىن سۆيىدۇ .تكۋەندىكى فىلىم يەمەن ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇلۇپ ،كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولغىنى قۇيۇق دىننىي كەيپىياتقا تويۇنغان ،ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرگە باي ،مىھرى ئىسسق ۋە ئەڭ گۈزەل بولغان ئەرەب زېمىنلىرى بولغۇسى ،قېنى فىلىمگە مەرھەمەت قىلىڭ !!

يەمەندىكى تارىم توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ئىنگىلىزچە ۋىكىپىدىيادىن تەرجىمە قىلىنغان يەمەندىكى تارىم دىگەن تېمىنى كۆرۈڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-73211-1-1.html



فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بەيدۇ دېسكىسىن چۈشۈرۈڭ
http://pan.baidu.com/s/1mgwj3ba


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 04:40 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش