تارىمدىكى ئەل مۇختەر مەسجىدى مۇنارىسى
تارىم–يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەزرامۇت ۋادىسىغا جايلاشقان قەدىمى يۇرت بۇلۇپ ، باشقىلارتەرىپىدىن بۇ ۋادىدىكى ئاقائىد،فىقھى ۋە پەتىۋا ھۆكۈم مەركىزى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.بۇ شەھەر داڭلىق ئىسلام بىلىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى بۇلۇشى شۇنداقلا ئىمامئەل ھەددادقا ئوخشاش داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.ئۇندىن باشقا تارىمدا يەنە ئەنئەنىۋى ئىسلامى ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن مەشھۇر بولغان دارۇل مۇستافا ئىنستىتوتى بار. ھەزرامۇت ۋادىسى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ رايون بۇلۇپ ،يەر كۆلىمى تەخمىنەن 90مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ.بۇ يەر ناھايىتى تار قۇرغاق تۈزلەڭلىك بۇلۇپ ،ئىگىزلىكىتەخمىنەن 1370مىتىر ئىگىزلىكتىكى كەڭرى كەتكەن ،دېڭىز بويىدىكى قىيا تاشلىق تۈزلەڭلىكتىن ئايرىلىپ تۇرۇىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىنى سۇڭك ۋادىسى(پەسىللىك سۇ مەنبەسى)ئايرىپ تۇرۇىدۇ.گەرچە ھەزرامۇت ۋادىسىنىڭ جەنۇبى قىرغىقى ئەرەپ دېڭىزىغا تۇتاشسىمۇ،تارىم دىڭىز قىرغىقىدىن176كىلومىتىر ،شەرقى شىمالىدىكى سەييۇندىن 35كىلومىتىر ئىچكىرىگە جايلاشقان.بۇرايوندې ڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 900مىتىر ئەتراپىدىكى قىيا تاشلىق ئىگىزلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. ھەزرامۇت ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئولپان تاپشۇرغۇچى سۇيۇرغال بەگلىكلىرى تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن.قىيا تاشلىرى ئەتراپىدىكى دۆۋە –دۆۋە گۈلخان كۈللىرى،تاشقوراللارنى ياساش جەريانىدا پەيدا بولغان ئۇششاق ئۇۋۇندىلار ۋە شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن چاڭ توزانلار بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان.ھەزرامۇتنىڭ دەسلەپكى ئىقدىسادىنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ خۇش پۇراق بۇيۇملار سودىسىدا ئىدى.شۇ دەۋىردىكى ھۆكۈمرانلار زۇفەردىن مەھرا،ھەزرامۇت،شەبۋە ،ھىجاز ۋە شەرقى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا ماڭغان كارۋانلاردىن قوغداشب ېجى ئالاتتى.شەبۋە ھەزرامۇتىنىڭ ھىميارتىك دەۋرىدىكى پايتەختى ئىدى.سەبەخاندانلىقنىڭ پايتەختى بولسا مەرىبتە بۇلۇپ ،تەمىم خانىشى (ھازىرقى تارىمنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان ) شىبا (قۇرئاندا نامى تىلغا ئېلىنغان بىلقىس) ھەم سەبەدىن ئىدى.ھىميارتىك مەدەنىيىتى مىلادىدىن ئىلگىركى 8-ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى4-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان بۇلۇپ ،كېيىنچە خۇش پۇراق بۇيۇملار سودىسى يېڭىدىن ئېچىلغان ئەدەن ۋە قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈدىغان دېڭىز يولىغا يۆتكەلگەن. 6-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىففوپىيەلىكلەر ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ،يەمەن ناسارالىرىنى نەجران يەھۇدىلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن ،يەمەنگە ھۇجۇم قىلغان.يەمەنلىكلەر ئىففوپىيە (ھەبەشستان )ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى چىقىپ،پارىسلارنىڭ ساسانىيلار پادىشاھلىقىدىن ياردەم سورىغان.شۇنداق قىلىپ مىلادىيە570-يىلى پارىسلار بۇ يەرنى ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزگەن. مىلادىيە625-يىلى سەنئانىڭ پارىس ھۆكۈمدارى بەزان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى ،دۆلەتنىڭ قالغان قىسمىمۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئەگەشتى.ئەرەب تارىخچىلىرى تارىمنىڭ ھىجىرىيە4-ئەسىرلەردە قۇرۇلغانلىقىغا بىرلىككە كېلىشكەن.ھەزرامۇت ئەلچىلىرى ھىجىرىيەنىڭ10-يىلى (631-يىلى ) مەدىنىگە بېرىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ،تارىم خەلقى ناھايىتى تېزلا ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان.تارىم يەنەبىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سىددىق شەھىرى دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپاتىدىن كىيىنكى رىددەت(دىندىن يېنىۋېلىش )ئۇرۇشىدا تارىم خەلقى ھەزرىتى ئەبۇ بەكر بىلەن بىرگەتۇرغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ زات تارىمنىڭ ئۆلىماسى ۋە سۈيىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان ئىكەن. ئەل نۇجىر قەلئەسىدە ئۇرۇش بولغاندا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ كۆپلىگەن ساھابىلىرى يارىلانغان ۋە تارىمغا ئېلىپ كىلىنىپ داۋلىتىلغان.بەزىساھابىلەر ئۇ يەردە شېھىت بۇلۇپ ،تارىمدىكى زەمبەل قەبرىستانلىقىغا دەپىن ئىتىلگەن.بۈيۈك ئىسلامنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ،ھەزرامۇت ئەرەب ئارمىيلىرىنىڭ شىمالى ئافرىقا ۋە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنى فەتىھ قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 10-ئەسىرلەردەشىمالى ئىگىزلىكتىكى ھەشىد ۋە باقىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن.ئۇلارمەدىنىدىن شەيىخ ئەل ھادى ئەرەسىنى سەنئاغا چاقىرىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنى ئۆتۈندى(مىلادىيە 893-897يىللىرى).ئۇ قۇرغان زەيدى ئىمامەتچىلىكى 1962-يىلىغا قەدەر ھۆكۈم سۈردى.مىلادىيە 951-يىلى سەييىدئەخمەد بىن ئىسا ئەل مۇھاجىر ئىراقتىن نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كىلىپ ،بۇيەردە شافىئىى مەزھىپىنى يولغا قويدى ،تارىملىقلار ھازىرمۇ شۇ مەزھەپتە.رابات(ئۇنۋىرسىتىت )ئەڭ باشتا زەبىد،تىھامەدە ،كېيىنچە تارىمدا قۇرۇلغان بۇلۇپ،كېيىنكىسى ھازىرغىچە بار. 1809-يىلى ۋاھابى ھەركىتى بۇ يەرگە يىتىپ كەلدى.ۋاھابى ھەركىتى قىسقا داۋاملاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئىقدىسادنى ۋەيران قىلدى.كۆپلىگەن كىشلەر ھىندىستاندىكى ھەيدەر ئابادقا كۆچۈپ كىتىپ ،نىزامنىڭ ئارمىيسىگە قۇشۇلدى.بۇ يەردە ئۆمەر بىن ئەۋەز ئەل قۇئئاتى ھەربى ئۇنۋانغا ئېرىشىپ ،بىر قەلئەگە يىغىلدى.قۇئئاتىنىڭ تەسىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا ،ئۇنىڭ قۇئئاتى سۇلالىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.ئۇ تارىم ۋە سەييۇن ئەتراپىدىكى مۇھىم يەرلەرنى ئىگەللىدى.قۇئئاتىلار 1888-يىلى بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كىلىشمنامە ئىمزالاپ ،1902 يىلى ئەدەن قوغدالغۇچى دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ،بىرلەشمە سۇلتانلىق قۇردى. گەرچەرايوندىكى يۇقىرى مەمۇرى ئورگان قۇرۇلغان بولسىمۇ ،1930-يىللىرى قۇئئاتى سۇلتانى سالىھ بىن غالىپ (1936-1956)زامانىۋىلىششىنىڭ كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلدى.بۇ ئۇنىڭغانىسبەتەن بىر مەنبەسى كەمچىل سىناق ئىدى.بۇ خىل تەلەپ تارىمدىكى ئەل قاف سەيىىدقاتارلىق مۇھاجىرلارنىڭ كۆپلەپ قايتىپ كېلىشى بىلەن تېىىمۇ يۇقىرى پەللىگەچىقتى.ئەل قاف جەمەتىنىڭ سىنگاپوردا تەلىيى كەلگەن بۇلۇپ ،ئۇلار ئازرراق بايلىقىنى سەرىپ قىلىپ ئۆز يۇرتىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىماقچى بولدى.سەيىىد ئەبۇ بەكرئەل قاف بىن شەيىىخ باشلامچىلىق قىلىپ،تېخىمۇ كۆپ ئىكىسپورت ماللىرىنىڭ ھەزرامۇتقا كىرگۈزىلىشى ئۈچۈن تارىمدىن شىھىرغا تاشيول ياسىدى.ئەمما بۇ يول دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى مۇنوپول قىلىۋالغان تۆگىچى قەبىلىلەرنىڭ قارشىلىقى بىلەن بۇزۇپ تاشلاندى. 1937-يىلى قۇئئاتى ۋە كەسىرى سۇلتانلىرى تارىختا بۇلۇپ باقمىغان تىنچلىق ئورناتتى.بۇ سەييىىدئەبۇ بەكر ئەل قاف ۋە ھەرولد ئىنگىرامنىڭ كۈچ چىقىرىشى ئاستىدا بولدى.ئەبۇ بەكرئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكى بىلەن بۇ تىنىچلىقنى تېخىمۇ گۈللەندۇردى،بۇ كىينچە ئىنگىرام تىنچلىقى دەپ ئاتالدى. 1967-يىلى نويابىردا ئەنگىلىيە جەنۇبى يەمەندىكى توپىلاڭ مالىمانچىلىقلار تۈپەيلى چىكىنىپ چىقىپ كەتتى.تارىم ۋە جەنۇبى يەمەن رادىكال ماركىسىزىمچى مىللى ئازادلىق فىرونتىنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ كوممۇنىزىم سىياسىتى قوللاندى.ئەدەن قوغدالغۇچى دۆلىتى مۇستەقىل بولغان يەمەن دىمكۇراتىك خەلق جۇمھۇريىتى بۇلۇپ قۇرۇلدى.بۇ دەۋىردەئىسلام دىنى دەپسەندە قىلىندى ،نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلدى ۋە قامالدى،ئاياللار ھىجاپسىز يۈرۈپ ،كوچىلاردا ھاراق سېتىلدى.ھەزرامۇت گەرچە يەمەن دىمكۇراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ يەر خەلقى ئەڭ چوڭ چەكتەسىرتتىن كىرگۈزۈلگەن پۇل بىلەن ياشىدى.1990-يىلى جەنۇبى ۋە شىمالى يەمەن بىرلىككەكەلدى. ھەزرامۇت ھازىرمۇ يەمەندىكى دىنى پۇراق ئەڭ كۈچلۈك جايلارنىڭ بىرى.بۇ ئۆلكىدە قەبىلىۋى ۋەئىسلامى ئەنئەنىلەر ئىجدىمائى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭ ئادەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.گەرچەقەبىلە كۈچى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ ،شەھەرلەردىن باشقا يەردە ھەزرامۇت يەنىلار قەبىلىۋى ھالەتتە.ھەزرامۇتلۇقلار ۋادى بويىدىكى سۇ مەنبەلىرى بويىدا قۇيۇق ئولتۇراقلاشقان.ئۇلار بۇغداي ،تېرىق ،خورما ۋە كوكىس،قەھۋە قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ،بىدونىس تۈزلەڭلىكىدە قوي ۋە ئۆچكىلەر بېقىلىدۇ. مۆلچەرگەئاساسلانغاندا تارىمدا تەخمىنەن 365مەسجىد بار بۇلۇپ ،تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان سىرجىس مەسجىدى7-ئەسىردە قۇرلغان ئىكەن.17-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا،بۇ مەسچىتلەر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.تارىمدىكى مەشھۇر بولغان ئەل مۇختەرمەسجىدىنىڭ 46مىتىر ئىگىزلىكتىكى لايدىن ياسالغان مۇنارى بار بۇلۇپ ،يەمەندىكى ئەڭ ئىگىز لاي مۇنار ھىساپلىنىدىكەن.1914-يىلى پۈتكەن بۇ مەسچىت ،تارىمدا 15-ئەسىردەياشاپ ئۆتكەن مۇسۇلمان يولباشچى ئۆمەر ئەل مۇختار نامى بىلەن ئاتالغان. تارىمدايەنە نۇرغۇنلىغان كۈتۈپخانىلار بۇلۇپ ،ئەل قاف كۈتۈپخانىسى ئەل جامىئە مەسجىدىگەيانداش سېلىنغان ئىكەن.بۇ كۈتۈپخانىدا 5000پارچىدىن ئارتۇق دىن،ھەدىس،شەرىئەت،سوپىزىم ،تىبابەت،ئىلمىنۇجۇم(ئاستورنومىيە)،دېھقانچىلىق،تەزكىرە،تارىخ،ماتىماتىكا ،پەلسەپە ،لوگىگا ۋەئەبۇ مۇھەممەد ئەل ھەمەدانىنىڭ سەككىز جىلىدلىق ئەل –ئىقلىل كىتابى قاتارلىق قىممەتلىك قوليازمىلار بار ئىكەن.بۇ قوليازمىلارنىۇ نۇرغۇنلىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگەبۇلۇپ ،بەزىلىرىگە تېخى رەڭلىك قىستۇرما رەسىم سىزىلغانكەن.ئۆلىما ئابدۇل قادىرسەبباننىڭ قارىشىچە ئۈچ تۆتيۈزچە قوليازما ئىسلام دۇياسىدىكى قىممەتلىك ماتىرىيال بۇلۇپ ھىساپلىنىدىكەن.بۇ قوليازمىلارنىڭ كۆپى ھەزرامۇت ۋادىسىدىكى يەمەنلىك ئالىملارنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ ،ئۇندىن باشقا يەنە ماراكەش ،خۇراسان ۋە باشقايۇرتلاردىن كەلگەنلىرىمۇ بار ئىكەن. تارىم يەنە 1870-يىللىرىدىن 1930-يىىلىرىغىچە سېلىنغان قەسىر سارايلىرى بىلەن داڭلىق.تارىم قەسىرلىرى ئەنئەنىۋى ھەزرامۇت ئۇسلۇبى ۋە نەچچە مىڭ يىللىق ئادەت بويىچەسېلىنىدىكەن.
يەمەندىكى "تارىم ئۇنۋىرسىتىتى" راباتتارىم (تارىم ئۇنۋىرسىتىتى) ئىسلامى ۋە ئەرەپچە ئىلىم پەننى ئۆگىتىدىغان مائارىپ ئورگىنى.1886-يىلى تارىمدىكى ئاقساقاللار چەتئەللىك ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارئۈچۈن بىر دىننى مەكتەپ سېلىشنى قارار قىلغان.رابات تارىم 1887-يىلى 2-ئۆكتەبىرئۇقۇش باشلىغان.ھەزرامۇت مۇفتىسى ئابدۇراھمان بىن مۇھەممەد ئەل مەشھۇر يىتەكچىلىك قىلغان.1979-يىلى رابات تارىم يەمەن دىمكۇراتىك جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تاقىتىۋىتلگەن.1991-يىلى يەمەن بىرلىككە كەلگەندە قايتىدىن خىزمەت باشلىغان بۇلۇپ ،ھازىرغىچەنورمال ئۇقۇ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارماقتا.2077-يىلدىكى سىتاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا رابات تارىمدا بىلىم ئالغان ئۇقۇغۇچى سانى 13مىڭغا يەتكەن.ھازىر رابات تارىمدا300چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە 1500يەمەنلىك ئۇقۇغۇچى بار ئىكەن.نۇرغۇنلىغان ئۇقۇش پۈتتۈرگەنلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىننى مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.ئۇندىن باشقا تارىمدا يەنە باشتا تىلغا ئالغان دارۇل مۇستافا ئىنىستىتوتى بۇلۇپ ،2007يىلغا قەدەردۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 250 چەتئەللى كئوقۇغۇچى بار ئىكەن.ئۇندىن باشقا يەنە مەخسۇس خانىم قىزلار ئۈچۈن ئېچىلغان دارۇلزوھرا ئىنىستىتوتىمۇ بار .
ئىنگىلىزچە ۋىكىئىنسىكىلوپىدىيەسىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى http://en.wikipedia.org/wiki/Tarim,_Yemen
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 09:55 PM
|