ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار!
Windows8/8.1 ۋە Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنىپ، ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالدى، كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان سىستېما ۋە ئىشخانا قوراللىرىنى ئىشلەتكۈمىز كەلدى. لىكىن نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىشلىتىشكە مۇمكىن بولمىدى. شۇڭا مۇشۇ
Windows 8/8.1 ۋە Office 2013 نى ئاكتىپلاپ ئىشلىتىش توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
مەن ئالدىنقى قېتىم «Win8.1سېستىمىسىنى PE سېستىمىسى ئارقىلىق قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش» ۋە «مېكروسوفنىڭ ئۇيغۇرچە Office 2013 نى چۈشۈرۋىلىڭ» دەپ ئىككى ۋىدېئو دەرسلىك تىمىسىنى مىسرانىم مۇنبىرىغا يوللىغان ئىدىم، لىكىن ئاكتىپلاش توغرىسىدا جىق سۆزلىمىگەن.
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئادىرسى:
Win8.1سېستىمىسىنى PE سېستىمىسى ئارقىلىق قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
مېكروسوفنىڭ ئۇيغۇرچە Office 2013 نى چۈشۈرۋىلىڭ
«مېكروسوفنىڭ ئۇيغۇرچە Office 2013 نى چۈشۈرۋىلىڭ» دىگەن تىمىدا Office 2013 نىڭ Retail نۇسقىسىنى مېكروسوفتنىڭ ئورگان تور بىتىدىن چۈشۈرۈش، قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەن. شۇ تىمىدا دىگەندەك، ئورگان تور بىتىدىن Office 2013 Retail نى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەك، 60 كۈن سىناق تەرەققىسىدىلام ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
Office 2013 Retail نۇسقىسىنى ئاكتىپلايدىغان قوراللار يوق، تېلىفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ئاكتىپلاشنى چىقىرىپ قوياي دىگەن، لىكىن ئاكتىپلىغىلى بولدىغان ئاچقۇچ نۇمۇرى ھازىر ھىچ يەردە قالماپتۇ. بىرلا ئامال ئاكتىپلاش نۇمۇرى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىش، لىكىن بۇ نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزغا قىممەت توختايدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك مائاش ئىلىپ تۇرۇپ، شۇلار ئىشلەتكەن مەھسۇلاتنى شۇلار بىلەن ئوخشاش باھادا سىتىۋىلىپ ئىشلىتىش ئادەمنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ياكى پەقەت بولمىسا سېستىمىنى Ghost لىۋىلىپ، ھەر 60 كۈنلۈك ۋاقتى توشقاندا، Ghost بىلەن سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، Office 2013 Retail نى قايتا قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. دىمەك Office 2013 Retail نىڭ ئوغرى نەشىرى يوق دىگەنلىكتۇر.
مەن شۇ تىمىدا يەنە Office 2013 VOL نۇسقىسى دىگەننىمۇ تىلغا ئالغان ئىدىم، يەنە VOL نۇسقىسىنىڭ ئاكتىپلاش قورالى بارمۇ دىگەن، يەنى ئوغرى نەشىرى قىلىپ ئىشلىتىدىغان قورال بار. لىكىن بۇ قورالنى بۇ جايدا تەمىنلەشنى ئورۇنلۇق كۆرمۈدۈم، ھەم ئۆزۈممۇ ئۇ قورالنى ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمەيمەن. ئۇ قورال ئارقىلىق Office 2013 VOL نۇسقىسىنى ئاكتىپلاشنى، توردا "KMS ياكى MAK" ئارقىلىق ئاكتىپلاش دەپ ئاتايدۇ. قىزىقىدىغانلار ئۆزۈڭلار ئىزدىنىپ بىقىڭلار.
بۇ يەردە Office نىڭ ئىككى خىل نەشىرى پەيدا بولۇپ قالدى، يەنى Retail ۋە VOL نەشىرى، بۇ توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرەي
(تۆۋەندىكى مەزمۇندا تىلغا ئالغان " مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى" بولسا: Windows سىستېمىسى، Office قوراللىرى، VC++ قورالى قاتارلىق بارلىق مېكروسوفت تارقاتقان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ):
مېكروسوفتنىڭ Windows ، Office قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئورگان بىكىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئۈچ خىل سىتىۋىلىش ئۇسۇلى بار، يەنى ئۈچ خىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى سىتىۋالىمىز.
بىرىنجىسى، كۆپچىلىك بىلىدىغان MSDN،
ئىككىنجىسى بولسا TechNet تور بىكىتى،
ئۈچىنجىسى كۆپچىلىككە ئانچە تونۇش بولمىغان eOpen. بۇلارنىڭ ئىچىدە eOpen غا ھەممىدىن كۆپ پۇل تۆلەيدۇ. ئىشقىلىپ SW_DVD5 بىلەن باشلانغان ۋە ChnSimp_MLF.ISO بىلەن ئاخىرلاشقان بارلىق Windows، Office مەھسۇلاتلىرى eOpen ۋاستىسى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. بۇ يول ئارقىلىق تارقىتىلغان مەھسۇلاتلار MSDN بىلەن TechNet كە تارقىتىلمايدۇ. eOpen بولسا مېكروسوفت شىركىتى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى باشقا
چوڭ شىركەت ياكى كارخانىلارغا تارقىتىدىغان ۋاستىسى بولۇپ، بۇلار مېكروسوفتنىڭ چوڭ خېرىدارلىرى ھىساپلىنىدۇ، بۇنداق چوڭ شىركەتلەردە نەچچە يۈزلىگەن، نەچچە مىڭلىغان، ھەتتا نەچچە ئونمىڭلىغان كومپيۇتېرلار بولىدۇ، ئۇلارغا مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلىغاندا 30 كۈنلۈك سىناق نۇسقا قىلىپ قاچىلىنىدۇ(بىزدەك ئادەتتىكى خېرىدارلارنىڭ MSND ۋە TechNet يولى ئارقىلىق ئىرىشكەن مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە 60 كۈندىن 90 كۈنگىچە سىناق نۇسقىسىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ). ئۇ چوڭ شىركەت – كارخانىلار شۇنچە كۆپ كومپيۇتېرلارغا مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ئورنۇتۇپ بولۇپ، بىزگە ئوخشاش ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى ھەممە كومپيۇتېرغا ئايرىم سىتىۋىلىپ، ئاندىن بىردىن-بىردىن ئايرىم ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ ئاكتىپلىغىلى تۇرسا ئىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا مېكروسوفت ئۇلارنى باشقا ئاكتىپلاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى ئۇلار مېكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاپ بولۇپ بىزگە ئوخشاش ئاكتىپلاش ئاچقۇچى كىرگۈزۈش كەتمەيدۇ، ئۇلار KMS ۋە ياكى MAK ئاكتىپلاش ئاچقۇچىنى سىتىۋىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاكتىپلايدۇ.
Office 2013 VOL Edition-يەنى (批量授权版) ئۇيغۇرچە نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدى، تۈركۈملەپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش، تۈركۈملەپ ئىجازەت ئىلىش نۇسقىسى دىگەن مەنىدە، يەنى تۈركۈملەپ ئاكتىپلىغىلى بولدىغان Office نۇسقىسىدۇر. VOL دىگىنىمىز 批量组织授权许可 دىگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆزلەرنى ئايرىم-ئايرىم تەرجىمە قىلساق"تۈركۈملەپ"، "تەشكىللەش"، "تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش"، "ئىجازەت" دىگەن مەنالارنى بىلدۈردۇ. VOL نۇسقىسى بىلەن Retail نۇسقىسىنىڭ ئىچكى يادرۇسى ئوپمۇ ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يىرى تەمىنلەنگۈچى ئورۇن ئوخشىمايدۇ، ئالدىدىكىسى چوڭ شىركەت كارخانا خىرىدارلار ئۈچۈن، كەينىدىكى بىزدەك شەخسىي خېرىدارلار ئۈچۈن. ئاندىن ئاكتىپلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.
مېكروسوفت چوڭ خېرىدارلىرىنى VOL نەشىرىنى ئاكتىپلاش ئۈچۈن KMS ۋە MAK ئاكتىپلاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھازىر توردىن ئىزدىسەك نۇرغۇنلىغان KMS ئاكتىپلاش قورالىنى تاپالايمىز، لىكىن كۆپىنچىسى ئاشۇ KMS نى 'بۇرۇن سىتىۋىلىپ ئىشلەتكەن شىركەت-كارخانىنىڭ' مۇلازىمىتېرسىگە ئۇلاپ ئاندىن ئاكتىپلايدۇ، تور بولمىغان ئەھۋال ياكى شۇ شىركەت شۇ KMS كە ئىشلەتكەن مۇلازىمىتېر ئىتىلىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلىغان VOL نەشىرىدىكى مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ئاكتىپلىيالمايمىز. خاككىرلار تەرىپىدىن ئەڭ ئىسىل قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن KMS ئاكتىپلاش قورالى بولسا تور بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا KMS ئىشلىتىدىغان مەۋھۇم مۇلازىمىتېردىن بىرنى قۇرۇپ، شۇنىڭغا ئۇلاپ ئاكتىپلاشنى ئىلىپ بارىدۇ، شۇڭا بۇ قورال بىلەن ئاكتىپلىغان مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ھەر 90 كۈن، ھەر 180 كۈن ۋە ياكى ھەر 360 كۈندە يەنە بىر قىتىم شۇ قورال بىلەن ئاكتىپلاشقا توغرا كىلىدۇ(يامىنىنى تاپالىسىڭىز مەڭگۈلۈك ئاكتىپلىيالايسىز). يەنە كىلىپ بۇ قورال بىلەن ئاكتىپلانغان مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى بەزىدە يېڭىلىغىلى بولمايدۇ(不能更新)، يېڭىلىسىڭىزلام ئاكتىپلاش ھالىتىنى يوقۇتىشى مۇمكىن.
ئىلمى ئاساسلارغا قارىغاندا ئەڭ ئىسىل ئاكتىپلاش قورالى MAK ئىكەن، لىكىن ھازىرغىچە تىخى بىرەسى
خو دىگۈدەكتىن بىرنى ياساپ چىقالماپتۇ.
Office 2013 Retail Edition-يەنى(零售版)ئۇيغۇرچە پارچە سېتىش نۇسقىسى دەپ تەرجىمە قىلدىم، يەنى بىزدەك ئادەتتىكى خېرىدارلار كومپيۇتېرىمىز ئۈچۈن سىتىۋالغان Windows 8/8.1 ۋە ياكى Office قوراللىرىنى كۆرسىتىدۇ، مېكروسوفت شىركىتى بۇ نۇسقىدىكى مەھسۇلاتلارغا بىر ئاچقۇچنى بىرلام كومپيۇتېردا ئىشلەتكىلى بولدىغان چەكلىمىنى قويغان. بەزىلەر توردىن بەلكىم مۇشۇ 零售版 نىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇشى مۇمكىن، لىكىن بۇ پەقەت مېكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەخسىتىدە چىقارغان ئاچقۇچلاردۇر، بۇلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاخىردا مېكروسوفت ھەممىنى تاقىۋىتىدۇ. مېكروسوفت مۇشۇ ئاچقۇچ نۇمۇرلىرىنى تاقىغان ھامان، بارلىق مۇشۇ ئاچقۇچلار بىلەن ئاكتىپلانغان مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئاكتىپلاش ھالىتى يوقىتىدۇ.
( بۇنداق ئىش Office 2010 تارقىتىلغاندا يۈز بىرىپ باققان، نۇرغۇنلىغان مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى بىر كىچە ئىچىدىلام ئاكتىپلاغلىق ھالىتىنى يوقاتقان، شۇڭا 零售版 بىلەن بەك كۆپ ھەپىلەشكەننىڭ پايدىسى يوق، ھامان بىر كۈنى يەنە ئاكتىپسىز ھالىتىگە قايتىدۇ دىگەن گەپ. ئەگەر سىز 零售版 گە ھەقىقىي نەشىرنىڭ ئاكتىپلاش ئاچقۇچ نۇمۇرىنى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا تۇرىسىز).
شۇڭا خۇلاسىلىسەك، مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرنىڭ Retail نۇسقىسى بىلەن VOL نۇسقىسىنى ئاكتىپلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئىككىسىنىڭ ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئارا ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا سىز Windows، Office لارنى MSDN بىلەن TechNet دىن باشقا جايدىن چۈشۈرگەندە چوقۇم Retail ياكى VOL نەشىرى ئىكەنلىگە ئوبدان دىققەت قىلىڭ.
MAK ئارقىلىق ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلدىغان يىرى، مېكروسوفت MAK قورالىنىڭ ID سىنى تاقىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، MAK بىلەن ئاكتىپلانغان مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئاكتىپلىق ھالىتىنى يوقاتمايدىكەن، دىمەكچى مەڭگۈ سىزنىڭ بولۇپ كىتىدىكەن، مېكروسوفت سىزدىن تارتىۋالىمەن دەپمۇ تارتىۋالالمايدىكەن. توردا يەنە بەزى MAK نۇمۇرلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، لىكىن بەك ئاز ئۇچرايدۇ، تاپالىسىڭىز، تېلېفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلىسىڭىز مەڭگۈلۈك ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ.
ئاندىن يىقىندا توردا مودا بولۇۋاتقان "تېلىفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ئاكتىپلاش" توغرىسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتەي:
سىز مېكروسوفت مەھسۇلاتىنى ئورناتقاندا چوقۇم Product Key(مەھسۇلات نۇمۇرى) دەيدىغان نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز(پۇل تۆلەپ سىتىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا)، بۇ Product Key سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىتال ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەلۇم Installation ID(ئورنۇتۇش نۇمۇرى) نى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن مېكروسوفتنىڭ مەھسۇلات ئاكتىپلاش مەركىزىگە تېلېفۇن قىلىپ، مۇشۇ Installation ID نى دەپ بەرسىڭىز، سىزگە
Confirmation ID(مۇقۇملاشتۇرۇش نۇمۇرى) نى دەپ بىرىدۇ، بۇ نۇمۇرنى كىرگۈزسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان مېكروسوفت مەھسۇلاتى ئاكتىپلىنىدۇ(مېكروسوفت مۇشۇ Product Key نى تاقىۋەتكۈچە ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز، تەلىيڭىزگە باغلىق).
مېكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدىن بىز كۆپرەك ئىشلىتىدىغان Windows 8/8.1 ۋە Office 2010/2013 نىڭ ھازىرقى ئاكلىپلاش ئۇسۇللىرىغا كەلسەك:
Windows 8/8.1 نىڭ Retail ۋە VOL نەشىرىنىڭ ئىككىلىسىنى تېلېفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ، تېلېفۇن قىلغاندا قارشى تەرەپ Retail ياكى VOL نەشىرى ئىكەنلىكىنى سورايدۇ.نەشىرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن، ئورنۇتۇش ئاچقۇچ نۇمىرىنى يوللاپ بىرىسىز، ئاندىن سىزگە مۇقۇملاشتۇرۇش ئاچقۇچ نۇمۇرىنى دەپ بىرىدۇ، مۇشۇ نۇمۇرنى كىرگۈزسىڭىزلام Windows8/8.1 نى ئاكتىپلىيالايسىز. VOL نەشىرىگە كەلسەك KMS ئاكتىپلاش قورالىنى توردىن تاپقىلى بولىدۇ(MAK نى تاپماق تەس).
Office 2013 نىڭ Retail نەشىرىنى ھازىرچە 60 كۈندە بىر قىتىم قايتا قاچىلاش ۋە ھەقىقىي نەشىرىنى سىتىۋىلىشتىن باشقا ئامال يوق. VOL نەشىرىنى تېلېفۇن ۋە KMS، MAK قورالى ئارقىلىق ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: تېلېفۇن بىلەن ئاكتىپلىغاندا چوقۇم تېلېفۇن بىلەن ئاكتىپلىغىلى بولدىغان مەھسۇلات نۇمۇرىنى تىپىشىڭىز لازىم، ھەم شۇ نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز. قورال بىلەن ئاكتىپلىغاندا ھىچقانداق نۇمۇر كىرگۈزۈش كەتمەيدۇ، بىۋاستە قورالىنى قوزغۇتۇپ ئاكتىپلىسىڭىز بولىدۇ.
مەھسۇلات ئاچقۇچ نۇمۇرى يۇقاردا سۆزلىگەندەك ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، Retail ئاچقۇچ نۇمۇرى(Retail نەشىرىگىلام ئىشلەيدۇ) ۋە VOL ئاچقۇچ نۇمۇرى(VOL نەشىرىگىلام ئىشلەيدۇ). بەزىدە ئاچقۇچ نۇمۇرىنى كىرگۈزسىڭىز، نەشىر نۇسقىسىغا ماس كەلمىدى دەپ ئەسكەرتىش چىقىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئىككى ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتۇر.
Retail نۇسقىسىنى پەقەت تېلېفۇن ئارقىلىقلام ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ.
VOL نۇسقىسىنى تېلېفۇن ۋە KMS، MAK قورالى ئارقىلىق ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ. VOL نۇسقىسىنىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى يەنە ئىككى تۈرگە بۆلىمىز، KMS مەھسۇلات ئاچقۇچ نۇمۇرى (مېكروسوفت مۇشۇ نۇمۇرنى تاقىۋەتكىچە ئىشلىتەلەيسىز) ۋە MAK مەھسۇلات ئاچقۇچ نۇمۇرى (تاپماق بەك تەس، لىكىن مەڭگۈلۈك ئىشلىتەلەيسىز). ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئىشلەتكەندە تېلېفۇن بىلەن ئاكتىپلايمىز. ئاچقۇچ نۇمۇرى بولمىسا KMS قورالى(ھەر 90 ياكى ھەر 180 كۈندە قايتا بىر قىتىم شۇ قورال بىلەن ئاكتىپلاشقا توغرا كىلىدۇ، قورالنىڭ يامانلىقىغا باغلىق) ۋە MAK قورالى(بىر قىتىم ئاكتىپلىسىڭىز مەڭگۈ سىزنىڭ بولىدۇ) بىلەن ئاكتىپلايمىز.
يۇقاردا تېلېفۇن ۋە قورال ئارقىلىق ئاكتىپلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم، ئۆزۈم قورال ئارقىلىق ئاكتىپلاشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، مەن بۇ قوراللارنى بۇ جايدا تەمىنلىمەيمەن، شۇڭا قىرىنداشلارنى تېلېفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، نىمىلا دىگەن بىلەن مېكروسوفتقا تېلېفۇن قىلىپ، شۇلارنىڭ تەستىقىدىن بىر ئۆتىدىغان گەپ، ھەم شۇلار يول قويغانغا قەدەر خاتىرجەم ئىشلەتسەك بولىدۇ، ھىچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.
تېلېفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلىغاندا، بەزى Product Key كۆپ كىشىلەر ئىشلەتكەچكە، ئاكتىپلىنىش قىتىم سانى مەلۇم ساندىن ئاشقاندا داۋاملىق ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ(تېلېفۇندا قارشى تەرەپ بۇ نۇمۇر كۈچىنى يوقاتتى دەپ بىرىدۇ)، بۇ چاغدا توردىن يېڭى ئىلان قىلىنغان Product Key لەرنى تىپىپ ئىشلىتىڭ، Product Key نى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى:
Windows 8/8.1 نىڭ Product Key سىنى ئالماشتۇرۇش: بۇيرۇق يازىدىغان پروگراممىنى (命令提示符CMD) قوزغۇتۇڭ، چوقۇم باشقۇرغۇچى سالاھىتىدە يۈرگۈزۈڭ(以管理员身份运行)، ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈڭ:
slmgr.vbs -ipk XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX
XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX بولسا سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان Product Key نى كۆرسىتىدۇ.