ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار
يىقىندىن بىرى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى كۆپ ئارلايدىغان بولدۇم، قارىسام مۇشۇ Windows XP,Vista,7,8,8.1 مۇشۇ سېستىمىلارنى قاچىلاشنى باشتىن ئاخىرى تەپسىلى ئۆگىتىدىغان بىرە دەرسلىكنى كۆرمەپتىمەن (يا بار بولسىمۇ بەلكىم بايقىمىدىممۇ)، شۇنىڭ بىلەن بىر دەرسلىك ئىشلەپ قويۇش نىيتىگە كەلدىم(بۇنداق تىمىلار بار بولسىمۇ يەنە بىرنى يىزىپ قويسام ئارتۇقلۇق قىلماس)، ئاندىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ تۆدەندىكى ۋىدېئونى ئىشلەپ قويدۇم.
بۇ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم ۋىدېئو ئىشلىگەنلىكىم بولغاچقا بەك ئۇزاق ۋاقىت كەتتى. ئۆزى بىلگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ قابىليەت ئىكەن. بۇرۇن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بۇ قىتىمقى ۋىدېئونى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيتىم شۇنچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم (بەك تەس بەك تەس ئىكەن دەرس سۆزلەش
). شۇڭا بۇ دەرسلىك سەل چۇۋالچاق چىقىپ قالغاندەك، ھەم بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، تەخمىنەن ئىككى سائەتكە يىقىنغۇ دەيمەن، باشتا نىمە يادىمغا كەلسە شۇنى سۆزلەپ، ئاخىردا ئۆزگەرتىپ، ياساپ، بىر نەسىلەرنى قىلىپ مۇشىنچىلىك قىپتىمەن، ياخشى چىقمىغان بولسا زاڭلىق قىلماڭلار جۇما باللا(بولۇپمۇ سېستىما قاچىلاشنى ژىتىۋتىدىغان باللا ھەرگىز زاڭلىق قىلماڭلار مىنى
)!
ئىككى سائەت نىمداق ئۇزۇن دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھوللىۋۇدنىڭ نوچى كىنولىرىمۇ بۇنچىلىك ئۇزۇن ئەمەس، ھەي .....
لىكىن ھەر-بىر مەشغۇلاتقىچە ئىنىق، تەپسىلى بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇزۇن چىكەتكەن ئوخشايدۇ، چۈنكى پۈتۈن تەييارلىق باسقۇچى ۋە سېستىمىنى قاچىلاش جەريانىمۇ تەخمىنەن بىرە يىرىم سائەتلەرگە بىرىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇخلاپ قالماي كۆرەسىلەر
بۇ دەرسلىك Windows 8.1 سېستىمىسىنى قاچىلاش دەرسلىكى بولۇپ، بىراق يۇقىردا دىگەن Windows XP,Vista,7,8,8.1 قاتارلىق سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ھەممىسىگە ئاساسى جەھەتتىن ماس كىلىدۇ. ۋىدېئو بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن ئىككى قىسىمغا بۆلىۋەتتىم، تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئالدى بىلەنWindows 8.1 نى ياكى Windows xp,Vista,7,8 نىڭ iso فورماتىدىكى سېستىما بولىقىنى تەييارلاڭ.
Windows 8.1 نى چۈشۈرۈش ئادىرسىنى مەن تۆۋەندە تەمىنلەپ قويدۇم(مەن تەمىنلىگەن Windows8.1 سېستىما بولىقى ئېنگىلىسچە، ئورنۇتۇپ بولۇپ باشقا تىل بولىقىنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇيغۇرچىنى ياكى خەنزۇچىنى، دەرسلىكتە تەپسىلى مەشغۇلات ئۇسۇلى بار).