mahatjan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:33 PM 
مىنىڭ قارشىمدىمۇ تىمىدا مەسىلە يوق.مىنىڭ دىمەكچى بول ...
مەخەتجان ئاكا بىز مەيلىغۇ ! ياق!ياق ! مەن مەيلىغۇ بىراق سىلى ساپالىق ۋە مۇنتىىزم تەربىيە ئالغان كىشى بولغاندىن كىيىن جىڭدا تۇرغىدەك بىر گەپ قىلسىلىچۇ ؟ مىنىڭ قارشىم توغرا دەپ قايسى قاراشلىرى توغرا سىللىنىڭ .
سىيگەن-چىچقاندىن تارتىپ ھەممىنى ھۆكۇمەت باشقۇرۇپ بىرەمدۇ دەيمەن . سىللىنىڭ مەھەللىدە تاماكا ساتىدىغان بىر دۇكان بار دەيلى ھۆكۈمەت چەكلىگەن تەقدىردىمۇ ئېستىمال قىلغۇچى مەۋجۇت بولدىكەن چاپىنىڭ پىشىغا ، كالتە ئىشتاننىڭ تىشغا تىقىپ بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ساتىدۇ . ئېستىمال قىلغۇچى بولمىسا ھۆكۈمەت ساتە ! ۋاقىراپ ساتە ! ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ ساتە ! دەپ يول قويسىمۇ بىر كۈن قىلا، ئىككى كۈن قىلار ، ھە بولدى ئىككى يىلمۇ قىلار بىرسى ئالمىسا ساراڭ ئەمەس دۇكانچىمۇ ئىككى پۇتىغا قاپارتقۇ ئىجات قىلىپ ، سېتىلمىغان مالنى ئىشلەپ چىقىردىغانغا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي قاتىراپ يۈرۈپ ساتىدىغانغا .
سىللىچە بولغاندا مۇشۇ گەپ-سۆز ئاڭلىمىغان پەرزەنتىلەرنى ،پەرزەنتىلەرنىڭ ،ئەل ياتقۇ بولغاندا كوچا ماشىنىسى بىلەن ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قولىمزىغا تاپشۇرۇپ بەرسە كىچىسى ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن باشقۇرۇش ھاجەتسىز ،ئەتىسى يەنە خەلىق ئىشلار ئىدارسىگە يولغا سىلىپ قويساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە !!!
بىر يۇمۇر ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
ئۆزنىڭ ئانا تىلدىن باشقا بىرمۇ تىل بىلىمەيدىغان ئىككى بالا ( قارىغاندا ماڭا ئوخشاش ئالقاپ دۆت بىر گۈيلار ئوخشايدۇ ) شەھەرنىڭ ئاۋات بكوچىللىرىنىڭ بېردە كىتىۋاتسا ، بىر چەتئەللىك ئۇچۇراپ بۇ ئىككىسىدىن يول سوراش ئۈچۈن ، ئىسپان تىلدا ياخشىمۇ سىز دىسە ، ئۇ ئىككى بالا چەتئەللىككە قاراپ تىلىڭىزنى چۈشەنمىدۇق دىگەن مەنىدە بىشنى چايقاپتۇ ، ھىلىقى چەتئەللىك ئېنگىلىس تىلدا ياخشىمۇ سىز دەپتۇ ، ئۇ ئىككى بالا يەنە بىشنى چايقاپتۇ ، ھىلىقى چەتئەللىك بەش-ئالتە خىل تىلدا سۆزلىسە ئۇ ئىككى بالا يەنە جىم ؛ ھىلىقى چەتئەللىك ئەپسۇسلانغانچە بىشىنى چايقاپ كىتىپ قاپتۇ . ئىككى بالىنىڭ ئىچىدە بىرسى بىر ئاز ئەقلى بار ئاداشمۇ نىمە دوستىغا قاراپ ؛- ئاداش بىز بەك بىلمسىزكەنمىز ئانچە-مۇنچە باشقا تىلدىن بىرەر تىلنى ئۈگۈنىپ قويايلى ،قارا ئۇ چەتئەللىك بىزگە بەش-ئالتە خىلدا سۆز قىلسا بىر گىپىنىمۇ ئۇقماي بىزىرىپ تۇردۇق دىسە ،ھىلىقى ئاغىنسىى دەرھال ئۆڭۈپ ، ماڭغىنە ۋاي بىز بىلىمسىزمۇ تىخى ؟! -بىلىمسىز دەپ ئۇ چەتئەللىكنى دىسەك توغرا بولىدۇ .قارا ئۇ چەتئەللىك بەش-ئالتە خىل تىلنى بىلىپ تۇرۇپ ئىككىمىزگە بىر خىل تىلنىمۇ ئۇقتۇرالمايۋاتسا دىگۈدەك .
بىچارە ۋولقان سىزگە شۈنچە چۈشەندۇرۇپمۇ دىمەكچىۈ بولغانلىرىدىن بىر سۆزنىمۇ ئۇقتۇرالماپتۇ . قارغاندا لاۋا0998 ھەقىقەتەن بىلمسىز ئوخشايدۇ .
بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر دىگەنلىك مۇسۇلمان دىگەنلىك ئەمەس . كىمكى كۈندە بىر ۋاق ياكى ھەر ھەپتىدە قۈمە نامىزنى ئوقۇيدىكەن ئۇنى مۇسۇملاننىڭ جۇملىسىدىن سانايمىز . بۇ خىلدىكى ئاۋامنى باشقۇرۇشتا دىن ئەقىدە نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا ئىسلام شەرىئىتىدە بىرىلدىغان جازا ئارقىلىق ئۇنى بۇ ئىشتىن توسايمىز .
ئەگەر ئۇ مەن مۇسۇلمان ئەمەس بىر ۋاق ناماز ئوقۇپ قويشۇم ، ھەپتىدە بىر جۇمە نامىزىغا بىرىپ قويشۇم خۇددى بوۋاق بالا ھەر قانداق بىر ئايال تەرىپىدىن قۇچىقىغا ئىلىنغاندا شۇ بوۋاقنىڭ شۇ ئايالنىڭ كۆكسىگە كۆزى چۈشكەندىن كىيىن ئەمگۈسى كىلدىغاندەك بىر رىفلېكىس ياكى بولمىسا مۇسۇلمان دادام-ئانامدىن قالغان بىر ئىرسىيەت دەپ قارىسا ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى دۆلەت ئاخىرەتتە ئاللاھ باشقۇردۇ.
بىراق دۆلەت يىپتىن-يىڭنىسىغىچە مۇكەممەل باشقۇرۇپ بولالمايدۇ . يەنە شۇ دەيدىغىنىمىز ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئېستىمال قىلغۇچىدا .
سىللەرنىڭ كۆرگىنىڭلار شۇ ساپلا قوساق دىسە غالتەككە چىقىپ رۇمغا باردىغان بالىلار ئوخشايدۇ . مەنمۇ خىلى كۆپ باىلارنى كۆرگەنمەن سەپەر جەيراندا ، بىر نەرسە يىمەكچى بولسا ئانا ياكى دادا بۇنى يىسەم بولامدۇ بولمادۇ دەپ سورايدىغان ، بېيجىڭدا شىماللىق بىر ئەر-ئايالنىڭ قولدا بىر مەزگىل ئىشلەپ قالدىم بۇ ئەر-ئايالنىڭ ھەر ئىككسىى تولىمۇ ساپالىق كىشىلەر ئىدى بىر قىزى بار ئىكەندۇق ئۈچ ياشلاردا ،شۇنچىلىك ئوماق ،شۇنچىلىك چىرايلىق تولا ھاللاردا ئۆزى يالغۇز زىرىكىپ دۇكاندا تۇرماي ،پايپىتەكلەپ مىڭىپ قوشنا خەنزۇ يولداشلارنىڭ دۇكىنىغا چىقىپ خەنزۇ يولداشلارنىڭ باللىرى بىلەن بىللە ئوينايىتتى ، توغۇلىشىدىن خەن مۇھىيتىدا چوڭ بولغاچقىمۇ ئۇيغۇرچىنى ئۇقمايىتتى . خەنزۇ يولداشلار بۇ قىزغا ئامراقلىغى كىلىپ شىنجاڭلىق كىچىك پەرىشتە ، شىنجاڭلىق رىۋايەتتىكى پەرىزات دەپ تەرىپلەپ ھەر كۈنى دىگۈدەك بىر مۇنچە بىر تالاي تاتلىق-تۈرۈملەرنى كۆتۈرتۈپ قوياتتى ، ئادا-ئانىسى بۇ تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ پۇلىسىنى كۆتۈرۈپ شۇ دۇكانغا چاپاتتى . ھىلىقى قىز قانداق قىلىدۇ دەيسىز شۇ تاتلىق تۈرۈملەرنى قولغا ئالغان ھامان دەرھال يىمەستىن قىشمىزغا كىرىپ خەنزۇ تىلدا بۇ نەرسىنى يىسەم بولامدۇ-بولمامدۇ ؟ دەپ سورايىتتى ، ئاتا-ئانىسى يىمە قىزىم بىز مۇسۇلمان دىگەنچە ئۇ نەرسىلەرنىىڭ ئورنىغا شۇ يەردە سېتىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىلىپ بىرەتتى .
بالىنىڭ ئاچۆزلىگى ، قوساق گادايلىغى ، ناكەسلىگىنى باشقا بىراۋدىن كۆرمەي ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆزىدىن كۆرسە توغرا دەپ قارايمەن . بۇ ئىشن ىقانداق تۈزەش قانداق ئۇنۈمگە ئىرىشىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا قارتا تۇتقان يولىغا باغلىق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 01:36 PM