مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9240|ئىنكاس: 121

بالىڭىز پوق يىسە ھۆكۈمەت ھاجەتخانىنى چەكلەپ بەرسۇنمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىڭىز پوق يىسە ھۆكۈمەت ھاجەتخانىنى چەكلەپ بەرسۇنمۇ؟


كىرىش سۆز



دۆلەت قانۇنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىيات ھالىتىنىڭ ئىككىلەمچى مەھسۇلى.
ئېتىقاد –ئەخلاقى نىزامى بولسا ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ بەلگىلەنگەن مۇكەممەل  تاكامۇللۇق، شۇڭا ئۇ زامان ماكاننىڭ تەدىرجى تەرەققىياتى بىلەن تەشەببۇسلىرىنى يېڭىلىمايدۇ ۋە قۇبۇل قىلمايدۇ.
ئۇنداقتا  ھەممە ئېھتىياجنى دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تايانماقچى بولمىش ئادەملەر قانۇننى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟
قانۇنى ساپاسى زادى قانچىلىك؟
قانۇن ھەممىگە قادىر ھىساپلانسا ئېتىقادنىڭ ۋاختى ئۆتكەن ھساپلىنامدۇ؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش داۋامىدا ئاممىۋى پاراڭلارغا دىققەت بېرىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

‹‹ئېشەكنىڭ دۇمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە قولىنى ئىسسىتىش››نى بىلىدىغانلار كىملەر؟

ھۆكۈمەت ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلسا بولاتتى... بالام داۋاملىق لازا يەيمەنلا دەيدۇ....يىغىسىغا چىدىماي يەنىلا ئېلىپ بېرىمەن....
يىگەندىن كىيىنلا ئۇسسۇزلۇق پەيدا بولۇپ يۇقۇرى قىزىتىدۇ.....
شۇنداق-بازاردا بولمىسا بالىلارمۇ يەيمەن دەپ تۇرىۋالماس ئىدى.....
ــــــ
پۇلنى ھالالدىن ئۆزەم ئىشلەپ تاپتىم، بالام قايسى دۇكاندىن ئالسا ئۆز كىشىلىرىمىزدىن ئالدى، يامىنى بولسا شۇنىڭغا بولار،ھۆكۈمەت نىمىشقا توسىمايدىغاندۇ؟ بالام يىغلاپ تۇرىۋالسا نىمە ئامال؟.......
(ئاتا-ئانىلار تىلىدىن)
مانا مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارغا ‹‹بالىڭىز پوق يىسە ھۆكۈمەت ھاجەتخانىنى چەكلەپ بەرسۇنمۇ؟›› دىسەك ئارتۇق كەتمەس.

جەمئيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ دۇكان-سارايلار بازار مەرگەزلىرىدىن مەھەللە دۇقمۇشلىرىغا قەدەر قىستاپ كەلدى.
كىشىلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق يىمەك-ئىچمەك ساھەسى شەھەرلەردە ‹‹تاللا بازىرى››شەكلىدە پاكىزلىق، ئۆرىپ-ئادەت، ئېتىقاد ئۆتكەللىرىدە قانۇن ۋە ئىجتىمائى ئەخلاققا ئۇيغۇنلىشىشقا يۈزلەنسە،  شەھەرلەردىن قوغلانغان ئەخلەت يىمەكلىكلەر شەھەردىن چېكىنىپ يېزا-قىشلاقلارغا ماكانلىشىشى ھەتتا ئومۇمىيۈزلۈك  ئىشغال قىلىش مۇۋاپىقيىتىگە ئېرىشىشكە ئۈلگۈردى.

ئېتىقاد سۇسلاشسا يىمەكلىك ‹‹مول ››لىشامدۇ؟



‹‹ئېتىقادنى يىگىلى بولمايدۇ، بىراق ئېتىقادى بولمىغان ئادەم ھەممىنى يەيدۇ››

ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسى تولىمۇ ئەرزان، ھەجىمى چوڭ،بولۇشتەك تەننەرىق ئىستىمالى قارىشىدا ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى بەزلىشىدىكى ئالاھىدە تاللىشى بولۇپ قېلىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
يېزا-بازارلىرىدا يىمەكلىك تىجارىتى مال رايونى بىلەن  ئونۋېرسال تىجارەت مال ئورنى ئالاھىدە ئايرىلمىغانلىقىدەك مالىمان تىجارەت شەكلىمۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرىشىگە ئالاھىدە قىيىنچىلىق كەلتۈرىدۇ.
تەكشۈرۈشكە قارىتا تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ تاكتىكىسى كۆپ، دەرھال ئۈستىگە چىپتا-تاغارغا ئوخشاش ئەسكى-تۈسكىلەرنى ئارتىپلا يىغىشتۇرىدۇ.
تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا بولسا كامار-كامارلاردىن سۆرەپ چىقىرىپ يەنە پەشتاختىغا ئالىدۇ.
سېتىۋېلىنىش ئېھتىياجى مەۋجۇت  ھەرقانداق مەھسۇلات قانۇننىڭ مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك چەكلەش كۈچى مەركىزىدە بولسۇن -مەڭگۇ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ.
يېنىدىن 10گىرام زەھەر چىققان جىنايەتچى قانۇننىڭ دىكتاتۇرسى ئالدىدا تۈگۈشكىنى ئېنىق.
شۇ خىل ئېغىر جازا ئۆلچىمىدىمۇ ئاتالمىش ‹‹ئېھتىياج››نوقتىسىدىن زەھەر ھېلىھەم مەۋجۇتلىقىنى يەنىلا ساقلاپ كەلمىكى بۇنىڭ ئاددى مىسالى بولۇشقا يېتەرلىك.

ئەخلەت يىمەكلىكلەرمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل سېتىۋېلىنىش ئېھتىياجى مەۋجۈت رىئاللىقتا ئەخلاق، دىنى-ئېتىقاد، سالامەتلىك نوقتىسىدىن كىشىلەر تەرەپىدىن ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىكەن يىمەك-ئىچمەكنى باشقۇرۇش ئاپىراتلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە چەكلەش تەدبىرىلىرى بىلەن يۇقۇلىشىدىن ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ.

جەمئيىتىمىزدىكى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كۆرىشى داۋامىدىكى ‹‹موكىسىمان›› ئۈنۈم- بىزنىڭ ھەممە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان- بىر رىئاللىققا ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
پەقەت  ئىجتىمائى ، ئېتىقادى ئەخلاقىمىزنىڭ چەكلەش يوشۇرۇن كۈچىگە قانۇننىڭ نوپۇزىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن    مۇرەسسەسىز ھالدا جەمئيەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلۈك بۇلۇڭلىرىدىكى ئەۋرەزلەرنى تامامەن يۇقۇتۇشقا .....سەبىلەرنىڭ ساپ تەن، ساپ ئەقىللىرىنى بولغىمىدىن ساقلاشقا مۇۋەپپەق بولۇش مۇمكىن.

‹‹ئىنسان ھەر بىر نەپسى ئۈچۈن ھىساپ بەرگۈچىدۇ››

بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاردىكى- باھانە سەۋەپنىڭ قورالىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ‹‹دوتەي بولمىسا پوتەي بولمايتتى، پوتەي بولمىسا قاغا قۇنمايتتى، قاغا بولمىسا ئەپەندىم ئېشىگىدىن يىقىلىپ چۈشمەيتتى..››گە ئوخشاش ‹‹ئېشەكنىڭ دۇمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە قولىنى ئىسىستىش››قا كۆنۈپ قالغان تەخەي مىجەزلىكنىڭ رۇشەنلىشىشى  سەۋەپلىك سەبىلىلەرنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىيىتى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ‹‹ئەركىلەت››مە پۇلىدا،  ئۆز قەۋمىدىن بولغان قىزىل كۆز تىجارەتچىلەر تەشنا بولغان پارچە پۇلدا....... چىرىمەكتە......
ئەجەبا ئۇلار ھەر سەھەر ئىبادەتلىرىدە ئاللاھتىن سالامەتلىكىنى يىمەكلىكىلىرىنىڭ،  رىزىقلىرىنىڭ، ھالالدىن، پاكىز بولىشىنى تىلەيتتىغۇ؟؟؟

ماللىرىمىز ئەخلەت بولسا پۇلغا يارايتتىمۇ؟؟

تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدە  ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردىكى خالىس كىشىلەر توپى ھىساپلىنىدۇ.
يېزا-قىشلاقلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ كۆرنەرلىك .ئەجەبلىنەرلىكى ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىغا  مۇناسىپ ئۆلچىمى بولمىغان رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن بالىلار‹‹زەھەرلىرى››نى كۆپلەپ سېتىپ چىقىرىشى قۇرقۇنۇچلۇق بىر ھەركەتتۇر.
بىراق ئۇلارنىڭ قارىشىدا-‹‹ ماللىرىمىز ئەخلەت بولسا پۇلغا يارايتتىمۇ؟؟››مىش.
شۇنىسى ئېنىق بولىشى كېرەككى ئىستىمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەت قانۇنىدا ‹‹تىجارەتچى ساتقان مەھسۇلاتىنىڭ چۈشەندۈرۈلمىسىنى تولۇق بىلگەندىن سىرىت ئۇنىڭ ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئۆرىپ-ئادىتىگىمۇ توغرا كېلىش كەلمەسلىكى قاتارلىق جەھەتلىرىدىنمۇ مەسلىھەت بېرەلىشى كېرەك-لىكىدەك ماددىلار مەلۇم.
ماللىرىمىز ئەخلەت بولسا پۇلغا يارايتتىمۇ؟؟-دەپ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش قانۇن ئالدىدا جاۋاپكارلىقتىن ئۆتۈشكە يېتىپ ئاشقاندىن تاشقىرى ئېتىقادى جەھەتتىن روھى زىيان تۆلىمىگە چېتىلىدۇ.
ناۋادا تىجارەتچى تەرەپ-يۇقارقىدەك بىلمەس قىياپەتتە جان باقتىلىق كوچىسىدا‹‹كۆزۈم كۆرمىدى قۇلىقىم ئاڭلىمىدى››دەپ يۇندا ئىچىپ يۈرسە....
بالىلارنىڭ ھامىلىرى بولغان چوڭلار-‹‹ پۇلنى ھالالدىن ئۆزەم ئىشلەپ تاپتىم، بالام قايسى دۇكاندىن ئالسا ئۆز كىشىلىرىمىزدىن ئالدى، يامىنى بولسا شۇنىڭغا بولار،ھۆكۈمەت نىمىشقا توسىمايدىغاندۇ؟ بالام يىغلاپ تۇرىۋالسا نىمە ئامال؟.......
باھانىدا جاھان رەپتارىغا ھامى‹‹قىزىل كۆز تىجارەتچى››لەرنىڭ خامىلىيۇنلۇق ئەپسۇنلىرىدا روھى ئېزىققان پەرزەنت ھامىلىرىغا ، سۇئال قويۇلىشى كېرەككى- بالىڭىز پوق يىسە ھۆكۈمەت ھاجەتخانىنى چەكلەپ بەرسۇنمۇ؟
نىجاسەتنى يۈدۈپ يۈرەمسىز؟
پەرزەنت كىمنىڭ؟
ئېتىقادچۇ؟؟؟


مەنبە:لاۋا0998

ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyyarikan + 11 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kokdingiz + 10 ماۋزۇ ئەخلەت،مەزمۇن ي.
Gvlmisal + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك
barnakiz886 + 300 نادىر تىما
Xaparang + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
qaraxani + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
qimaltak + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
لىمۇن + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ana + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
ئەلچۈن + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
花公主 + 10 ياخشى تىمىكەن،شۇنداق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 559   باھا خاتىرىسى

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7700 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر كىشى ئويلانغىدەك تېما بوپتۇ. قارىساق مەكتەپ ئەتراپىدا ئەخلەت نەرسە ساتىدىغانلار شۇنداق كۆپ .بىزنىڭ بالىلىرىمىزخۇيمۇ  ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. مەكتەپتىكىلەر تەربىيە قىلمامدۇ؟ ئائىلىدىكىلەرچۇ؟  ھۆكىمەت  بۇنداق ئەخلەت نەرسىلەرنى سېتىشنى توسمامدۇ؟ دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللار كاللىمىزغا كېلىدۇ.مېنىڭچە جەمىيىتمىزدە  نازار قىىلپ باشقۇرۇش كەمچىل .

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:42:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! لاۋا قېرىندىشىم.، ئاللاھ رەھمەتقىلسۇن! ناھايىتى ئىسىل تىما يوللاپسىز!  ھەممىسى بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىللەركەن ......

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6433
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2701 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنڭ ماۋزۇسىنى ئىزدىنىش تورىدا گۈلەننىڭ ئەخلەت يېمەكلىك توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىسىدىكى ئىنكاستا كۆرگەن ئىدىم. مۇشۇ گەپ ئۈچۈن كۆڭۈل ئاغرىقىمۇ بولغان ..
بىراق لاۋا 0998  قېرىندىشىمىز ياخشى tahlhlقىلىپ بېرىپتۇ مانا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nim-japa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 01:49 PM  


مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96496
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 01:42 PM
يىڭىدىن ئۇلىنىش تىز تورى ئىچىلدى توربىكەت قوشقايسىزلە ...

مۇنۇ تىما توغۇرسىدا گەپ قىلمامسىز دەيمەن...نەدىكى ئۇلىنىشنىڭ گىپىنى قىلغۇچە...سىز دەپ بەرمىسىڭىزمۇ بىزمۇ تاپالايمىز...تىما ماياندا تۇرسا ئاياندا سۆزلەيدىكەنسىز...قاملاشمىغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئادەتتە مەكتەپ ئوقۇتۇش رايونىدىن 500 مىتىر دائىرىدە ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى، گۈمانلىق يىمەكلىك سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك، ئەخلاق-ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۈگىنىش تۈرمۇش قاتارلىق ھالقىلىرىغا پاسسىپ ئاممىۋى قۇرۇلمىلارنى قۇرۇشقا بولماسلىقىدەك نىزاملار ئارقىلىق مائارىپ چىگراىسىنى مۇستەھكەملەشنى نىزام دەپ بىلىمىز.
ۋاھالەنكى رىئاللىقىمىزدا بەزمىخانا بوسۇغىسى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئارلىقى كۈنسايىن يېقىنلاشماقتا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 02:01 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بولدى مۇنبەر قۇرۇپ بېقىش جاپاسىدا دوستلار بىلەن پىكىر-مۇلاقەت بولالمىدىم. ئىنشائاللا پات ئارىدا  كەمىنە رۇياپقا چىقارغان  يېڭى نوتا

‹‹ www.jahannama.cn››

دا شۇنداقلا ئانا مۇنبەر مىسرانىم مۇنبىرىدە بۇ ھەقتىكى‹‹مەكتەپ دەرۋازىسىدىن 36 مىتىر يىراقلىقتا...››ناملىق فىليەتۇن دوستلارنىڭ نەزىرىدە بولغۇسى!
تەقدىرداشلارنىڭ پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
تەقدىرداشلارنىڭ مۇنبەر ھەققىدىكى ‹‹نۇمۇسسىز ئېلان››ىمنى توغرا چۈشىنىشىنى يەنە بىر قېتىم ئۈمد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 02:11 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:14:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋادا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ‹‹نۇمۇسسىز ئېلان ››مۇنبەر تۈزۈمىگە  ئېغىر خىلاپ  ھىساپلانسا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنىڭ ئۆچىرلىشىگە ھەتتا تىمىنىڭ ئۆچۈرلىشىگىمۇ قارشى پىكىردە بولۇشقا ھەققىم يوق ئەلۋەتتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 02:22 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50682
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3411
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئېتىقادنى يىگىلى بولمايدۇ، بىراق ئېتىقادى بولمىغان ئادەم ھەممىنى يەيدۇ››
ھەجەپ ئېسىل گەپكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nim-japa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 01:48 PM
تېمىنڭ ماۋزۇسىنى ئىزدىنىش تورىدا گۈلەننىڭ ئەخلەت يېمە ...

ئۆتكۈر كۆزلىرىڭىزدىن بۇ كۆڭلسىزلىكلەرنىڭ قېچىپ قۇتۇلمىغىنىدىن  سۆيۈندۈم، ئەمىلىيەتتە ئالقىنىمىزغا يېزىلغان 6 رەقىمى بىزگە 6كۆرۈنگىنى بىلەن قارشى تەرەپتىكى ئادەمگە نىسبەتەن ئۇ 9 بىلىنىدۇ.
بىراق ئوخشاش بىر مەۋقەدە بولسا ئۇ داۋاملىق 6 ھالىتىنى ساقلايدۇ.

شۇ بىر ئىنكاس مانا بۇ تىمىنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا تۈرۈتكە بولدى. ئەمىلىيەتتە بۇ بىزدىكى تەخىرسسىز رىئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش