كېچىدەقالغان قىز (ھېكايە)
ئاپتورى:پادىشاھ
كېچىنىڭ سالقىن شامىلى كىشىنىڭ يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتەتتى،ئاسماندىكى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆز قىسىشماقتا،كۆككە تاقاشقان بىنالارنىڭ چىراغلىرى كۆزنى چاقنىتاتتى،تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان يىلان باغرى يوللارنىڭ ئىككى قاسىنىقىغا چىراغلار بۇ شەھەرنى كۈندۈزگىلا ئوخشۇتۇپ قويغاندى.
ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە ئولجا ئىزدەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغان بولۇپ خېلى تەجرىبىلىكمۇ بولۇپ قالغاندى.ئۇ كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈپ رېستۇراننىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندىن كېيىن ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ نىشان ئىزدەشكە باشلىدى ،خېلى ئۆتتى يەنىلا بىرەر ئولجا ئۇچۇرىمىدى،تاقىتى تاق بولغان ئۇ ماسىنىسىنى قوزغىغىنىچە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپ شامالباغ تەرەپكە يول ئالدى.يول بويى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇچرىغان ھېلىقى قىزنىڭ سىماسى يەنە نامايەن بولۇشقا باشلىدى.
ــ نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟
ــ نەگىلا بولسا بولۇۋېرىدۇ.قىزنىڭ جاۋابىدىن ئۇ سەل غەيرىلىك ھېس قىلدى بولغاي بىر ئازدىن كېيىن قايتىلاپ سورىدى،قىز ئورۇندۇقتا يانتۇ ئولتۇرغان پېتى نەگىلا بولسا بولۇۋېرىدۇ دېىدى قايتىلاپ.
ــ مېنىڭ سىزدىن سوراۋاتقىنىم ئۆيىڭىزنىڭ قايسى كوچىدىلىقى.
ــ چۈشەندىم ئاكا،مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتىم،نەگىلا ئاپارسىڭىز بولىدۇ دىدى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
ــ ئەمسە ياتاققا ئاپىرىپ قوياي قورقسىڭىز مەن ھەمراھ بولساممۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا:
ــ ئىختايارىڭىز دېدى قىز جاۋابەن.
ــ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرامسىز؟
ــ ماقۇل.ئۇ ماشىنىنى توختاتتى قىز ئالدىنقى ئورۇندۇققا يۆتكەلدى،ئۇ چىراغ يورۇقىدا قىزغا سەپ سېلىشقا باشلىدى.زىلۋا،ئوتتۇرا بوي،قاڭشارلىق،لەۋلىرى گىلاستەك،بەللىرى ھېلىلا سۇنۇپ كېتىدىغاندەك،كۆكسى ئىلىنىڭ ئالمىسىدەك.توۋا بۇ ئوڭۇممۇ –چۈشۈممۇ ئۇ قىزغا يېنىشلاپ قارىدى،بىر پەستىن كېيىن ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماشىنىنى قوزغىغىنىچە شەھەرنىڭ جەنۇبىشا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ــ نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
ــ16ياشقا .
ــ نېمىش قىلىسىز ئوقۇيمەن،ئۇلار پاراڭلاشقاچ بىر دەمدىلا مېھمانسارايغا يېتىپ كېلىشتى.شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۇ ھاياجانلىناتتى،مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى كۆڭلىدە بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق ئولجىنىڭ ئۇچۇراپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
ياشلار باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىشىگە قىرقىمىچاچلىق بىر قىز ئۇنىڭ ماشىنىسىنى توستى.مانا ئامىتىم كېلىدىغان بولدى شۇنداق ئويلىغىنىچە ماشىنىسىنى ئاستا توختاتتى.قىز كەينى ئىشىكنى ئېچىپ ماشىنىغا چىقتى.
ــ نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟
ــ خۇڭيەنچى(توپ ئاتاغوجامنىڭ مازىرى)غا .
ــ ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇرۇڭ.
ــ بولدى رەھمەت ـ ئارقىدا ئولتۇرۇۋېرەي دىدى جاۋابەن قىز.تازىمۇ بىر توڭ بىر نېمە ئىكەنغۇ،ياخشىلىق قىلىپ ئالدىدا ئولتۇرۇڭ دېسەم ئۇنىمىغىنىنى دېگەن خىياللار بىلەن ماشىنىنى قوزغاتتى .مانا يەنە ئامىتىم كەلدى،قايەرگە ئاپارسام بۇلار؟تۇيۇقسىز ئۇ ئەقىل تاپقاندەك بولدى-دە،گۈل ساي جىلغىسىغا ئاپىراي ئۇ يەردە ئادەم يوق،قانداق قىلىمەن دىسەم شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ.دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ماشىنىنى تېزلەتتى.
ــ خاتا ماڭدىڭىز دىدى قىز.ئۇ قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك كېتىپ باراتتى.
ماشىنىنى توختۇتۇڭ قانداق گەپ بۇ خاتا ماڭدىڭىز دېدىمغۇ قىز يەنە توۋلىدى.
لېكىن ئۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىپ ماشىنىسىنى گۈلساي جىلغىسى تەرەپكە ھەيدەپ كەتتى.قىز تېلىفون قىلماقچى بولۇپ تېلىفونىنى چىقاردى،بىراق قېرىشقاندەك يېلىفوننىڭ توكى تۈگىگەندى.ئۇ سەل تەمتىرەپ قالدى،سومكىسىغا قولىنى سالغاندىن كېيىن بىر ئەقىل تاپقاندەك بولدى-دە،ئۈندىمەستىن ئولتۇردى.
ــ خانقىز نىمانداق ئاچچىقىڭىز يامان ئۇ قىزدىن سورىدى.قىزدىن زۇۋان كەلمىدى.ــ بۈگۈنمۇ تازا بىر پەيزى قىلىدىغان بولدۇم دېگەن خىياللار بىلەن ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇغاندى.ماشىنا گۈلساي جىلغىسىغا كەلدى.ئۇ ماشىنىسىنى چەت بىر جايغا توختاتقاندىن كېيىن.بىر تال تامكا تۇتاشتۇرپ كۈچەپ بىرنى شورىغاندىن كېيىن.ماشىنىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ :
ــ ئىش تۈگىگەندىن كېيىن چوقۇم ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىمەن،دەپ ھېجايغىنىچە كەينىدىكى ئورۇندۇققا قارىدى كۆز ئالدىدا چاچلىرى چۇۋۇق،يۈزلىرى قاپقارا بىر قىز پەيدا بولدى،توۋا باياتىن كېلىشكەنمزىلۋا بىر قىزنى ماشىنىغا سالغاندىم ئەجەبا ؟ئۇ تەرگە چۆمدى ۋە قولىغا بىرەر نەرسە ئېلىۋالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى . ــ كېلىڭە جېنىم ئوينايلى!دېگەن ئۋاز بلىەن تەڭ، قاپقارا قول ئۆزى تەرەپكە سوزۇلدى،قورققىنىدىن ئۇنىڭ جېنى چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ۋە چاقماق تېزلىكىدە،ماشىنىدىن چۈشتى ئارقىدىنلا ھېلىقى قاپقارا بارماقلار ــ نەگە بارىسىز،كېلىڭە جېنىم،كۆڭۈل ئاچايلى نىمانداق قىلىسىز؟دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۆزى تەرەپكە سوزۇلدى، قول بارغانسېرى ئۇزۇراپ كېتىۋاتاتتى.
ــ ئادەم بارمۇ؟ ئۇ قورققىنىدىن قېىچىشقا باشلىدى ھايال ئۆتمەي ،گۈپپىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئازگالغا يېقىلىپ چۈشتى كەتتى...
يېرىم كېچە بولغان مەزگىلدە ساقچىخانىنىڭ ئىشىكى قاتتىق قېقىلدى نۆۋەتچى ساقچى ئىشكنى ئېچىپلا :
ــ ۋايجان !دېگىنىچە ئىچكىرىگە قاچتىى.نۆۋەتچى ساقچىلار قوراللانغان پېتى يۈگۈرشىپ چىقىشتى.يۈزى قاپقار،چاچلىرى چۇۋۇق،بىرى كۈمۈردەك قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە قورقماڭلار مەن دىلو مەلۇم قىلغىلى كەلگەن دىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتاتتى.
ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەررۇ گۈلساي جىلغىسىغا قاراپ يول ئالدى.ئۇلار بارغاندا ھېلىقى شەھۋەت پەرەس شوپۇر ئازگالدا جان ئۈزگەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 04:34 PM