ئىمىن ئەھمىدى
يەتمىش يېشىم
بۇ تۇغۇلغان يۇرتنى دەپ كىرگەن ياش،
بۇ ياشنى كىم بېرىدۇ ئۇنىڭدىن بۆلەك؟!
بۇ ياش ئەمەس، تۇپراقتىن كۆتۈرگەن تاش،
كۈلكەمگە، يىغامغا بولغان يار – يۆلەك.
بۇ ئانام كۆمۈلگەن جايغا تەئەللۇق ياش،
لاي سۇ ئەمەس، قاندىكى ئارزۇلۇق تىلەك.
بۇ ئۇپۇق لېۋىدىن چىققاندا قۇياش،
قۇلاققا كىرگەن لاي – لاي، قىردىكى پىلەك.
بۇ مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ قېتىم تىرىلگەن ياش،
ئۆي ئالدىدىكى سۆگەت، يولدىكى تېرەك.
بۇ بىكاردىن بىكارغا يېمىگەن ئاش،
بوراندىكى جىگدە، يامغۇردىكى پۆرەك.
بۇ بىر يارنى دەپ ئۇزارغان ياش،
ئۇنىڭسىز ھەممىدىن پەرۋايىم پەلەك.
بۇ تۇنجى ئىماننى پەپىلەش، ئاياش،
ئىمانسىز يەتمىش ياش ئەلبەت بى كېرەك.
بۇ بوران – چاپقۇنلارنى توسقان قاش،
سۆيگۈدىن توي ئوينىغان، ۋىسالدىن كۆرەك.
بۇ ھەر دەقىق ئانامغا سالام بەرگەن ياش،
ئانام دېگەن: ئوغۇلغا شۇنداق ياش كېرەك.
دەرىخا! بىلمىدىم، تۇرۇپتىمەن ياش،
ئەتەم بېرىدىغاندۇ نېمىدىن دېرەك؟
جەزىرە بوستانىغا تۆكەلىسەم ياش،
راست ياشىغىنىغا كۈلمەمدۇ يۈرەك؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 08:31 PM