mayira11 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 09:46 PM 
مىنىڭ ئىچكىردىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرىستىتتىكى دوستۇم مۇش ...
ئارزۇسىغۇ ياخىشىكەن. ئىتقىدار جەھەتتىن تاۋباۋ ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بىراق، تاۋباۋدەك ئاۋات بېكەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەگەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئۇ چاغدا تاۋباۋدەك بولالمىسىمۇ، شۇنىڭ يېرىمىچىلىك بولالايدۇ.
تور سودىسىغا ئىشىنىدىغان ھەم توردىن مال سېتىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرچە سودا تورىدىن مال سېتىۋالمايدۇ.
خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغانلار ئاساسەن چوڭ ياشتىكىلەر. ئۇلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس.
ھازىر ئاز بىرقىسىم كىشىلەرلا ئۇيغۇرچە سودا تورىدىن مال سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالغاندىمۇ، تىزىملىتىپ، توردا پۇل تاپشۇرۇش شەكىلسە ئەمەس. بەلكى بىۋاسىتە، تېلېفون بىلەن ئالاقىلىشىپلا، ئەنئەنۋىي ئۇسۇل بويىچە سېتىۋېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى تاۋباۋدەك بىر تور بېكەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ تېخنىكا ياكى مەبلەغ مەسلىسى ئەمەس. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت، ئىستىمال توپى، تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇنداق تور بېكەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
ئەسلى يازمىدا دېيىلگەندەك، تاۋباۋ دۇنيا بويىچە يېڭى رېكورت ياراتتى. 200 نەچچە دۆلەتتىن پەقەت دۆلىتىمىزدىلا شۇنداق غايەت زور سودا سوممىسى بارلىققا كەلدى. بۇ قانداقتۇر تاۋباۋنىڭ قالتىسلىقىدىن ئەمەس بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسىنىڭ قالتىسلىقىدىن. ئەگەر دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى تاۋباۋدىن ھېچ نەرسە سېتىۋالمىسىمۇ، تاۋباۋنىڭ ئۇ سانلىق مەلۇماتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
شۇڭا ئاۋاتلىقى ۋە سودا سوممىسى جەھەتتە تاۋباۋدەك بىر تور بېكەتنى قۇرۇش، پەقەتلا بىر خام خىيال.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇچە تور بېكەتتىن نەرسە سېتىۋالغان بىلەن، خەنزۇلارنىڭ بىرسىمۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىن نەرسە سېتىۋالمايدۇ. شۇڭا بەزى ئىشلارنى ئەمەلىيرەك ئويلاشقان ياخشى.
ئەمما ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر سودا بېكىتى لازىم. ھازىرمۇ سودا تورلىرى خېلى سالماقنى ئېگىلەيدۇ. بىراق زىيارەتچىلەر كۆپ ئەمەس. بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. چۈنكى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىمۇ مەلۇم نىسبەتتە پايدا ئالمىسا بولمايدۇ. شۇڭا خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە قارىغاندا مالنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى زاۋۇت ئۆزىمىزنىڭ ئەمەستە. ئۇيغۇر كارخانىلرى مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشقا تازا قىزىپ كەتمەيدۇ. ئەمما كېيىنچە چوقۇم توردا سېتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەنىلا تور بېكەتنىڭ ئۆزىنىڭ چىقىمىنى ئۆزى قامدىغىدەك شارائىت يارىتىپ بېرەلمەيدۇ. ئىش قىلىپ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان كېرەك...