مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2643|ئىنكاس: 45

تاۋباۋ مۇھاكىمە يىغىنى خۇلاسىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 03:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاۋباۋ مۇھاكىمە  يىغىنى خۇلاسسى


     جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ سودا تور بىتى بولغان تاۋباۋ تورىنىڭ خىرىدارى 500 مىليۇن ئەتىراپىدا بولۇپ غايەت زور بىر چوڭ بازارنى شەكللەندۇردى .ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇ سودا تور بىتىدىن مال  سېتىۋالىدۇ . 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سودا سوممىسى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇدى . ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ئۇزۇندىن بىرى  تاۋباۋدا دۇكان ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. تاۋباۋ تورىدا دۇككان ئېچىش ئەمەلىي دۇكان ئاچقانغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار . تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن توختىماي ئۇگىنىش كېرەك . شۇڭا 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر دۇكاندارلار ئۆز-ئارا ئۇگىنىش ،ئۆز-ئارا قوللاش مەقسىتىدە تاۋباۋ دۇكاندارلار مۇھاكىمە –سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ باردۇق . تۆۋەندە ئىككىنجى قېتىملىق تاۋباۋ مۇھاكىمە-سۆھبەت يىغىن خۇلاسىنى ھۇزۇرۇڭلار سۇندۇق.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ8-كۈنى ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىمىزدا  ئىككىنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تاۋباۋ دۇكاندارلار مۇھاكىمە-سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ بېرىلىدى.  بۇيىغىنغا تاۋباۋدا دۇككان ئاچىدىغان قېرىنداشلار  ۋە  دۇككان ئىچىشقا قېزىقىدىغان قېرىنداشلار بۇ يىغىنغا  ئېشتىراك قىلىدى،  بۇ قېتىملىق  يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى . بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىق

تۆۋەندىكى تۆت نۇقىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە-ۋە سۆھبەت ئىلىپ باردۇق .  

1.تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشنى ئويلىشۋاتقانلار قانداق تەييارلىقىلارنى قىلىش كېرەك ؟

2.تاۋباۋدا دۇككان ئاچقۇچىلار قانداق قىلىپ سودا  ساننى ئاشۇرۇش كېرەك ؟

3.تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار قانداق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىلىپ بارىمىز؟

4. توردىن مال سېتىۋالغاندا قايسى نۇقىتىلارغا  دىققەت قىلىمىز ؟

دىگەن نۇقتىلار ئۈسىتىدە  مۇھاكىمە-سۆھبەت ئىلىپ باردۇق .

يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقىتى سائەت 7 دە باشلاندى . ئالدى بىلەن ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدىن ئەلگىيار ( بۇ قېتىمىقى يىغىنىڭ تەشكللىگۈچىسى ) يىغىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە يىغىن مەقستى  قاتارلىقىلارنى سۆزلەپ ئۆتتى .  بۇ قېتىملىق يىغىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى  : ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تاۋباۋدا دۇككان ئېچشىنى ئويلىشۋاتقان قېرىنداشلارغا تۈرتىكىلىك رول ئويناش .

ئاندىن كىيىن  بەرىكەت ، ئەلسۆيەر ، ئىلتايان قاتارلىق(بۇلار دۇكاندارئەمەس ) قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ تاۋباۋدا دۇكان ئېچىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئۆزلىرىنىڭ  توردىن مال سېتۋىلىش جەريانىدىكى تەجىرىبلەرنى ۋە دۇكاندارلارغا بولغان تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا سۆزلىدى .  ئىلتايان قېرىندىشىمىز ئالتە يىللىق تاۋباۋدىن مال سېتۋىلىش تارىخىغا ئىگە بولۇپ ئۆزىنىڭ  توپىلىغان بىلىملىرىنى قىسقا ، ئىخچام ، چۈشىنشىلىك قىلىپ 6 نۇقتىغا بۆلۈپ سۆزلەپ بەردى .  بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت  ئېيتىمىز .(ئىلتايان قېرىندشىمىز ئۆزىنىڭ  كۆز-قاراشلىرىنى  مۇنبەرگە يوللاپ قويدى )  تىمىسى :تاۋباۋ ئانالىرى

ئىككىنجى باسقۇچتا  دۇككان ئاچماقچى بولغانلار قانداق  تەييارلىقىلارنى قىلىش كېرەك ؟ دىگەن تىمىدا  مۇھاكىمە ئىلىپ باردۇق .  بۇ ھەقتە  يىغنچاقلانغان نۇقتىلار تۆۋەنىدىكىچە :
1. تاۋباۋ نۇمۇر ئىلتىماس قىلىش .
تاۋباۋ نۇمۇر ئىلتىماس قىلغاندا  ھىسابات ئىسمىنى ئويلىشىپ قويۇش . چۈنكى ئىككىنجى قېتىم ئۆزگەرتىكىلى بولمايدۇ . بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە  دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .

يەنە  تاۋباۋ ھىسابات نۇمۇرى بىلەن تېلفونىڭىزنى ئۇلىغاندا  ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىگە بىجىرىگەن تېلفۇن نۇمۇرىنى ئىشلتىڭ .  

2.پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىلتىماس قىلىش .

تاۋباۋدىن ھىساب نۇمۇرى ئاچقاندا  تەڭ پۇل تۆلەش  گۆھىرىنى ئىلتماس قىلىدۇ ، بۇ چاغدا پۇل تۆلەش ھىساباتىنى ئاچقاندا  تېلفۇن بىلەن  ئىلكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنى  تاللايدىغان يەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .   ئالاھىدە تەۋسيە  ئېلكتىرونلۇق خەت ساندۇقى  ئىلتىماس  قىلىپ  ، شۇنى ھىسابات  نۇمۇرى قىلىپ ئىشلتىڭ . چۈنكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قېلىش  ئېھتىمالىڭىز چوڭ بولىدۇ .

3.دۇكان ئىلتىماس قىلىش .
دۇككان ئىلتىماس  قىلغاندا تاۋباۋدا بىرىدىغان ئىمتىھانلار بولىدۇ . شۇ ئىمتىھانلارغا ئوبدان تەييارلىق قىلىش . بەيدۇ تورىدا ئىمتىھاننىڭ جاۋابى بولىدۇ، كۆپىنچە كىشلەر شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ .  بىز دۇكاندارلارنىڭ ئالاھىدە تەۋسىيەسى  تاۋباۋنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى ئۆزىڭىز ئۇگىنىپ ئاندىن ئىمتىھان بىرىڭ . چۈنكى  دۇككان ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن مەسللەرنى ۋاقىتىدا بىرتەرەپ  قىلشقا زور پايدىسى بولىدۇ .

4.مال مەنبەسى .

مال مەنبەگە نىسبەتەن تەييارلىق ھەممىدىن مۇھىم .  ئىشەنچىلىك ۋە ئۇزۇن مەزگىلىك مال مەنبەسى مۇھىم . تاۋباۋدا  ئىككى خىل شەكلىدىكى مال بار . بىرى مەۋھۇم مال . مەسلەن تېلفون پۇلى ، تور ئويۇن پۇللىرى قاتارلىق  ، يەنە بىرى ھەققى مال مەسلەن : كىيىم –كىچەك  قاتارلىق ماللار

5. دۇككان بىزەش، مال چىقىرىش ۋە ئېلان ئىشلەش .

دۇككان بىزەش جەريانى ۋە مال چىقىرىش جەريانى  دۇكانداردىن  تور بىلىمى ۋە كومپىيوتىر بىلىمى  تەلەپ قىلىدۇ.  .  دۇكان ئاچقاندىن كېيىن توختىماي ئېلان بىرشىكە توغرا  كىلىدۇ .

6. سېتىش

تاۋباۋدا  دۇكان ئىچىپ مال سېتىش جەريانى ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ مال ساتقانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا   سېتىش بىلىملىرىنىمۇ ئۇگىنىش مۇھىم .

يۇقارىقى تەييارلقىلارنى ياخشى قىلغاندا  ئىشىنىمىزكى  تاۋباۋ دۇكاننى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ .

3. باسقۇچ تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار  قانداق قىلىپ ياخشى ھەمكارلىق ئورنتالايمىز ؟

  دۇكاندارلار ھەممسى ئۆزىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغان قويغاندىن كىيىن   بىز ‹روناق تاۋباۋ دۇكاندارلار ئىتىپاقى› نى قۇرۇپ چىقىتۇق .  بۇ ئىتىپاقىنىڭ  ئاساسىي مەقسىدى ۋە رولى تاۋباۋدا دۇككان ئاچقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنتىشنى ئىلگىلىرى سۈرۈش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش. ئۆز-ئارا تەربىيلەش ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بايراملىرىدا ھەرخىل ئىتىبارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە  ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىىش. .

‹روناق› دۇكاندارلار  ئىتىپاقىنىڭ باش يىتەكچىلكىگە شىنجاڭ يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتىدىن شىرئەلى ئەپەندىم . نازارەتچىلكىگە ئويغۇر تور سودا مۇنبىرىدىن تۇرسۇنجان ئەپەندىم . ئىتىپاقىنىڭ كاتىپىلقىغا  ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدىن غوجىقارى (ئەلگىيار ) تەينىلىنىپ  ئىتىپاقىنىڭ   خىزمەتلىرى تەرتىپىلك  ئىلىپ بېرىلىدۇ .ئىتىپاققا  كىرىشىنى خالايدىغان قېرىنداشلار  ئىتىپاق كاتىپى ئەلگىيار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ

4.تاۋباۋدىن مال ئالغاندا دىققەت  قىلىدىغان نۇقىتىلار :

1. مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلۇشنى  تەپسىلىي كۆرۈش كېرەك.

2.دۇككان دەرىجىسگە قاراش .

3. خىرىدارلارنىڭ بەرگەن باھاسى .

4. دۇكاننىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتىغا قاراش كېرەك.

5.  دۇكاندارنىىڭ مۇلازىمەت سۇپىتىگە قاراش .

توردىن مال سېتۋالغاندا  مۇشۇ نۇقىتىلارغا دىققەت قىلغاندا  ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىغىلى بولىدۇ .

بۇ قېتىمقى يىغىن 2سائەت ئېلىپ بېرىلىدى ، يىغن ئىشتىراكىچلىرى بۇ يىغىندىن خۇش بولدى .

ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ بەرگەن قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .

مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يىغىن خۇلاسسى كىچىكىپ يوللاندى . ھەرقايسىڭىلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن.

روناق تاۋباۋ دۇكاندارلار ئىتىپاقنى چۇشەنمەكچى بولسىڭىز!
روناق تاۋباۋدۇكاندالار ئىتىپاقىنىڭ كاتىپى ئەلگيار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ . ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئۈندىدار نۇمۇرى:musuma

ئەلى ۋاڭ ۋاڭ نۇمۇر:huojie8349

ئۈچىنجى نۆۋەتىلىك مۇھاكىمە يىغىنىڭ تىمىسى :  شىنجاڭدىكى تىز يەتكۈزۈش تەننەرخى ئۈسىتىدە  بولىدۇ .  قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايىمىز .
مەن باشقۇرغۇچىلاردىن بۇ تىمىنى تەستىقلاشنى ئۈمىد قىلمەن. بۇ تىما نۇرغۇن قېرىنداشلارغا نەپ ئېلىپ كىلىدۇ.
بۇ تىمىنى تۈنۈگۈنمۇ يوللىغان . ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىپسىلەر ،  مەن بۇ يازمىنىڭ  ئەخلەت يازما بولىشغا ئىشەنمەيمەن.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4453
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاۋباۋدا دۇكان ئاچسا تاۋباۋ تورىغا ئالدىن پۇل تۆلەپ قويىدىغان ئىشمۇ بارمۇ؟

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lukqek يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 04:53 PM
تاۋباۋدا دۇكان ئاچسا تاۋباۋ تورىغا ئالدىن پۇل تۆلەپ قو ...

بىكارغا چاشقان ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95732
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سودا سوممىسى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇدى .
ساختا توۋار، سېرىق توۋارلار قۇمدەك تولا تۇرسا شۇنداق بولۇدۇ- دە؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4453
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:14:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 05:07 PM
بىكارغا چاشقان ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

بىكارغا چاشقاننىڭ ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقىنى دانا سۆزلىرىڭىزدىن بىلدىم، مۇشۇ يەردىمۇ سىز بارمۇ يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىپ
ئەمسە تەپسىلىي جاۋاب بېرىڭ، قانچىلىك ئەتراپىدا پۇل تۆلەيدۇ؟

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:21:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lukqek يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 05:14 PM
بىكارغا چاشقاننىڭ ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقىنى دانا س ...

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇمىدىڭىزما ھەرقانداق تور دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ئالىدۇ....
خۇددى بازاردىكى دۇكانلارمۇ ؟ ئىجارە ھەققى تۆلىگەندەك...
توردا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكىدەك يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى پەللەمپەيدىكىدەك...
ئىجارىسىز قانۇنسىز ئۈستى ھەم تۆت تېمى يوق دۇكانلار مەۋجۇت ئەمەس...
شۇڭا ھەق تۆلەشتىن قۇتۇلالمايسىز....  بەلكىم دۇكانغا كىرگۈزگەن مالغا قارتا ھەق تۆلەيسىز....
تەپسىلاتىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن....
مۇشۇ مۇنبەردە ئىمزايىغا تاۋباۋنىڭ ئادرىسىنى ئېلان شەكلىدە چىقرىۋالدىغانلار خېلى كۆپ  شۇلارنى ئۇچراتسىڭىز سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ....
ئۆزلىرى پۇتبولدىكى زەرەپشانمۇ؟

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:03:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lukqek يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 05:14 PM
بىكارغا چاشقاننىڭ ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقىنى دانا س ...

دۇكاننى ھەقسىز ئاچىسىز تامام ،   
ئاندىن قالغىنىنى دۇكانغا سالغان ماللىرىغىزغا قارتا قىلسىڭىز بولىدۇ  .
ئەمىلى بويۇملار مەسلەن كىيىم كىچەك ئۆي سايمانلىرى..تاراق تۇرۇق ...
مەۋھۇم بۇيۇملار مەسىلەن تىلفۇن پۇلى چ چ پۇلى دىگەنلەرگە چوقۇم كاپالەت پۇلى تاپشۇرسىز
ئەڭ تۆۋەن چىكى مىڭ سوم  دىن يوقۇرسى چىكى يوق ..

ئەمدى خىلى كۆپ كىشىلەر كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغان دۇكانلاردىن بىرنەرسە ئالمايدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adj تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 06:03 PM  


ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا باھاسى بىر قەدەر ئەرزان،بولۇپمۇ ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە كيىم-كېچەكلەرنىڭ باھاسىدا پەرىق خېلىلا چوڭ.مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۇگۇنۇپ قويساق ھەم پۇل تېجەشكە بولىدۇ ھەم قولايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقانغا  پۇل تۆلىمەيدۇ . زاكالەت پۇلى بىرىمىز  .
بۇ پۇلنى كىيىن دۇكاننى تاقايمەن دىگەندە  قايتۇرۇپ بىرىدۇ .   بۇ پۇل ئاساسلىقى    دۇكاندارلارنىڭ خىرىدارلارغا تۆلەم تۆلىشگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويىدۇ .
مەسلەن: سىز دۇكىنىڭىزدىن مال سېتىپ   بولۇپلا  قىچىپ كەتسىڭىز  ، خىرىدار رازى بولماي مال قايتۇرماقچى بولسا  شۇ پۇلىڭىزىدىن قايتۇرۇپ بىرىدۇ .
بۇ پۇل سىزنىڭ دۇكانغا سالغان مالىنىڭ باھاسىغا قاراپ  ئوخشىمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lukqek يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 04:53 PM
تاۋباۋدا دۇكان ئاچسا تاۋباۋ تورىغا ئالدىن پۇل تۆلەپ قو ...

دەسلەپتە ھچقانداق پۇل تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن بەزى مەھسۇلات لىرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەت ئېلتىماس قىلسىڭىز كاپالەت پۇلىسى تۆلىشىڭىز مومكىن،  خاتىر جەم بولۇپ ئېچىۋىرىڭ تاۋباۋ سىزدىن پۇل ئالمايدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش