مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1148|ئىنكاس: 14

ئىزچىلار... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزچىلار



مەشھۇر مائارىپچى، تالانتلىق شائىر ۋە كومپۇزىتور مەمتىلى ئەپەندىگە ئەگەشكەن، مائارىپىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن، ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىزچىلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن.

( ئىبراھىم ئالىپ تېكىن )



mamateli rasim.jpg



بىز ئىزچىلار بىز قوللىرىمىز گاڭ،
كۆزىمىز نۇرلۇق قەلبىمىز ساغلام.
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
رەقىپكە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.
ئۆگەن تىرىش، ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.



بۇ ئىزچىلار ناخشىسى، جاھالەت ۋە قارۇڭغۇلۇق يىللاردىكى گۈزەل سىمفۇنىيە ئۇلۇغ چاقىرىق، بۇ بىر بۈيۈك ناخشا، مۇقەددەس ئوت، بۇ مەڭگۈ توختىماس دەريا، زىمىنگە چېچىلغان قۇت.
   بۇ بالدۇر ئويغانغان ئادەملەرنىڭ ناخشىسى، بۇ كۆرەشچان بىر نەۋقىرانلارنىڭ يۈرەك ساداسى. بۇ ئەل – ۋەتەننىڭ غېمىدە پۇچۇلانغان، كۆيگەن، يىغلىغان ئارىسلانلارنىڭ مۇڭلۇق كۈيى. بۇ تەكلىماكان ئاسمىنىدىكى سان – ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ يارقىن مىلۇدىيىسى. بۇ زىمىندە شانلىق سەھىپە ئاچقان كۈچلۈك ئادەملەردۇر. ھەق سۆز ۋە ھەقىقەت مارشىللىرى بىلەن  نادانلىق ۋە جاھالەتتىكى شۇ كىشىلەرگە خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلەردۇر.
   ئۇلارنىڭ ناخشىسى بۇزىمىنگە نۇر بولۇپ يېيىلدى. ئۇلارنىڭ ناخشىسى بۇ زىمىنگە گۈل بولۇپ تېرىلدى. بۇ ناخشا بىلەن بۇ يۇرت بۇ خەلق قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدى. خارلىق ۋە قۇللۇقتىن، نادانلىق ۋە جاھالەتتىن تەبرىقچىلىق ۋە قاباھەتتىن ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئاداۋەتنىڭ ئىسكەنجىللىرىدىن ئازاد بولدى.
   بۇ بىر مائارپ ناخشىسى، بۇ بىر مەرىپەت مارشى، بۇ ھەقىقەت يولىدا يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ماڭغان ھەم بۇ يولدا بارلىقىنى بېغىشلىغان شۇ ئۇلۇغ جەڭچىلەرنىڭ، ئاقارىتقۇچىلارنىڭ، قورىقماس، ئۆلمەس ناخشىسى.
   ئۇلار پۈتكۈل ھاياتىنى ئەل ئۈچۈن قۇربان قىلدى. ئۇلار ۋۇجۇدىدىكى مېھرى – شەپقەت بىلەن بۇ زىمىنگە شەپقەت قىلدى. بۇ يەرنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئىجتىھات قىلدى.
   ئۇلار قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار نام – شۆھرەت چىقىرىش ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ خىلى ئەمەس.
   ئۇلار جەسۇر كىشىلەردۇر، ئۇلار غالىپ ئادەملەردۇر. ئۇلار ئۆزىدە بار ھەممە نەرسىنى، سۆيگۈسىنى، مۇھەببىتىنى كىشىلەرگە بەردى. ئۇلار ئىنسانلار مۇھەببىتىنى ھۆرمەت قىلدى. ئۇلار بۇ ۋەتەننى بۇ ئەلنى ۋۇجۇدى بىلەن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ غەزىنىسى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى خۇددى تاغ جىلغىسىدىكى گۈل – گىياھلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇشپۇراقلىرىنى ھاۋاغا تەقدىم قىلىۋەتكىنىگە ئوخشىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى خۇددى باھار يامغۇرلىرىدەك قاغجىراپ كەتكەن زىمىنگە خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.
   ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمى خۇددى مەيىن ياز شامىلىنىڭ ئېتىزلىقتا كۆيۈپ ئىشلەۋاتقان شۇ كىشىلەرگە راھەت بېغىشلىغىنىغا ئوخشايدۇ.
   ئى دوسلىرىم، مەسلەكداشلىرىم بىز ئەشۇ جەڭگىۋارلارنى ھەقىقى ياد ئەتكەندە ئۇلارنىڭ مىسلىسىز تۆھپىللىرى ھەققىدە ئويلانماي تۇرالمايمىز. بىز ئۇلارنىڭ شۇيىللاردىكى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.
   ئۇلار ئىتقادى ۋە ئىمانى بىلەن بۇ تۇپراققا يۈز كېلىپ ياشىدى. جاسارەت ۋە غەيرىتى بىلەن داۋان ئاشتى.
   ئۇلار ئۆزلىرى يىپ ئىگىرىپ ئۆزلىرى رەخت توقىدى. بۇ رەختلەربىلەن باشقىلارغا كىيىم تىكىپ بەردى.ئەمگەك قىلىپ نان يىدى. باغ بىنا قىلىپ مىۋە يىدى. قۇدۇق قېزىپ سۇ ئىچتى، ئۆستەڭ چېپىپ ئېكىنزار بەرپا قىلدى.
   ئۇلار ياماندىن قورىقمىدى، ياۋۇزغا باش ئەگمىدى، مەغرۇرلۇق بىلەن ھېچنىمىنى كۆزگە ئىلمايدىغان شۇ جاھالەت پىرلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشتى. ئىبلىستىن بىلىم ئېلىپ دۇنيادا تەكەببۇرلۇق بىلەن خالىغاننى قىلىدىغان شۇ ئاتالمىش بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ سۈيقەسىتلىرىنى بىتچىت قىلدى.
   رىئاللىق دائىم ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ- ئۈمۈدلىرىگە ئاچچىق مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەمما شۇ يول ئاچقۇچىلار رىئاللىقنى چوقان – سۈرەنلىرى بىلەن بويسۇندۇردى.
   رىئاللىقنىڭ ھاياتقان قويغان ئىسىملىرىنى ئۆچۈردى.
   روھنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ ياش تۆكۈۋاتقان ئادەملەر گۈزەل تاڭنىڭ يولىغا يۈزلەندى.
   ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزگۈچىلەر، ياشاشنىڭ ئەھمىيتى يوق دىگۈچىلەر ئۇيقۇسىنى ئاچتى.
نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ئېرىمىگەن – قار – مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى.
   نەچچە يىللاردىن بېرى ئاق قالغان ئېتىزلار، قىرلار يېشىللىق لىباسىنى كەيدى.
   ئۇلارنىڭ قان – تەرلىرى پىشانىلىرىدىن شارقىراپ چۈشۈپ سان- ساناقسىز كۆلچەكلەرنى ھاسىل قىلدى. تالاي ھاياتلىق بۇ كۆلچەكلەردىن سۇ ئىچتى. مانا بۇ گۈزەل ھايات تەشنا يۈرەكلەرنىڭ خەزىنىسىنى تولدۇردى.
   ئۇلار ۋەتەنگە قۇللۇق بىلدۈردى.  ئۇلار ئۆزلىرىدىكى خۇشپۇراق ئەتىر – ئەنبەرلەرنى خەلقنىڭ ئاياغلىرىغا چاچتى.
   ئۇلار مەرىپەتنىڭ ئادىراسىمان ۋە ئارچا ياغاچلىرىدىن ئىسرىق سېلىپ بۇ ۋەتەننىڭ ھاۋاسىنى تەڭشىدى.
ئۇلار تۈن كېچىلەرگە ئىتائەت قىلىۋاتقانلارنى، خۇراپاتلىق ۋە بىتئەتكە ئەگەشگۈچىلەرنى، قۇللۇققا سەۋىر – تاقەت قىلغۇچىلارنى، تەقدىرگە بويسۇنۇش كارۋانلىرىدا ئۇخلاۋاتقانلارنى يېڭى ھاياتقا چاقىردى.
   ئۇلار بۈيۈك ئاۋازى بىلەن ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆزگەرىتتى. ناچار ئۆرپ – ئادەتكە مەھكۇم بولۇپ كەتكەن چىرىك روھلارغا نۇر بەردى. ئاجىز ۋە مەزلۇملارنىڭ تىللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. بالىلارغا يول بەلگىسى كۆرسىتىپ بەردى.
   ئۇلار بۇتۇپراققا ئۇرۇق چاچتى. بۇ ئۇرۇقلار ئايلىنىپ مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ داستىخىنىدىكى ئېسىل نېمەتكە ئايلاندى.
   ئۇلار قەلب دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچتى. مىليونلىغان دەرۋازىلار ئارقا – ئارقىدىن ئېچىلدى.
   ئۇلار مانا مۇشۇنداق تىنىمسىز بەدەللەر ئىچىدە ھاياتىنى قۇربان قىلدى. مانا بۇ ھاياتنى سۆيۈشتۇر.
ئىزچىلار ناخشىسى ياڭرىماقتا:

ئۆسكەن يۇرتىمىز تاغلىق، شېغىل تاش،
ۋەتەن غېمىدە پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايىتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش.
ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.

بۇ بىر ھەقىقەت مارشى ئىدى.
   ئانا زىمىن ئادەملەرگە مۇراجەت قىلىپ شۇنداق دېدى:
« ھەقىقەت سىلەرنى چاقىرۋاتىدۇ، گەرچە مۇساپە ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بولسىمۇ سىلەر ھەقىقەتكە ئەگىشىڭلار. ئۇ تاش يۈرەك ھەم رەھىمسىز بولغىنى بىلەن سىلەر ئۇنىڭ بىلەن نىجاتلىق تاپالايسىلەر. ھەقىقەتنىڭ قاناتلىرى سىلەرنى ئورىغاندىن گەرچە پەيلەر ئارىسىدىكى يوشۇرۇن شەمشەرلەرنىڭ سىلەرنى يارىدار قىلىشى كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. مانا بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر ھەقىقەت قوپال ئاۋازى بىلەن سىلەرنى چاقىرغاندا ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلەرگە زىيان كەلتۈرىۋاتقان تەتۈر قىسمەتلەردىن قۇتۇلىسىلەر. ئازاب – ئوقۇبەتتىن خالاس بولىسىلەر چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپلىك لىباسىنى تەرىك ئېتىسىلەر.
   بۇ بىر ھەقىقەت ناخشىسى، ئەشۇ مەغرۇر ئىزچىلارنىڭ، ئوت يۈرەكلەرنىڭ ھەقىقەت ناخشىسى، بۇ ناخشا بۈگۈننىڭ پارلاق يوللىرىدا قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرماقتا.
ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.

2013- يىلى 12- ئاينىڭ 15 – كۈنى (ئاتۇش)


يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بەك ياقتۇردۇم . ئېسىل خسلەت ئۈزۈلمىگەي .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرنى  تۇلىمۇ ياقتۇراتتىم. ئۇقۇغاندا  ئۆتمۈشنى  ، كىتابلاردا يىزىلغان  تارىخىمىزنى ئەسلىگەندەك بۇلاتتىم. مەمتىلى  ئەپەندىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزلىرى ئۆچمىگەي!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:43:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ھەقتە 11-ئاينىڭ 29 كۈنى سېنپىمىزدا تەۋپىق روھى مەڭگۈ بىزنڭ قەلبىمىزدە تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق..كۈرۈپ باقارسىلەر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-115297-1-1.html

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100697
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-12-10
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىزچىلار...

ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋە ئويىغۇر لۇق ۋىژدانىنى ساقلاپ ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ جايىنى ئاللا تائالا سۇرۇن قىلىپ بەرسۇن آمين

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:32:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئىزچىلار مارشى ۋەتەن تۇپرىغىدا مەڭگۈ جاراڭلىغۇسى،ئىز باسقۇچىلار شۇ مارشتىن
ئاداققى ئىلھام-جاسارەت ئالغۇسى!...
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ‹‹مەڭگۈ تاش››لاردىن  ئەجداتلىرىمىز پۈتۈكلىرى
تاراپ تۇرسۇن...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلىرىم  ئانا دىيارمۇنبىرىدە  
مىللەت ئزدەش ئلانى  دىگەن بىر تىما بار ئكەن   ئۇيغۇرنى ئويغاسالغۇدەك تىمىكەن
مەن مىسرانىم مۇنبىرگە يۆتكەپ قويايدىسەم  كوپىيوتىرى غا يېڭى بولغاچقا
يۆتكىيەلمىدىم تىما يۆتكەشنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ  بۇتىمىنى مىسرانىمغا
كۆچۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن  تېخىمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئويلىش ئويغىنىشىنى
ئۇمۇت كىلىمەن
ئنكاسم  تىمابىلەن مۇناسىۋەتسىز بوپقالدى كەچۇرۇڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش