مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2983|ئىنكاس: 10

«تەۋپىق روھى مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە» تېمىسىدىكى خاتىرلەش پائالىيى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 01:29:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«تەۋپىق روھى مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە» تېمىسىدىكى خاتىرلەش پائالىيى




123.jpg



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى، مىسرانىم مۇنبىرى ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلۋاتقان باشقۇرغۇچىلار، كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام، ئالىي ئېھتىرام. كەمىنە بۈگۈن يەنە ھۇزۇرۇڭلارغا ئەرزىمەس تېما ئېلىپ كەلدى، قېنى ئىشتىراق قىلغايسىلەر!!




مانا بىز بۈگۈن تەرەققىيات ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان 21-ئەسىردە تۇرۇپتىمىز. بۇ دەۋىر ئۇچۇر دەۋرى، رىقابەت دەۋرى. بۈگۈنكى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. زامانىۋى پەن-تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا، خىزمەت ئىشلىرىغا تالاي قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ ، ئادەملەرنى بارا-بارا ماشىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرماقتا ئىدى. مانا بۇ دەل ئىلىم-پەننىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئەلۋەتتە. جۈملىدىن، مىللىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، تۇرمۇش شۇنچە قۇلاي، بىلىم ئېلىش شۇنچىلىك ئوڭاي،پەقەت سىزدە تىرىشچانلىق بولسىلا ھەممىگە ئىرىشكىلى بولىدىغان بۇلۇپ قالدى. لېكىن، شۇنى دەپ قۇيۇش كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسماندىن چۈشكەن ياكى تۇيۇقسىز بايقىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇزاق تارىخ باسقۇچ جەريانىدا تالاي ئوت يۈرەك ئەزمەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قان تەر بەدلىگە كەلگەن..

يىراقتىكىنى قۇيۇپ يېقىندىكىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئەسىر بولدى. خۇراپاتلىق،نادانلىق، سوپا-ئىشانچىلىقنىڭ چۇڭقۇر پاتقان بۇ بىچارە خەلق ئۈچ ئەسىرلىك ئۇيقۇسقغا خاتىمە بىرىپ، شۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا قايتىدىن دۇنياغا نەزەر سالدى. ئۈز ئەجدادى ، ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ھالى توغرىسىدا ئىزدەندى. بىز زامانلاردا تەكلىماكاننىڭ خىلۋەت بويلىرىدا ئۇچقۇر ئاتقا توختىماي قامچا ئۇرۇپ ، بارچە ئاتلار ئالدىدا غالىبانە مېڭىۋاتقان، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تالاي مۆجىزىلەرنى ياراتقان بۇ مىللەتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۈگۈن مۇشۇنداق بىچارە ھالەتتە قالغىنىغا ئېچىندى، ئىزدەندى.. ئاخىر جاۋابىنى دەل مائارىپتىن باشلىدى. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خاراپ ھالىتىنى كۈرۈپ، باغرى كاۋاب بۇلۇپ كۆيدى، ئىچى ئاچچىق بولدى، پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكتى ۋە ئاخىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئەجداد روھىنى نامايەن قىلىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ نۇرلۇق مەشئىلىنى تۇنجى قېتىم ياندۇردى.. ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى توختاجى تەۋپىق دەل بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

ۋاقىت شۇ زۇلمەتلىك يىللارغا خاتىمە بىرىپ، بىزنى بۈگۈنكى يۇرۇق، خارتىرجەم، باياشات بولغا جەمىيەتكە باشلاپ كىرىدى، ھەممىمىز كەڭرى سىنىپلاردا، ئەركىن-ئازادە بىلىم ئېلۋاتقان چاغلىرىمىزدا، شۇنى يادىمىزدا شۇنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ھەرگىزمۇ ئاسان قولغا كەلمىگەن.!




شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ  قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشۈنۈش، تارىخنى ئەسلەش، ئەجدات روھىنى قەلبىمىزدە مەڭكەم ئورنىتىش مەخسىتىدە بىز سىنىپىمىزدا يەنى ( قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 2-يىللىق 2-سىنىپتا)  2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى  (جۈمە) تە «تەۋپىق روھى مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە» تېمىسىدىكى خاتىرلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق. سىنىپ مەسئۇلىمىز، ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز ۋە پائالىيەت باش پىلانلىغۇچى مەن، ۋە ھەر قايسى ساۋاقداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى، تىرىشىشى،جاپالىق ئىزدىنىشى، ساۋاقداشلار ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ قوللىشى ئاستىدە 1 سائەتلىك پائالىيەت غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلدى، ھەر بىرىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى، ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ ھەركىتى ۋە مەمتىلى تەۋپىق توغرىسدا مۇكەممەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى. پائالىيەت مەزمۇنىنى سىلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش مەخسىتىدە پائالىيەتنى تېما قىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم، قېنى مەرھەممەت قىلغايسىلەر!!





19.jpg



پائالىيەت 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9 دا سىنىپىمىزدا رەسمى باشلاندى، رىياسەتچى ئىككىمىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت  مارشى ناملىق شېئىرى  بىلەن پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدۇق:


ب.                       بىز مۇئەللىم،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
                         خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
                         تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
                          ئىلىم،ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق،




ئا.                     بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
                        بىزۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.
                        ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
                        پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.



ب. مانا بۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىردىدا ئۇيغۇر زېمىدا ياڭرىغان مەرىپەت مارشى، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توۋلىغان قەلىب داسى.



ئا. مانا دەل شۇ پائالىيەتچنىڭ يول باشچىسى بولغان مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر زاتلار بولغاچقىلا  ئۇيغۇر مائارىپى بۈگۈنكى كۈنگە ئىرىشەلىگەن، بىلشىمىز كېرەككى بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلىمىز تەۋپىق ئەپەندى قاتارلىق مەرىپەتچىلەرنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن.

ب: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈگۈنكى پائالىتىمىزگە قاتناشقان سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار،


ئا. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ،مەرىپەت بېغىدا يىنماي بىلىم ئېلىۋاتقان ياش غۇنچىلار


ئا ب : كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا.


ئا. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ ھەرىكىتنىڭ بايراقدارى، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش مەخسىتىدە سىنپىمىزدا « تەۋپىق روھى مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە» ناملىق خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈززۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.



ب. كونىلار « ئۆتكەن كۈنىڭنى ئۇنۇتما، شىرى چورۇقۇڭنى قۇرۇتما » دەپ تولىمۇ توغرا ئېيىتقان. ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەنگۈچى مىللەتتۇر. بۈگۈنكى پائالىيەت ھەر بىرىمىز قەلبىدە ئازراق ئويغۇنۇش پەيدا قىلالىسا شۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىمىز.




1111.jpg



2.jpg



3.jpg



4.jpg




ئا. مەرىپەت مارشى ئۈزىنىڭ جەڭگىۋارلقى، جۇشقۇن،جانلىقلىقى بىلەن كىشىگە زوق بېغىشلايدۇ، كىشىنى ئويغۇتالايدۇ. پائالىتىمىزنىڭ 2- كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن بۇخەلچەم، مىنەۋەر،ئۆتكۈر، پەخىردىن، سەمى،كامىلە،ئايزۆھرەلەرنى « مەرىپەت مارشى» نى ئۇقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى!

يەتتە نەپەر ساۋاقدىشىمىز جۇشقۇن، جاراڭلىق ھالدا مەرىپەت مارشىنى ئۇقۇپ بەردى.



                               5.jpg


                               6.jpg




ب. پائالىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 3- ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئابدۇخېلىلنى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ۋە مەمتىلى ئەپەندى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى!




پائالىيەتنىڭ تۆۋەندىكى باسقۇچىدا مەن " ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ ھەرىكىتى ۋە مەمتىلى ئەپەندى" ناملىق ماقالىنى ئۇقۇپ بەردىم.




20-ئەسىر ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئوت يۈرەك  مائارىپچى تەۋپىق ئەپەندى




ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقتىن تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ھەرقانداق مىللەت نادانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

تارىخنىڭ ئىستىرىلكىسى 21-ئەسىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.شۇبھىسىزكى بۇ دەۋىردە ئىنسانىيەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاج تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈرەشلىرى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋە تېخىمۇ رەھىمسىز بولىدۇ. كۆرگەن-بىلگىنىمىز ئاز بولسىمۇ، ئېنىق ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، پەقەت نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغاندا بۇ جاھاندا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايمىز.

شۇنداق، خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى،ياشاشقا ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشى گۇناھ ئەمەس، ئەكىسچە ئىزدىنىش ۋە رىقابەت بىلەن تولغان بۇ دۇنيانىڭ ھاياتلىق قانۇنيەتلىرىگە ئۇيغۇن. مۇشۇ مەنىدىن، يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، بۇ خىل ئىنتىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن گۇناھ بۇلۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.ئەكسىيەتچىل ھۈكۈمرانلارنىڭ نادانلىقتا قالدۇرۇش ۋە پۇت قولىمىزنى بۇغۇپ قويغانلىقى تۈپەيلى، تەقدىرىمىز تۇز سۈيىدەك ئاچچىق بۇلۇپ كەلدى.

مەڭگۈ تاشلار نېمە مەقسەتتە تىكلەنگەن؟ «تۇركىي تىللار دىۋانى» نېمە مەخسەتتە يېزىلغان؟ «قۇتادغۇبىلىك» چۇ؟

بىز نادانلىقىمىز تۈپەيلى، مىڭ يىللاردىن بېرى مانا مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل ئەنگۈشتەرلىرىمىزنىڭ ماھايىتى بىلەن تۇنۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بۇلالمىدۇق.تالاي شىر يۈرەك ئەركەكلىرىمىز بىلەن ئوت يۈرەك مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ يالقۇن كەبى ئىستىەكلىرى تارىخنىڭ بىپايان ئىتكىدە، قۇم-بۇرانغا كۇمۈلۈپ قېلىۋەردى. بىز بولساق، يول بەلگىسى يوق يوللاردا، ئېغىز-بۇرنىمىزنى قان قىلىپ كېتىۋەردۇق. كۆرمىگەن كۈنىمىز قالمىدى. قانلىرىمىز سۇدەك ئاقتى. سۆڭەكلىرىمىز تاغدەك دۆۋەلەندى. بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى، خانىش بولدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى.

بىز زامانلاردا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىپايان باغرىدا ئارغىماقنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ ساييارىلەردەك ئەركىن ۋە بىمالال ياشاپ ئۆتكەن. شۇنداقلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، تۈركۈم-تۈركۈم مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ، مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بىزىگەن بۇ خەلىق « يېپەك يولى» نىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۈتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق، دىنىي خۇراپاتلىق، مۇتەسسىپ نادانلىق ،دەمكۆتمە- قۇلچىلىق، تۈگىمەس ھەم ئەرزىمەس تەپرىقىچىلىق شۇنداقلا زۇلۇم زالالەت قۇيۇنلىرى ئىچىدە قارا تەقدىرنىڭ قۇچقىغا يېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇستەھكەم مىللىي ئىگىلىك تەلتۈكۈس گۇمران بۇلۇپ، مەرىپەت مۇنارلىرى غۇلاپ چۈشۈپ، پۈتكۈن تارىم ۋادىسى زۈلمەت ئىچىگە غەرق بۇلۇپ كەتتى. تەڭرىتاغ ئانا غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتتى. دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى ئۈن-تۈنسىز ئاقىدىغان بۇلۇپ قالدى....

19 ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئەيتاۋۇر باشقا ئەللەردە ياڭرىغان مەرىپەت قوڭغۇرىقىنىڭ سادىسىدىنمۇ ياكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەھشەتلىك خورەك ئاۋازىدىنمۇ بەزى ئەقلى-ھۇشى ۋە ئىمان ئتقادى سەزگۈر كىشىلەر ئويغۇنۇپ خەلقىمىڭ ھالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى،ئاتۇش،قەشقەر،كۇچا،تۇرپان ۋادىللىردا باھاۋۇدۇنباي، ھۈسەنباي، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقىي، تاشاخۇنۇم، مەخسۇت مۇھىتى، ھامۇت داموللا قاتارلىق مىللەتپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر يول باشلىغۇچىللىرىمىز خەلىقنى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىڭى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قۇيۇشقا تۇتۇش قىلدى.

مەكتەپ خاسىيەتلىك كولدۇرما. ئۇ ئۈزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغانلارنى چۆچۈپ ئويغۇتىدۇ.

مەكتەپ نۇرانە مەشئەل. ئۇ زۇلمەت ئىچىدە تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەنلەرگە پارلاق مەنزىلنى ئايان قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 20 ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن، مىللەتنىڭ قەقدىرى، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاندى.نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلاپ كەتكەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلار چاقناشقا، تەڭرىتاغ ئانىنىڭ گىگانىت گەۋدىسى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلاشقا، دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى شاۋقۇنلاشقا، تالاي يىللار پۇشۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمىي تۇپراق ئاستا-ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى.

ئەپسۇسكى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا تەقدىرىمىزنىڭ ئارغامچىسىنى يىگىرمە يىلغا يېقىن چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان سىياسىي سىھرىگەر ياڭزېڭشىڭ ئۈزىنىڭ جادۇ-ئەپسۇنلىرى بىلەن بۇ ئۇلۇغ باشلىنىشنى مۇقەددىمە ھالەتتىلا بۇغۇپ قويدى.

1930-يىللاردا خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇد مۇھىتى باشچىلىقىدا قۇمۇل،تۇرپان ۋادىسىدا كۈتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۆزىنىڭ نىسپىي غەلبىسى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئازادلىق ۋە ئەركىنىلىك سادالىرى تۇشمۇ-تۇش ياڭراپ مەرىپەت چۇقانلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا تارىخى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. مانا مۇشۇ پۇرسەتتە تارىخىي ئۆركەش ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ مائارىپچى، تالانىتلىق تەشكىلاتچى، ئوت يۈرەك كومپۇزىتور ۋە شائىر ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامى ئۆلمەس ئوغلانى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى سەركەردىلىك رول ئوينىدى. ئۇ ئۈزىنىڭ قىسقا ئەمما قىسمەتكە باي شانلىق ھاياتىدا مائارىپ سەركەردىسىگە خاس نۇرانە ئوبرازى سەنئەتكارغا خاس مەغرۇر خىسلىتى ۋە جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتېرى بىلەن « تەۋپىق روھى» نى نامايەن قىلىپ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىشلارنى تارىخ بەتلىرىگە قالدۇرۇپ شەۋەب بىلەن تەڭرى دەرگايىغا سەپەر قىلدى.

ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت ۋەيران بولغۇچى مىللەتتۇر، ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇش نۇمۇس. بىز بۈگۈن پەخىرلىك ئوغلان مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئۇنىڭ شۇ ئۆلمەس تەۋپىق روزى بىزگە مەڭگۈ ھەمراھدۇر! ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!!

                                                      ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن






ب. پائالىتىمىزنىڭ 4-كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ساۋاقداش بۈۋەجەرنى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى ۋە ھاياتى توغرىسىد ماقالە ئۇقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى!



پائالىيىتىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ماددىسىدا ساۋاقداش بۈۋەجەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇپ بەردى.




مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا .....

مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ. .1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ: ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.

بۇ شېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام – تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ،خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەئىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دېمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىئىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتىسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.

مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان <> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يائىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.

مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ . مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئېتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىئىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە <<>> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەددەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ–مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ. ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجائىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلىكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.




             بۈۋەجەر دىلشات




                                          8.jpg



ئا. پائالىتىمىزنىڭ 5-كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ساۋاقداش ئەلفىرەنى مەمەتئىلى ئەپەندىنىڭ  ئىش-ئىلىرى توغرىسىداماقالە ئۇقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى!




پائالىيىتىمىزنىڭ تۈۋەندىكى باسقۇچىدا ساۋاقداش ئەلفىرە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇپ بەردى.




1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ: ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.

بۇ شېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام – تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ،خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەئىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دېمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىئىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتىسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.

مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان <> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يائىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.

مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ . مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئېتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىئىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە <<>> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەددەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ



ب. پائالىيىتىمىزنىڭ 6-كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ساۋاقداش ئايزۆھرە نى قەتلى قىلنىپ بۇلۇپ كۆيدۈرۋىتىلگەن مائارىپچى ناملىق ماقالىنى ئۇقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى.




پائالىيىتىمىزنىڭ تۈۋەندىكى باسقۇچىدا، ساۋاقداش ئايزۆھرە قەتلى قىلنىپ بۇلۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن مائارىپچى ناملىق ماقالىنى ئۇقۇپ بەردى.




قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى



1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە،مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا،قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ.بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك-سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ.ئوقۇغۇچىلار«ئەپەندىم!»دەپ ۋاقىراپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ.ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ،قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ…


مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن،ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن.قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ،كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن…


مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14-كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان…مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا:«مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم،مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان.


1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ،تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈئەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى.


1937-يىلى 12- ئايدا،شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر،ئوسمان،سابىت داموللام،ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ،دەپ جاكارلىغان.قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان.ئۇلار بىردەك«خائىن»دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا«خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى»قۇرۇلغان.شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،مۇشۇ باھانىدا،شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن.


ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە،(ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى)مەۋلانۇپ،تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا،ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن.ئۇ بىر قېتىم،قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ،دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ،باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى ئوڭ-سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ،يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»دەپ،جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن…شۇ زامانلاردىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى.


ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى،تالانتلىق تەشكىلاتچىسى،ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى،نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان-قەرزگە پاتقان،خەلقنى زار-زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا،1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ،ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.



                   ئايزۆھرە ئابلىمىت




                                  9.jpg




ئا. پائالىتىمىزنىڭ 7-كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ساۋاقداش لۇتپۇللانى «مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۈرئىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان» ناملىىق ماقالىنى ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!




پائالىيىتىمىزنىڭ تۆۋەندىكى باسقۇچىدا ساۋاقداش ئۇتپۇللار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىردىنبىز سۈرئىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان ناملىق ماقالىنى ئۇقۇپ بەردى..





مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟

مەمتىلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن.مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم بېقىپ چوڭ قىلغان.ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.1960—1970-يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن.ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ.مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ،1960-يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ،كۆپەيتىپ يۇيغۇزۇپ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982-يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق»جورنىلىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىپ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-جورناللاردا ئېلان قىلىندى.

مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.1939-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ،ئۈچ يىل ئوقىغان.ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان.1949-يىلدىن كىيىن،ئاتۇشتا مەدەنى-مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1959-يىلدىن1987-يىلغىچە،ئاتۇش ناھىيىلىك(شەھەرلىك)مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق»مەجمۇئەسىنىڭ 3-سانىدا«شائىر تەۋپىق»ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.1985-يىلى«ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا- مارشلىرىدىن 40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ،ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987-يىلى«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان. 1991-يىل10-ئاينىڭ 18-كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان.كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان.




لۇتپۇللا ھەسەن


                               10.jpg





مەمتىلى ئەپەندى شىئىرى «ئوقۇدى ئاشتى» ئوقۇلىدۇ...........رامىلە ئەمەت

9 مەمتىلى ئەپەندى شىىئىرى  « سېغىنىش» ئوقۇلىدۇ...........ئۆتكۈر

10مەمتىلى ئەپەندى شىئىرى  « ئېشىپ كەتتى » ئوقۇلىدۇ.......نۇرئامىنە

11مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى « قۇتۇلۇش  يولىدا » ئوقۇلىدۇ........ياسىن

12مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى «ئويغىنىڭ ئەھلى زامان» ئوقۇلىدۇ....گۈلنىگار

13 مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى « جاھالەت » ئوقۇلىدۇ..........ئىرشات

14 مەمتىلى ئەپەندى شېئىرىرى « مۇئەللىم »...ئوقىلىدۇ........ئارزىگۈل

15 مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى « ئەي ئانا يەر » ئوقۇلىدۇ...... رىپقەت...

16مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى « تۈرمە خاتىرىسى » ئوقۇلىدۇ..... شەھىدە..



پائالىيەتنىڭ كېيىنكى نۇمۇرلىرىدا، 8 نەپەر ساۋاقدىشىمىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن شېئىرلىرىنى جانلىق ھېسياتلىق ئۇقۇپ بەردى.



7.jpg

11.jpg
12.jpg
13.jpg
14.jpg
15.jpg
16.jpg
17.jpg
18.jpg


شۇنداق قىلىپ قىسقىغە 1 سائەتلىك خاتىرلەش پائالىيىتىمىز ئاخىرلاشتى، بۈگۈنكى پائالىيەت سىنپىمىزدىكى ھەر بىرىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. گەرچە بۇ پائالىيەت ھازىرچە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تەۋپىق روھى ھەر بىر ئۇيغۇر قەلبىدە مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ئەستىن چىقمايدۇ، ئەبدىىل-ئەبەت ياتلىنىپ تۇرىدۇ!!


پائالىيەتكە دائىر سۈر ئەتلەر...........






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 01:48 AM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 01:52:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2.jpg
3.jpg
4.jpg
5.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg



ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9468
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8670
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 11:38:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، كاتتا پائالىيەت بوپتۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئوغلانلىرىنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1019 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:18:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا.يارايسىلەر!
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى.ھەممىمىزنىڭ قەلبى ئىمانغا،ئەقلى ئىرپانغا ئېچىلغاي.ئامىين. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 12:19 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ئەجرىڭلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6803
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1885 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەك ئىسىل ئىش قىپسىلە....   مەن كچىك ۋاقتىمدا  بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ   مەمەتئەلى تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ رەسىمى  ئىسلىپ  خاتىرلەش پائالىيتى  قىلاتتىكەن... مەن ئوينىغىلى بارغان ۋاقتىمدا رەسىمىنى كۆرۈپ شۇ چاغدىلا  بۇ كىشىگە قارتا  قىزقىش ۋە  ھۆرمەت  تۇغۇلغان ئىدى.......  

   ئاللاھ مەرھۇمنى  شەھىدلەر قاتارىدىن قىلسۇن....   ياتقان يىرىنى  خەيرىلك  قىلسۇن ئامىن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپسىلەر .ناھايىتى سۆيۈندۇم .
ئوقۇتقۇچى:
تەۋپىق روھىدۇر ئۆزگۈل تاجىمىز ،
ئەۋلاد قەلبىگە ئۈنچە چاچىمىز .
توغراق خىسلىتى بىزلەرگە مەدەت،
ئۇلۇغۋار مەقسەتدە داۋان ئاشىمىز .
ئوقۇغۇچى:
ۋەتەن بېغىنىڭ غۇنچىلىرى بىز ،
باش قۇم باغرىدا چىچەك ئاچىمىز .
بىلىم ئىشقىدا تاۋلاپ ئەقىلنى ،
ھېكمەت كانىدىن گۆھەر قازىمىز.
ئوققۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى:
باش قۇمدا نۇر چاچار شانلىق بىر مەشئەل ،
ئۇندىكى زىيادىن پۈتكەن بۇرچىمىز .
ئاڭا تەسەددۇق ئەيلەپ بۇ جاننى ،
بولىمىز جەڭگىۋار ئىزچىلاردىن بىز .

مانا بۇ بىزنىڭ مەكتىپىمىز ئاقسۇ شەھەر قۇمباش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مارشى .
تېكىستى :مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ياسىننىڭ
مۇزىكىسى :مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى مۇساجان ئابلانىڭ

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7709 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 02:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ. مۇمكىن بولسا ئانا تىل دەرسىدە بولسىمۇ مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ  بالىلارغا ياخشى روھ سىڭدۈرسەك دەپ قارايمەن. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئويلىنىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپرات رەسىمنى سەل سۈزۈك تارتقان بولسا بەل بەلەن بۇلاتتىكەن

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 12:30 PM
مەن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئىن ...

رەھمەت سىزگە ئەركىن سىدىق ئاكا...... سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم.. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:58:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 02:37 PM
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ. مۇمكىن بولسا ئانا تىل ...

بولىدۇ  بودا دىققەت قىلاي

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش