تېمىدىكى
ھەر-بىر مىسراغا
ئويۇلغان تىلەكتىن تىترەپ كەتتىم.
ناتىۋانلىق،مىسكىنلىك تونى ئىچىدىكى تىترەپ
تۇرغان بىر تەننى كۆرگەندەك بولدۇم. تۆت بالىنىڭ
مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىنى،ئەتراپىغا غەمكىن باققان ئانىنىڭ
قەلبىنى تۇيغان قەلبىم ئېچىنىشلىق يىغلاپ قالدى.
قەدىرلىك ھەمشىرەم،چىرايلىق قېرىندىشىم-ئاللاھتىن تىلەڭ.
ئاللاھ مىسكىنلەرنىڭ چىن دۇئاسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم تىلەكلەرنى ئىجاۋەت قىلىدۇ.
يۈرىگۈم ئاغرىپ تۇرۇپ ئەركەكلەرگە شۇنى دىگۈم كەلدى- بۇ مىسكىنلىك يېشى ھەم
بالىلارنىڭ مىھىرسىز يېشى بىر ئەرنى ئەمەس ، سىزگە تەۋە زىمىننى قۇرۇتىۋېتىدۇ.
ئۈمىدىم:
چەكسىزلىكتىكى ئائىلە مىھرىدىن ئىبارەت
بۇ دېڭىزدا ئەر-ئايال تەڭ ئاقىدۇ.تۇرمۇش گۈلخانلىرىنى تەڭ ياقىدۇ.
ئاپتاپ قانچە كۈچلۈك بولسا،زىمىن شۇنچە تىنىقلىشىدۇ.
ئاپتاپسىز كۈنلەردە قەلبتىكى تېرىلغان مىھىرلەر
زەررە-زەررىدىن ئېلىنىپ ئائىلىگە
مىھرىنى چاچىدۇ.
سەبردىن ھالۋا پىشقىنىدەك،
چىنلىق ھەم ئەقىدىدىن .ئاللاھقا بولغان
تىۋىنىشتىن ھاياتتىكى ھەممە پىشىدۇ.
بارلىق قېرىنداش قىز-ئايال ھەم ئەر -يىگىتلىرىمىزگە
تەۋرەنمەس ئىمان، قورقماس يۈرەك،ئىلىم.تەمكىنلىك تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-14 06:57 PM