مەن ئېرىمدىن ھېساپ ئالىمەن
ئايلالە
خەق كىيگەن مودىلارنى كىيەلمىسەم، خەق يىگەن قورداقلارنى يىيەلمىسەم، خەق دېگەن پو-لاپلارنى دىيەلمىسەم، مەن كىملەردىن، نىمە ئۈچۈن چانىمەن؟
خەق ئولتۇرسا ئىسىل بىنا-داچىدا، بىز تېخىچە تېنەپ يۈرسەك ئاچىدا، يا تۈزۈك بىر ھۈنەر يوق بۇ گاچىدا، مەن ئېرىمدىن ھامان ھىساپ ئالىمەن.
‹‹گۆش ئال››دېسەم تۇخۇمغىلا زورلايدۇ، مەندىن مەخپى يانچۇقىنى توملايدۇ، كوچىدىكى خوتۇنلارنى بوردايدۇ، ئۆز پەدەمگە ئەمدى داپنى چالىمەن.
ئايدا-يىلدا قىلار تاتلىق سۆزى يوق، يا بالىغا قارايدىغان كۆزى يوق، تېلىفۇن قىلار ھەپتىدە بىر، ئۆزى يوق، قۇرۇق كەلسە تەستىكىگە سالىمەن.
ئېيتە قېنى ساڭا تەككەن گۇناھمۇ؟ شور ھويلاڭغا سۇلار سەپكەن گۇناھمۇ؟ ئىتائەتتە بوينۇم ئەگكەن گۇناھمۇ؟ ئۆز ئۆيۈمدە ئەتىۋارلىق بالىمەن.
ئاڭلاپ باقسام تېخى مەندىن دەردىڭ كۆپ، بۇ ھاياتتىن زارلايدىغان ئەرزىڭ كۆپ، كېتەي دېسەم قۇرۇق ۋەدە-ئەھدىڭ كۆپ، كېتەلمەيمەن تۆت بالاڭغا ئانىمەن.
ئادا قىلغىن ئەر-دادىلىق بۇرچۇڭنى، تۈزەشتۈرگىن چۈشكۈن،ئەبگا تۇرقۇڭنى، چۇۋۇپ يۈرمەي مەنمۇ يامان خۇلقۇڭنى، سۆيگىن مېنى، سۆيگەنلەرنىڭ يارىمەن.
بىر بالامنىڭ ئايىغى يوق پۇتىدا، يەنە بىرسى ئاياغ مايلار كوچىدا، كۆيۈپ كەلدىم بۇ تۇرمۇشنىڭ ئوتىدا، ئايالدۇرمەن،ئۆينى قانداق باقىمەن؟
تاپالمىساڭ ئۇيغۇرغا خاس ئەسلىڭنى، خار قىلىسەن ئۆز پۇشتۇڭنى-نەسلىڭنى، قۇرۇتمىساڭ بىزنى-باھار پەسلىڭنى، ئۇرۇق سالساڭ بىنەمىڭنى چاپىمەن.
ئەردەك بولساڭ سۆيۈنىمەن قەھرىڭدىن، ئاجرىمايمەن ئىتتەرسەڭمۇ باغرىڭدىن، كېتەرىم يوق ئائىلەمدىن-شەھرىڭدىن، تۇل قويمىغىن ئاچاللاردا ئازىمەن.
كۆچەت تىكسەڭ باغلىرىڭمۇ سۆيۈنەر، كەتمەن چاپساڭ باللىرىڭمۇ ئۆگىنەر، ھوسۇل ئالساڭ شاتلىق يېشىم تۆكىلەر، قوتان سالساڭ سىيىرىڭنى ساغىمەن.
ئۆتەلىسەك ئۆزگىلەردەك كۈلۈشۈپ، بىر نان تاپساق مەيلى يىسەك بۈلۈشۈپ، ئەل كۆزىچە كەتمىسەڭلا سۇلۇشۇپ، تەخت بەرسە،كەپەڭ تامان قايتىمەن.
تۇر ئورنۇڭدىن ئېلىپ چاپقىن كەتمەننى، ئازات قىلغىن غەمدىن مەندەك دەرتمەننى، يۈرەلىسەم كىيىپ ئەتلەس-چەكمەننى، سېنى تاشلاپ قايانغىمۇ بارىمەن؟
باقالمىساڭ ئوڭشاپقىنە ئۆيۈڭنى، چالالامسەن‹‹ۋەتەن››ئاتلىق كۈيۈڭنى؟ جېنىم ئېرىم كۆرەي ئەردەك خۇيۇڭنى! شۇندا مەڭگۈ قۇۋۇرغاڭ بوپ قالىمەن!
2013-12-14
‹‹مىسرانىم››مۇنبىرىدىن يۆتكەشكە بولمايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-14 10:57 PM
|