مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustorahbar

رۇستەم قاراسۇ : توينىڭ سېلىغى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17860
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9679 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 11:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيلىنەيمۇ ئۆي ئالايمۇ ئۆلىۋالايمۇ دېگەن ئەسەر ئېسمىگە كېلىپ قالدى..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7495
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 01:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 05:25 PM
تىرشىڭ دېگىنىم تويلۇقنىڭ ھەممىنى ئېلىڭ دېگىنىم ئەمەس ...

ھا ھا ھا،ماۋۇ گەپنى ئەمدى،بەك خىيالىزىمچىلىققا كۆتۈرۋەتتىڭىزغۇ

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 03:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


ناخشا تېكىستى


كۈيەر ئىدىم ساڭا يۈرەكتىن،

سۆيگۈ كۈتتۈڭ لىكىن بۈلەكتىن،

ئاغرىنمايمەن بۇ تەغدىر چەكتىن،

ساڭا مەندەك ئاشىق تېپىلسا.


غەيۋەتلەرگە بولىۋالدىم پاڭ،

يۈرۈكۈمنى بوپتۇ يار تېلساڭ،

ئەقىدەمنى مەيلى خار قىلساڭ،

ساڭا مەندەك ئاشىق تېپىلسا.


يات ئالدىدا ئىگىلمەس ئىدىم،

سەندىن بۇنچە ئەنسىرمەس ئىدىم،

پەقەت سېنىڭ غېمىڭنى يىدىم،

ساڭا مەندەك ئاشىق تېپىلسا.


رۇستەم قاراسۇ....ئالاتاۋدايېزىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-14 03:28 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 06:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى



ھايات مېھمان


ھامان بىر كۈن ۋىجدانسىزلار يېغلايدۇ،

چۈنكى ياخشى-ياماننى ھەق،جىڭلايدۇ.

كۆرەڭلىمە ئامىتىڭدىن نامەرتلەر،

ھەق،ئادالەت سېنى سوتقا تارتىيدۇ.


بۈگۈن يېتىم رىزقىنى يەپ يۈرگەنلەر،

ئەتە ئۆگۈن بەدىلىنى تۈلەيدۇ.

ئۆز يارىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلار،

تېخى ھىجران چۆللىرىدە تۈنەيدۇ.


بولۇڭلاردا ئەيشى-ئىشرەت قىلغانغا،

ئەل جامائەت لەنەت دەيدۇ تۈف دەيدۇ.

بىر كۈنلىرى ئويلاپ يىېتىپ تەكتىگە،

شۇ شەيتانلار پۇشايماندا ئوف دەيدۇ.



بۇ يىللارنىڭ ئۇچقۇر ئاتتەك يورغىسى،

قايسىمىزنىڭ تىك بەستىنى ئەگمەيدۇ.

ھەر كۈنۈڭنى قەدىرلىگىن ھەر بەندە،

ھايات مېھمان بىر كەتتېما كەلمەيدۇ.

رۇستەم قاراسۇ....ئالاتاۋدا يېزىلدى







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-14 06:08 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 08:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


راسمۇ

كۆزۈم تويماس ئىدى كۆزۈڭگە،

ئاشىق ئىدىم تەنھا ئۆزۈڭگە،

ئىشەنمەيلا قالدىم سۆزۈڭگە،

سەندىن كەچتىم دىگىنىڭ راسمۇ؟


كۆزلىرىمدىن ئەمدى يۈتەمسەن،

مەن يېغلىسام ياكى كۈلەمسەن،

يۈزسىز بولۇپ مەندىن كېچەمسەن،

سەندىن كەچتىم دىگىنىڭ راسمۇ؟


ئازمۇ يار دەپ تارتقان دەرتلىرىم،

ئۇنتۇلدىمۇ تاتلىق گەپلىرىم،

بەلكىم كۆيدى يازغان خەتلىرىم،

سەندىن كەچتىم دىگىنىڭ راسمۇ؟

ۋاپاسىز يار ساڭا ئاھانەت،

قېنى سەندە غورۇر-دىيانەت،

ئەقىدەمگە قىلىپ خىيانەت،

سەندىن كەچتىم دىگىنىڭ راسمۇ؟










بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-14 08:42 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 10:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


ئۆلۈم بار


ئۇنتۇپ قالما ۋىجدانىم ئەتە ئۆگۈن ئۆلۈم بار،

توختامىم يوق قولۇمدا كەلسە بۈگۈن ئۆلۈم بار.

روھىم چىقىپ كەتكىچە بۇ دۇنياغا مېھمان مەن،

ئامانەتكەن تەندە جان ھامان بىر كۈن ئۆلۈم بار.


يۈگۈرمىگىن شاش كۆڭلۈم ئەيشى-ئىشرەت بەزمىگە،

ئەزىرائىل كەلسە گەر دىمەيدۇ تۈن ئۆلۈم بار.

مېنى يارىم دىگەنمۇ يىغلاپ قالار چارىسىز،

گاھ شەپىلىك گاھىدا،چىقارماس ئۈن ئۆلۈم بار.


نەپسىم ساڭا سۆزۈم بار پۇلغا ئۇرما ئۆزۈڭنى،

كەتسەم ئاشۇ قەغەزلەر بولار تۈتۈن، ئۆلۈم بار.

گۇناھلىرىم بەك تولا ۋىجدان-غۇرۇر سوراقتا،

ئازغىنىڭغا ياشلىقىم ئەمدى ئۆكۈن ئۆلۈم بار.

دىمەستىنلا ياش قېرى ئىلىپ كىتەر خالىسا،

بىر مەن ئەمەس ئەزەلدىن ھەر كىم ئۈچۈن ئۆلۈم بار.

بۇ ھاياتلىق ئىمتېھان قەۋرىلەرگە نەزەر سال،

نادان گىپى ئەي دوستۇم دېمە نىچۈن ئۆلۈم بار.


رۇستەم قاراسۇ.....ئاتۇش..2013.12.28.كۈنى












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 10:20 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاشىقى شائىركەنسىز

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ باللىرىمىز چوڭ بولغاندا قەيەرگەبېرىپ قەيەردە توختار مۇشۇ توي ئىشلىرى ھە .....

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101860
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2014-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 07:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saptilak يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 03:18 PM
بىزنىڭ بۇ يەردە 50 مىڭ دېگەن ئادەتتىكى گەپ بولۇپ قالدى.  ...

ئەجەپ ئوخشىمايدىكەنغۇ قائىدە؟  قايسى تەرەپتە سىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101860
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2014-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 07:53:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل !!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش