رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
توينىڭ سېلىغى
ياخشى كۆرگەن قىزغا ئەلچى قويۇپ مەن،
يولغا سالدىم ئىككى پاقلان سويۇپ مەن.
ئەلچى كەلدى جاۋابى يوق سالتىيىپ،
گەپ سورۇدۇم بىر شۇملۇقنى تۇيۇپ مەن.
قېينىئاتام-قېينىئانام بولمىغان،
قالماپتۇ ھىچ ماڭا شەرتى قويمىغان.
ئەللىك مىسقال ئالتۇن ئالسۇن دەپتۇلەر،
بېشىم قاتتى قېينالدىغۇ خۇيمۇ جان.
تۆت پەسىللىك كىيىم-كىچەك تەق بولسۇن،
ئىشكابىغا گىرىملىرى لىق تولسۇن.
دىيىشىپتۇ قىزىمىز بەك ئەركىدۇر،
يىگىت قىزنى ئۆز مەيلىگە ھەم قويسۇن.
يۈتكەش ئۈچۈن ماشىنىدىن ئاتمىشى،
ئوخشاش بولسۇن دەپتۇ تېخى ئىچ تېشى.
داستىخانغا ئىلىپ بەرسۇن بارچىنى،
ئۇنتۇلمىسۇن دەپتۇ ياڭاق كىشمىشى.
ئۆي تۇتارمىش سەھرا ئەمەس شەھەردىن،
تەمە باركەن شېرىن ئاي دەپ سەپەردىن.
ئىلىپ قالسام نىكاھىمغا خوپ كۆرۈپ،
ئات قىلارمۇ توقۇپ بىرنى ئىگەردىن.
بۇنى ئاڭلاپ دېھقان ئاتا-ئانامنىڭ،
بېشى قاتتى ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقاننىڭ.
قولىقىغا يىتىپ قوشنا-قولۇمنىڭ،
كۈنى تەسكەن دىدى ئوغول باققاننىڭ.
ئىغىلدىكى كالا قوينى ساتساقمۇ،
كارتىدىكى جىمى پۇلنى ئالساقمۇ،
يەتمەيدىكەن تەلىپىگە شۇلارنىڭ،
باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ قاتساقمۇ.
ئالماقچى قىز قۇلى بوپتۇ باھانىڭ،
قانداق يېتەي مۇرادىغا جاھاننىڭ.
مەنمۇ كەچتىم ئاخىر سۆيگەن جاناندىن،
كۈتۈرەلمەي سېلىغىنى جاناننىڭ.
رۇستەم قاراسۇ....2013.12.12..كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-12 08:07 PM