سەن مۇھاببىتىمنى كۇمۇۋەتمەكچى بولساڭ :
سەندىن ئۇتۇنەيكى مىنى سۆيمىسەڭ مىنى ئىزلىمە ، مىنى قويۋەت ئۆز ئەركىمگە...
سەندىن ئۈتۈنەي شاھزادەم ، ماڭا پەقەت ئۇچۇر قىلمىغىن، كىچىللىرى تېلفۇنۇم تىت - تىت قىلسا سەندىن ئۇچۇر كەلگەنمىدۇر دەپ چۆچۈپ تۇرۇپ كېتىپ بىر كېچە سەن خىيالىمنى چۇلغايسەن، بىلەمسەن شۇنى؟ ...
سەندىن ئۈتۈنەي، بۇ دۇنيالىقتا سىنى كۆرمەي ئۈتۈپ كىتەي، چۈنكى مەن سەنسىزمۇ بۇدۇنيادا يەنىلا ياشاۋاتىمەن .
سەندىن ئۈتۈنەي، يوللاردا ئۇچۇرشۇپ قالساق ماڭا قارىماي كەتكىن، چۈنكى ئارقاڭدىن خۇدۇمنى ئۇقماي قاراپ سالماي ....
سەندىن ئۈتۈنەي، ئەمدى مىنىڭ يىغلاۋاتقان يۈركۈمنى خاتىرجەم كۈلگىلى قوي ...ئۇمۇ بىر كۈلۈپ باقسۇن .....
سەندىن ئۈتۈنەي، يىغىۋاتقان ئاق قارغا قاراپ ماڭا بەخت تىلەپ قوي، ئاشۇ يەلكەڭدىكى ئاق قار مەن بۇلشىم مۇمكىن .... سەندىن ئۈتۈنەي، چاچلىرىڭنى سىلاۋاتقان ئەركە شاماللارغا پىچىرلىما، ئۇلار سىنىڭ خەۋىرىڭنى ماڭا ئەكەلمىسۇن ....
يىغىۋاتقان يامغۇردىن مىنىڭ يىغامنى بىلىپ يەتكەن بولساڭ ئەمدى ماڭا ئۇچۇر بەرمە ...بولمىسا كۈرۈنمەس بىر يىپ مىنى سەن تامان باغلاپ، مەڭگۈ سىنىڭ نىگاھىڭغا زارىقىپ سىنى سېغىنىپلا ئۈتۈپ كېتىمەن جېنىم ...
مىنى ئەمدى ئارامىمدا قوي، مەنمۇ ئەمدى سەنسىز بىر ياشاپ باقاي ...
سەندىن ئۈتۈنەيكى: سەن مىنىڭ تورمۇشىمدىن، خاتىرەمدىن مەڭگۈلۈك يوقالغان بولساڭ ...
كۈيىۋاتقان ھەم مۇزلاۋاتقان يۈركۈمنى ماڭا قايتۇر بەر ...مەن ئەمدى يۈرەكلىك بىر ياشاپ باقاي ...ئاھ ، ۋىسالسىزلىق، مىنى ھەجەپ قىينىۋەتتىڭ- ھە! ...بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتەر ...
يالپۇز تىۋىشلىرى