|
|
|
|
تىنىقلار سېغىنىشقا ئايلانغان كېچە
خاسىيەت ساملاق يالپۇز
روھ غەليانلىرى ئىچىرە كېتىۋاتقان تۇيغۇن ھېسلىرىمنى قاماشقا ئاجىزمەن، يالغۇزلۇق، غېرىبلىق ئەسىرگە ئالغان سېغىنىشىمنى سەندىن يۇشۇرۇشقا ئاجىزمەن ....شاماللارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان سەنسىرىغان خىياللىرىمنى دىلىستانىمگە مەھكۇم قىلىشقا ئاجىزمەن ...
سەنسىرىغان كېچە ،
يەنە يالغۇز قالدىم يېگانە ،
شاماللاردىن خەۋىرىڭنى ئالالماي جېنىم ،ئەنسىزلىكتە تىتىرىدى جىسمىم.
ئاي مۆكۈندى بۇلۇت كەينىگە ،
ئەمما كىرپىكىم
توسالمىدى كۆز يېشىمنى.
بىر تىنىقتا بىر مىسرا ،
مەن __ سېغىنىشقا ئايلانغان كېچە .
مەڭزىمدىكى سېغىنىش، قەلبىمدىكى ھىجران سىرغىدى ئاستا تۈن بېتىگە .
1
قەلبىم دولقۇنلۇق دەريا ،
ھىچ بىر كىشى قۇلۋاق سېلىپ ئۈزۈپ باقمىغان.
كۆڭلۈم
بىر تىنىق كۆل،
ھىچ بىركىشى ئوينىشىپ تاش تاشلىمىغان.
كىرپىكىمدە قارماق سېلىپ
تۇتالمىغان
ئالتۇن بېلىق .
دىلىستانىم ـــ
گوياكى گۈلزارلىق
يۈرىكىم يايرايدىغان ،
ئاھ !ئىسىلىپ يىغلايدىغان ،
يامغۇر كەبى تىۋىشلاپ
سېغىنىش گۈللىرىنى تېرىيدىغان،
پىنھان سۆيگۈمنى تاۋلايدىغان،
بىر دانە چوغ!!!
(ھېچكىم تۇترۇق تاشلىمىغان)
ئەمما سەن تىۋىشسىزلا سۇقۇنۇپ كىرىۋالدىڭ قاچان قەلب قەسرىمگە ؟قاچاندىن بىرى سۇلتانسەن قەلب بېغىمغا ؟قاچان كۆمۈپ قويدۇڭ قىزىق بىر تال چوغنى بەشىنچى قوۋۇرغام ئارىسىغا يۈرىكىمنىڭ ئاخىرقى ئۇچى كۈيۈپ قالدى ...
2
«يۈرىكىمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ»،
سۆيۈپ تۇرۇپ ،
كۆيۈپ تۇرۇپ ،
مەن سۆيۈملۈك بىلىنمىگەن ،
باغرىڭغا ئاھ چۆكەلمىگەن ،
تەنھالىقنى باغاشلاپ ،
سېغىنىشتا زارلىنىپ ،
بۇ ھىجراندا چېچىلدى ،
مىڭ تېرىقتەك يۈرىكىم ،
جىگدە چېچىكىدە قالدى ئىلىنىپ ، :
بارچە ئىشقىم ،
سېنى قانغۇدەك ھىدلىۋالسۇن دەپ
ئېتىكىمگە تەردىم ئۈجمە قېقىنى.
ئۈجمە قېقىپ بەرمىگەن ساڭا ،
كىلىپ قالسا بىر كۈن ،
بىر تال چوغ سوراپ ،
بىر چۆچەك ھالۋا
تاتلىق قىلىپ ئېتىپ بېرەي دەپ ،
تۈكۈلۈپ تۇرۇپ ،
كۈلۈپ تۇرۇپ ،
سۆيگۈمنى چىلاپ تۇرۇپ ،
يالغۇزلۇقنى چىلاپ تۇرۇپ ،
ئوتلۇق مىسرا تۈزۈپ تۇرۇپ ،
لەۋلىرىم بىلەن لەۋلىرىڭگە ،
ئىسمىمنى يېزىپ قويسام ،
ھەر تىنىقتا زىكرى قىلساڭ ،
جېنىم ، تاتلىقىم ،مىنىڭ بارلىقىم ، :
ئاق ئۈجمىنىڭ بودىكى دەپ .
قىسىپ قويساڭ بىر تال ۋىسال گۈل ،
شادلىقىم بىلىپ ،
ھەر باھاردا كۈلگەن چېچەكتەك ،
يازنىڭ ئىسسىق شامىلىدەك ،
كۈزنىڭ نېمەتلىك داستىخانىدەك ،
قىشنىڭ ئاپئاق قارىدەك ،
قىزىل ئالمىدەك ،
بىر دەستە گۈلدەك ،
زىنىقىمدا كۈلگەن بالىلىق چېغىمدەك ،
غەمسىز ياشاپ قالسام باغرىڭدا ...
بەلكىم شۇ چاغ سەن باھارىم ،گۈلبېغىم جېنىم ...
چىغىر يولدىن ئۆتسەڭ ئېھتىمال قۇنىۋالار جىگدە چېچىكى .
كەل ئىشىق غەلىيانلاردا مەنسىرغان تۇيغۇلىرىنىڭ لەۋلىرىمدىن ئۆزگە ئارام، نىگاھلىرىمدىن تەسەللى تاپسۇن ....
سىرغىۋاتقان ياشلىرىم شاماللارغا ئەگىشىپ سەن تامان كەتتى...
ئىشىق لەھزىدە پىغانىمەن،
يار ۋەسلىدە يىگانىمەن،
ھىجران دەشتىدە قالغان بىر مىسرامەن .
3
چالا قالغان شېئىرىنى ھەجىلەپ ،
سەن ھەققىدە خىيالغا چۆكتۈم .
سەن مېنىڭ ئەمەس ئىدىڭ ،ئەمما سېنى مېنىڭ بولسىكەن دەيمەن. '
پەقەت بىر دانەم ،
پەقەت بىر غورام ،
پەقەت بىر تامچە يېشىم ،
ئەبەدىلىك لېۋىمدە قالغان بىر تال خالىم ،
پەقەت مېنىڭلا بولساڭ ئىدى ئەركەم ...
سەن ـــ ھېچكىم ئۇقۇپ باقمىغان شېئىر ،
بەلكىم دىلىستانىمگە يىقىلغان چىراغ .
سەن ـــ بىر ئوت .
شېئىرىيەتكە لىققىدە چۆككەن ،
مەن ـــ قىرغاقلىرىدا گىياھ .
سەن ـــ باھارىنى ئىزدەپ يۈرگەن سۆيگۈ ئاشىقى ،
مەن ـــ بېغىڭدىكى تۆت قۇلاق .
سەن ـــ ئوتلۇق تىنىقتا قىزارغان سۈبھى ،
مەن ـــ قېتىپ قالغان بىر تال شەبنەم .
سېنى سېغىنغان ھېسلىرىم قاچتى يېنىڭغا ،بىللە يۈرگەن ئاشۇ باغلاردىن، شورا قىلىپ كىرگەن چىتلاقتىن، بىللە ئىچكەن چۈچۈمەل قېتىقتىن ساقىماقتا بىر سېغىنىش ...
ھەر تىنىقتا ساڭا بولغان سېغىنىش .
بەلكىم شېئىرلىرىم سۆيدى سېنى ،
تەپتى ئاتەش لەۋلىرى بىلەن ،
مىسرالاردا كەشتىلەنگەن سېنىڭ نىگاھىڭ .
قۇچاق ئېچىپ كەلسەڭ قۇرلاردا ،
دىلدىكى ئارمان، قەلبىمدىكى پىنھان ئىشق ،
ئاي چېچىغا ئېسىلدى شۇدەم
ھىجراننى دارغا ئاسقىلى ،
تىنىقلار سېغىنىشقا ئايلانغان كېچە ...
يالپۇز تىۋىشلىرى
2012-يىللىق شايار ژورنىلىنىڭ 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان .
ئەسەرلىرىمنى قالايمىقان كۆچۇرمەڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-12 11:09 AM
|
|
|
|
|
|