مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

[بوزقىر]يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 02:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇداكې :   جۇڭگو ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت !                    

                    بوزقىر تەرجىمىسى

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» :  كىتابلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىدىن قارىغاندا ، يېقىندىن بۇيان 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار باش كۆتۈرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. سىز ئەشۇ ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟

جۇداكې : ئۇلارنىڭ كىتابلىرى ھەقىقەتەن بازار تېپىۋاتىدۇ. بۇ بازار كاپىتالى ئېلىپ كەلگەن پايدا بولسا كېرەك. كىشىلەر ئوقۇشچانلىقى يۇقۇرى كىتابلارنىڭ ئەدەبىي قىممىتى يۇقۇرى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا ئۇقۇم. بازارنىڭ ئاۋاتلىقى ئەدەبىياتنىڭ ئاۋاتلىقىغا باراۋەر ئەمەس.
ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئارىلاپ كۆرۈپ قويىمەن. ھېس قىلىشىمچە ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەدەبىي قىممەت بەكلا كەم. بىر ئەۋلاد ياش يازغۇچىلار ،قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي قىممەتنى ئەدەبىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇش، قانداق قىلىپ بازاردىكى قەھرىماندىن ئەدەبىياتتىكى قەھرىمانغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ئېغىر سىىقىلىشقا ئۇچراۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن بايقىغان ياش يازغۇچىلار ئىچىدە لى شا شانى ئەڭ ئىستىقباللىق ، دەب بىلىمەن. خەن خەنگە كەلسەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەسكىن مەيدانى بەكرەك قايىل قىلىدۇ كىشىنى. ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋەر تور يازغۇچىسى. گوجىڭمىڭ ، ۋاڭ سىلار ناھايتى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولغاچقا مەن قايتا ئېغىز ئېچىپ ئولتۇرماي.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» : ساقتىلىق ئىلگىرى تولىمۇ ئۇياتلىق ئىش سانىلاتتىكەن. ئەمما ،بۈگۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئەدەبىيات ساھەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ساقتا ئەسەر ھادىسىسىگە قانداق قارايسىز؟

جۇداكې : بۇ پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئەخلاق مېخانىزىمىنىڭ چىرىپ ، كاردىن چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسى . كىشىلەرنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توساق قايتا يېڭىلىنىپ مۇستەھكەملەنمەكتە يوق ئەكسىچە بۇزۇپ تاشلاندى. ئەلبەتتە، چىرىپ كەتكەن ئەخلاق مېخانىزىمى بەجايىكى بىتچىت بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ چىرىپ پۈتۈنلەي كاردىن چىققان پەرھىز-كالاملار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئەخلاقنىڭ پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشى تاشقى كىرزىسنى پەيدا قىلىدۇ.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» : سىز ئىلگىرى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسى ئالدىنقى چىن سۇلالىسى ئەدەبىياتى ، دېگەن ئىدىڭىز. ئالدىنقى چىن ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرما قىلىپ باقسىڭىز.

جۇداكې : ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت ئەڭ گۈللەندى، پىروزا سەل ئاجىز ، نەسىرچىلىكنىڭ ھالى خاراپ. ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا مەكتەپ ، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزىقچىلىق تېمىلىرىدا ياڭ سىنىڭ مەدھىيەۋازلىق ئۇسلۇبى ئىزچىل قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن نومۇسلۇق ئىش. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدا، ئەدەبىيات فاكولتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار يازغان نەسىرلەردە بۇ خىل « ياڭ سىچە» مەدھىيەۋازلىق خاھىشى ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. مەن نەسىرچىلىكتە مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىر ،دەپ قارايمەن.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» : سىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەدەبىي تەنقىتلىرىڭىزدە «ئاداققى قىممەت» نى ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلغانىدىڭىز. ھەتتا ئۇنىڭدا خىرىستىيان ئىلاھىيەتچىلىك خاھىشىمۇ خېلى قۇيۇق ئىدى. سىز كېيىنچە شئىرىيەت  ئوبزورچىلىقى بېلەن ناھايتى ئاز شۇغۇللىندىغان بولۇپ قالدىڭىز. بۇنىڭدىكى سەۋەپ نېمە؟

جۇداكې : ئۇ مەن ئاۋىستىرالىيەگە بېرىشتىن بۇرۇنقى ئىشلارغۇ دەيمەن، يەنى 1988-يىلدىن 1994-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلار بولسا كېرەك. دەرۋەقە مەن 5-6 يىل ئۆپچۆرىسىدە ئىلاھىيەتچىلىك ساھەسىدە ئىزدەندىم. يېزىقچىلىقىمنىڭ ئانا تېمىسى ۋە يادرولۇق قىممىتى خىرىستىيان ئىلاھىيەتچىلىكىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. ھازىر مەن يېڭى باسقۇچقا كۆچتۈم. جۇڭگو شېئىرىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا چېكىنىش بولدى. 80-يىللاردىكى ئەڭ يۇقۇرى قىزغىنلىق 90-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن پەسكويىغا چۈشۈپ قالدى. پۈتكۈل جۇڭگو مەدەنىيىتىدە چېكىنىش بولىۋاتقان يەردە شېئىرىيەت دېگەن نېمىتى! چېكىنىپ، چېكىنىپ ھازىرغا كەلگەندە ھېچنېمە قالمىغاندەك قىلىدۇ. ھازىرقى ئاتالمىش 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار ئەشۇ ئېسىل ئەن-ئەنىگە ۋارىسلىق قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى، ۋارىسلىق قىلىۋاتقىنى 50-يىللاردىكى ياڭ سى، چىن مۇلارنىڭ ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ يېزىقچىلىق دەرىسلىكىدىكى ئەنئەنە بولۇپ، 80-يىللاردىكى ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى بېلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مېنىڭچە بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش. جۇڭگو مەدەنىيىتى خاراپلىشىپ قايتىدىن ئەسلىنى تاپقاندا ھەر قېتىم ئىش نۆلدىن باشلانسا ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولمامدۇ؟ مېنىڭچە شۇنداق.

« مالىيە ۋاقىت گېزىتى» :  نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ئېكىئولوگىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟

جۇ داكې : نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ئېكىئولوگىيىسى « سانائەتلەشكەن» ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا ئوخشاپ قالدى. ئۇنى تېز ئۆستۈرۈش دورىسى، خېمىيىۋى ئوغۇت، ھاشارەت يوقۇتۇش دورىلىرىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. نەشىر بويۇملىرى ناھايتى كۆپ ، قارىسىڭىز كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. ئەمما ئاغزىڭىزغا ئېلىپ تېتىپ باقسىڭىز بەتتاملىقىنى بايقايسىز. ھازىر ئەقەللىسى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى دېگەنلەردىنمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەدەبىياتنىڭ يادرولۇق قىممىتى زادى نەدە؟ ئۇ خەلق ئارىسىدا. ئۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ھالقىشقا تايىنىپلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. يازغۇچىنىڭ كىتاب يېزىشتىكى نىشانى ئاساسىي قىممەت ئۈچۈندۇر. بازار ۋە تاپاۋەت ھەرگىزمۇ ئاداققى قىممەت ھەتتا ئوتتۇردىكى قىممەتمۇ بولالمايدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ قالدى، ئۇ ھازىر غايەت زور ئەخلەت زاۋۇدىغا ئوخشاپ قالدى.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى»:  سىز ئاۋىستىرالىيىدە پەلسەپە دوكتۇرلۇقىدا ئوقۇپسىز. ئۇنداقتا، جۇڭگو پەلەسەپىسى بېلەن غەرىب پەلەسەپىسىنىڭ پەرقىگە قانداق قارايسىز؟

جۇداكې : ئوخشاش تەرەپلىرىگە قارىغاندا پەرىق يەنىلا زور. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ، غەرىب كىلاسسىك پەلەسەپىسى كانت ۋەكىللىكىدىكى ئىدراكنىڭ قىممىتىنى تەكىتلەيدىغانلار بېلەن كوڭزى ۋەكىللىكىدىكى تۇيغۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان جۇڭگو پەلەسەپىسى ئوتتۇرىسىدا پەرىق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئەمما غەرىب پەلەسەپىسى نېتچى دەۋرىگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ياساپ تۇيغۇ ئۈستىگە قايتىپ كەلدى ھەم ئىدىيە ۋە كېيىنكى ھادىسەشۇناناسلىقنى ئىپادىلىدى.
مانا بۇ پەلەسەپىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنقىلاپ. ئەمما تۇيغۇ مەدەنىيەت كاتاگورىيىسى بېلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئارىستوتېلدىن باشلانغان ئىدراك ئەنئەنىسى ئادىمىيلىككە ماس كېلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» : قەدىمقى زامان جۇڭگوسىدىكى پەلەسەپىۋى يۆلىنىش ۋە ئىلمىي ئىشلار دەۋرىدىن كېيىن جۇڭگودىن پەيلاسوپ چىقمىدى، دېگەن قاراشقا قانداق قارايسىز؟

جۇداكې : مەن بۇ خىل قاراشقا قوشۇلىمەن. كېيىن نۇرغۇن پەيلاسوپلار چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار شەرھىۋازلاردىنلا ئىبارەت بولدىكى ئۆز ئالدىغا تەلىمات يارىتالمىدى. جۇ شى، ۋاڭ ياڭمىڭ ھەمدە 4-مايدىن بۇيانقى بىر نەچچە ئەۋلات ئەدىبلەر ، شىيۇڭ شىلى ۋە مو زۇڭسەنلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇنەۋەر شەرھىچىلەردىنلا ئىبارەت بولدى خالاس. مەنمۇ بىر شەرھىچى خالاس. بۇ جەھەتتە ئالدىنقى چىن دەۋرىدىكى يۈكسەكلىكتىن ئېشىپ كېتىش كېرەك ، ديىلسە تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ قلارمىكىن دەيمەن.

« مالىيە ۋاقىت گېزىتى»  : جۇڭگو يازغۇچىلىرى نوبېل مۇكاپاتىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ، سىزنىڭچە، نوبېل مۇكاپاتى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى شان شەرىپى ۋە قىممەت ئۆلچىمى بولالامدۇ؟ جۇڭگو يازغۇچىلى بۇ ئۆلچەمدىن يەنە قانچىلىك يىراقتا؟ گاۋ شىڭجىيەن خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ھەقىقى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قلالامدۇ؟

جۇداكې : ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە نوبېل قىزغىنلىقى مەۋجۇت. ئۇلار كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ھەرقانداق مۇكاپاتنىڭ سەۋەنلىكى بولماي قالمىسىمۇ ئەمما نوبېل مۇكاپاتى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان موھىم مۇكاپاتتۇر. ئەمما ئۇنىڭدىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك يوق ئەمەس. بۇ مېنىڭ پەرىزىم. پىشىۋالار بىر بىرلەپ كېتىپ قېلىۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەبىياتى قۇپ قۇرۇق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يەرشارى ئەدەبىياتى يىگىلەش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يېڭى ۋاستىلەر، يېڭى ئويۇن- تاماشىلار، يېڭى ئوقۇش ۋاستىلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئورنىنى تارتىۋالماقتا.
گاۋ شىڭجىيەن ھەقىقەتەن بولىدىغان يازۈۇچى بولسىمۇ ئەمما ئۇ خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا چۈشۈنىشتىن ئىبارەت خالاس. جۇڭگودىكى يازغۇچىلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن نوچى يازغۇچىدىن 20 نەچچىسى بار. يۈ خۇا، سۇ توڭ، بېي سۇن دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ياخشى يازىدۇ.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى »  : چەت ئەل ئەدەبىياتى تەرجىمىچىلىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ، سىزنىڭچە ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ تەرەققىياتى بېلەن تەرجىمىشۇناسلارنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭمۇ ئەمەسمۇ؟

جۇداكې : مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ. ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا يازغۇچىلارغا قارىغاندا تەرجىمانلارنىڭ بەكرەك مېھنىتى سىڭگەن. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى يازغۇچىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى پەقەت كۆچۈرۈلمە نۇسخا بېلەنلا چەكلنىدۇ. ئەمما ئەدەبىي تەرجىمىدە ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن، گارسىيا ماركوز ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسى كۆپ خىل. تەرجىمىشۇناسلار 80-يىللاردىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىنى مۇستەھكەم ئاساسلار بېلەن تەمىنلىگەن. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يازغۇچىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. مۇشۇ يىللاردا مىڭ خلدىن ئارتۇق ئەدەبىيات تارخىى نەشىر قىلىندى، ئەمما بىرسىدىمۇ بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىپ باقمىدى. ئۇلار بۇنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى بىلسىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالمامدىغاندۇ. مەن يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەپ قويايكى، مۇبادا ئەشۇ نادىر تەرجىمە نۇسخىلار بولمىغان بولسا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايىتتى.

« مالىيە ۋاقىت گېزىتى» : يۈ دەن قاتارلىقلار تېلېۋىزىيە ۋاستىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قايتىدىن بازارلىتىۋاتىدۇ . سىز بۇ خىل ھادىسىگە قانداق قارايسىز؟ بۇ مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟

جۇداكې: مېنىڭچە بۇ چەكلىك مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى بولمايلا قالماستىن يەنە ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ.ئالدىنقى يىللاردا كوڭزىچىلار بىر مەھەل كوڭزى ۋە كوڭزى مەدەنىيىتىنى بىردىن بىر يادرولۇق قىممەت  دەپ قاراپ ، باشقا ھەر قانداق تەلىماتلارنى چەتكە قاقتى .مانا بۇ سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ كىشىلىك ئازاتلىقى بېلەن ئاسمان-زېمىن پەرىق قىلىدۇ.دۆلەت ئىلمىي قىزىپ كەتكەن بولسا سەل ياخشىراق بولاتتى.ئۇ قانداقلىكى بولمىسۇن تەرىقەتچىلەر،موزىچىلار ۋە بۇددىزمچىلاردىن ئىبارەت كۆپ خىل مەدەنىيەت شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاز-تولا ئېتىراپ قىلاتتى.كوڭزىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئۇنى ئۇستاز،دوسىت قاتارىدا كۆرۈپ ،نورمالنى روھى ھالەت بېلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش كېرەك ئىدى.ئەمما كوڭزىچىلار ئۇنى پۈدەپ ئۇچۇرۇپ بەكلا ئىلاھلاشتۇرىۋېتىشتى.

http://www.sydao.net/shownews.asp?newsid=32

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 03:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 10:19 AM
راست، تېخى ئاخشام تۇراتتى، مەنمۇ بىر پارچە ئىنكاس قىس ...

راسنى دىسەم ، مىسرانىمنىڭ تېما ، ئىنكاس ئۆچۈرۈش تىزلىكى نۇر تىزلىكىدىن تىزكەن جۇمۇ ...
ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمىز .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 03:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبىيات - سەنئەت يۈرەكنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان لىرىك ناخشا ، ئەڭ ئۆتكۈر كۆز بىلەن ، ئەڭ گۈزەل تىل بىلەن بىز يۇرۇتماقچى بۇلغان تىما ئۆستىدە ئىزدىنىمىز.شۇنداق ئەمەلدارلار خەلق ئۆچۈن يازالىغان بۇلسىغۇ مەيلىتى.بىراق ئۇلار ئەيمەنمەستىن نام شۆھرەتنىڭ چۇققىسى قىلۋاپتىغۇ يىزىقچىلىقنى .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20185
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2253 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 03:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 11:17 AM
ئەدىبىيات ساھاسى تخى چىرىك،  مائارىپ ساھاسى تىخى چىر ...

ئۇنداق ساھە يوق.....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 05:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە  قەلەم تۇتىدىغانلار ۋە ئاپىرات تۇتىدىغانلارنىڭ ئىدىيىسى ساغلام بولىشى كېرەك ئىدى

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 05:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايدىن ئەمەلدار چىقسا،كەمبەغەلدىن دانا چىقاتتى،ھازىر ئەمەلدارمۇ،دانامۇ ھەتتا يازغۇچىمۇ بايدىن چىقىدىغان بولدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 05:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100676
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:27:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ساھەدە پارىخورلۇق ئەۋىج ئاپتۇ . نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19960
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10614 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 10:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن ›› دىگەن شۇ ...

ھايات - كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش