مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4711|ئىنكاس: 41

[بوزقىر]يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:47:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار

     بوزقىر تەرجىمىسى



    بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدار يازغۇچىلارنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ.ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچى دېگەنغۇ ئىتنىڭ تۈكىدەكلا تولا گەپ بوپ قالدى ھازىر.ھەتتا ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچىدىنمۇ نەچچە ئونى بار.ئەشۇ ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاۋال يازغۇچى بولۇۋلىپ ئاندىن ئەمەل تۇتقان،يەنە بەزىلىرى ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان.يۈزەكى جەھەتتىن ئېيىتقاندا بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتەك بىلىنسىمۇ ئەمما ،ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ.مەسىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئېلىپ ئېيىتساق ئاۋال يازغۇچى بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل تۇتقان يازغۇچىغا دەسلىپىدە بۇ ئىش ئاسانغا توختىمايدۇ.بۇنىڭدا پۈتۈنلەي قەلەمگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.ۋەھالەنكى ، ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان ئەمەلدارلارغا بولسا دەل ئەكسىچە.

        يازغۇچى دېگەنلىك بىر خىل كەسپى ئاتالغۇ بولۇپ،يەنە ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئىنژېنىرى»دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.ئەمما ، بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ناچار بولۇپلا قالماي روھى دۇنياسىمۇ پاسىقلىق بېلەن تولغاچقا ئۇلار يازغۇچىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە.يېقىندا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇشۇ تۈردىكى بەش نەپەر كىشىنى جەمئىيەتتىن قوغلاندى قىلغان.ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغاچقا جىنايى ئىشلار كېسىمى پىچىلغان.

     ئەمەلدار يازغۇچىلارغا نىسبەتەن كىتاب چىقىرىش،جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش،مۇھەررىرلەرگە داستىرخان سېلىش،ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ مۇكاپات ئېلىۋېلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسان قولغا كېلىدىغان ئىشلار ھېساپلىنىدۇ.ھەتتا بىر ئەمەلدار يازغۇچى ھۆكۈمەت پۇلى (خەلق تاپشۇرغان باج پۇلى)غا ئۈچ كىتاب نەشىر قىلىپ،ئىككى ئادەمنىڭ تونۇشتۇرىشى بېلەن ھېچقانچە كۈچىمەيلا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىقىغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بېلەن ئۇياق نام-ئەمەل كارتۇچكىسىغا «يازغۇچى»دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ يېزىپ، ئەمەلدارلىق سالاپىتىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇشقا مۇيەسسەر بولالىغان.ئۇنىڭ تەلىيى تېخىمۇ ئوڭدىن كېلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا چىقارغان ئەشۇ كىتابلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىدارە –ئورۇنلارغا سېتىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقان.مانا بۇنى قوش ئامەت دېمەسلىككە كىمنىڭ ھەددى ؟
     يەنە خىزمەت ئالدىراشچىقى سەۋەبلىك يېزىقچىللىققا ۋاقىت ئاجرىتالمىسا ئادەم ياللىۋېلىپ ئەسەر يازدۇرىدىغان ياكى كاتىپلىرىغا ئەسەر يازدۇرىدىغان ئەمەلدار يازغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس.

           ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى،يازغۇچىلار ئەمەلدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئەمەلدارلاغا سېلىشتۇرغاندا شۇنداق ئەمەلدار يازغۇچىلار تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇلغا تايىنىپ مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلمايدىغانلىرىدىن بىرىمۇ يوق.مەسىلەن سىرىتقى ئۆلكىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەمەلدار يازغۇچى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلانغانلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.بۇ يازغۇچىنىڭ خېلىلا قەلەم قۇۋىتى بولسىمۇ ئەمما،يەنە ئەشۇنداق سەت،پەسكەش قىلىقلارنى پەقەتلا تاشلىمىغان.ئۇ تاپشۇرغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئاتايەن پۇل خەجلەپ بېيجىڭغا بېرىپ،مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى بولىشىغا مايلاپ ، بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى سېتىۋالغان.مانا بۇ ئەمەلدار يازغۇچىلاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

       يىغىپ ئېيىتقاندا ، ئەمەلدار يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇش ئۇلارنىڭ تۈپ نىشانىدۇر.شۇڭا ئۇلار شۇ نىشانغا يەتكەن ھامان يازغۇچىلارغا خاس ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدان-غۇرۇر دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سېپىگە بېشىچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ.



مەنبەسى: http://view.news.qq.com/a/20101026/000001.htm
顶着作家头衔的贪官



ئەمەلىي مىساللار :


1


   شەندوڭ ئۆلكىسى چىخې ناھىيىلىك پارىتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لى فېڭچېنمۇ 2005-يىلى شېئىرىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغىنىغا قارىماي بىر يىلدا يەتتە شېئىرلار توپلىمى چىقىرىشتەك يۇقۇرى سەۋىيىسى بېلەن «تارىختىكى ئەڭ نوچى ئەمەلدار شائىر»دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەننى ئاز دەپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى دېگەن تاجلارنىمۇ تاقاشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى .ئەمما ،بۇ «تالانىتلىق»شائىرنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بېكىتىلىپ كېسىم كېسىلگەچكە، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى ئۇنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلاندى قىلغان.


                                                                 

                                                           2


1946-يىلى ئەنخۇيدا تۇغۇلغان كۇمۇنىسىت يازغۇچى ،«خېبېي ئەدەبىياتى »تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،«زامانىمىز كىشىلىرى »ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋېن باش مۇھەررىرى ،مۇئاۋېن سېنېزورى ،«رومانتىك سەپەر» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى ،«ھەربىي فورما كىيگەن پەرزەنىت ئەسكەرلەر»(باشقىلار بېلەن بىرلىشىپ يازغان).«ئوتتۇرا ئېقىم»قاتارلىق ھېكايىلىرى بېلەن بېيجىڭ ھەربىي رايونى 1980-يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بېلەن ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق پائالىيەتتە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ؛خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جاۋلىشەننىڭمۇ جىنايى جاۋابكارلىقى بېكىتىلگەنلىكتىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپتۇدەك.


                                                         3


شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك پارىتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يۆشى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خيانەت قىلغان (ساقتا تالون ياساپ باسما ھەققىغە خيانەت  قىلىش جىنايىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لىقتىن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىپ كېسىم كېسىلگەن.شۇڭا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى ۋاڭ يۆشىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

http://baike.baidu.com/view/2330955.htm


                                                                  4

يەنە ۋاڭ جيەن،ۋاڭ نىڭ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىپ، تېگىشلىك قانۇنىي جازاغا تارتىلغانلىقتىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان.

         تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:      http://www.xahtur.com/                                          


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 03:41 AM  


kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 11:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11244
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 11:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىركام  داۋام مۇشۇنداق جانلىق  تىمىلارنى تاللاپ  تەرجىمە قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 11:55:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلى تىما…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:02:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«جۇڭگو يازغۇچىلىرى پارا بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەرۋازىسىنى چەكمەكتە»


  «جۇڭگو يازغۇچىلىرى پارا بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەرۋازىسىنى چەكمەكتە» سەرلەۋھىلىك قىسقا ئۇچۇر ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان جۇڭگودا نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە قىزىقچىلىق پەيدا قىلماقتا. مۇخبىر ھەرخىل سادالارنى ئاڭلاپ، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىغۇچىسىدىن بىرى بولغان گوران مالمكۋست (Nils Göran David Malmqvist) ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېن ۋېنفېن خانىم بىلەن  ئىلخەت ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشتى. گوران مالمكۋست ئەپەندى قايسى جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بەردى، چېن ۋېنفېن خانىم : بۇنداق كىشىلەرنى يازغۇچى دېگىلىمۇ بولماس، دەپ تولۇقلىما قىلدى. ما يۆرەن ئەپەندى مۇخبىرغا: جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلىمەن، جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى

گوران مالمكۋست ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن سالام خەتلەرنى ھەر ئايدا دېگىدەك تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. كونۋېرتقا يېزىلغان ئادرېس ئانچە توغرا بولمىسىمۇ، شۋېتسىيە ئىنستىتوتى دەپ يېزىلغانلا بولسا، خەت ئۇنىڭغا تېگىدىكەن. سالام خەتتە نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىمغا ياردەم قىلسىڭىز دەپ يېزىلىدىكەن، ئۇلار نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلىمى، ھېكايە-رومانلىرىنى ئەۋەتىدىكەن، بەزىلىرى تېخى نەشىر قىلىنمىغان قوليازمىلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى مايۆرەن ئەپەندى ئونىۋېرسىتېت جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ئەسەرلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇش شەرتىگە توشمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەلۇم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق سالام خەت يازغۇچىلار ھەققىدە ما يۆرەن ئەپەندى: جۇڭگو دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھەر قىسما ئادەملەر بار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان، مېڭىسىنىڭ دەردى بار، مېنىڭلا راست دەيدىغان، قويمىچى، چېركىن، مۇناپىقلارمۇ ئاز ئەمەس، دېدى.

گوران مالمكۋست ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق ئىككى ئىشنى سۆزلەپ بەردى: شياڭگاڭدا نەچچە پارچە شېئىر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بىر شائىرە ئۇنىڭغا 5000 سوم (شياڭگاڭ پۇلى) لۇق پۇل چېكى ئەۋەتىپتۇ. شەندوڭلۇق مەدەنىيەت كادىرى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا 18 پارچە سالام خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىكىنى، مۇكاپات پۇلىنى ما ئەپەندىگە بېرىپ، نام-ئاتاقنىلا ئالسا بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىپتۇ. ھەر قېتىم سالام خەت ئەۋەتكەندە ھۆسنخەت-رەسىم ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىپ بىرگە ئەۋەتىپتۇ. ما يۆرەن ئەپەندى بۇلارنى قايتۇرغۇزىۋېتىپتۇ ھەمدە جاۋاب خەت يېزىپ پاراكەندە قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۋېتسىيە ئىنستىتوتىنىڭ خەت-چەك باشقۇرۇش خادىمىغا شۇ ئادەمدىن خەت كەلسە، قايتۇرىۋېتىشنى تاپىلاپتۇ. بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ھېلىقى ئادەم شۋېتسىيە ئىنستىتوتى نوبىل مۇكاپاتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسىگە سالام خەت يېزىشنى باشلىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەم ئۆزىنى نامى چىققان يازغۇچىمەن دەۋاپتۇ.

گوران مالمكۋست  ئەپەندى يەنە تەكىتلەپ: جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان، ئۇ 80 گە يېقىن جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى شۋېت تىلىغا تەرجىمە قىپتۇ. ئۇ ئەيچىڭ، فېڭ جى قاتارلىق جۇڭگولۇق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ياخشى دوست ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا شۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، باجىن، لاۋشې، چيەن جوڭشۇ، شېن سوڭۋېن، ئەيچىڭ، بىڭشىن قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.


http://www.kayinat.com/bbs/forum ... ad&tid=4708






قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2553
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21659
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9891 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:01:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ نوپۇزلۇق ژورناللاردا بەزى  ئەمەلدار ‹‹يازغۇچى››، ‹‹شائىر››لارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ توختاۋسىز ئېلان قىلىنىشى ئادەمنىڭ تولىمۇ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدئىلىكى ۋە ئىجادىيلىكىدىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق.
قايسى بىر كىشىنىڭ ‹‹مەشھۇرلارنىڭ تۈكۈرۈك ھەققىدە يازغان شېئىرى ئالقىش، گۇل دەستىلەرگە پۈركىنىپ كەتسە، تالانتلىقلارنىڭ ئىنسانىيەت، ئىزدىنىش ھەققىدە يازغان چوڭقۇر پىكىرلىك ئەسەرلىرى تاشلاندۇق ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە كۆمۈلۈپ ياتىدۇ، بۇ دەل مەسئۇليەتسىز تەھرىراتلارنىڭ بولغىنىدا.›› دېگەن ئېغىر خۇرسىنىشلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە.
ئەدەبىياتىمىز ھازىر ئادىللىق بىلەن ئادالەتسىزلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا گاڭگىرىماقتا.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:15:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       بۇ تېمىنىڭ يوللىنىلىشى...ئەمەلدارلىق سورىنىدا يۈرۈيدىغان پارىخور يازغۇچىلار
ئۈچۈن بىر ئىبرەت سىگنالى بوپتۇ.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:31:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qirakpay يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 01:15 AM
بۇ تېمىنىڭ يوللىنىلىشى...ئەمەلدارلىق سورىنىدا يۈرۈ ...

سىز شۇنداق ئويلىسىڭىزمۇ، ئاشۇ ئىشنى قىلغۇچىلار- ئاشۇنداقلار چېۋىقىغا ئېلىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق ئادەملەردە يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ ھەقىقى خاراكتېرى يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:33:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىرغا رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:56:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىللاردا لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكى تۆت باھالىغۇچىنىڭ بىراقلا لۇشۈن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىغا ئايلىنىۋالغانلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئوبزورچى « لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۆلدى » دەپ ماقالە يېزىپتىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش