مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3371|ئىنكاس: 48

ئەرتېكىن: ئىزغىرىن شامال (پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 07:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزغىرىن شامال

(پوۋېسىت)

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن


izgirin xamal.jpg



  تۇرمۇش دېمەك – تاساددىپىيلىق دېمەك. تۇرمۇش نۇرغۇنلىغان تاساددىپىيلىقلارنىڭ بىرىكمىسى. مانا، تۈنۆگۈنلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن يۈرۈشكەن كىشلەر ئەمدىلىكتە ئاق باغلىشىپ يىغا، ھەسىرەت، ماتەم-مۇسىبەتكە چۆمگەن بۇ قورودىن بىر-بىرلەپ ئۇزاپ چىقىشماقتا.
  بېشىغا ئاپئاق لېچەك ئارتىپ مىڭبىر يىرىدىن تۆكۈلۈپ ھازا ئېچىۋاتقان، يولدىشى ئۆپكە راكى بىلەن ياشلا تۈگەپ كەتكەن خېلى يىللاردىن بېرى ئۈچ بالىسىغا ھەم ئانا، ھەم ئاتا بولۇپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ جاپاسىنى يىتىپ ئاشقۇچە تارتقاننىڭ ئۈستىگە بىر تاللا ئارزۇلۇق قىزىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش ئازابى قۇشۇلۇپ، تىزلا جۈدەپ قورۇلۇپ قورايدەك بۇلۇپ قالغان مايسەم خانىم مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈشى بىلەنلا ھالسىز قوللىرىنى ئارىدەك سوزغىنىچە ھېقىقداپ يىغلاپ كېلىپ باغرىمغا تاشلاندى ۋە مەڭىز سۆڭەكلىرى تومپۇيۇپ چىققان ئەتسىز يۈزىنى مۆرەمگە يېقىپ پۈتۈپ كەتكەن، ئادەم ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان ھەسىرەتلىك تاۋۇشلار بوزلاۋاتقان ئۈنى بىلەن يېڭىباشتىن تۆگە بوتلىقىدىن ئايرىلغاندىن مىڭ ھەسسە ئايانىچلىق ھالدا ھازا ئاچتى. بىردىنلا نەپسىم قىسىلىپ، نېمە قىلىشىمنى، نېمە دەپ تەسەللى بىرىشىمنىمۇ بىلەلمەي قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپ كەتتىم. خانىم ئىسەدەپ بېشىنى كۆتۈرگەندە مۆرەمدىن نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى قورام تاش لەسسىدە چۈشۈپ كەتكەندەك ئىختىيارسىز يىنىك ئۇھ تارتىۋەتتىم. ئاپام ئىتتىك كىلىپ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر دەپ تەسەللىي بەرگەچ ئىششىپ كەتكەن كۆز جىيەكلىرىدىن دۇمىلاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىنى، كۆمۈرچىگى قىزىرىپ مىشىلداپ قالغان بۇرنىنى ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن سىپاپ قويدى. ئەتراپىمغا ئاستا كۆز سېلىپ، ئالاماننىڭ ئارىسىدا خېلى كۆپ قولۇم-قوشنا، تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. خانىمنىڭ مېھىرىئايدىن چوڭ ئىككى ئوغلى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ باغىرى خۇن بولۇپ تۇرسىمۇ ياشلىرىنى بىر-بىرىدىن يۇشۇرۇنچە پات-پاتلا سۈرۈتۈشۈپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە چېپىپ يۈرۈپ نەزىر ئىشلىرىنى ئىدىتلىق ئۇرۇنلاشتۇرپ يۈرۈشەتتى. خۇددى ئۇلار ھېلىلا ياقامدىن ئېلىپ، «سىڭلىمىزنى نىمە قىلدىڭ گۇي؟ تۆلە سىڭلىمىزنى!» دەپ غەزەپ بىلەن ئۇرۇپ كېتىدىغاندەك، جامائەتنىڭ ھەممىسى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك، گويا بەدىنمىگە تۈمەنمىڭ خوخا تىكەنلەر  سانجىلىپ كەتكەندەك گۇناھكىرانە تۇيغۇدا بىئارامسىزلىنىپ غىپپىدىلا سىرىتقا چىقىۋالدىم.
  تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن قىشلىق تەتىلنىڭ تۈنجى كۈنى. مەن قايىتىپ كىلىپلا بۇنداق بىر ئىشقا، يەنە كىلىپ مېھرىئاينىڭ يەتتە نەزىرسىگە دۇچ كىلىپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. توۋا!؟...  
  مەن ئىچىمدە بۇنىڭ چۈشۈم، ھېچ بولمىغاندىمۇ شۇنداقلا بىر خىيالىمغا كېلىپ قالغان تاساددىپىيلىق بولۇپ قېلىشىنى تىلەپ كەتتىم. بىراق بۇ ھەقىقەتەن رېئاللىق ئىدى. ئۆز خىيالىمدىكىدەك ئۆزگەرتىۋېلىشىممۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۈرىكىم تېخىچە ئەلەڭگىپ تۇراتتى. ئۈششۈك ھەرىسىدەك چېقىۋاتقان سوغۇقمۇ ئوتتەك تىنىقلىرىمنى پەسلىتەلمەيۋاتاتتى. نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئاڭقىرالماستىن بېشىم گاراڭ ھالدا مېڭىپ كەتتىم...
  شۇ ماڭغانچە مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان، قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەن شاخ ئۆستەڭنىڭ قۇمساڭ قىرغىقىدا توختاپتىمەن. يار ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر يىلى قىرغاقلىرىغا شاخ بېسىلىپ تۇرۇلدىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ھەممە ئادەم «شاخ ئۆستەڭ» دەپ ئاتىشىدىغان بۇ ئۆستەڭ پۈتۈن يېزىمىزنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر غول ئۆستەڭ ئىدى. ئۆستەڭ قىرغىقىدىكى قاتار-قاتار سۆگەتلەر ئاللىقاچان يالىڭاچلانغان، خازان بولغان يۇپۇرماق پارچىلىرى قۇم دانچىلىرىغا دەرىد تۆكۈپ ئىزىلىپ ياتقان. ھەممىلا ئەتراپتىن غېرىپلىق، مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ...
  بىردىنلا ئىزغىرىن شامال ھۇشقۇيتۇپ بارغانسىرى ئەدەشكە باشلىدى. ۋۇجۇدۇم ھاۋادىنمۇ بەكرەك سوۋۇپ كەتكەندەك، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئى ئۆستەڭدىكى مۇزغا ئوخشاش توڭلاپ قالغاندەك قىلاتتى. قاچانلاردىدۇر كىرپىكىمگە ئېسىلۋالغان، تېخى مۇز بۇلۇپ قېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر تامچە ياش بۇرنۇمنىڭ ئۇچىغىلا دۇمىلاپ ۋۇجۇدۇمنى ئەندىكتۈرۈپ تۇلىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىپ كەتكەن سۈكۈناتنى بۇزدى. كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئىختىيارسىز تىتىرەك بېسىپ چىشلىرىم كاسىلداپ كەتتى. ئىڭىشىپ ئايىغىم ئاستىدا ھېلىلا پۇتلىرىمغا يامىشىدىغاندەك سوغۇق يالتىراپ تۇرغان قۇمدىن بىر سىقىم ئالدىم-دە، خۇددى دەۋرەپ كىلۋاتقان ئەسلىمىلەر قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقماقچى بولغاندەك غۇلىچىمنى كېرىپ تۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا ئاتتىم. ئىزغىرىن شامال ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ يۈز-كۆزلىرىمگە غەزەپ بىلەن ئۇردى. تۇرۇپلا ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئولىشىپ، ئۆزەمنى تۇلىمۇ غېرىپ ھىس قىلىپ كەتتىم. ئايىغىم ئاستىدىكى قۇم دانچىلىرى تېخىچە ئۆچى چىقمىغاندەك ھۇمىيىپ ھەر يان تۇزغۇپ تۇراتتى. داۋالغۇپ تۇرغان چۈشىنىكسىز ھىسلىرىم مېنى كىملەرگىدۇر، نىمىلەرگىدۇر بازغىشقا ئۈندەيتى. بىراق، شۇ تاپتا مەندە بۇنداق جاسارەت ئەسلا يوق ئىدى. ھىسلىرىم تۇتۇق، كاللام قۇپقۇرۇق. تېخىچە سوغۇق يالتىراۋاتقان مۇزدەك قۇمغا ئاستاغىنە يانپاشلىدىم...
                                                                                  (داۋامى بار)     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 07:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72877
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:17:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ساقلاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:29:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە داۋامى يوق تىمىدىن بىرنى باشلىدىم ، بۇنى قانچىلىك ساخلارمەن ئەمدى؟! بولسا تېزراق يوللىسىڭىز،ياخشى باشلىنىپتۇ بۇ ئەسەر ، ساخلاۋاتىمەن.......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رولچى + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:40:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئەرتېكىن: ئىزغىرىن شامال (پوۋېسىت)

بۇ پوۋسېتنى ئەلكۈيى مۇنبىرىدە كۆرگەندەك قىلدىممۇ قانداق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:47:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
  ئېسىمنى بىلسەملا ئاپام بىلەن مايسەم خانىم ئىككىلىسى يېزىمىزدىكى مۇشۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە بىرگە خىزمەت قىلاتتىكەن، بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزمۇ مەكتەپ ئىچىدىلا ئىدى. مېھرىئاي ئىككىمىز تەڭتۈش بولغاچقا كىچىك چاغلىرىمىزدا دائىم دىگۈدەك بىرگە ئوينايتۇق. ئوقۇش يېشىغا يىتىپ مەكتەپكە قۇبۇللانغاندىمۇ خۇددى دىيىشىۋالغاندەك سىنىپقا كىرىپلا ئەڭ ئالدىدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇققا بېرىپ ياندىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۈستەل يۈزىنى قېرىنداش قەلەم بىلەن تەڭ ئىككىگە بۆلۈشىۋېلىپ قىن-قىنىمىزغا پاتماي خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىشكەن ئىدۇق. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە تالاي رەنجىشىپ، تالاي ماي تارتىشتۇق. يەنە نەچچە قېتىم سىنىپ مەسئۇلىمىز بولغان ئاپام ئورنىمىزنى ئالماشتۇردى. لېكىن ئاپام مېھرىئاينى قايسى ئورۇنغا ئالماشتۇرۋەتسە مەن ھامان ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردىغان بالىنى قوپۇرۋېتىپ ئۆزەم ئولتۇرۋالغاچقا، ئاپاممۇ ئامالسىز يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشىمىزغىلا، ئىلگىرى ‹‹ۋاي، كەۋسەرجان›› دېيىشىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قېلىشىدىغان بالىلار بىردىنلا مېنى ‹‹ھەي، كەۋسەر!›› دەپ چاقىرىشىپ دۆشكەللىشىدىغان، ھاقارەتلەپ ئارىغا ئالمايدىغان، مۇئەللىملەرگە يامانلاپ چېقىشتۇرىدىغان، ‹‹سەن ئاپاڭنىڭ ۋاقتىدا بىزنى  ئۇنداق ئۇرىۋالغان، مۇنداق تىللىغان›› دېيىشىپ، مېنى تولا بوزەك قىلىدىغان بولىۋېلىشتى. سىنىپىمىزدا قانداقلىكى بىر نەرسە يۈتسە، بۇزۇلسا، چېقىلسا ئوغۇرلىغان، بۇزغان ئادەم مەن بولۇپ قالاتتىم. مۇئەللىم سوئال سورىسا تىرناق تاتلاپ ئايىغىنىڭ يىرىتىقىدىن ماراپ قالغان قاسماق پۇت بارمىقىغا قاراپ ماڭقىسىنى ‹‹مارىت-مارىت›› تارتىپ بىزىرىپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىزەڭ ‹‹قاپاق نوچى›› لارمۇ، ھەتتا جاۋىلداق، بىشەم قىزلارمۇ مېنى كۆزلىرىگە ئىلىشمايدىغان، قەستەن ماڭا يۇقىدىغان قىلىقنى چىقىرۋېلىشتى. جۇغۇم كىچىكرەك بولغاچقا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان چاغلىرىمدا ‹‹ئېسىيان›› كۆتۈرۈپ قالغۇدەك بولسام، تاياق يەۋېلىپ ياكى سەت -سەت تىللاشلارغا لايىقىدا تىل ياندۇرالماي، بۇغۇلۇپ  ھۆر-ھۆر يىغلاپ كىتەتتىم ۋە ئاپامنى ئىزدەپ دەردىمنى تۆكەتتىم. بارا-بارا مۇئەللىملەرمۇ مېنى يامان كۆرۈپ قېلىشتى. مەنمۇ ئاپام ھەيدىمىگۈچە مەكتەپكە چىققۇم، دەرىسلەرنى ئۆگەنگۈم كەلمەيدىغان، دەرس ۋاقتىدىمۇ زىھنىمنى يىغالمايدىغان، كۈن بۇيى دەلتىدەكلا يۈرۈيدىغان بۇلۇپ قالدىم. سىنىپىمزدا پەقەت دەرسلەردە ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مېھرىئايلا مەن بىلەن بىرگە ئۆگىنىش قىلاتتى، تەسەللى بېرەتتى. ئەمدىلىكتە ئوغۇللار ئوغۇللار بىلەن، قىزلار قىزلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرىشىدىغان بولغاچقا، ئولتۇرىدىغان ئورنىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى زادىلا ئۆزگەرمىگەن ئىدى.
  «ئاتمايدىغان تاڭ يوق» دىگەندەك، مېنىڭ بۇنداق سىقىلىش ئىچىدە ئۆتىدىغان ئازاپلىق كۈنلىرىممۇ تۇلۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ئاخىر ئاياغلاشتى. شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە مەن دادام، ئاپاملارنى قايىل قىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭىلاپ سېلىنىۋاتقان ئىشخانا قۇرۇلۇشىدا كۈنلۈك ئىشلىدىم. دەسلەپ قۇرلۇشنى ھۆددىگە ئالغان ئادەم مېنى كىچىك كۆرۈپ ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلماي تۇرۋالغان ئىدى، بىراق مەن «بىر كۈن بىكارغا ئىشلەپ بىرەي، كىچىك ياكى كىچىك ئەمەسلىكىمنى كۆرۈپ باقسىلا» دەپ تولا يالۋۇرۇپ كۆزىگە كىرۋالغاچقا، ئاخىر بىر كۈن ئىشلىتىپ باقىدىغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسام شۇ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى بېرىپ قايتۇرۋىتىدىغان، ياراپ قالسام تا ئۆزەم بولدى دىگۈچە ئىشلىتىپ قالدىغان بولۇپ ماقۇل بولدى. شۇ كۈنى مەن تازا غەيرەت قىلىپ ئىشلىدىم. چوڭ ئادەملەر بىلەن تەڭ دىگۈدەك لاي، خىش تۇشۇدۇم. پۇتۇمغا خىش چۈشۈپ كەتسىمۇ «ۋاي!» دىمىدىم. ھەر قانچە ھېرىپ كەتسەممۇ ئولتۇرۋالماي، لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ئىشنى ئاقسىتىپ قويماسلىققا تىرىشتىم. قۇرلۇش ئورنىمۇ، ئۆيىمىزمۇ مەكتەپ ئىچىدىلا بولغىنىغا قارىماي تا ئىشتىن چۈشكىچىمۇ ئۆي تامان قاراپ قويمىدىم. ھەتتا چۈشتە ئاپام ئېلىپ چىققان تاماققىمۇ قارىماي، قۇرلۇشچىلار بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئوخشاش ناننى يوغان-يوغان چىشلەپ، چاينى سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ ئىچىپ يەنە ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ئاپام ماڭا مەسلىكى كەلگەندەك قېشىمدا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كىتىپ، ئاندىن قۇرلۇش ھۆددىگىرىگە بىر نىمىلەرنى دىگەچ تاماق قاچىسىنى شۇ پېتىچە كۆتۈرۈپ كىتىپ قالدى. كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە كەمسۆز ۋە سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەم مېنى «جېنى چىڭ، غەيرەتلىك بالىكەنسەن» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ھەم شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى تۇلۇق بەرگەننىڭ سىرىتىدا بەش سوم مۇكاپات بىرىپ داۋاملىق ئىشلىسەم بولىدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇ تەرىقىدە ئىككى-ئۈچ كۈنچە ئىشلىۋىدىم، بېلىمنى ئالالمايلا قالدىم. شۇنداق بولسىمۇئاپامنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئىشلىگىلى قويمىغىنىغا ئۇنىماي ئارلىقتا بىر كۈن ئارام ئېلۋېلىپلا يەنە ئىشلەۋەردىم. بىر ئايدىن ئۇشۇقراق قۇرلۇشتا ئىشلىگەننىڭ پايدىسى بولدىمۇ-قانداق، تەتىلدىن يىغىلغان كۈنىلا، ئەمەت ئىسىملىك ئىلگىرى مېنى دائىم بوزەك قىلدىغان بىر ساۋاقدىشىم مېنى يەنە بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىۋىدى، بار كۈچۈم بىلەن بىر مۇشىت قۇيۇشۇمغا كۆزىنى تۇتقىنىچە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن رەسمىي تۇتۇشۇپ قالدۇق. ئارىغا كىرگەن بولۇپ ئۇنىڭغا يان باسقان يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىمۇ يانپاشقا ئېلىپ يەر چىشلەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى ماڭا ئاسانلىققىچە يۇقمايدىغان بولدى. مەنمۇ ئالدىراپ بىر كىملەردىن قورقمايدىغان بولدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يېڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەكتىپىمىزگە تەقسىم قىلىنغان ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر خانىم ئىلگىرىكى بىز بىلەن ئانچە كارى بولماي يۈرۈيدىغان سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئورنىغا سىنىپ مەسئۇلى بولدى ھەم بىز بىلەن پارالېل بارلىق سىنىپلارغا تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىرىدىغان بولدى. ئارزۇگۈل خانىمنىڭ ئىللىق چىرايى، ھەممىمىزگە بىر خىل يېقىملىق مۇئامىلىسى، قۇڭغۇراقتەك جاراڭلىق ئاۋازى ۋە قىزىقارلىق دەرس ئۆتۈش مېتودى قايىللىقىمىزنى ۋە مايىللىقىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، تىز ئارىدىلا مەكتەپ بۇيىچە ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپىغا ئايلاندۇق. مېنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىممۇ تولۇق ئەسلىگە كەلدى. ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىلا ئەمەس، شۇ قىزغىنلىغىم بىلەن ئۆتۈلگەن ھەممە دەرسلەرگە باشلانغۇچ مەكتەپتىكىدەكلا ئەستايىدىل قولاق سالىدىغان ۋە تەكرار قىلدىغان بولدۇم. بىر قېتىملىق يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىدا مەن «ۋېلى توخماق» دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان بىر ھېكايە يېزىپ تاپشۇرۇپ بىرىۋىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئارزۇگۈل خانىم ئۇنى ئۈلگىلىك ھېكايە سۈپىتىدە ساۋاقداشلارغا ئۇقۇپ بېرىپ مېنى ماختاپلا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. دەرسلەردىمۇ تىز ئىلگىرلەشكە باشلىدىم. بارا-بارا ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ئۆزگەردى. شۇ چاغدىمۇ باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن تەڭ خۇشال بولغان، مېنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغان ئەڭ يېقىن ساۋاقدىشىم يەنىلا شۇ مېھرىئاي بولدى.
                                                                                 (داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 11:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5910
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 975 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:53:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئاكا يەنە بىر ئەسىرىڭىزنى كۆرگەنلىكىمدىن بەك خۇش بولدۇم .سىز تەسۋىرگە بەك باي ئىكەنسز؟ مەن ئەسەر يازسام تەسۋىر تىپىپ بولالماي ھىرىپ قالىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رولچى + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 01:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزاھات:
  گۇناھكىرانە تۇيغۇدا بىئارامسىزلىنىپ غىپپىدىلا سىرىتقا چىقىۋالدىم.        
1-قەۋەتكە يوللانغان بۆلەكتىكى يۇقىرقى جۈملىنى مۇنداق تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر:
  گۇناھكىرانە تۇيغۇدا ئارامسىزلىنىپ غىپپىدىلا سىرىتقا چىقىۋالدىم.
                                                                              -ئاپتۇردىن
                                                                   (ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن...)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 01:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 02:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاللا  يەنە ئاخىرى يوق تىمىدىن بىرسى روياپقا چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 04:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
  مەكتىۋىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنمىغاچقا، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىنتاھانىدىن غەلبىلىك ئۆتۈپ كىچىك ئاكىسى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن پېداگوگىكا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان مېھرىئايدىن باشقا ساۋاقداشلىرىم تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتى. دەسلەپتە، ئادەتتە ئوقۇشۇم شۇنچە ياخشى تۇرۇپمۇ ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىمگە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىرەر ئاي چاممىسىدا تالا-تۈزگىمۇ بەك چىقماي، ھىچكىمگىمۇ گەپ قىلماي دىگۈدەك يۈردۈم. شۇ يىلقى يازلىق تەتىل مەزگىلىمۇ جىم-جىتلا ئۆتۈپ كەتتى. ئاپامدىن مېھرىئاينىڭ ئوقۇشقا ئۇزاپ كەتكىنىنى، خېلى كۆپ ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغىنىنى، ئۇلارنىڭ مېنى سورىغىنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. شۇ تەرىقىدە يەنە بىرەر ئايچە ئۆتتى. تولۇقسىزدا يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىنتاھانىغا قايتا قاتنىشىشنىمۇ ئويلىدىم. لېكىن قانداقتۇر بىر تۇيغۇ مېنى ئۆزەمدىن كىچىك بالىلارنىڭ ئارىسىدا «خېمىتۇرۇچ» بولۇشتىن توسۇپ تۇراتتى. قاپىقىم ئېچىلمايتى، كۈنبۇيى كىتاپ ئوقۇيتۇم. ئۆيدە مەن قىلغۇدەك باشقا بىرەر ئىشمۇ يوق ئىدى. باشلانغۇچنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىن تارتىپ، ئۆيىمىزدە بار بولغانلىكى بارلىق ئەدەبىي كىتاپ-ژۇرناللارنى قايتا-قايتىلاپ ئوقۇپ بولدۇم. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتاتتى. دادام-ئاپاملارنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ئاخىر داۋاملىق يۇقۇرلاپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ سوغۇق دولىنى قورۇيدىغان بولۇپ قالغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دادام بىلەن بىرگە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كەلدىم ۋە شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا تىزىملاتتىم.
  ئىلگىرى ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا غېرىپلىق، سېغىنىش دىگەنلەرنىڭ نىمىلىكىنى تازا ئاڭقىرىپ بولالمىغان ئىكەنمەن. دەماللىققا يېڭى موھىتقا كۆنەلمەي قالدىم. يېڭى ساۋاقداشلار بىلەنمۇ ھەدىگەندىلا ئىچەكىشىپ كەتكىلى بولمايدىكەن. ياتاق تۇرمۇشى دىگەنمۇ ئۆزگىچە بۇلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە شەھەرلىك بالىلارنىڭ دىمىقى ئۈستۈن، ھاكاۋۇر ئىدى. ئوغۇللار ھە-ھۇ دەپ بولغىچە چۈجە خورازدەك ھۆرپىيىپ قوپاتتى. قىزلار ئادەم ياراتمايتى. بىرەر گەپ-سۆز سەل-پەللا كۆڭلىگە كىلىپ قالسا «باشقىلاردىمۇ كۆڭۈل دىگەن نەرسە باردۇ» دەپ ئويلاپمۇ قويماستىن «سەھرالىق»، «مەتو» دىيىشىپ ھاقارەتلەشكە ئاران تۇرۇشاتتى. ھەر سائەتلىك خەنزۇ تىلى دەرسىدە يېزىدىن كەلگەن بىر نەچچىمىز ئۇلارنىڭ مەسخىرە ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالاتتۇق. ئۇلار بىزنىڭ تەلەپپۇزىمىزنى، قىياپىتىمىزنى تۇلىمۇ كۈلكىلىك ۋە بىچارە ھالەتتە دوراپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشەتتى. بۇ ئەھۋالدا تەبئىيلا ئۆيۈمدىكىلەرنى، دوستلىرىمنى، يېزامنى سېغىناتتىم. دىلىمغا تولا ئازار بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىلگىركى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ قالاتتىم. بىر ھەپتە مەن ئۈچۈن بىر  يىلدەك تۇيۇلاتتى. لېكىن، بۇمۇ بىر ھېساپتا ئۆگىنىش پۇرسىتىمنى كۆپەيتتى. مەن شەھەرلىك بالىلارنىڭ ئاشۇنداق زاڭلىق قىلغىنىغا ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، قۇلۇمدىن كىتاپ چۈشۈرمەي دىگۈدەك ئۆگىنىپ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئارىدا يەنە تېخى دادامنىڭ مەن چوڭ بولغاندىن بىرى داۋاملىق ئۆيىمىزنىڭ تۆر تېمىغا ئېسىقلىق تۇردىغان كونا دۇتتارىنى ئالغاچ كىلىپ، ئىچىم سىقىلغان، غېرىپسىنغان، ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغان بوش ۋاقىتلاردا ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان خەلق ئاھاڭلىرىغا غىڭشىپ يۈرۈپ ئاز-تۇلا يامداپ چېلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.
  شەھەرلىك بەزى بالىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈپ مەن ئۈچ يىللىق ئوقۇشىنى تۈگەتسىلا ئاپامغا، ئاپىسىغا ۋە باشقا بىر يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەن كىچىك ئاكىسىغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بولىدۇ دەپ قارايدىغان مېھرىئاينىمۇ شۇلاردەك بولۇپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئارام كۈنلىرىمىز ئۆيگە قايىتقىنىمدا ئۇنى كىر سۈيى، ئەخلەتلەرنى تۆككىلى چىققان، پاختا زاۋۇدىدا ئىشلەيدىغان چوڭ ئاكىسىنىڭ قىزىنى ئوينىتىۋاتقان ياكى كوچىدا مايسەم خانىمنى قولتۇقلىۋېلىپ ئەركىلەپ مېڭىۋاتقان چاغلىرىدا ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالغۇدەك بولسام دەرھال ئۆزەمنى تارتاتتىم.
                                                                                (داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 04:56 PM  


ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8957
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 04:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنىدۇ؟؟؟

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش