مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1056|ئىنكاس: 12

بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97159
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2013-8-22
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 08:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى 27-نويابىر سائەت نۆلدە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىدى.

   مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى 27-نويابىر ئېلان قىلغان لايىھەدە دېيىلىشىچە، ‹‹مەملىكەتلىك يىللىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى›› گە ئاساسەن، ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرۈشلىرىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ خىل تەڭشەپ دەم ئېلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاشكارا پىكىر ئېلىش باشلانغان.

   بۇ ئۈچ خىل لايىھە ئىچىدىكى بىرىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، تەڭشەلمەيدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، تەڭشەلمەيدۇ، پەقەت بايرام كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

   ئىككىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ بەش كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرام كۈنى چارشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا تەڭشەلمەيدۇ، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ؛ سەيشەنبە، پەيشەنبىلەرگە توغرا كەلسە، يانداش شەنبە، يەكشەنبىلەرگە تەڭشىلىپ ئۈچ كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

   ئۈچىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرام كۈنى چارشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا تەڭشەلمەيدۇ، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ؛ سەيشەنبە، پەيشەنبىلەرگە توغرا كەلسە، يانداش شەنبە، يەكشەنبىلەرگە تەڭشىلىپ ئۈچ كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 10:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98731
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 11:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەت،ۋەزىيەت مۇقۇم بولغاندا، بىراقلار ئارام ئالارمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:04:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىنلىق قويۇپلا بەرمىسە مۇشۇ ھۆكۈمەت ئادەمنى. راستمىدۇ؟ يېرى يوقاپ كېتىدىكەنغۇ.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:28:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس بەزى شەنبە يەكشەنبىگە توغرا كىلىپ قالغان بايراملارنى بۇ كۈننى قاتماي قويۇپ بەرسە ياخشى بولاتتى .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87184
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:44:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى لاھىيە بوپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 846
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 10:08:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك خەقكەياللىنىپ ئىشلەۋاتقانلارئۈچۈنمۇبىرەلايھىيەتۈزۈلسەياخشى بولاتتى.شەنبەيەكشەنبە،ھېيىت-بايرام دەپ ئايرىمايلائايدائۈچ كۈنلائارام ئالالايمەن.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 11:31:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8480
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8513
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 4377 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا ئارام ئالماي ئىشلىسەكلا بولمىدىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 760
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2014-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 01:28:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5108
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 01:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ لاھىيەغۇ ئوبدان بوپتۇ ،بىراق ھۆججەتنىڭ كەينىگە ھەرې قايسى رايۇنلار ئۆزىنىڭ يەرلىك ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتسە بولىدۇ دەيدىغان يىرى يامان دە بۇ خەقنىڭ

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش