10 نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ تىمىسى بىلە بولۇپ كىتىپ مۇنداق ياخشى تىمىدىن قۇرۇق قالغىلى تاس قاپتىمەنغۇ؟ يائاللا مايماق، يىزىپ قويىدىكەنسىز-ھە بىر كىشىلىك...ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىمۇ جاسوسمۇ يە
.gif)
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ما ئەسىرىڭىزگە، راسلا، لىكىن چاتاق بىر ئىش بولدى، ئىككى كۈندىن بۇيان يولدۇشۇم بىلەن خاپىلىشىپ قالغان، تەتۈر قاراپ يۈرەتتىم، تۈنۈگۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىلىپ بىلمەي تىلفۇندا بۇ تىمىڭىزنى ئىچىپ قالغىنىمنى بىلىمەن، شۇنداق تەستە كۈلكەمنى ئىچىمگە نىقتاپ تىقىۋەتتىم، ئەگەر يولدۇشۇم كۈلگىنىمنى بىلسە پۇرسەت تىپىپ مەن بىلەن ئەپلىشىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنچە قىلساممۇ ‹‹ چىقىلىپ كەتتى›› دىگەن يىرىگە كەلگەندە شۇنداق قاتتىق ئاۋازدا كۈلىۋەتتىم، يولدۇشۇم قورقۇمسىراپ ماڭا قاراپ قويدى، بەلكىم نىرۋىسىدىن چاتاق چىققان بولسا كىرەك، دەپ ئويلىدىمىكىن
.gif)