مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2557|ئىنكاس: 37

p1(مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 04:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ نامىم p1.ئىسمىمنىمۇ p1دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.  ئاتا-ئانام تۇغۇلغاندا ماڭا قويغان  ئىسمىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.چۈنكى مەن ئاتا-ئانامنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.ئىشقىلىپ مىنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىنى p1دەپ چاقىرىدۇ.بەلكىم مىنى تونۇيدىغانلار دىگەندىن خىزمەتداشلىرىم دىسەم بەكرەك توغرا بولار.قانداقلا بولمىسۇن بەرىبىر.چۈنكى مەن پەقەت خىزمەتداشلىرىمنىلا تونۇيمەن.p1دىگەن بۇ نامنىمۇ ئىسىمدەك قوللىنىۋېرىمەن.بەرىبىر مىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇم ئەمەسمۇ؟مەيلى ئىسىم ۋە ياكى نام بولسۇن ماڭا بەرىبىر.مەن بۇ ئىشلارغا قىززىقمايمەن.مەن پەقەت ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقىلا قىززىقىمەن.نەچچە ئاي ئورۇندىغىدەك ۋەزىپە يوق ئۆزۈمگە تونۇشلۇق زېرىكىش ۋە چېنىقىشنى ھەمراھ قىلىپ كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.ئاخىرى مېنى ۋەزىپىگە چاقىرىشتى.ياتىقىمدىن چىقىپ،ماڭا بەش قولدەك ياد بولۇپ كەتكەن ئىدارىنىڭ ئېزىتقۇدەك ئىجىر-مىجىر يوللىرىدىن مېڭىپ،بىردەمدىلا مەن ۋەزىپە ئالىدىغان ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدىم.پۈتۈن كارىدورنىڭ رەڭگى ئاپئاق بولۇپ،بۇ ئىشخانىنىڭ شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك پولات ئىشكى قارىماققا ئادەمنى بەكلا بىئارام قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئالدىرىماي پۇتۇمنى ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئەخلەت چىلىكىگە تىقتىم.چېلەكتىن:
<<سالاھىيەت تونۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى،سىزنى قارشى ئالىمىز p1>>دېگەن ئاۋاز چىققاندىن كىيىن،ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان پولات
   ئىشىك ياندىكى تامغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياغاچ ئىشىك كۆرۈندى.مەن ئاياللارنى كەمسىتمەكچى ئەمەس ئەمما ئاياللار دائىم مۇشۇنداق ئەخمىقانە ۋە زۆرۈرىيىتى يوق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ.مەسىلەن بۇ ئىشخانىدىكى ماڭا ۋەزىپە ئۇقتۇرۇشقا مەسئۇلp0خانىم پولات ئىشىك شۇنچە مۇستەھكەم بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرا ئارقىلىق ئىشىك سىرتىدىكى ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولسىمۇ،يەنە ئىشىكنى چىكىپ كىرىشنى تەلەپ قىلىپ مۇشۇ ياغاچ ئىشىكنى بېكىتىۋالغانىدى.ئادىتىم بويىچە ئىشىكنى بىرلا تېپىۋېدىم ئىشىكنىڭ قۇلۇپى كىشەكتىن ئاجراپ،ئىشىك <<گۇم !!!>>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشخانىنىڭ ئىچكى تېمىغا چاپلىشىپ قالدى.
  -كەچۈرۈڭ p0 خانىم ،ئىشىكنى يەنە كۈچەپرەك چىكىپ ساپتىمەن،-دىدىم ئالدىرىماي p0ئولتۇرغان ئۈستەلگە قاراپ مېڭىپ كەلگەچ.
-ھېچقىسى يوق p1 ئەپەندىم.ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ پۇتى بىلەن قولىنىڭ پەرقى بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداق چاغدا نېمە قىلىشنى بىلگۈدەكمۇ ئەقلى بولمايدۇ،لىكىن يامان يېرى شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇلارغا مۇھتاج.ئولتۇرۇڭp1ئەپەندى،ئەگەر كىرىسلوغا كۆنەلمىسىڭىز پولدا ياتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ ،-دىدى ئۇ كۆرۈۋاتقان ماتېرىيالدىن كۆزۈنى ئۈزمەي.
-ئەگەر پەلسەپەۋى بايانلىرىڭىز تۈگىگەن بولسا،بۇ ياشاشتىكى بىردىنبىر ۋەزىپىڭىزنى ئورۇنداپ ماڭا ۋەزىپىنى تاپشۇرىۋەتسىڭىز بولارمۇ؟-دىدىم كىرىسلوغا يۆلىنىپ.
   -مىنىڭ ياشاشتىكى ۋەزىپەمنىڭ سىزگە ۋەزىپە تاپشۇرۇشلا ئەمەسلىكىنى پات يېقىندا بىلىپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن  p1 ئەپەندىم.
    ۋەزىپىگە كەلسەك،قەشقەر شەھىرىنىڭ ئافغانىستانغا يېقىن تاغلىق رايوندىكى xxx يېزىسىدا چوڭ خىروئىن سودىسىنىڭ بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا يىپ ئۇچىغا ئېرىشتۇق.،-ئۇ يەنە ماتىرىيالدىن كۆزىنى ئۈزمەي سۆزلەۋاتاتتى.
-ئۇ يېزا بىلەن ئافغانىستاننى چەكسىز ئېھاتە تاغلىق ئايرىپ تۇرىدۇ.ئۇ ياقتىن پىيادە،ئات-ئۇلاغ،ياكى ھېچقانداق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتكىلى بولمايدۇ،ئايروپىلان بىلەن يۆتكىسە دۆلتىمىزنىڭ رادارلىرى ئۇنى چوقۇم بايقاپ قالىدۇ.ئۇنداقتا ئۇلار زەھەرنى قانداق يۆتكىگەن؟،-دىدىم ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىلىگىلا تىپىپ.
-بۇ دەل بىز بىلمەكچى بولغان ئىشP1ئەپەندى.سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز جىنايەت شايكىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ زەھەر يۆتكەش ئۇسسۇلىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كىيىن،جىنايەت شايكىسىنى بىت-چىت قىلىپ تاشلاش.،-دىدى ئۇ تۇنجى قېتىم ماتىرىيالدىن كۆزىنى ئۈزۈپ ماڭا قاراپ.
    -ئۇنداقتا مەن ئۇ يەرگە قانداق سالاھىيەت بىلەن بارىمەن؟
-سىز شۇ يەردىكى يەرلىك دېھقان زۇنۇننىڭ قىزىنىڭ يىگىتى بولۇپ بارىسىز.
-زۇنۇن بىزنىڭ ئادەمكەندە؟
-ياق،زۇنۇننىڭ قىزى ئورگىنىمىزنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق خادىملىرىدىن بىرى.قىزىنىڭ سالاھىيىتىنى دادىسى بىلمەيدۇ.قىزنىڭ سالاھىيىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا،ۋە ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.
-خوش...ئۇنداقتا،بۇ <<ئورگىنىمىزنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق خادىمى>>نىڭ نامى نىمىكىن؟
-p0.
-ۋەزىپىنى رەت قىلىمەن.
-رەت قىلىش ھوقوقىڭىز يوق.
  -<<ئەڭ ئىقتىدارلىق >>خانىم،ئۇنداق بولسا،ئىككىمىزنىڭ يېڭى كىملىكىنى ماڭا بىر ئۇقتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز،-دىدىممەن بىزارلىق بىلەن.
    -سىزنىڭ ئىسمىڭىز توختى.كەسپىڭىز موزدوز.مىنىڭ ئىسمىم رىزۋان ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.چۈشىنىشلىك بولغان بولسا چىقىپ تەييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇP1ئەپەندى،-دىدى ئۇ مىنىڭ بىزارلىقىمغا پىسەنت قىلماي.
-ھەقىقى ئىسمىڭىزنى بىلگەنلىكىمدىن خوشالمەنp0 خانىم.ئەمما مەن لاياقەتلىك يىگىتىڭىز بولىدىغانلىقىمغا كاپالەت قىلالمايمەن،-دەپ قويدۇمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ياتىقىمغا قاراپ ماڭدىم.نېمە ئامال دەيسىز.....خىزمەت ئەمەسمۇ؟..بەرىبىر ئۆزى ياقتۇرمايدىغان خىزمەتنى قىلىۋاتقانلار مەنلا ئەمەس...
ئەتىسىلاp0بىلەن بىللە <<خېچىر>>غا ئولتۇرۇپ،ئايرىدۇرومغا يۈرۈپ كەتتۇق.بۇ شىيالى ماركىلىق كونا ماشىنىنىڭ ئىچى بېننىز ماشىنىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشكىدەك قىلىپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ،ماتور قاتارلىق قاتارلىق زاپچاسلىرى پۈتۈنلەي فارارىنىڭ زاپچاسلىرىغا ئالماشتۇرىۋېتىلگەنىدى.بۇ ماشىنا مەخسۇس نەچچە ئۆلۈمدىن ئامان قېلىپ قايتىپ كەلگەن ئورگىنىمىزنىڭ خادىملىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە شۇ نەچچە ئۈلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن يولغا چىققان خادىملارنى ئۇزىتىپ قويۇشقا مەسئۇل ئىدى.
شوپۇرنىڭ كەينىدىكى يۆلەنچۈككە<< ئىقتىدارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر>> دىگەن بىر جۈملە خەنچە سۆز سۇڭ سۇلالىسى خەت نۇسخىسىدا يېزىپ ئېسىلغانىدى.شۇڭا بىز بۇ تېشى غال-غال ،ئىچى پال-پال ماشىنىنى <<قېچىر>>دەپ ئاتىشاتتۇق.بۈگۈن p0 قىزىل ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ،پۇتىغا قىزىل رەڭلىك تۆۋەن پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغان بولۇپ،بىر ئېغىز تىنماي دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئۈن-تىن سۈرمەي خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى.
-p0خانىم ئەگەر قورقۇۋاتقان بولسىىڭىز،قېلىپ قالسىڭىز بولىۋېرىدۇ،ۋەزىپىنى مىنىڭچە يالغۇز ئورۇنلىيالايمەن دەپ قارايمەن،-دىدىم ئۇنىڭ ھوزۇر بىلەن خىيال سۈرۈپ كەتكىنىگە چىدىمىغاندەك بولۇپ.
-كۆيۈنگىنىڭىزگە رەھمەت توختى.سىزنىڭ بىۋاستە رەھبىرىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەزىپىگە چىققاندىن كىيىن يېڭى سالاھىيىتىڭىزگە دەرھال ماسلىشىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن.يەنە بىرى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى ئورگىنىمىزدا قۇبۇل قىلىنىپ بولغان ۋەزىپىدىن ۋاز كىچىش خائىنلىق قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ،-دىدى ئۇ دېرىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ماڭا تەنبىھ بېرىپ.مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر نەرسە دەي دىدىميۇ ئۇنىڭ سىرتقا تىكىلگەن كۆزلىرىدىكى مەن كۆرۈپ باقمىغان ئېزگۈ نۇرلارنى كۆرۈپ،شۇ نۇردىن ھېيىققاندەك بولۇپ،گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.شۇنداق قىلىپ بىردەمدىلا ئايردىرومغا يىتىپ كەلدۇق.شۇپۇر <<خېچىر>>نى ھەيدىگىنىچە،ئالاھىدە ئۆتۈش يولى ئارقىلىق
پىكاپنى بىز چىقماقچى بولغان ئايروپىلاننىڭ يېنىغىلا توختاتتى.شوپۇر ئۇستام بىزنى بۇۇنقىدەكلا<<تىنچ-ئامان قايتىپ كىلىشىڭلارنى
ئۈمىد قىلىمەن>>دەپ ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن،p0ياق رىزۋان بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئالدىدىكى بۆلمىسىدىن ئورۇن تۇتتۇق.تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئايروپىلان ئورنىدىن ئاستا قوزغىلىپ قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.رىزۋان يەنە شۇنداق خىيال بىلەن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى.مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ۋاز كىچىپ ئورۇندۇقنى ياتقۇزۇپ،كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇشۇمغا:
-توختى سىز دائىم ئازاپلىنامسىز؟،-دىدى رىزۋان ئويلىمىغان يەردىن ئېغىز ئېچىپ.
-نىمىگە؟،-دىدىممەن بۇ باش ئايىغى يوق سۇئالدىن ئەجەبلىنىپ.
-سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز قىلىۋاتقان ئىشلار جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئىش،سىز مۇشۇلاردىن ئازاپلىنامسىز؟
-ئازاپلىنىپ باققان،ھازىر كۆنۈپ كەتتىم.
-مەن دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق قورقىمەن،ۋەزىپىنى ئورۇنداش داۋامىدا بىز جېنىنى ئالغانلارنىڭ گەرچە زەزىل بولسىمۇ،مەن يەتكۈزگەن بۇيرۇق،ياكى مىنىڭ قولۇمدا ئۆلۈشىدىن بەزىدە ئازاپ ھېس قىلىپ قالىمەن.
-مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئويلايتتىم.لىكىن مەن دۇنيا ۋە ھاياتنى تەپسىلى كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭ جاۋابىنى تاپتىم.مەسىلەن گۆشخۇر ھايۋانلار مەڭگۈ باشقا ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ.ئەمما بۇ ھەرگىز جىنايەت ھىسابلانمايدۇ.چۈنكى بۇ ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى ۋەزىپىسى.ئوتخۇر ھايۋانلارمۇ ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ ھايات كەچۈرىدۇ.ئەلۋەتتە شۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوقۇم جېنى تەپەككۇرى ۋە ھاياتى بار.ئەمما ئوتخۇر ھايۋانلارمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بولغاچقا،ئۇلارمۇ جىنايەتچى ھىساپلانمايدۇ.ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھەرخىل ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان ئوزۇقلۇقلارنى يەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ھەممىلا مەۋجۇدات جىنايەتچى.لىكىن بۇ جىنايەتلەردىن ئۇلارنىڭ ئازاپ ھېس قىلىشى توغرا ئەمەس.چۈنكى ھەممەيلەن بىر جىنايەت ئارقىلىق يەنە بىر جىنايەتچىنى يوقىتىمىز.
كىشىلىك ھاياتمۇ شۇنداق.قانداق ئادەم ئۆزىنى پاك دىيەلەيدۇ؟كىمنىڭ شۇنداق رەزىل بولۇپ قالغۇسى بار؟كىشىلىك دۇنيانى بىر كىنوغا ئوخشاتساق،ئۇلارمۇ ئۆز رولىنى ئېلىۋاتىدۇ خالاس.بىز ئالىدىغان رول شۇلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.شۇڭا بۇنىڭدىن ئازاپلانغۇدەك ھېچ ئىش يوق.مەيلى مىنىڭ ئاتا-ئانام،ياكى سىزنىڭ دادىڭىزمۇ پەقەتلا ئۆز رولىنى ئالىدۇ،ئەگەر دادىڭىز راستىنلا ئۆلۈپ كەتسە بۇ سىنارىيىدە ئۇنىڭ رولىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ كىنونىڭ بىز كۆرۈۋاتقان كىنولارغا ئوخشىمايدىغان بىردىنبىر يېرى ھاياتتىن ئىبارەت بۇ كىنودا باش رولچى يوق.،-دەپ گېپىمنى تۈگەتتىم مەن.گېپىمنى قىلىپ بۇلۇپ ئويلىغىلى ئۇزۇن بولغان،ئەمما ھېچكىمگە ئېيتىپ باقمىغان بۇ پىكىرلىرىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران بولۇپ قالدىم.
-بەلكىم سىزنىڭ دىگىنىڭىز توغرىدۇ.سىزنى بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىمايدۇ دەپ پەرەز قىلغانىدىم،قارىغاندا پەرىزىم خاتاكەن،-دىدى ئۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ.
-رىزۋان خانىم.سىزنى كۈلۈمسىرىيەلەيدۇ دەپ مەنمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.،-دىدىممەن ئېغىر سۆز تېمىسىدىن بىردەمدە زېرىكىپ.
-مىنىڭ ھازىرقى سالاھىيتىم سىزنىڭ قىز دوستىڭىز،بۇ جەرياندا سىزگە قانداقلا مۇئامىلىدە بولماي،بەك ئەستايىدىل ھېسياتتا بولۇپ كەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.بىلىشڭىز كېرەككى ھەر قانداق بىر ئاددى قىزمۇ يالغان ھېسيات ئىپادىلەش جەھەتتە سىزدەك پىشقان جاسوسنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ،-دىدى ئۇ يەنە ئابايقىدەك كۈلۈمسىرەپ.
-مەن ئەلۋەتتە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالمايمەن رىزۋان خانىم.بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ.ھېلىغۇ يارىشىملىق كىيىمىڭىزگە ماسلاشتۇرغان كۈلۈمسىرىشىڭىزكەن،يالىڭاچ بولۇپ قىلغان نازىڭىزمۇ مىنى جەلىپ قىلالمايدۇ،چۈنكى مەن سىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىڭىزنى كۆپ كۆرگەن،-دىدىممەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن رەددىيە بېرىپ.
-قارىغاندا كىيىمىم يارىشىپتۇدە؟...بۇ كىيىملەرنى مەن دادام ئۈچۈن كىيدىم.كىيىمىمنى ماختىغىنىڭىزغا ۋە ماڭا قىززىقمايدىغانلىقىڭىزنى
ئېيتىپ مىنى خاتىرجەم قىلغىنىڭىزغا رەھمەت توختى،-دەپ گەپتىن توختىدى ئۇ كىيىملىرىگە رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ.
ئۇنى تېرىكتۈرۈش پىلانىم بەربات بولۇپ،كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ گەپ قىلماي ئولتۇرىۋالدىم.ئارىمىزدا يەنە سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى.لىكىن قارىماققا ئۇنىڭ كۆڭلى ئابايقىدىن خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك قىلاتتى.ھايال ئۆتمەي ئايروپىلان قەشقەر دىيارىغا قوندى.بىز ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ،بىزگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان پىكاپقا چىقىپ رىزۋاننىڭ يۇرتى بولغان تاغلىق يېزىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
بىر يېرىم سائەتكە سوزۇلغان يېزا سەپىرى داۋامىدا رىزۋان ناھايىتى ھاياجانلىق بىر خىل چىراي ئىپاسىنى ئىزچىل ساقلاپ ،ئۆز يېزىسىغا قاراپلا تۇردى.ئەلۋەتتە مەندەك <<يۇرتۇم>>دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئادەم بۇ خىل ھېسياتنى چۈشىنىشكە ئەجىزلىق قىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ئۇنىڭ كەيپىنى بۇزماي جىمجىت ئولتۇرۇپ ئەتراپتنى كۈزىتىپ ئولتۇردۇم.ئاخىرى جىمجىتلىققا تولغان سەپەرمۇ تۈگەپ ،رىزۋان تەقەززا بولغان يېزىغا يىتىپ كەلدۇق.يېزىنىڭ ئېغىزىدا 50ياشلار چامىسىدىكى تەمبەل كەلگەن بىر كىشى ئاستىغا ئەديال سېلىپ ئولتۇرغانىكەن ماشىنىنى كۆرۈپلا ،ئەدىيالنىڭ قېشىغا قويۇپ قويغان ئايىقىنىمۇ كىيمەي يالىڭاياق بىز تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى.رىزۋانمۇ ماشىنىدىن ئېتىلىپ چۈشۈپ <<دادا!!!>>دىگەچ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.مەن ماشىنىنى توختۇتۇپ ،يۈك تاقلارنى چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىلىپ جىمجىت تۇردۇم.ئۇلار بىر ھازا قۇچاقلىشىپ يىغلاشقاندىن كىيىن ئاران ئۆزىنى توختىتىۋالدى.مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
-زۇنۇن دادا،مەن رىزۋاننىڭ يىگىتى بولىمەن،-دەپ قول ئۇزارتتىم <<بولغۇسى قېيناتام>>غا.
-ھە!!!~~~ئوغاۋالا!!!...ئوبدان كەپلا!..تۆشۈكتەك قايلاپ تۇماي ،كۆتەسىلە بوغجۇمىلىنى~~ رىزۋان خېنىمنىڭ قوسىقى ئېچىپ كىتىدا،-دىدى ئۇ سالامغا ئۇزارتقان قولۇمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ.قارىغاندا ئۇ <<بولغۇسى كۈيئوغلى>>نى تازا ياقتۇرمىغان بولسد كېرەك....
مەن ئوڭايسىزلىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ يۈك تاقلارنى كۆتەرگگچ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.ئىككى يېنى يىشىللىق بىلەن تولغان يېزا يولىدا ئىككەيلەن قىززىق پاراڭلىشىۋاتاتتى.
-يائاللا خېنىم،دادىلىرىمۇ ئەستە بارىكەن ھە؟!!،-دىدى زۇنۇن ئىنتايىن ھاياجانلىق ئاۋازدا.
-ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايلا دادا،لىكىن خىزمەت بەك ئالدىراش ئۆزلىرىنىمۇ يوقلىيالمىدىم،-دىدى رىزۋان خىجىللىق بىلەن.
-ياخشى قىزىم.تىرىشىپ ئىشلىسىلە.مەئەللىملىك دىگەن ياخشى خىزمەت.باللىغا ئىلىم بەسىلا چوڭ ساۋاپ بولىدا.لىكىن مىنىما تاشلىۋەتمىسىلە بولامدۇ خېنىم؟،-دىدى زۇنۇن ئۆزىگە ياراشمىغان ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.
-ماقۇل دادىكا ،مانا سىزنى دەپ كەلدىمغۇ مانا،-دىدى رىزۋان ئەركىلەپ.ئۇنىڭ ۋەزىپىنى دەپ كىلىپ سەۋەبىنى دادىسىغا ئۇستۇلۇق بىلەن ئىتتىرىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ،ئاياللارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم.
-ئىشقىلىپ كەگەنلىرى غەنىمەت.ئۆزلىرى بىلىملىك ،زىممىلىرىدا مەسئۇلىيەت ئېغىر.شۇڭىمۇ ئۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان بىلىملىك ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىلا بولاتتى.بۇنداق كۈندە ئاياغنىڭ پىتىكىگە سەژدە قىلىدىغان ئوغال بالا سىلىگە ياراشمايدا،-دىدى زۇنۇن ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ.
-دادىكا،..قالغان گەپنى ھېلى قىلىشايلى،توختىنى خىجىل قىلمىسىلا،-دىدى رىزۋان ماڭا يالغاندىن ھېسداشلىق قىلىپ.ھىم....ماڭا بىلىملىك سالاھىيەت ياراشمايدىغاندەك موزدوز قىلىپ قويغىنى ئۆزى ئەمەستەك.
-خىجىل بولمايدا!!!چەم بىلەن ھەپىلىشىدۇ ئەمەسما،-دەپ قويدى زۇنۇن  دوق قىلىپ. شۇنداق يەرلىك پاراڭلار بىلەن ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.زۇنۇن ئىككى قات قۇلۇپنى ئاۋايلاپ ئاچقاندىن كىيىن:
-چىسىلە خېنىم،ما كونا ھويلىمۇ سىلىگە زار بولۇپ كەتتى جۇما،-دەپ ھويلىغا بىزنى باشلىدى.رىزۋان كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋېدىم زۇنۇن ئالدىمغا شاققىدە ئۆتۈپ:
-ئوغاۋالا!!..چوڭلا ئالدىدا ماڭىدا جۇما ما  بىزنىڭ ژۇرتتا،-دەپ ماڭا ئالىيىپ قويۇپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى .مەن ئۈن سۈرمەي ئۇنىڭ كەينىدىن ھويلىغا كىرىدىم. قارىسام بۇ ھويلا خېلىلا چوڭ بولۇپ ھويلىنىڭ يېرىمىغا لىق كەلتۈرۈپ ئانار دەرىخ سېلىنغان،يەنە بىر تەرىپى پىشايۋان چىقىرىپ،ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن خېلىلا چىرايلىق قىلىپ سېلىنغان ئاسماق ياغاچ ئۆي ،ھويلا بىلەن ئانارلىق باغنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ چېچىلغان توپا يول ئايرىپ تۇراتتى.رىزۋاننىڭ ھويلىدىكى قەدىمى بارغانسىرى ئىتتىكلەپ،ئەڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن زۇنۇنغا ئەگىشىپ رىزۋان كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىۋېدىم .زۇنۇن كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ:
-ئۇغاۋالا..ما ئۆي رىزۋان خېنىمنىڭ ھوجرىسى،موزدوزنىڭ بىگىزىدەك ئۇتتۇ كەلگەن يەگە چىرىۋەمەي،پەدىشەپ دىگەننىمۇ بىلىپ قويسىلا جۇما،ماڭسىلا،ئى ~~ئانارلىقنىڭ قېشىدا پىشكە ئارام ئالسىلا، -دىگەندىن كىيىن رىزۋاننىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتتى.مەن ئاخىرى ئۇزۇن تەشنا بولغان يلغۇزلۇققا ئېرىشىپ،يۈك تاقنى قويۇپ قۇيۇپ،ۋەزىپىگە نەدىن قول سېلىش توغرىسىدا پىلانغا كىرىشىپ كەتتىم.يېزىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا نوپۇس ئانچە كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ.دىمەك بۇ زەھەر سودىسىدا چوقۇم يەرلىك كىشىلەرنىڭ قولى بار.يولدا ئۇچرىغانلىكى ئادەم زۇنۇنغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلغىنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ يېزىدا خېلى ھۆرمىتى باردەك قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم ئاۋۋال زۇنۇننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىم كېرەك.شۇلارنى ئويلاۋاتاتتىم زۇنۇن رىزۋاننى باشلاپ ھېلىقى ئۆيدىن چىقىپ كەلدى.
-ئوغاۋالا!!~~~~ھويلىدا بىژ كۈن تۇسىلىما ھېچ كىم سىلىگە كالاچ تىكتەتمەيدا~~بوغژۇمىنى ئېلىپ،ما يەگە چىسىلە،-دىدى زۇنۇن يەنە مەنسىتمەسلىك بىلەن.
-ماقۇل دادا،-پىلانىمنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇنىڭ سېسىق گېپىگە مۇلايىملىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇ كۆرسەتكەن ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.بۇ قېتىم ئالدىراقسانلىق قىلماي ئۇ ئىككەيلەن كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشىكتىن كىرىدىم.بۇ ئۆينىڭ يېرىمى بىكار قالدۇرۇلۇپ،يېرىمىغا بەلگە كەلگۈدەك سۆكە چىقىرىلغان بولۇپ،سۆكىنىڭ ئۈستى ۋە سۆكىنىڭ كەينىدىكى كەڭرى تام ئانار گۈللۈك گېلەم بىلەن لىق توشقۇزۇلغانىدى.ئۆي شۇنچىلىك پاكىز تۇتۇلغانىدىكى مۇشۇ ئۆينى زۇنۇندەك بىر ئەر كىشى تۇتتى دىسە خېلى خېلى ئادەملەرمۇ ئىشەنمەي قېلىشى مۇمكىن.
-چىقسىلا قىزىم،كۆپىدە پۇتلىرىنى سوزاپ ئاراملىرىنى ئالسىلا،سۇيقاش تەييار قىلىپ قويغان ھازىرلا پىشىدۇ،-دىگەچ قىزىنى سۆكىگە كەڭ قىلىپ سېلىنىپ،لىق مىۋە-چىۋە بىلەن تولدۇرۇلغان دوستىخانغا باشلىدى زۇنۇن.قارىغاندا قىزىنى دەپ خېلى تەييارلىق قىلغان بولسا كېرەك..
-ياق دادىكا،تاماقنى مەن ئىتەي،ئۆزلىرى توختى بىلەن پاراڭلاشقا ئولتۇرسىلا،مەن تۇرغۇچىدا سىلى ئاش ئەتسىلە بولمايدا،-دىدى  رىزۋان ماڭا تونۇش سۆز ئۇسسۇلىنى بىراقلا يەرلىك شىۋىسىگە ئالماشتۇرۇپ.
-ئۇمۇ توغرا ~لىكىن سىلىگە ئايرىم دەيدىغان گېپىم بار ئىدى،قولىنىڭ پەنجىسى بەش بولسا مونۇ ئوغاۋالا تاماقنى تەييار قىلسۇن ،بىز بىردەم مۇڭدىشىۋالايلى،قانداق دىدىم ئوغاۋالا؟؟،-دىدى زۇنۇن ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن تىكىلىپ.
-ماقۇل دادا.چاتاق يوق.سىلەر مۇڭدىشىڭلار،-دىگەچ كەينىمگە بۇرۇلۇپ تاماق ئىتىشكە ماڭدىم.تاماق ئىتىش ئەلۋەتتە مەن ئۈچۈن ناھايىتى تونۇشلۇق ئىش. چۈنكى بۇ جاسوسلۇق قوللانمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس.كۆپ ھاللاردا چۆمۈچ كىمنىڭ قولىدا بولسا،تاماق يىگۈچىلەرنىڭ جېنى شۇنىڭ قولىدا بولىدۇ ئەمەسمۇ.ئۆتكۈر زەھەرنى تاماقنىڭ شېرىن تەمى بىلەن يۇشۇرۇپ،رەقىپنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىش جاسوسلار ئۈچۈن ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر ئىش.
-ھويلىدىن كىرگەندىكى ئىككىنچى ئۆي ئاشخانا.يىرتىق كەش بامىكى دەپ قازناققا كىرىپ كەتمىسىلە يەنە،-دىدى زۇنۇن ماڭا بولغان قوپال مۇئامىلىسىدىن يانماي.
مەن ئاددىلا قىلىپ <<ماقۇل دادا>>دىگەندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتىم.قارىغاندا مىنىڭ زۇنۇن دىگەن بۇ ئادەمگە بەرگەن تەسىرىم بەك ناچار بولسا كېرەك.ھايال ئۆتمەي بىر قازان سۇيقاشنى دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەمدە ئېتىپ ،ئوچاقنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپتىن قاچىلارنى ئېلىپ ئۇسسۇپ،ئۇلار ئولتۇرغان ئۆيگە ئېلىپ كىردىم.ۋە ئەدەپ بىلەن ئاۋۋال زۇنۇننىڭ ئالدىغا ،ئاندىن رىزۋاننىڭ ئالدىغا قويۇپ ،ئاخىرىدىكى يېرىم ئۇسسۇلغان چىنىنى ئۆزەمنىڭ ئالدىغا قويۇپ سۆكىنىڭ گىرۋىكىدىلا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردۇم.ھەممەيلەننىڭ قورسىقى خېلى ئاچقان بولسا كېرەك قاچىلاردىكى مەززىلىك سۇيقاش بىردەمدىلا قۇرۇقدالدى.بىكار ياخشى تەسىر قالدۇرىمەن دەپ ئاشنى ئۆزەمگە ئازراق ئۇسقانلىقىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم.
-ھە~~~تاماق دېگەن ئوتياش ياخشى بولىسلا دىۋەڭ ئەتسىمۇ مۇشۇنداق ئوخشايدا،قاندا ئوغاۋالا يۇرتىمىزنىڭ ئوتياشلىرى بولامدىكەن يا؟،-دىدى تۇنجى قېتىم خېلى سىپايە ئاھاڭدا.مەن راسا بىر ماختىۋىتەي دەپ ئەمدى ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگىلا،زۇنۇن <<ئامىن!!!!>>دەپ مەغرۇرلۇق بىلەن دۇئاغا قولىنى  كۆتۈردى.بوغۇزۇمغا كىلىپ قالغان گەپلەرنى زورىغا يۇتىۋېتىپ،قولۇمنى ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈپ ،ئىچىمدە ئۇنى تىللاشقا باشلىدىم.<<ھۇ ھىلىگەر قېرى،ۋەزىپىنى دىمىسەم سەن قېرىنىڭ تامىقىنى ئىتىپ،بىشەم قىزىڭغا ھەرگىز مابەت بولمايتتىم.خەپ~~~ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇپ،ساڭا مىنىڭ قانداق ئوغاۋالا ئىكەنلىكىمنى بىر تونۇتۇپ قويمىسام>>.شۇنداق  ھوزۇرلۇق <<دۇئا>>قىلىۋاتاتتىم.ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك <<ئاللاھۇ ئەكبەر!!>>دەپ دۇئادىن قولىنى چۈشۈردى.ھەممەيلەن قولىمىزنى چۈشۈرۈپ بولۇپ،چىش ماتىلىغۇچنى ئېلىپ ،چىشىمىز ئارىلىقىدىكى گۆشلەرنى تازىلاشتۇق.
-قايلىسىلا ئوغاۋالا....ئى قاچىغا ئاشنى ئۆزلىرى ئۇسقاندىكىن ،ئى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىققا ئاچىقىپ پاكىز يۇيۇۋەتسىلە.ئۈچ قېتىم چايقىسىلا.بىزنىڭ ئۆيدە تاماقنى پاكىز يەيمىز.شۇڭا مىھرىبان خېنىم موزدوز ئاقتى-كۆكتى بولۇپ قامماي ،ئوقۇتقۇچى بولدى،-دىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.ئىچىمدە نەچچە قېتىم <<خەپ!!>>دەپ بولغاندىن كىيىن قاچىنى يۇغۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئورنۇمدىن قوپتۇم.
-بولدى دادىكا ~~قاچىنى ئۆزەم يۇياي.ئىشىك ئالدىدا قاچا يۇيۇپ ئولتۇرسا توختىنى قوشنىلار مازاق قىلمامدۇ؟،-دىدى رىزۋان ماڭا ھاياتىدىكى تۇنجى ياخشىلىقىنى قىلىپ.
-ياق~~ياق ~~خېنىم..سىلى مىنىڭ قىزىم بولغان بىلەن سىلىنى مەن ئانامدەك كۆرىمەن.ئۆزەم يۇيىۋېتىمەن.ئاباي چاقچاق قىلىپ قويدۇم،موزدوزنىڭ يۇغان قاچىسىدا تاماق يىگىلى بولمايدا،-دىدى زۇنۇن يەنە قەستەن مىنى چېقىپ.ئىچىمدە<<خەپ پوق ساقال قېرى!!سۇيقاشنى ئىتىپ بەرسە،چوشقىدەك خالاپشىتىپ ئىچىپ ئەمدى مىنى مەينەت كۆرىۋاتقىنىنى قارا!!>>دەۋەتكەندىن كىيىن :
-رىزۋان سىز دادام بىلەن ئارام ئېلىڭ ،مەن يۇيىۋېتىمەن،ئاياقنىڭ چەمىنى قۇم قەغەزدە تۈزلىگەن پەدىدە قاچىنى پاكىز يۇيىۋېتىمەن ،-دىدىم چاقچاق قىلىپ كەيپىياتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ.
-رىزۋان خېنىم دىسىلە جۇما!!!بېشىمىزدا كۆتۈرەپ چوڭ قىلغان خېنىم بۇ!!،-دىدى زۇنۇن تۇيۇقسىز چالۋاقاپ.مىنىڭمۇ سەۋر قاچام توشقان بولسا كېرەك .ئۇنىڭغا گەپ قايتۇرۇشتىن مەرىم يېنىپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ جىم ئولتۇرىۋالدىم.
-بولدى دادىكا،ئەمدى مېنى ئىش قىلغىلى قويمىسىلا،مەن ھازىرلا كىتىمەن.نەدە دادىسىنى ئىشقا سېلىپ قويۇپ قىزى ئارام ئالىدىغان ئىش باكەن؟،-رىزۋان شۇنداق دىگەچ دادىسىنىڭ تالاشقىنىغا ئۇنىماي قاچىلارنى يىغىپ چىقىپ كەتتى.ئۆيدە زۇنۇن بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
-ھە~~ئوغاۋالا،ئاباي مىھرىبان خېنىمنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ گەپلىرىگە ھە دەپ قويدۇم.تولا مىنى دادا،دادا دىمىسىلە ،مەن مىھرىبان خېنىمنى تاماق ئېتىپ قاچا ،يۇيىدىغان،يۈزىدىكى تىرىنى شىلىپلا ،ئاياغنىڭ چەمىنى يامايدىغان،ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىنى يوق موزدوزغا ھەرگىز بەرمەيمەن.مەن قىزىمنى ئوغال بالىنىڭ خۇۋاينىسىغا ئاتاپ باققان،ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىماي چۈش كۆرمىسىلە،-دىدى زۇنۇن ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن سۆز ئېچىپ.
-مەن رىزاننى،ياق رىزۋان خېنىمنى ياخشى كۆرىمەن دادا.ئۇمۇ ھەم شۇنداق.قولۇمدا گۈلدەك ھۈنىرىم بار ئۇنى ھەرگىز خار قىلمايمەن،-دىدىممەن سەمىمى قىياپەتتە.بۇ تېمىدا ئۇتتۇرىۋېتىشكە قەتئى بولمايتتى.چۈنكى سالاھىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋەزىپىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
-قۇرۇق گەپنى قوي.كونا تۈگمەننىڭ ئۆز چېغىدا نورى بار.قىزىمغا چاپلىشىۋالماي،ئۆز خىلىڭدىكى بومو بولامدۇ،تازلىقچى بولامدۇ بىرەرسىگە چاپلاش.سىنى ئۇنداقلارمۇ ياراتمىسا يولدىن چىكەتكەن بىرەرسىنى ئېلىپ،جەمىيەتنى تۈزىسەڭ ساۋاپ بولىدۇ،بىلدىڭما ئوغاۋالا؟!!!،-دىدى ئۇ بىراقلا قوپاللىشىپ.قارىغاندا ئۇنىڭغا سىلىق ۋاستىلەر كار قىلىدىغاندەك قىلمايتتى.بۇ مىنىڭلا ۋەزىپەم بولمىغاندىن كىيىن توپنى ئاۋۇP0خېنىمغا تېپىپ بېرىشنى قارار قىلىپ:
-سىلىنىڭ گەپلىرى ناھايىتى توغرا دادا،لىكىن رىزۋان خېنىم ئۇنىماسمىكى.....دەپ كەلسەك ئىككىمىزنىڭ ئىشىدا رىزۋان خېنىم كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان،-دىدىم يەرگە قاراپ ئامالسىز بۇ گەپلەرنى دىگەن قىياپەتتە.
-چەم چاينىغاندەك ،تىللىرىنى چاينىماي گەپنى ئوچۇق قىسىلا!!،مىھرىبان خېنىم كۈچەپ قاندا قىلدە؟؟؟؟،-دىدى زۇنۇن غەزەپ بىلەن ماڭا تىكىلىپ.
-شۇ..شۇ...دىسەم خاپا بولۇپ قالارلىمىكىن،-دىدىم يەردىن بېشىمنى ئۈزمەي يالغان دۇدۇقلاپ.
-تىلىڭنى چاڭينىماي گپ قىلاۋا،-دىدى زۇنۇن يەنە غەزەپ بىلەن.
-شۇ..شۇ..بىر كىچىسى رىزۋان...ياق..ياق رىزۋان خېنىم مىنى تىكىدىغان ئاياق بار دەپ ياتىقىغا ئاپىرىپ....ياتىقىغا ئاپىرىپ،-مەن شۇنداق دىگەچ ئاۋازىمنى بارغانسىرى پەسەيتىپ گەپتىن توختىۋالدىم.
-نىمە بولدى،-دىدى ئۇ كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ.ئاچچىقتىن ئۇنىڭ ساقاللىرى لىك-لىك قىلىپ سەكرەيتتى.
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ....شۇنداق دەپ....،-يەنە ئابايقىدەك گەپتىن توختىۋالدىم مەن.
زۇنۇن ئورنىدىن سەكرەپ قوپقانچە ياقامدىن ئېلىپ،يەرگە قارىۋالغان يۈزۈمنى مەجبۇرى ئۆزىگە قارىتىپ:
-ئەمدى تىلىڭنى چاينايدىغان بولساڭ بوينۇڭنى ئۈزىۋېتىمەن،-دىدى غەزەپ بىلەن.ئۇنىڭ شۇنچىۋالا تېرىككىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكى،
ۋەزىپىنى دېمەيدىغان بولسام چوقۇم راسا بىر ھوزۇرلىنىپ كۈلىۋالغان بولاتتىم.
-شۇ...شۇ...سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ماڭ ئېسىلىۋالغانتى..مەن ئوغال بالا بولغاندىن كىيىن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي.
-چىنە ساقما!!!!،-دىدى ئۇ ياقامنى تېخمۇ زەردە بىلەن سىقىپ گېپىمنى بۆلۈپ.
-چېقىلىپ كەتتى،-دىدىم مەن قورققان قىياپەتتە.
-ھۇ،ئاناڭنى ماز پەينەك،تېخى قىزمغا بەدنام چاپلاۋاتامسەن؟سەن غىتمەكنىڭ جېنىنى ھازىرلا ئالىمەن،-ئۇ شۇنداق توۋلىغاچ كونتىروللىقىنى يوقىتىپ بار كۈچى بىلەن گېلىمنى سىقىشقا باشلىدى.مەن ئادەتتە بىر تىنىق ئېلىۋالسام ،سۇغا خېلى ئۇزۇن شۇڭغۇيالايمەن.بۇمۇ بىزنىڭ كەسپتىكىلەر ئۈچۈن مۇقەررەر ماھارەت.شۇڭا تەمتىرەپ كەتمەي رىزۋاننىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقنى يىغىشتۇرىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.دەرۋەقە زۇنۇننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك رىزۋان ھايال ئۆتمەيلا يۈگۈرەپ كىرىپ:
-نىمە بولدى دادىكا،توختىنى ئاۋال قويۇپ بەرسىلە...ئۇ ئۆلۈپ قالىدۇ دادىكا،-دىگەچ دادىسىنىڭ قولىدىن تارتتى .
-ما مۇناپىق،ئۆزلىرىگە بەدنام چاپلاۋاتىدا،نېرى تۇسىلا،بۇ خوتۇنتالاقنى بوغۇپ تاشلاپ نىمە كۆرسەم كۆرىمەن...ھىق....ئوغالۋالىنىڭ خۇۋاينىسى جۇما مەن،-دىدى زۇنۇن رىزۋاننىڭ ئۇنى تارتقان قولىنى سىلكىۋېتىپ.
-نېمە بەدنام چاپلىدى؟؟دادىكا ئاۋۋال ئۇنى قويۇۋەتسىلە...چوقۇم ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،توختى ئۇنداق بالا ئەمەس،-دىگەچ ماڭا بىر قاراپ قويدى رىزۋان ئەجەبلىنىپ.
-ئىسىت قىزىم،مۇشۇ مۇناپىققا يان بېسىۋاتامدىلا،بۇ مۇناپىق چىنىنى چېقىۋەتتىم دەۋتىدا،-دىدى زۇنۇن گېلىمنى قويۇۋېتىپ ،بۇرنۇمغا نوقۇپ سۆزلەپ.
-نېمە چىنە؟ئۇ قايسى چىنىنى چېقىۋېتىپتۇ؟بولدى دادىكا..راس چېقىۋەتكەن بولسىمۇ،بىرەر چىنىنىڭ كارايىتى چاغلىق،توختىنى خىجىل قىلمىسىلا ،-دىدى رىزۋان گەپنى چۈشەنمەي.مەن ئۇنىڭ بىلمەستىن ماڭا بولۇشۇپ بۇ قېرىنى جىلە قىلىپ بەرگەنلىكىدىن شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكى بۇ خوشاللىقنى سىلەرگە ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.
-ئەستا...قانداق دىسەم بولا..نىم دىسەم بولا....قىزىم ئۇ سىلىدىكى چىنىنى چېقىۋەتتىم دەيدا!!!!!!!!،-دىدى ئۇ بىر قولىنىڭ دۈمبىسىنى يەنە بىر قولىنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ چالۋاقاپ.
-بۇ..بۇ....،-رىزۋان بۇ گەپنى ئەمدى ئاڭقىرىپ ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قىزىرىپ تۇرۇپ قالدى.مەن ئامال يوق دىگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىن كىيىن،يەرگە قاراپ تۇرىۋالدىم.ئىچىمدە ئابايقى خوشاللىق تېخىچە ھۆكۈم سۈرەتتى.
-يالغان دەۋاتىدۇ دىسىلە خېنىم ،بىر دىسىلە،ھازىرلا بۇ مەلئۇننى بوغۇپ تاشلاپ،مىنىڭ بىر تال قىزىمغا قارا چاپلىغان بۇ مەلئۇننىڭ جاجىسىنى بېرەي،-دىدى زۇنۇن قاتتىق غەزەپ بىلەن.
-ئۇ راست دەيدۇ..دادىكا...مەن ئۆزەم رازى بولغان،-دىدى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ لېۋىنى چىشلەپ.ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاتا-بالا بىشەملەردىن دەردىمنى تازا ئېلىۋالغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدىكى خوشاللىق ئەۋجىگە چىقتى.
بۇنى ئاڭلىغان زۇنۇن غەزەپ بىلەن ماڭا بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-خوش...ئوغاۋالا...سىلى زادى بىگىزگە تايىنىپلا جان باقىدىغان ئوخشايلا.......خەير..خەير...ئىست ئەقىلسىز قىزىم.....خەير،-دىگىنىچە ئەلپازىدىن بوشاپ ،سۆكىگە بېرىپ لەسسىدە ئولتۇردى.
-خاتىرجەم بولسىلا دادا،گەرچە باشتا بۇ ئىشلار مىنىڭ ئىختىيارىم بىلەن بولمىغان بولسىمۇ،رىزۋان خېنىمنى چوقۇم قەدرلەيمەن،-دىدىم ئۇنى داۋاملىق تېرىكتۈرۈپ.
-يوغان ئىش قىلىدىكەنلا....كەچ بولاپ قالدى ئىككىلىرى ئارام ئېلىشسىلا....چىنىما سۇنۇپتۇ....بوپتۇ. رىزۋان خېنىم ئورۇن سالسىلا،توختاخۇنغا مېنىڭ يېنىمغا ئوران سېلىپ بەرسىلە...مۇڭدىشىپ ياتىلىك،-دىدى ئۇ زەردە بىلەن رىزۋانغا قاراپ.
-ماقۇل،دادىكا..،-رىزۋان ماڭا زەردە بىلەن بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،قىزىرىپ پىشقان ئانارغا ئوخشاپ قلاغان يۈزىنى تۆۋەن سېلىپ،داستىخاننى يۇغۇشتۇرۇپ،ئورۇن كۆرپىلەرنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى.زۇنۇن دېگەن جاھىل قېرى پۇشۇلداپ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئابايىقى نوچىلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.راست گەپ قىلسام ئۇنىڭغا بىر ئاز ئىچىم ئاغرىپمۇ قالدى.رىزۋان ئورۇننى راسلاپ بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن،ئىككەيلەن يانداش سېلىنغان كۆرپىگە كىرىپ ياتتۇق.
-ئوغاۋالا~~~ئېتىز ئىشىغا جان بارمۇ يا؟؟؟،-دىدى زۇنۇن ماڭا تەتۇر قاراپ يېتىپ.
-چاتاق يوق،-دىدىممەن ئىشەنچىلىك قىلىپ.
-ئەتە كۆرىمىز،ئەمدى ماڭائىچ كۈيئوغال بولاپ قالىدىغان ئوخشايلا.....ئەتە ئېتىزغا مەن بىلەن بىللا چىقىلا..بالدۇر ئۇخلىسىلا،-دەپ گەپتىن توختىدى ئۇ.
مانا پۇرسەت دىگەن مۇشۇ نى-نى چېنىقىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن مەندەك ئادەم ئۈچۈن ئېتىزدا راسا ئىشلەپ ئۇنى ھەيران قالدۇرىۋېتىش تەس دەمسىز؟؟؟
بولدى ئەمدى مەنمۇ ئارام ئالاي..شۇلارنى ئويلىغاچ كۆزۈم ئەمدى ئۇيقىغا بېرىۋېدى،بۇ قېرى مەن بىلەن قېرىشقاندەك بولۇشىغا خوررەك تاتىشقا باشلىدى.
ئۇ خوررەكنى شۇنچكىك قاتتىق تارتىدىكەنكى ئىختىيارسىز خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن:
ئاھ خۇدايا نىمىشقا ياراتقانسەن خورەكنى،
خورەك تارتقان زۇنۇننى يولاتمىغىن يېنىمغا.
بېشىدا بوش-بوش خورەك،ئارقىدىن قوش-قوش خورەك،
خورەك تارتقان ئادەمگە پەشۋا-بىلەن مۇش كېرەك.
دىگەن قوشاق ئىسىمگە كىلىۋالدى....ئەپسۇس شارائىت تۈپەيلى ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسرانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالماي ئاخىرى بىر چاغلاردا بىزارلىق بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .
  بەلكىم 2-3سائەتلەر ئۇخلىغان بولسام كېرەك.خوراز چىللاپ سەھەرنىڭ ئىلتىپات قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.مەن يەنە ماۋۇ ئالجىغان قېرىنىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن،ئۇنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇپ ھويلىغا چىقىپ،ئانارلىق ھويلىنىڭ ئالدىدىكى ئېرىقتا تازلىقلىرىمنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،باغنىڭ ياغاچتىن ياسالغان رىشاتكىسىدا ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم.ھايال ئۆتمەي زۇنۇن ئۆيدىن چىقىپ كەلدى.
-ئوبدان قوپۇپلىمۇ دادا،-دىدىم ئەدەپ بىلەن.
-ئوغاۋالا،....سالام دىگەننى قونداقتا ئولتۇرۇپ بەرمەيدۇ،ئورنىدىن قوپاپ ئاندىن بەرسە ھېساپ،-دىدى ئو ئەتىگەندىلا زەردە بىلەن.
-خاپوممىسىلا دادا،ئانارلىق باغنى ناھيىتى چىرايلىق قىلىۋاپلا،ئانارغا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن،-دىدىم خىجىللق بىلەن ئورنۇمدىن  تۇرغاچ.
-ھىم....ھوزۇرلىنىپ بولغان بولسىلا،ئاشخانىدا كۈپتە سۇ بار قاينىتىپ قويسىلا،چاي ئىچكىلى لازىم بولىدا،-دىدى ئۇ يەنە قوپاللىق بىلەن.
مەن ئۈندىمەي ئاشخانا تامان مېڭىشىمغا:
-بولدى ،ناشتىنى مەن تەييار قىلاي دادىكا،بار چېغىمدا خىزمەتلىرىنى قىلىۋالاي،-دىدى رىزۋان ھوجرىسىدىن چىقىپ كىلىپ.زۇنۇن گەپ قىلماي يۈز كۆزلىرىنى يۇغىلى ئېرىققا چىقىپ كەتتى.رىزۋانمۇ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى.مەن ھويلىدا زۇنۇننىڭ تازىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ ئاخشام سۇيقاش ئىچكەن ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇردۇم.بىردەمدىن كىيىن ناشتىلىق تەييار بولۇپ،ئۈچەيلەن داستىخانغا داخىل بولۇپ،قۇرۇق يەل يىمىش ۋە قەشقەرنىڭ يەرلىك نېنى بىلەن ناشتا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتۇق.تەلىيىمگە چاي ئىچىش داۋامىدا زۇنۇن سېسىق گەپ بىلەن ئىشتىھايىمنى بۇزمىدى.ئۈن-تىنسىز چاي ئىچىپ بولغاندىن،دۇئا ياندۇرۇپ زۇنۇننىڭ كەينىدىن ھويلىغا چىقتىم.
-ھە ئوغاۋالا ~~~...ئې قازناقتا كەتمەن بار ئاچىقسىلا ،يەر ئاغدۇرىمىز،-دىدى زۇنۇن قازناقنى ئىما قىلىپ.
قازناقنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ چىراق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانىكەن.قالايمىقان نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدىن مىڭ تەستە ئۇ كەتمەننى تېپىپ،دولامغا ئېلىپ ھويلىغا چىقتىم.مىنىڭ چىققانلىقىمنى كۆرگەن زۇنۇن:
-رىزۋان خېنىم ،بىز ئېتىزغا ماڭدۇق جۇما..خۇدايىمغا تاپشۇردۇم،-دەپ قويۇپ رىزۋانغا قىيمىغاندەك بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن سىرتقا ماڭدى.مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.يول بويى جىمجىتىلىقنى ھەمراھ قىلىپ ،5كېلومېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن ،زۇنۇننىڭ ئېتىزلىقىغا يىتىپ كەلدۇق.
-ھە ئۇغاۋالا .....يەر مۇشۇ،كەتمەننى ئەكەلسىلە،يەرنى مەن ئاغدۇراي،-دىدى ئۇ ئېتىزنىڭ قىرىغا بىخارامان ئولتۇرغاچ.
-بولدى دادا مەن تۇرغۇچىدا سىلى ئىشلەمدىلا،-دىدىم يالغاندىن تەكەللۇپ قىلىپ.شۇنداق دەپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن يەر ئاغدۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.شۇنچىلىك ئىشلەپتىمەنكى بىر سائەت ئۆتمەيلا خېلى بىر يەرگە كىتىپتىمەن.ئىش قىلغاچ زۇنۇنغا دائىم پات-پات قاراپ قويدۇم.ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ كۆزىدە قايىللىق ئەمەس بىر خىل مەسخىرىگە مايىل كۈلكە ئەكىس ئېتەتتى.
بۇنىڭ سەۋەبىنى تازا ئاڭقىرالمىغان بولساممۇ يەنىلا كەتمەننى گۈس-گۈس قىلىپ چېپىپ يەرنى ئاغدۇرىۋەردىم.شۇ ئەسنادا <<تات..تات...تا..تات>>دىگەن ئاۋاز بىلەن بىر تىراكتور كىلىپ ئېتىزنىڭ يېنىدا توختىدى.تىراكتورنى 40  ياشلار چامىسىدىكى گەۋدىلىك بىر كىشى ھەيدەپ كەلگەنىكەن.ئۇ چۈشۈپلا زۇنۇن بىلەن سالاملاشتى.مەن ئارام ئالغان بولۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە دېھققەت قىلدىم.تىراكتۇرنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك بولغاچقا زۇنۇن مىنى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمايدۇ دېدى بولغاي ئەركىن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى.ئەپسۇس ئېغىز ھەركىتىگە قاراپ سۆزنى ئانالىز قىلىش مېنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىپ يېتىلدۈرگەن ئەڭ پىششىق ھۈنىرىمنىڭ بىرى.
-زۇنۇنكا،چىما ئۇ ئېتىزدىكى...ياۋ...غەزەپ چاپىدىكەن جۇما كەتمەننى.....،-دىدى ھېلىقى كىشى زۇنۇنغا.
-رىزۋاننىڭ يىگىتى ئوخشايدا....،-دىدى زۇنۇن ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويۇپ.مەن بېلىمگە ئېسىۋالغان كۇكەيدىكى سۇنى ئىچكەچ داۋاملىق ئۇلارغا نەزەر سالدىم.
-زۇنكا يامان ئادەم جۇما سىلە....بىز كۈيوغاللانى قىزىمىزغا يامانلىق قىلىپ سالامىكىن دەپ پۈۋلەپ بولالماي ئاۋارە...سىلى ماڭا تاراكتۇرنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ،ئۇنى كەتمەندە ئىشلەتكىلى تۇرۇپلا..ھا..ھا..ھا...
-قىلغۇچىلىكى بولسا قىلمامدا....يەر دېگەننى ھېچ بولمىسا ئۆكۈزدە ئاغدۇرىدىغاننى بىلمەي چاپە دىسە چېپىۋەگەن ئادەمنى مۇشۇنداق ئىشلەتمىسەك بولمايدا،-دىدى زۇنۇن سەت ھىجىيىپ.ئەسلى بۇ جاھىل قېرى تەرەكتۇر تۇرۇپ مېنى يەر چاپقىلى سېلىپ قەستەن مېنى ئاخماق قىلغانىكەن.
-شەنىڭ باللىرى ئەمەسما ...بىلمەي قالغاندۇ،-دىدى ھېلىقى كىشى ماڭا يان بېسىپ.
-ئەسكى موزدوز نىمىكەن ئۇ.شەلىكلىكى قۇرۇپ كەتسۇن،-دىدى  زۇنۇن  يەنە مىنىڭ يۈزۈمنى قىلچىلىك ئايىماي.
-ئانداما قىلىپ كەتمىسىلە،كەتمەن چېپىشىدىن قارىسام ئون ئەركەكنىڭ كۈچى باردەك قىلىدۇ،باللىنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولسا مەيلى دەيلى،پەقەت بولمىسا بىزنىڭ كىچىكىمۇ تەييار بولۇپ قالدى،مۇشۇنداق رۇستەمدەك جېنى بار يىگىتلەرنى تاپالماي يۈرىۋاتىمىز جۇما زۇنۇنكا-دىدى ئۇ ئادەم چاقچاق قىلىپ.
-كۇچ نېمىگە ئەسقاتىدا؟؟؟نى-نى شىرمەت باللىنىڭ مەدەنيەت ئىنقىلابىدا پوق  توشۇپ ئۆلەپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن،-دىدى زۇنۇن جاھىللىق قىلىپ.
-بەك جاھىل ئادەم جۇما سىلى.ئا ئوغالدىن سوراپ باقسىلا تىراكتۇر ھەيدىيەلەمدىكىن ھەيدىيەلىسە مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى شۇنى قىلىۋالاي.ھەيدىيەلمىسە  ئۆزەم دەرھال ئاغدۇرىۋېتەي،-دىدى ئۇ زۇنۇننى قايىل قىلىشتىن ۋاز كىچىپ.
-موزدوز دىگەن شۇ ئۆزىنىڭ ئاياغ تىكىش ماشىنىسىنى ئاران ھەيدەيدا.....،-دىدى ئۇ مەندىن سوراپمۇ باقماي.
-ئۇنداق بولسا ئۆزەم ئاغدۇرىۋېتەي،-ئۇ شۇنداق دىگەچ تىراكتۇرغا قاراپ ماڭدى.مەن دەرھال كەتمەننى قويۇپ ،ئۇلار تەرەپكە  كەلدىم ۋە مەن ھېلىقى ئادەمگە تۆۋەنچىلىك بىلەن سالام قىلغاندىن كىيىن،تىراكتورنى سىلىغان بولۇپ ،ماتورنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىنىڭ يېنىدىكى ئىككى ۋىنتىنى چاندۇرماي بوشىتىۋەتتىم.ئەلۋەتتە بارماقتا راۋۇرۇس كۈچ بولمىسا بۇ ھەرگىزمۇ قول بىلەنلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.پىلانىمنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇندىۋالغاندىن كېيىن ئۈن-تىن سۈرمەي تىراكتۇرغا قاراپ تۇردۇم.ھېلىقى كىشى تىراكتۇرنى ھەيدەپ بىنەمگە چۈشكەندىن كىيىنلا مەسىلىنى ھېس قىىپ تىراكتۇردىن پەسكە چۈشۈپ ئۇ يەر بۇيەرىگە قاراشقا باشلىدى.
-نىم بولدى تۆمۆلىرىگە؟،-دەپ سورىدى زۇنۇن ئۇ كىشىدىن.
-چىر-چىر قىلغان بىر ئاۋاز بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ كۈچۈمەيۋاتىدۇ،قارىغاندا مەلىدىن بازادىن ئابلىز رىمونتى چاقىرىپ چىقمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ،-دىدى ئۇ ساپساق تىراكتۇردىن بىردەمدە چاتاق چىققانلىقىغا ھېچ ئەقلى يەتمەي.
-مەن بىر كۆرەپ باققان بولسام بوپتىكەن،-دىدىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە كاپوتنى ئېچىپ ئۇيەر-بۇ يەرىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن ،<<ئاخىرى چاتاقنى تېپىپ>>ھېلىقى ئىككى ۋىنتىنى چىڭىتىپ قويدۇم.تىراكتۇردىكى ئاۋازمۇ يوقاپ ماتور باشقىدىن جانلىق ئايلىنىشقا باشلىدى.
-رېمونتچىلىقمۇ قولۇمدىن كىلىدۇ دىگىن،قارىغاندا بۇنىمۇ ھەيدىيەلەيدىكەنسەندە؟،-دىدى ئۇ كىشى قىزىقىپ.
-ھەيدەيمەن،-دىدىم كىسىپلا.راست گەپ قىلسام ھېلىغۇ بۇ ئەسكى تىراكتوركەن ،تانكا ئايروپىلان ھەيدەشمۇ مەن ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس.
-ئانداق بولسا ئۇكام ،بۇ ساڭا قالدى،مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى بېرىپ كېلەي،يامان ماي يەيدىغان بولىۋالدى ۋاقتىڭ يەتسە قاراپ قويارسەن،-دىدى ئۇ كىشى گېپىمدىن قەتئىي گۇمانلانماي.
-چاتاق يوق ئاكا بېرىۋەرسىلە،-دىدىم ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىگە لايىق ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.
-زۇنۇنكا ئەمىسە مەن كەتتىم.خۇدايىم راۋۇرۇس ئوغال بېرىپتۇ جۇما،-ئۇ شۇنداق دەپ قويغاندىن كىيىن خاتىرجەم ئىشىغا ماڭدى.
-ھە..ئوغاۋالا...قاسماق ئىشنىڭ ھەممىسى قوللىرىدىن كېلىدىكەن ھە....بوسىلا ،رىزۋان خېنىم ساقلاپ قالىدا،-دىدى زۇنۇن مېنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشكىنىمگە چىدىماي.مەن گەپ قىلماي تىراكتۇرنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.چۈش ۋاقتى بىلەن تەڭ يەرمۇ ئاغدۇرىلىپ بولدى.ئەتىگەننىڭ ياقى خېلى كالورىيە ئىسسىقلىقنى سەرپ قىلىپ بولغان بولسام كېرەك قورسىقىممۇ خېلى ئېچىپ قالدى.تىراكتۇرنى ئېتىزنىڭ بويىغا توختىتىپ ،زۇنۇن بىلەن گەپ قىلىشىپ سېسىق گەپ ئاڭلىۋالماي دەپ ئويلاپ، تىراكتورنىڭ ماي كىلاپانىغا قاراپ باقسام ، كىلاپان شۇنچىلىك مايلىشىپ كىتىپتۇ.بۇنداق بولسا ماي تولۇق كۆيمەي،ماي سەرپىياتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى تەبىئى ئىدى .بىر دەم ھەپىلىشىپ كىلاپاننى پاكىز قىلىۋەتتىم. ئېتىزنىڭ بويىدىكى ئېرىقتا قوللىرىمنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئامالسىز زۇنۇننىڭ يېنىغا كىلىپ زۇۋان سۈرمەي ئولتۇردۇم.تەلىيىمگە ئۇمۇ بىزنى ئۇزۇن ساقلاتماي تويۇتا ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلىدىن بىرنى مەن دېمەتلىك بىر بالىغا ھەيدەتكىنىچە ئېتىز بويىغا كەلگىنىچە توختىدى.ئۇ بىز بىلەن باشقىدىن سالاملاشدىن كىيىن:
-ئىشمۇ تۈگەپتۇ،مىنىڭ ئىشىممۇ تۈگىدى،ئەمدى چۈشلۈك تاماققنى بىزنىڭ ئۆيدە يەيلى،-دىدى زۇنۇننىڭ قولىدىن ماشىنا تەرەپكە تارتىپ.
-مەن باماي...رىزۋان خېنىم ساقلاپ قالىدا،،..،-دىدى زۇنۇن ماشىنىغا چىققىلى ئۇنىماي.
-يولدىن رىزۋان خېنىمنىمۇ ئېلىۋالىمىز،بىزنىڭ شەرۋانىخانمۇ چوقۇم رىزۋاننى ئېلىپ كېلىڭ دەپ بۇيرىغان،-دىدى ئۇ زۇنۇننىڭ قولىدىن قويىۋەتمەي.زۇنۇن ئاخىرى سالاغا تەڭ كېلەلمەي ماشىنىغا چىقتى.
-مانى ھەيدىيەلەمسەن؟،-دىدى ئۇ ئادەم ماڭا پىكاپنى ئىما قىلىپ.
-ھەيدەيمەن،-دىدىم يەنە كىسىپلا.
-قاۋۇل..!!چۈشە سەن تىراكتورنى ھەيدەپ كەينىمىزدىن ماڭ،-دىدى ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەن شوپۇرنى چاقىرىپ.شوپۇر تىراكتورغا چىققاندىن كىيىن ،مەن ماشىنىنى ئۇنىڭ يول باشلىغىنىچە ھەيدەپ ماڭدىم.
-ئوڭغا.....سەن ماشىنىنى يامان سىلىق ھەيدەيدىكەندەن جۇما....،-دىدى ئۇ ماڭا يول باشلىغاچ.
-ماشىنىنىڭ ئۆزى ئىسىلكەن،بىرەر مىليونلۇق ماشىنىدۇ بۇ،-دىدىم قىززىققان بولۇپ.بۇ ئادەمنىڭ تىگىنى بىلىۋالمىسام قەتئى بولمايتتى.
-ھەئە ..شۇنىڭغا تاقايدۇ،-دەپ قويدى ئۇ كىشى  كەمتەرلىك بىلەن.
-ئوغاۋالا....يېزىمىزدىكى داڭلىق كېرىم لوبەن دىگەن مۇشۇ جۇما.ماڭا كۈيئوغال بولمىغان بولسىلا كېرىم لوبەننىڭ ماشىنىساغا چىقىش ئەمەس،پۇرىقىنى پۇرىياممايتتىلە،-دىدى زۇنۇن مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كەتكىنىمگە چىدىماي.
-زۇنۇنكام  ئاشۇرىۋەتتى.قولامدا ئانچە-مۇنچە تىجارەت بار.خۇدايىممۇ يامان ئەمەس بەردى،-دىدى ئۇ ئادەم بىر ئاز مەغرۇرلانغاندەك بولۇپ.
-ھە كېرىم ئۇكام...بولسا ماۋۇ ئوغاۋالىنى شوپۇر قىلىۋالغان بولساڭغۇ بەك ياخشى  بولاتتى.تۆت كوچىدا خەقنىڭ ئايىغىغا تەلمۈرۈپ يۈرمىسە،-دىدى زۇنۇن مىنىڭ غېمىمنى يەپ.
-بۇ يىگىت خالىسىلا چاتاق يوق.،-دىدى ئۇ جىق ئويلاشماي.
-مىنىڭ پىراۋام يوقتى،-دىدىم مەن خىجىل بولغان قىياپەتتە.
-ھېچقىسى يوق .ماشىنىنى ياخشى ھەيدەيدىكەنسەن.پىراۋىنى ئۆزەم ھەل قىلىپ بېرىمەن،بۇرۇن شەھەردە ئايغا نەچچە پۇل تاپاتتىڭ،-دىدى ئۇ مەردلىك بىلەن.
-سودا ياخشى بولسا 1700كوي ئەتراپىدا چۆرگىلەيتتى،-دىدىم مەن ئۇنىڭ مەردلىكىنى داۋاملاشتۇرىشىغا خېلى ئورۇن قالدۇرۇپ.
-بولدى ئەمىسە مەن بىلەن ئىشلە،مەن 3500يۈەن بېرىمەن،-دىدى ئۇمۇ قىلتاققا چۈشۈپ.ئەمەلىيەتتە موزدوزلۇققا ئوخشاش سالاھىيەتلەرنىڭمۇ جىق پايدىسى بار.مەسىلەن ھېچكىم بىر موزدوزدىن ئارتۇقچە ئېھتىيات قىلىپ كەتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەك باشقا سالاھىيەتلەرگە سەكرەش ئاسان.
شۇنداقتىمۇ دەرھال ماقۇل دەۋەتمەي،زۇنۇنغا سۇئال نەزىرى  بىلەن قاراپ قويدۇم.
-ھە ..ئوغاۋالا كېرەمنىڭ نەزىرى چۈشكەن بولسا ماقۇل دىسىلە.پۇت قۇلى ئىشلەيدىغان ئادەمگە خىزمەت دىگەن ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولىدۇ،-دىدى زۇنۇن يەنە توڭلا.
-ئۇنداقتا ياخشى .ھازىرلا ئىشقا چۈشتۈم دەپ ئويلاۋەر،-دەپ قويدى ئۇ ئادەم مىنى يېنىغا تارتىۋالغانلىقىغا خوشال بولۇپ.
شۇ پاراڭلار بىلەن قارىساق زۇنۇننىڭ ئۆيىگە كىلىپ قاپتۇ.مەن پەسكە چۈشۈپ رىزۋاننى چاقىرىپ چىقتىم.ئۇ ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن كېرەم ئارقىلىق مېنىڭ يېڭى خىزمىتىمدىن خەۋەر تاپتى.ئۇ ئانچە خوشال ئەمەستەك <<ھە،ياخشى بوپتۇ>>دەپ قويۇپلا بۇ پاراڭ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى.
بىر دەمدىن كىيىن كېرەمنىڭ يوغان قاناتلىق  ھويلىسىنىڭ ئالدىغا ماشىنىنى توختىتىپ،ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىردۇق.
   كېرەمنىڭ ئۆيى(داچا ياكى قورۇق دىسەكمۇ ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئىدىكى،ئۇيغۇر نەققاشلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل نامايەندىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.كېرەمنىڭ باشلىشى بىلەن زۇنۇن بىلەن بىرگە يىغىن زالى بىلەن پەرقسىز لاھىيەلىگەن مېھمانخانىسىدىن ئورۇن تۇتتۇق.رىزۋان بولسا كېرەمنىڭ ئايالى بالىلىقىدىكى دوستى شەرۋانىخاننىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى.بىردەمدىن كىيىن يېشى مەندىن جىق پەرىقلەنمەيدىغان بىر يىگىت كىرىپ بىز بىلەن ئەدەپ بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى.
-ماۋۇ يىگىت ،رىزۋان خېنىمنىڭ شەھەردىكى يىگىتى ئىكەن،بۇندىن كىيىن بىزنىڭ شېركەتتە ئىشلەيدۇ،ئىسمى توختاخۇن،-دىدى كېرەم مېنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرۇپ.مەن قولۇمنى مەيدەمگەئېلىپ ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ سالام قىلدىم.
-ماۋۇ مېنىڭ چوڭ ئىنىم،ئىسمى مەشرەپ ،شېركەتتە مېنىڭ ئوڭ قولۇم،مەن بولمىسام شېركەت يۈرۈشىۋېرىدۇ،لىكىن مەشرەپ بولمىسا ئىشلار توختاپ قالىدۇ،-دىدى كېرەم ئىگىز بوي،قارا شىم-كاستومنى قاتۇرۇپ كىيىۋالغان،كۆزلىرىدىن ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يىگىتنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ. ئۇ ئاكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ماڭا مۇنداقلا سالام قىلىپ قويدى.
-بۇنىڭدىن توختاخۇن،سىلىنىڭ ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدا،ماشىنىنى سىلىق ھەيدەيدىكەن،رىمونتچىلىققىمۇ ئېپى باركەن،ئۆزى بەك يوغان بولمىغان بىلەن خېلى كۈچى باركەن،ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا،-دىدى كېرەم مەشرەپكە قاراپ.
-سىلە نىم دىسىلە شۇ،-دەپ قويدى مەشرەپ سوغۇقلا.قارىغاندا ئۇ ئاكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئانچە رازى بولمىسا كېرەك.
-ھە ئوغاۋالا،كېرىماخۇننىڭ شىركىتىگە نى-نى ئوغاۋالىلا كىرەممەيدۇ جۇما...ئىناۋىتىمنى تۆكمەي تۈزۈك ئىشلىسىلە،-دىدى زۇنۇن مەندەك <<موزدوز>>نى ئۆزىنىڭ يۈزىگە تايىنىپ چوڭ شېركەتكە خىزمەتكە تونۇشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ.
-ماقۇل،مەن چوقۇم مەشرەپكامنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىمەن،-دىدىم كۈلۈمسىرەپ.مەن بىلەن يېشى تەڭتۇش كىلىدىغان مەشرەپ مىنىڭ بۇ خوشامىتىمنى ئىلىكمۇ ئېلىپ قويمىدى.
شۇ ئارىلىقتا جوزىغا پېتىر مانتا،پولو قاتارلىقلار كەلتۈرۈلدى.مەن ئۇلارغا ئاددى تەسىر بېرىش ئۈچۈن پولونى يالماپ-يالماپ يۇتۇپ،مانتىنى پۈتۈن-پۈتۈنلا  ئېغىزىمغا كەپلەشكە باشلىدىم.بۇنى كۆرگەن ئۈچەيلەن ماڭا قارالا قالدى.ۋەھالەنكى ئۈچەيلەننىڭ مىنىڭ تاماق يىيىش ھالىتىمگە تاشلىغان نەزىرىنىڭ مەنىسى قەتئى ئوخشىمايتتى.كېرەم ئىشنى گۈس-گۈس قىلىپ تاماقنى كوم-كوم يەيدىغان ئوغۇلبالىدىن خېلى رازى بولغاندەك قىلاتتى.زۇنۇن بولسا نۇرغۇن سېسىق گەپلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ،مەندىن نومۇس قىلىپ قىزىرىپ ئولتۇراتتى.مەشرەپنىڭ بولسا ئابايقىغا قارىغانداخېلى كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.مەن ئاغزىمدا كۈچەپ مانتىنى چاينىغاچ ئۇلارنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى ئەمدى بايقىغاندەك قىياپەتتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ،ئوڭايسىزلىق بىلەن كۈلۈپ قويدۇم.زۇنۇن مىنى چېقىشقا ئەدى پۇرسەت تېپىپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە:
-خو....مۇشۇنداق يەپ ئىشنى راۋۇرۇس قىلىش كېرەك ،-دىدى كېرەم كۈلۈمسىرەپ.
-بەك ئوخشاپتۇ،-دىدىممەن مىڭ تەستە مانتىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن.
-ئوغاۋالا......سىلىنى خىزمەتكە ئالدى،جەھەننەمگە ئەمەس،ئالدىرىماي يىسىلىمۇ ئۈلگۈرىلا،-دىدى زۇنۇن تېرىكىپ.
-قارىغاندا مائاشىنى تېز ئۆستۈرۈپ بەرمىسەك،تاپقان پۇلى تاماققا يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ،-دىدى مەشرەپ تۇنجى قېتىم ئېچىلىپ.
مەن گەپ قىلماي بېشىمنىڭ كەينىنى تاتىلاپ كۈلۈپ ئولتۇرىۋالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېھقىتىنى مەندىن ئاغدۇرۇپ تاماققا بېقىشتى.بىردەمدىن كىيىن بىز تاماقتىن پارىغ بولۇپ،دۇئاغا قول كۆتۈردۇق.مەن ئەمدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ ئولتۇرىۋېدىم.
-قورساقمۇ تويدى،قوپسىلا توختاخۇن ئەمدى رەسمى ئىشقا چۈشتىلە،ناھىيىدە بىجىرىدىغان ئىش بار،شۇ يەرگە بارىمىز،-دىدى مەشرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
مەنمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك قىلماي دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ زۇنۇن ۋە كېرەم بىلەن ئاددى خوشلىشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.مەشرەپنىڭ ماشىنىسى بېننىز ماركىلىق ئىسىل 4 كىشىلىك پىكاپ بولۇپ ئۇ كابىنكىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كىيىن ماشىنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم.تەلىيىمگە ماشىنا يول باشلاش سېستىمىسى بولغاچقا،مەشرەپنىڭ يول كۆرسىتىشىگىمۇ ئانچە ئېھتىياجلىق بولمىدىم.
-ھە...توختى..ئىككىمىز تەڭتۇشكەنمىز.سەنلا دەۋىرەي قانداق؟،-دىدى مەشرەپ ئورۇندۇقنىڭ بەدەن ئۇۋۇلاشكونوپكىسىنى بېسىپ قويۇپ ئورۇندۇققا يۆلەنگەندىن كېيىن.
-چاتاق يوق ،مەن يېڭى ئىشقا چۈشتۈم ،ياخشى قىلالمىغان يەرلىرىم بولسا كۆرسۈتۈپ قويارسىز،-دىدىم مەنمۇ ئەدەپ بىلەن.
-تاماكا چىكەمسەن؟،-دىدى مەشرەپ <<يۈشى>>ماركىلىق تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرغاچ.
-چىكىمەن،-دىدىم مەن كىسىپلاجاۋاپ بېرىپ.ئەمەلىيەتتە مەن ئادەتتە تاماكا چەكمەيمەن.
-مە،-دىدى ئۇ ماڭا بىر تال تاماكا تەڭلەپ،-تاماكا ماشىنىنىڭ كەينىدە جىق،شۇيەردىن ئېلىپ چىكىۋەر.
-بىزنىڭ بۇ شېركەت ئادەتتە نېمە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟،-دەپ سورىدىم ماشىنىنىڭ چاقمىقىدا تاماكىنى تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن.گەرچە ماشىنىنىڭ دېرىزىسى ئىتىق بولسىمۇ،ماشىنا ئۆزلىكىدىن تاماكا ئىسىنى سىرتقا شوراپ چىقىرىۋېتەتتى.شۇڭا ماشىنىنىڭ ئىچىنىمۇ تۈتۈن بېسىپ كەتمىدى.
-بىز ئانار،چىلان،ئۈزۈملەرنى چەتئەلگە ئىكىسپورت قىلىمىز.يەنە يېزىمىزنىڭ يۇقىرىسىدىكى تاغدا ئاچقان مىس كانمۇ بىزگە قارايدۇ.ئۇنى ئىچكىرە ئۆلكىدىكى سىم زاۋۇتىغا ئۆتكۈزىمىز،بىز بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭ خوجايىنلار شۇڭا سۆھبەت بولۇۋاتقاندا ئالدىراپ ئېغىز ئاچما.كىيىمىڭنى رەتلىك كىي،-دەپ قىسقا،ئېنىق چۈشەندۈردى مەشرەپ.
-ھە.....بولسا تاماكىدىن يەنە بىر تال بەرسىڭىز بوپتىكەن ،-دىدىممەن ئاچكۆزلۈك بىلەن ھىجىيىپ.
-مە،-دەپ يىرىم قاپ قالغان تاماكىنى ماڭا ئۇزاتتى مەشرەپ.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مېنىڭ ئاچكۆزلىكىمنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلاتۇراتتى.مەن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ،قالغىنىنى ئاۋايلاپ قويۇن يانچۇقۇمغا سالدىم.ئورۇندۇقنىڭ بەدەن ئۇۋىلاش سېستىمىسى بەك ئىلغار بولسا كېرەك مەشرەپ بىر دەمدىلا كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتى. مەن ماشىنىغا سېلىپ قويۇلغان ساكس مۇزىكاپىلاستىنكىسىنى قويۇپ قويۇپ جىمجىت ماشىنا ھەيدەشكە باشلىدىم.ھايال ئۆتمەي يول باشلاش سېستىمىسى بىزنى باشلاپ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ مېھمانساراي بولغان <<بوز ئات>>مېھمانسارىيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
-مېھمانخانىغا كەلدۇق،-دىدىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئارام ئېلىۋاتقان مەشرەپنى چاقىرىپ.
ئۇ ھۆل قەغەز بىلەن يۈىنى سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن
-مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر.ئىش بولسا ماشىنىدىكى تېلىفۇنغا تېلىغۇن قىلىمەن.بەك ھايال قالماسلىقىم مۇمكىن ،بىر يەرگە كەتمەي مېنى ساقلاپ تۇر،-دەپ قويۇپ مېھمانخانىغاكىرىپ كەتتى.مەن بۇ پۇرسەتتە بىر كۆزۈمنى مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىگە قويۇپ ماشىنىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىرگۇمانلىق يېرى بولمىسىمۇ،ھەر بىر نۇقتىنى قويۇۋېتىشكە بولمايتتى.قارىسام ماشىنىدا توختام قەغىزى،تامغا قاتارلىق نەرسىلەردىن باشقا گۇمانلىق نەرسىلەر يوقكەن.ماشىنىنىڭ كەينىنى ئېچىپ قارىسام،ئېسىل-تاماكا ھاراق ،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن توشۇپ تۇرۇپتۇ.تاماكىدىن بىر ئورام(يەنى ئون قاپ)ئېلىپ،شوپۇر ئورۇندىقىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا،ئۇ ئازلا چېچى قالغان،ئوبدانلاقورساق سالغان بىر خەنزۇ كىشىنى باشلاپ چىقتى.ئۇلار ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندىن كىيىن،مىنى ناھىيىنىڭ چەت رايونىغا جايلاشقان بەخىت-سائادەت ئارامگاھىغا ھەيدەشنى تاپىلاپ قويۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.كۆزۈم يولدا،قولۇم رولدا،قۇلىقىم ئۇلاردا ئىدى.مەشرەپنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭى دېگەندەك بولمىسىمۇ ،خەنزۇچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيتتى.ئۇلار مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىلا خېلى مۇڭدىشىپ ئۈلگۈرگەن بولسا كېرەك.
-شۇنىڭ بىلەن خېلى جاپا تارتتىم دەڭ.سىز بىزنىڭ تىجارىتىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلدىڭىز،بىز سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز.بىز قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھايت دەڭ،-دىدى مەشرەپ ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭغا تاماكىدىن بىرنى تۇتۇپ.
-قىلىشقا تىگىشلىك ئىش.ئىقتىدارلىقلارنى ئالدىن بېيىشقا يېتەكلەش بىزنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتىمىز،بىراق.......،-دەپ گەپتىن توختىدى ئۇ كىشى.
-قانداقلا شەرت بولسا دەۋىرىڭ.بىز چوقۇم ئورۇنداشقا تىرىشىمىز..،-دىدى مەشرەپ <<بىراق>>تى سودۇقۇپ.
-سىلەرنىڭ باشقا ئىشىڭلاردا چاتاق يوق.لىكىن مىس كانغا تاپشۇرغان بېجىڭلار،سىلەر قازغان مىسنىڭ قىممىتىگە توغرا كەلمەيدۇ،-دىدى ئۇ كىشى <<بىراق>>نى يىشىپ.
-مىس كاننى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاقەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مىس كانغا ئاكام ئۆزى مەسئۇل.سىز ئاكامنى بىلىسىز ئاكام ھەرگىز باجغا پىخسىقلىق قىلىپ باققان ئاسەم ئەمەس،-دىدى مەشرەپ ئىشەنچ بىلەن.
-مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.سىلەرمىس بىلەن تەمىنلەۋاتقان سىم شېركەتلىرىدىن سىلەرنىڭ قانچىلىك مىس قېزىۋاتقىنىڭلاربىزگە ئايان.دېمەكچى بولغىنىم سىلەر تاپشۇرىۋاتقان باج ئەمەلىيەتتىكىدىن ئارتۇق،-دىدى ئۇ كىشى ئەجەبلىنىپ.
-بۇنى مەن چوقۇم سۈرۈشتۈرىمەن.قارىغاندا بىزنىڭ مالىيىگە مەسئۇل خادىم بىخەستەلىك قىلغان ئوخشايدۇ.،-دىدى مەشرەپ ئەستايىدىللىق بىلەن.
-بۇ ئىشقادېھقەت قىلىشىمنى يۇقىرىدىن بىر قانچە قېتىم تاپشۇردى،مەن ئەتە-ئۆگۈن ئۈزەم بېرىپ ھىساباتنى تەكشۈرمىسەم بولمايدۇ،-دىدى ئۇ كىشى ۋەزمىن ئاھاڭدا.
-بۇ قەشقەرنىڭ ئاۋات يېرىدىكى داچا شەكلىدە سېلىنغان ئۆينىڭ ئۆي خېتى،مەن ئۆي سېلىنىۋاتقاندىلا سىزگە بىرنى ئېلىپ قويغانىدىم،قاچانلا باشقىلارنىڭ نامىغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ،-دىدى مەشرەپ قوينىدىن خېلى يوغان بىر لىپاپىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ.قارىغاندا ئۇنىڭ قويۇن يانچۇقى ئالاھىدە كەڭرى قېلىپ ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن بولسا كېرەك.
-ياق،ياق،بۇنداق قىلساق بولمايدۇ،-دىدى ئۇ كىشى كۈلۈمسىرەپ لىپاپىنى يالغاندىن ئىتتىرىپ.
-ياق،ياق،ئالمىسىڭىز بولمايدۇ،سىز بىزنى دەپ جاپا چىكىۋاتسىڭىز،ئازراق كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلغىلى قويمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟،-دىدى مەشرپ لىپاپىنى داۋاملىق ئۇنىڭغا تەڭلەپ.
-ئۇنداق بولسا،بۇ ئۆيدىن مەن پايدىلىنىپ تۇراي،كىيىن سىزگە لازىم بولسا دەڭ،دەرھال سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن،-دىدى ئۇ كىشى ھىجىيىپ لىپاپىنى سومكىسىغا سالغاچ.
-يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى گېپىمىزنى قىلىپ قويغان بولسىڭىز،-دىدى مەشرەپ ئەمدىلەتىن كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ.
-مەن سىزنى ئۆز ئىنىمدەك كۆرىمەن ،سىزنىڭ ئىشىڭىز مېنىڭ ئىشىم،خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدى ئۇ كىشى ئابايقى كەسكىن ئەلپازىدىن بىراقلا بوشاپ.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار خۇددى راس ئاكا-ئۇكىلاردەك ئائىلە پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.ھايال ئۆتمەي ئارامگاھقىمۇ يىتىپ كەلدۇق.بۇ ئارامگاھ ناھىيەنىڭ سىرتىدىكى ئادەم ئىنتايىن ئاز بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ سىرتىدىن قارىماققا ناھايىتى ئاددى بولۇپ.ئارامگاھنىڭ سىرتىغا چاقچۇقمۇ چاپلانماي سىمونت پېتىچىلا قالدۇرۇلغانىدى.
-سەنمۇ مەن بىلەن بىللە كىر،-دىدى مەشرەپ ماشىنىدىن چۈشكەچ.مەن دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.
-ھەر قېتىم كەلسەم بىر شوپۇر ئالماشتۇرىدىكەنسىز،دېھقەت قىلىڭ،-دىدى ھېلىقى كىشى مەشرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ.
-ھېچقىسى يوق.ئۇئۆز ئادەم،-دىدى مەشرەپ  دەرھال ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.
-ئارامگاھنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ،مەشرەپ ماڭا ئىشارەت قىلىۋىدى،پايپاسلاپ بېرىپ،ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل كۇنۇپكىنى باستىم.ھايال ئۆتمەيلا ئىشىك ئېچىلىپ،ئىككى قاتار تۇرغان 18 ياشلار چامىسىدىكى سۈرەتتەك چىرايلىق 8 قىز ،ۋە ھەشەمەتلىك ئارامگاھ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى.
-قارشى ئالىمىز،-دىگەن يېقىملىق ئاۋازدا بېشىنى ئىگىپ سالام قىلىپ بىزنى ئىچىگە باشلىدى ئۇ سەككىز نازىنىن.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاجايىپ ھەشەمەتلىك زالنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان كۈتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق.
-sخانىدىن بىرنى cخانىدىن بىرنى ئېچىپ بېرىڭ،-دىگەچ ئالتۇن رەڭلىك كارتىنى 35 ياشلار چامىسىدىكى ،مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان ،تەنناز ئايالغا سۇندى مەشرەپ.
ئۇ ئالدىدىكى كومپىيوتۇر بىلەن ھەپىلەشكەندىن كىيىن ،قولىدىكى سۆزلەشكۈش ئارقىلىق قىزىل رەڭلىك كىيىۋالغان ئىككى قىزنى چاقىرىپ بىزنى خانىغا باشلاشنى تاپىلىدى.ئۇلار بەكلا تەجىربىلىك بولسا كېرەك سوراپ ئولتۇرمايلا بىرى مىنى باشلاپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر  ئۆيگە باشلاپ قويغاندىن كىيىن ،يەنە بىرى ئۇ ئىككەيلەننى باشلاپ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.مېنى باشلىغان بۇ خانىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك كەڭرى بولۇپ،كەڭرى ئۈستەلگە تونۇر كاۋاپتىن تارتىپ،ئىچكىرىنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرىغىچە لىق توشقۇزۇلغان ئىدى.يەنە بىر تەرەپتە كىچىككىنە بىر يۇيۇنۇش كۆلچىكى كۆلچەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ھەشەمەتلىك كارىۋات قويۇلغان،كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى دەرىزىدىن ئارامگاھنىڭ كەينىدىكى بۈك باراخسان ئورمانلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ۋەھالەنكى بۇ cدەرىجىلىك خانە ھەشەمەتلىكلىك جەھەتتە 5يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن قالغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. مەن ئۇدۇللا داستىخاننىڭ قېشىدىكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تائاملارنى يالماپ يىگەچ،خانىنىڭ ئىچىنى كۆزەتتىم قارىسام خانىنىڭ 4 يېرىگە زىننەت بويۇمىغا ئوخشىتىپ ياسالغان كامېرا ئورنۇتۇقلۇق ئىكەن.بەلكىم بۇ كامېرانى قانداق بايقىيالىدىڭ دەپ ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە بۇ بەك ئاسان.يوشۇرۇن كامىرا بارلىقىدىن گۇمان قىلغان ئادەم كامېرانىڭ شەكلىگە دېققىتىنى بۇرىۋالماي،قايسى ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىغا سەپ سالسىلا بولىدۇ.كامېرالارنى بايقىۋالغاندىن كېيىن ،خاتىرجەم بولۇپ كىرىسلوغا يۆلىنىپ،كىرىسلونىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان تىزگىنەكنى ئېلىپ ،مۇلازىمەت چاقىرىش دىگەن كۇنۇپكىسىنى باستىم،ھايال ئۆتمەي مېنى خانىغا باشلاپ كىرگەن ھېلىقى قىز ئىشىكنى چىكىپ خانىغا كىرىپ كىلىپ
-قانداق مۇلازىمەت كېرەك ئەپەندىم؟،-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
-قانداق مۇلازىمەتلەر بار؟
-ھەر قانداق تەلىپىڭىزنى ئورۇنداشقاتىرىشىمىز.
-ئۇنداق بولسا قىزلاردىن ئىككىنى چاقىرىڭ،يەنە كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەردىن قانچە خىل بولسا ،شۇنچە خىلنى كەلتۈرۈڭ،-دىدىم قەستەن پەس نەزەر بىلەن ئۇنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە تىكىلىپ.
ئۇ سۆزلەشكۈ بىلەن يوليورۇق سورىغاندىن كىيىن ،ماقۇل دىگەن جاۋاپنى ئالدى بولغاي،<<بىردەم كۈتۈڭ>>دەپ قويغاندىن كىيىن كەينىچىلاپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
بىر دەم كۈتىۋېدىم،كىيىملىرى ئىنتايىن ئاز ئىككى قىز قولىدا ئىككى پەتنۇسنى كۆتۈرگەنچە كىرىپ كەلدى.ئۇلار پەتنۇسنى ئۈستەلگە ئاۋايلاپ قويغاندىن كىيىن ھاياسىزلىق بىلەن ئىككى يېنىمغا كىلىپ بىلەكلىرىمنى قۇچاقلاپ ،ماڭا سۈركىلىپ ئولتۇردى.پەتنۇستا ئەڭ ئاددىسى  مەكىتنىڭ كەندىرى،چەت ئەلنىڭ شامپىنىدىن تارتىپ،يۇقىرىسى كوكايىنغىچە بولغان ھەممە نەرسە ئۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا كېتەرلىك سايمانلار بىلەن لىق توشقۇزۇلغانىدى. مەن ئىككىلەنمەيلا كىچىك تەخسىگە ئېلىپ قويۇلغان خىروئىننى ئېلىپ،يېنىدىكى پار-پۇر قەغەزگە قۇدۇم ۋە ئۇ قىزلارنىڭ بىرىنى چاقماق يېقىشقا بۇيرۇپ نەيكە بىلەن ئۇنىڭدىن چىققان تۈتۈننى كۈچەپ شورىدىم.(مەن خۇمارغا قارشى تۇرۇشنى مەخسۇس مەشىق قىلغان باشقىلارنىڭ دوراپ،سىناپ بېقىشى قەتئى چەكلىنىدۇ) شۇ شوراش بىلەن كامىرادىن ماڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ بارلىق ئەندىشىسىنى يوق قىلماقچى ئىدىم.مېڭەمنى تۈتۈن ئىگىلەپ،كۆزلىرىم ئالا-چەكمەن بولغاندىن كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇ ئىككى قىزنى ئۋىلاشقا بۇيرۇپ قويۇپ،بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنىشىنى كۈتۈپ ياتتىم.دىگەندەك مىنى ئۇزۇن ساقلاتمايلا مەشرەپ بىلەن ھېلىقى كىشى ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
-نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟؟؟؟ئىسىت ئاكامنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئىشەنگىنى ،-دىدى مەشرەپ زەردە بىلەن جوزىدىكى چىكىملىكلەرنى قاراپ..ئۇنىڭ ھەمرىيى ماڭا ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىسىز قاراپ تۇراتتى.
مەن قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەندەك كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ يەرگە تىزلاندىم.
-خاپا بولماڭ مەشرەپ ئاكا.مەن بۇ رۇن چىكەتتىم لىكىن تاشلىغان...بۈگۈن بۇ يەردە بارلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم ،ئەمدى ھەرگىز قىلماي،-دىدىم گېپىمنى بۇرنۇمدىن چىقىرىپ قاتتىق كەيىپبولۇپ كەتكەن قىياپەتتە.
-قۇرۇق گەپنى قوي!!،ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقال!!!!زۇنۇنكامغا ئۆزەم خەۋەر قىلىپ قويىمەن!!!،-دىدى ئۇ مىنىڭ مەيدەمگىلا بىرنى تىپىپ.
مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە تىزلىنىش ھالىتىگە كىرىپ:
-ئۇنداق قىلماڭ مەشرەپ ئاكا،مەن نېمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي،رىزۋان ئۇقۇپ قالسا مىنى چوقۇم تاشلىۋېتىدۇ،-دىدىم مىچىلداپ.
-بولدى،بولدى،مەشرەپ،ياشلار دىگەن ئېزىپ قالىدۇ ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ،خىزمىتىڭىزنى قىلىپ گۇناھىنى يۇسۇن،-دىدى ھېلىقى <<رەھبەر>>مەشرەپكە نەسىھەت قىلىپ.
-بوپتۇ.بۈگۈن سىنى ۋاڭ ئاكام تىلىۋالدى.ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي،-مەشرەپ شۇنداق دەپ رازىمەنلىك بىلەن ھەمرىيىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،ئۇنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ،مەن تۆت كامىراغا ئۆزەمنىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق ئاشكارىلاپ قىلغۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.ئەلۋەتتە ئۇلار مىنى ئىلگەنلىكىدىن،مىنىڭ جىنايەتلىرىمنى سىنغا ئېلىۋالغىنىدىن رازى بولسا،مەن ئۇلارنى ئىلىندۈرگىنىمدىن خوشال ئىدىم.شۇنداق قىلىپ ،كەيپ ئىچىدە يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۇيقىغا كەتتىم.
      ئەتىسى ئورنۇمدىن خېلى سەھەردە تۇرۇپ،جوزىدىكى نېئمەتلەر بىلەن ياخشى ناشتا قىلىۋالغاندىن كىيىن،پەتنۇس ئۈستىدىكى خىروئىننى قەغەزگە يۆگەپلا ،يانچۇقۇمغا سېلىپ،خانىدىن چىقىپ كۈتىۋېلىش سۇپىسىدىكى ئايالغا خەۋەر بېرىۋەتكەندىن كىيىن،ئارامگاھتىن ئايرىلىپ،ماشىنىغا چىقىپ ئۇلارنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.ئۇلار تەخمىنەن بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ،ئارامگاھتىن چىقىپ كەلدى.مەن دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ،كەينى ئىشىكنى ئېچىپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇردۇم.ئاۋۋال ھېلىقى <<رەھبەر>>ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن،مەشرەپ ماڭا تىكىلىپ بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى.ئۇلار جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن مەن ماشىنىغا چىقىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.
-بوز ئات مېھمانخانىسىغا ھەيدە،-دىدى مەشرەپ توڭلا.
مەن گەپ قىلماي ماشىنىنى كەلگەن يولۇم بىلەن ھەيدەپ ھەيدەپ مېھمانخانىغا قاراپ يولغا چىقتىم.ئۇلار كىچىچە نامەلۇم ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغان بولسا كېرەك يولدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى.ھايال ئۆتمەي مېھمانخانىغا يىتىپ كىلىپ،ماشىنىنى سىلىق ئەگىلدۈرۈپ،ئودۇل مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختاتتىم.
-ئەمىسە مەن قىلىدىغان خىزمەتلەر بولسا ھايت دەڭ،-دىدى مەشرەپ رەھبەرنىڭ قولىنى سىقىمداپ.
-بولىدۇ،بولىدۇ.سىزنىڭ قائىدە ئۇقىدىغان ئادەملىكىڭىز ماڭا ئايان.خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدى رەھبەر كۈلگەچ بېشىنى لىڭشىتىپ سۆزلەپ.
ئۇلار بىردەم تەكەللۇپ قىلىشقاندىن كىيىن،رەھبەر ماشىنىدىن چۈشۈپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى.مەن يوليورۇق كۈتۈپ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.
-مەھەللىگە قايتايلى،-دىدى مەشرەپ يەنە سوغۇقلا.
گەپ سۆز قىلماي ماشىنىنى ھەيدەپ ،يېزا تامان يۈرۈپ كەتتىم.
-خېلى مۈڭگۈزۈڭ باركەن ھە سىنىڭ؟،-دىدى مەشرەپ بىزارلىق ئاھاڭىدا.
-شۇ...شۇ...،-دەپ بېشىمنىڭ كەينىنى قاشلاپ قويدۇم ئۇنىڭغا جاۋابەن.
-بۇنى قوي،-دەپ بىر پىلاستىنكىنى ماڭا ئۇزاتتى مەشرەپ سوغۇقلۇق بىلەن.ئۇنىڭ قولىدىن پىلاستىنكىنى ئېلىپ،ماشىنىنىڭ cdسىغا سالدىم.ماشىنىنىڭ ئېكرانىدا مەن خانىنىڭ ئىچىدە قىلغانلىرىم بىر-بىرلەپ نامايەن بولۇشقا باشلىدى.ئېنىقكى ئاخشام خانىغا كىرىپ خىروئىن چەككەندىن تارتىپ،ئەتىگەندە جوزا ئۈستىدىكى خىروئىننى ئېلىپ ماڭغىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ پىلاستىنكىغا ئېنىق خاتىرىلەنگەن ئىدى.
-بۇ پىلاستىنىكىنى ئاكامغا قويۇپ بېرەيمۇ ياكى زۇنۇنكامغىمۇ،ساقچىلارغا قويۇپ بېرەيمۇ يا؟،-دىدى مەشرەپ كۆرەڭلىك بىلەن.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھودۇققىنىمچە ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتىمدە،كاپىنكا بىلەن شوپۇر ئورۇندۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزلىنىپ:
-خوش بولاي،مەشرەپكا....مەن تاشلىغىلى ئۇزاق بولغان لىكىن تۈنۆگۈن ئالدىمغا كىلىۋىدى ئۆزەمنى تۇتامماپتىمەن.
خوش بولاي بۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەڭ.مەن ئەتىلا بۇ يەردىن يوقىلاي،-دىدىم ھۆڭرەپ يىغلاپ.
-نىمە؟؟؟؟؟سەن بىزنىڭ شىركەتنى كىلىمەن دەپ كىلىپ ،كىتىمەن دەپ كىتىدىغان نە كۆرۈپ قالدىڭ؟؟؟؟؟؟
سەن تۈنۆگۈننىڭ ياڭقى جىق ئىشلارنى بىلىپ كەتتىڭ،مەن سىنى سولىتىۋېتىپلا سەندىن قۇتۇلايمىكىن دەيمەن،-دىدى مەشرەپ يەنە كۆرەڭلەپ.
-ئۇنداق قىلماڭ مەشرەپكا،سىز نېمە دىسىڭىز مەن شۇنى قىلاي سىزنىڭ قۇلىڭىز بولاي.مەن بۇرۇن بىر قېتىم تۈرمىدە ياتقان ،يەنە كىرىپ قالسام مىنى ئېغىر كىسىۋىتىدۇ ماڭا رەھىم قىلىڭ،-دىدىم ھۆڭرەپ يىغلاپ.
مەشرەپ يەنە بىر ئادەمگە تولۇق تىزگىن سالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ مىنىڭ يىغامنى بىردەم تاماشا قىلىۋالغاندىن كىيىن:
-بولدى..بولدى .ئورنۇڭدىن تۇر.ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي.مىنىڭ سىزغان سىزىقىمدىن چىقما.كۆرگەن ئاڭلىغىنىڭنىمۇ ھېچكىمنىڭ ئالدىدا تىنىپ سالغۇچى بولما.بولمىسا مەن سىنى ھەر خىل ئامال بىلەن جايلىيالايمەن .بىلدىڭما؟پىلاستىنكىنى چىقار،-دىدى مەشرەپ سىپايىلىق بىلەن.
مەن مىشىلداپ يىغلىغاچ پىلاستىنكىنى چىقىرىپ مەشرەپكە ئۇزارتتىم .مەشرەپ پىلاستىنكىنى سۇندۇرۇپ،پارە-پارە قىلىۋېتىپ دەرىزىدىن يول بويىغا تاشلىۋەتكەندىن كىيىن:
-بولدى ماڭايلى،-دىدى مۆرەمگە يىنىك شاپىلاقلاپ.مەن ئۇنىڭ ئاۋۋال تومۇر تۇتۇپ مىجەزىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن،ئاندىن جىنايەتكە قىززىقتۇرۇپ،ئاندىن ئىسپات بىلەن قورقۇتۇپ،ئاندىن كىيىن ساختا مىھرىبانلىق بىلەن مىنى ئۆزىگە مايىل قىلماقچى بولغان بۇ مەشرەپنىڭ خېلى يامانلىقىغا قولمۇ قويۇپ قالدىم.
مەن ماشىنىنى ئالدىرىماي ھەيدەپ ،ماشىنىنى كېرەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ،مەشرەپتىن يول-يورۇق كۈتۈپ تۇردۇم.
-ھە...كىملىكىڭنى ماڭا بەر،پىراۋاڭنى ھەل قىلىۋىتەي،-دىدى مەشرەپ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئېسىلىپ ماڭا قاراپ.
مەن دەرھال كىملىكىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزارتتىم.ئۇ كىملىكنى يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن:
-بولدى سەن ئەمدى قايتساڭ بولىدۇ.ماشىنىنى مۇشۇ يەرگە توختىتىپ قوي .ئىش بولسا مەن ئادەم ئەۋەتىمەن،-دەپ قويغاندىن كىيىن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن يېزىنى كۈزەتكەچ،ئالدىرىماي رىزۋاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم ۋە ھايال ئۆتمەي رىزۋاننىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىلىپ دەرۋازىنى ئېچىپ ئۆيگە كىردىم.قارىسام رىزۋان ئانارلىق باغنىڭ يېنىغا بىر ئورۇندۇقنى قويۇپ،ئاپتاپسىنغاچ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
-خوش كەپسىز توختى ئەپەندى.دادامنىڭ ئالدىدا مىنى شۇنداق ئوسال قىلغانلىقىڭىزغا ماڭا قايىل قىلارلىق بىر جاۋاپ بېرەلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،-دىدى ئۇ كىتاپتىن كۆزىنى ئۈزمەي.قارىغاندا تەلىيىمگە ھېلىقى ئالجىغان قېرى ئۆيدە يوق ئىدى.
-ۋەزىپىنىڭ ئېھتىياجى،-دىدىم ئالدىرىماي ئۇ تەرەپكە مېڭىپ كەلگەچ.
-ئەمما سىزنىڭ يالغان سالاھىيىتىڭىز ئۈچۈن مىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكىنىڭىز قەتئى قاملاشمىدى،-دىدى رېزۋان كىتاپنى باغنىڭ رىشاتكىسىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن ماڭا تىكىلىپ قاراپ.
-مەن ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەزەلدىن ۋاستە تاللىمايمەن،ئەگەر كاللىڭىزدىن قەتئى ئۆتمىسە قانداقلا ئۆچ ئالسىڭىز بولىدۇ،-دىدىممەن باغنىڭ رىشاتكىسىدا ئولتۇرۇپ پەررۋاسىزلىق بىلەن باغقا قاراپ.
-سىز كېرەمكامدىن گۇمانلىنىۋاتامسىز؟،-دىدى ئۇ پاراڭ تېمىسىنى نەق گەپكە بۇراپ.قارىغاندا ئۇمۇ ۋەزىپىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالغان بولسا كېرەك.
-گۇمانلاندىم دىگىلى بولمايدۇ،لىكىن ئۇنىڭ يېزىدىكى نوپوزى جىق ئىشقا قولايلىق يارىتىدۇ.ئۇلارنىڭ ھۆكۆمەتتە
ئادىمى بار ئىكەن.شۇڭا ئۇلارنى ھارام يولغا ماڭمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.
-پارىخورلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس.شۇڭا ئامال بار ۋەزىپە توغرىسىدا يىپ ئۇچچىغا ئىگە بولساق بولاتتى،-دىدى ئۇ تىتىلداپ.
-رىزۋان خانىم،سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزدىنلا سىزنىڭ ۋەزىپە ئورۇنداشقا ئىنتايىن خام ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.مەن <<قارا بايراق>>ۋەزىپىسىنى ئورۇناش ئۈچۈن ساپساق بىر يىل قەلەندەر بولغان.شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەك ئالدىراپ كەتمەسلىكىڭىزنى مۇمكىن بولسا ئورگانغا قايتىپ كىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن ھازىر يېڭى سالاھىيەتكە ماسلىشىپ بولدۇم.سىزنىڭمۇ رولىڭىز تۈگىدى،-دىدىم مۆرەمنى قىسىپ.
-سىزنىڭ مىنى ئىقتىدارسىز دەپ ئويلايدىغىنىڭىزنى بىلمەن توختى ئەپەندى.لىكىن مىنى سەل چاغلىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.،-ئۇ شۇنداق دەپ تۇرىۋىدى ئىشىكتىن زۇنۇن كىرىپ كەلدى.
-ھە...ئوغاۋالا....كەلدىلىما،-دىدى ئۇ ماڭا قوپاللىق بىلەن.
مەن دەرھال رىشاتكىدىن چۈشۈپ:
-ھە كەلدىم دادا،-دىدىم قولۇمنى مەيدەمگە ئېلىپ سالام بېرىپ.
-كېرىماخۇننىڭ ئىشى چوڭ،بىزنى دىمىگەن بولسا،سىلىدەك موزدوزلار ئۇنىڭ بۇسۇغىسىنىڭ تۈۋىگىمۇ باراممايدا،
تۆمۆنى كۆڭۈل قوياپ ھەيدىسىلە،تۆت كۈندە يەنە موزدوزلىققا چۈشۈپ قالمىسىلا جۇما،-دىدى ئۇ يەنە ماڭا نەشتىرىنى تىقىپ.
-ماقۇل،دادا مەن كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىمەن،-دىدىم ئۇنىڭ گېپىگە تەر بولماي.
بىردەمدىن كىيىن رىزۋان دۈملەپ قويغان پولونى داستىخانغا ئېلىپ چىقتى.پولو يامان ئەمەس ئوخشىغانىكەن،پولونى زۇنۇننىڭ سېسىق گەپلىرى بىلەن قوشۇپ خېلى ئىشتىھا بىلەن يىدىم.دۇئا ياندۇرۇپ تۇراتتۇق،ئىشىكتىن ھېلىقى قاۋۇل دىگەن بالا كىرىپ،مىنى مەشرەپنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ،ماڭا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى بەردى.مەن ئىشىك ئالدىغا توختىتىلغان ماشىنىنى ھەيدەپ ،كېرەمنىڭ ھويلىسى ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتىم،مەشرەپ ھايال ئۆتمەيلا ئۆيدىن چىقىپ ماشىنىغا جايلاشتى.
-ناھىيىگە بارايلى،-دىدى ئۇ سومكىسىدىن نېمىلەرنىدۇر ئاختۇرۇپ.مەن ئىككىلەنمەيلا ماشىنىنى ھەيدەپ ناھىيىگە قاراپ ماڭدىم.
-مە..ئىتىلىپ قېلىشىغا بولمايدۇ،-دىدى ئۇ سومكىسىدىن ئاران تاپقان يانغوننى ماڭا ئۇزارتىپ.
-رەھمەت مەشرەپكا،-دىدىم يانفوننى ئاچكۆزلۈك بىلەن ئېلىپ قوينۇمغا سالغاچ.
-ياخشى ئىشلىسەڭلا،بۇ دىگەن كىچىك ئىشلار.پىراۋاڭ ئەتە چىقىدۇ،-دىدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن.
-ۋوي...مەشرەپكا،يول دىگەن باركەن جۇمۇ سىزدە،باشقىلار جېنىنى تىكىپ ئۆگىنىپ 3 ئايدا چىقىدىغان نەرسىنى،سىز بىر كۈندىلا ھەل قىلىۋېتىپسىز،-دىدىم خوشامەت كۈلكىسى بىلەن ھىجىيىپ.
-بۇ قانچىلىك ئىشتى،-دەپ كۈلۈپ قويدى ئۇ.قارىماققا مىنىڭ بۇ خوشامىتىم ئۇنىڭغا ياغدەك ياققان ئىدى.
يولدا بويى ئۇنىڭ ئۇستازلارچە تەنبىھىنى ئاڭلاپ،ئاخىرى ناھىيە بازىرىغا كىلىپ ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن <<سوغۇق نازىنىن>>دىگەن ktvنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدىم.
-ماشىنىدا ساقلاپ تۇر،خېلى ھايال بولۇشۇم مۇمكىن،-مەشرەپ شۇنداق دىگەندىن كىيىن كىرىپ كەتتى.مەن مۇزىكا قويۇپ قويۇپ،كىيىنكى ئىشلارنى پىلانلىغاچ ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم.شۇ بىر ساقلاشتا ئارقا خوتى يوق ۋاقىتتىن بىر دەمدىلا تۆت سائەت ئۆتۈپ كەتتى.قارىغاندا خېلى ئۇزۇن ساقلىۋېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ تۇراتتىم،ھېلىلا قولۇمغا تەگكەن يانفون سايراپ قالدى.
-ۋەي....،-دىدىممەن تېلىغوننى ئېلىپ.
-402 -ئۆيگە چىق،-دىدى مەشرەپ بۇرنىدا سۆزلەپ.قارىغاندا ئۇ مەس بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.
-ھازىر چىقىمەن،پەستىن ئېلىپ چىقىدىغان بىرەر نەرسە بارمۇ؟،-دىدىممەن خوشامەت قىلىپ.
-ياق،ئۆزەڭلا چىقساڭ بولىدۇ،ئەتىگەنكى قەغەزگە ئوراپ يانچۇقۇڭغا سېلىۋالغان نەرسىنى ئېلىۋال.
-ھى...ھى...ماقۇل،-دىدىم ئالاھىدە خوشاللىق بىلەن.
تېلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،تاماكىنىڭ پار-پور قەغىزىنى ئايرىپ،يانچۇقۇمغا سېلىۋالغاندىن كىيىن،ئىتتىك قەدەم ئېلىپ مەشرەپ دىگەن خانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى قاقتىم.ئىچىدىن <<كىرە>>دىگەن ئاۋاز چىققاندىن كىيىن،ئىشىكنى ئېچىپ ktvغا كىرىپ كەلدىم.ئايرىم خانىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك قالايمىقان بولۇپ،ھېلىلا بۇ يەردە كاتتا بىر سورۇننىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇراتتى.ھازىر بولسا مەشرەپ يالغۇز كىرىسلوغا يۆلىنىپ ئوتۇراتتى.
-يالغۇز ئولتۇرۇپسىزغۇ مەشرەپكا،-دىدىم ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ ھىجىيىپ.
-ھە....ئولتۇر..يېنىمدا ئولتۇر..كىلە..،-دىدى مەشرەپ كىرىسلونى ئىشارەت قىلىپ.قارىماققا ئۇ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغانىدى.مەن ئولتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىۋېدىم،ئۇ دەرھاللا كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ:
-ھە قىلىدىغىنىڭنى قىلىۋەر...كەيپىمىز بىر يولدا ئەمەسكەن،مەن ساڭا تارتىشىپ بېرەلمەيدىغان بولدۇم،-دىدى ئۇ ئالدىدىكى بىر ئىستاكاننى گۈپ قىلىپ ئىچىۋېتىپ.مەن ئالدىراش يانچۇقۇمدىكى نەرسىلەرنى چىقىرىپ،<<تەقەززا>>بولغان تۈتۈننى كۈچەپ-كۈچەپ شوراپ بىردەمدىلا قانائەت ھېس قىلىپ،ئېشىپ قالغىنىنى قەغەزگە ئوبدان ئوراپ يانچۇقۇمغا سالغاندىن كىيىن ،كىرىسلوغا يۆلەندىم.
-كەيىپچىلىكتە ئادەم راس گەپ قىلىدۇ دەيدۇ توختى ئۇكام،ئىككەيلەن ياخشىراق بىر پاراڭلىشىپ باقايلى ،قانداق دەيسەن؟،-دىدى ئۇ يەنە بىر رومكىنى كۆرتۈرىۋېتىپ.
-ئاكا...سىز ماڭا يول بەردىڭىز،مىنىڭ سىزگە قىلغان ھەر بىر گېپىم قەسەم،-دىدىممەن بۇرنۇمدىن سۆزلەپ.
-ئۇنداقتا نەق گەپكە كېلەيلى.ئاكام سىنى نېمىشقا ماڭا شوپۇر قىلىپ قويدى؟،-دىدى مەشرەپ تۇيۇقسىز كىيىپتىن يىشىىلىپ.ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە سەگەك ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا ئىشلارنىڭ جەريانىنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم.ئۇ پۈتۈنلەي ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن:
-سىنىڭچە ئاكام قانداقراق ئادەمكەن ،-دىدى ئۇ يەنە قايتىدىن ماڭا تىكىلىپ.
-كېرەمكام ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ.لىكىن سىزنىڭ يېرىمىڭىزچىلىك ئىقتىدارى يوق ئىكەن،-دىدىم ئېھتىيات قىلىپراق.
-نىمە؟؟؟سەن ئاكامنى ئىقتىدارسىز دىيىشكە پېتىناۋاتامسەن؟؟،-دەپ تۇيۇقسىز ھۆركىرىدى مەشرەپ.
-ئاكا..خاپا بولماڭ...مەن تۈز ئادەم ..نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى دەۋىتىمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدىن گەپ يوشۇرالمايدىكەنمەن،-دىدىم ناھايىتى ھودۇقۇپ كەتكەن قىياپەتتە.مەشرەپ مىنىڭ ئويۇنۇمدىن ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىغان بولسا كېرەك.
-بولدى...بولدى...ساڭا ئىشىنىمەن،-دىدى رازىمەنلىك بىلەن.
-ئاكا سىزگە بىر گەپنى دىسەم بولارمۇ دىمىسەم بولارمۇ،-دىدىم ئۇنىڭ نەق كۆڭلىدىكىنى تاپقانلىقىمنى پەملەپ.
-دىگىن.
-مىنىڭچە كېرەمكام سىزگە ئانچە ئىشەنمەيدىغاندەك قىلىدۇ،-دىدىم ئاۋازىمنى پەسلەپ.
-قانداق دەيسەن،-دىدى ئۇ زەرب بىلەن يەنە بىر رومكىنى كۆتۈرىۋېتىپ.
-سىزگە مەسلىھەتمۇ سالماي مىنى سىزگە شوپۇر قىلىپ قويغىنىغا قاراپ شۇنداقمىكى دەپ قالدىم.
-ھىم....سەن توغرا تېپىپسەن...ئىشنىڭ ھەممىسىنى مەن بىجانىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ،شېركەتنى مۇشۇنچىلىك ھالەتكە كەلتۈردۈم.لىكىن ئۇ ھامىنى ماڭا ئىشەنمەي كەلدى.ئۇ ھەر يىلى ماڭا بىر شوپۇر ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.،-دىدى ئۇ ئاچچىق بىلەن.
-ئاكا ،ھەممە ئىش قولىڭىزدىن كېلىدىكەن.ئۇ ئاكىلىق قىلمىغاندىن كىيىن،سىز ئۇنىڭغا ئۇكىلىق قىلىپ نىمانچە كۈچەيسىز،بولمىسا ئايرىم ئىش قىلىڭ،مەن جېنىمنى پىدا قىلىپ خىزمىتىڭىزدە بولىمەن،-دىدىم مەيدەمگە مۇشلاپ.
-ھا..ھا..ھا...ئۆزەمنىڭ پىلانى بار.بولدى سەن بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرما،-دىدى مەشرەپ خوشامىتىمدىن ھوزۇرلىنىپ.
-شۇ،لاچىن دىگەن ھامان كۆكتە ئۇچىدۇ،ھەر قانداق قەپەز ئۇنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ،-دىدىم يەنە تۈكنى يېتىشىغا سىلاپ.
-ھا..ھا..ھا....توغرا دىدىڭ،لاچىن ھامان كۆكتە ئۇچىدۇ.....،ئاۋۇ نەرسەڭ تۈگەپ قالسا ماڭا دە،نوچىسىنى تېپىپ بېرىمەن،-دىدى ئۇ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ.
شۇنداق قىلىپ خېلى ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كىيىن،كەيىپىممۇ بىرئاز يىشىلىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.ئۇ ماشىنىنى ھەەيدەپ كىتىشىمنى ،ئەتە سائەت 9دا ئىشىك ئالدىغا كىلىشىمنى تاپىلاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن بۈگۈنكى ئىپادەمدىن خېلى مەمنۇن ھالدا ماشىنىنى ھەيدەپ رىزۋانلارنىڭكىگە ماڭدىم.
   شۇ تەرىقىدە ئالىھەزەل بىرەر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.بۇ جەرياندا مەشرەپ بىلەن ئىچقويۇن-تاشقۇيون بولۇپ ئۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ماڭا خېلى ئېنىقلاندى.گەرچە مەشرەپنى توغرا يولدا ماڭدى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى باردەك قىلمايتتى.ئۇنىڭ ئەس-يادى ئاكىسىنىڭ ئورنىدىلا قالغانىدى.بۈگۈن يەنە ھېلىقى رەھبەرنى ئېلىپ <<بەخت-سائادەت ئارامگاھى>>غا قاراپ كېتىپ باراتتۇق.
-ھەممە ئىشلار تەييار بولدى.ھازىر شىركەتنىڭ مالىيەسىدە ئاساسەن نەق پۇل يوق.،-دىدى مەشرەپ قېشىدىكى رەھبەرگە كۆرەڭلىك بىلەن.
-ئۇنداقتا چۈشتىن كىيىنلا بېرىپ،شىركەتنىڭ مالىيەسىنى تەكشۈرگۈلى بارىمەن،لىكىن ماڭا قىلغان ۋەدىڭىزدىن باشقا چاتاق چىقىپ قالماس ھە؟،-دىدى رەھبەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن.
-ئىش مىنىڭ قولۇمغا ئۆتكەن كۈنى بىرىنچى بولۇپ 20%پاينى چەت ئەلدىكى ئوغلىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ،مەن قاچان سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمىغان؟،-دىدى مەشرەپ خوشامەت بىلەن ئۇنىڭغا تاماكا سۇنۇپ.
-سىزگە ئىشىنىمەن،لىكىن كېرەم باشقا يەردىن پۇل يۆتكەپ مالىيەنى تولدۇرۇۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن،-دىدى رەھبەر ئېھتىياتچانلىقىدىن قالماي.
-سىز مىنىڭ شېركەتتىكى ئورنۇمنى بىلىسىز،ھەممە ئىشلار ماڭا بەش قولدەك ئايان،ئۇ ھېچيە0ردىن پۇل تاپالمايدۇ،-دىدى مەشرەپ ئىشەنچ بىلەن.
-شۇنداق بولغاي،ئەگەر چاتاق چىقىپ قالسا مىنى ياردەم قىلمىدى دەپ مەندىن ئاغرىنماڭ،مىنى چىشلەپ-تارتىپمۇ يۈرمەڭ،-دىدى رەھبەر گەپنى ئوچۇق قىلىپ.
-چاتاق چىقمايدۇ.راس چاتاق چىقسىمۇ مەن مەشرەپ ئۇنداق خۇمسىلىق قىلمايمەن،لىكىن مىنىڭچە تەكشۈرۈشكە ئەتە بېرىڭ،مەن ئەتە شىركەتتىكى مۇھىم كىشىلەرنى باشقا ياققا ئېلىپ كىتىمەن.ئۇ باشقا ئامال تاپالىسىمۇ،ئىجرا قىلىدىغانغا ئادەم يوق چولاقنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ..ھا...ھا...ھا
-ئىشنى زادى ئەتراپلىق ئويلايسىزدە سىز، ھاھاھاھا،،....
ئىككەيلەن <<سۇ كىرمەس پىلان>>ۋە پات ئارىدا ئۆزىنىڭ بولىدىغان زور مەنپەئەتلەرنىڭ ھوزورىدا ئىچ-ئىچىدىن خوشال ئىدى.مەن ئۇلارنى ئارامگاھقا ئاپىرىپ قويۇپ،ئۇلارنى ئەتە ئەتىگەن كىلىپ ئېلىپ كىتىش بۇيرۇقىنى ئالغاندىن كىيىن ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇدۇل كېرەمنىڭ ئۆيىگە باردىم.تەلىيىمگە كېرەم ئۆيدە بار ئىكەن.
-كىرە،كىرە،ئۇكام.قانداق خىزمىتىڭ بىلەن خېلى ماسلىشىپ قالدىڭمۇ؟،-دىگەچ قىزغىنلىق بىلەن مىنى ئۆيىگە باشلىدى كېرەم.
كېرىمكامنى ئۆيگە ئاۋال كىرگۈزىۋېىتىپ مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ،تۇيۇقسىزلا كېرەمنىڭ ئالدىغىلا تىزالاندىم.
-ئۇكام....بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟؟...،-دىدى كېرەم مىنىڭ بۇ ئىشىمدىن ھەيران بولۇپ.
-كېرەمكا سىز ماڭا يول بېرىپ،مىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتىڭىز لىكىن مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن،-دىدىم ھۆڭرەپ يىغلاپ.
-نېمە ئىش بولسا،ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سۆزلە،ئادەم دىگەن ئادەمگە تىزلانسا بولمايدۇ!!،-دىدى ئۇ قاپىقىنى تۈرۈپ.
-مەن ئۆمرۈمدە ھېچ كىمگە تىزلىنىپ باقمىغان..ئاكا..ھۈ..ھۈ..ھۈ...لىكىن مەن سىزگە يۈ كىلەلمەيمەن....،-دىدىممەن تۇرغىلى ئۇنىماي جاھىللىق قىلىپ.
-تۇر دىگەندىن كىيىن تۇر،ئانامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولساڭمۇ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭا دە.مەن بۇنداق قىلىقنى ياقتۇرمايمەن!،-دىدى كېرەم قايناپ.
مەن مىشىلداپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئۇنىڭ يېنىدا بېشىمنى سېلىپ ئوتۇردۇم.
-ھە....بولدى مىشىلدىما،كەتمەن چاپقىنىڭغا قاراپ راۋۇرۇس ئوغال بالىكەن دەپ شېركەتكە ئالغان جۇمۇ مەن سىنى،بۇنداق قىلساڭ نەزىرىمدىن چۈشۈپ كىتىسەن،-دىدى كېرەم قوينىدىن ئاپئاق قولياغلىقىنى چىقىرىپ.
مەن مىننەتدارلىق بىلەن قولياغلىقتا ياشلىرىمنى سۈرتۈۋەتكەندىن كىيىن:
-كېرەمكا،مەن بۇرۇن ئاق چىكەتتىم.،-دىدىم بېشىمنى يەردىن ئۈزمەي پۇشايمانلىق تەلەپپۇزدا.
-مۇشۇنچىلىك ئىشمىدى؟؟؟كىم ئازمايدۇ؟؟نېمە ئىش بولغانكى دەپتىمەن،-دىدى كېرەم كەڭ قورساقلىق بىلەن.
-لىكىن بۇنى مەشرەپكام بىلىپ قېلىپ،مىنى يەنە شۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويدى،-دىگەپ بېشىمنى يەردىن ئۈزمەي يانچۇقۇمدىكى كېرەم ئەتىگەن ئىلتىپات قىلغان خىروئىننى ئۈستەلگە قويدۇم.
ئۇ خروئىننى ئېلىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن ،ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ،بىردەم ئولتۇرىۋالغاندىن كىيىن،نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.
-يەنە مىنىڭ قىلغانلىرىمنى سىنغا ئېلىۋېلىپ،مىنى ئىلىندۈرىۋالدى.ئەسلى مەن پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرەي دەپ ئويلىغانىدىم،ئەمما قارىسام ئۇ سىزگىمۇ قارا سانىماقچى بولدى،مەن سىزگە يۈز كىلەلمىدىم.سىز ماڭا ئوغلىڭىزدەك
مۇئامىلە قىلدىڭىز كېرەمكا...مەندىمۇ ۋىجدان بار.....،-دىدىم يەنە قايتىدىن مىشىلداپ.
توغرا مەن مەشرەپنى سېتىۋېتىپ كېرەمگە يېقىنلاشماقچى.چۈنكى مەشرەپنىڭ مىنىڭ ۋەزىپەمگە قارىتا ھېچقانداق رولى قالمىدى.بەلكىم سىلەر مىنى بەك ئىپلاسكەن دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن.ئەمما مەشرەپنىڭ ئىچ ئاغرىتقىدەك نېمىسى بار؟
-قانداق دەيسەن؟،-دىدى كېرەم ئەجەبلىنىپ.
-ئۇ ھەر يىلى بىر شوپۇر ئالماشتۇرۇپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن ،سىزنى ماڭا ئىشەنمەيدۇ دەپ قارايدىكەن.
-ھەي..ئۇكا دىگەن كىچىكلىكىنى ھامان قىلىدىكەن.ئۇ ھەر خىل سورۇنلاردا بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا بىر ئادەمگە ئىچ-قارنىنى تۆكىۋېتىدۇ.مەن شۇڭا شۇنداق قىلغانىدىم.قارىغاندا ئۇ خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ.ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويمىغان گۇناھ مەندىمۇ بار،-دىدى كېرەم ئەپسۇسلىنىپ.قارىغاندا مەشرەپ راستىنلا ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك تۇراتتى.
-ئۇنچىلىك ئىش بولسا سىزنى ئاۋارە قىلماس ئىدىم ئاكا.لىكىن ئۇ سىزنىڭ ئورنىڭىزنى دەپ سىزگە قەست قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ تامغىڭىز بىلەن شىركەت مالىيىسىدىكى پۇلنى يۆتكىۋەتتى.ئەتىلا يۇقىرىدىن مالىيە تەكشۈرۈپ كىلىدۇ.،-دىدىم ئۇنىڭغا ئەندىشە بىلەن قاراپ.
ئۇ ماڭا ئىشەنمىگەندەك نەزەر بىلەن قاراپ بانكىغا تىلىغۇن قىلىپ،شېركەت مالىيىسىنى تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن،تىلىفۇننى قويۇۋېتىپ،ئۈمىدسىزلىك بىلەن جايىدىلا  بىر دەم ئولتۇرۇپ قالغاندىن كىيىن.
-ھەي....ئۆزەڭنىڭ بىر تۇققىنىغىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمىسا بۇ كەمدە...ھەي..ئىسىت..ئەقىلسىز ئىنىم،خەير...ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ،-دىدى ئۇ بېشىنى چايقاپ.
ئۇ بىردەمدىلا كاسسىر ۋە بۇغالتىرغا تېلىفۇن قىلىپ،يۆتكىۋېتىلگەن مەبلەغنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن،ئاللىكىملەرگىدۇر تېلىفۇن قىلىپ ئىشنى بىردەمدىلا جۆندەپ مالىيەنى تەقلىدى.ئۇنىڭ بۇنچىۋالا زور ساندىكى پۇلنى بىردەمدە ھەل قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدىم ھەم ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم ئاشتى.
-ھەرنىمە بولسا بۇ ئىشتىن سەن خەۋەر تېپىپسەن ئۇكام.رەھمەت...ئەمدى ساڭا بىر خەتەرلىك ئىشنى تاپشۇرسام ھۆددىسىدىن چىقالامسەن؟،-دىدى كېرەم مۆرەمدىن ئىتتىرىپ مىنىڭ قەددىمنى تىكلەپ.
-چاتاق يوق ئاكا.سىزگە جېنىم پىدا.سىزلا مىنى كەچۈرىۋېتىدىغان ئىش بولسا نېمە ئىش قىل دىسىڭىز مەن ھەرگىز ياق دىمەيمەن،-دىدىم ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ.
سەن بىردەم ساقلاپ تۇر،-كېرەم شۇنداق دىگەندىن كىيىن ،مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئۇنى ئەمدى مىنى نېمە ئىشقا بۇيرار دەپ كۈتۈپ ئولتۇردۇم.ئۇ مىنى ئۇزاق تەقەززا قىلماي،بىر خىزمەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەلدى.
-مەشرەپنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىنىڭ خۇرۇمىنى قايرىساڭ ئاستىدا بىر شىفىرلىق ساندۇ بار،مەخپى نۇمۇرى 37880ys44qo سەن بۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويساڭلا بولىدۇ.بۇنى ھەرگىز چاندۇرۇپ قويما،-دىدى ئۇ سومكىنى ماڭا ئۇزارتىپ.
مەن دىلىغۇل بولغان قىياپەتتە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كىيىن،يەنە قەتئى نىيەتكە كەلگەندەك قىلىپ سومكىنى قولۇمغا ئالدىم.
-بولدى،ئەمدى سەن چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ.ئىش پۈتكەندىن كىيىن سىنى ئوبدان رازى قىلىمەن،-دىدى كېرەم قەتئىلىك بىلەن.
-ماقۇل ئاكا...بۇ ئىشنى چوقۇم ئىنسى-جىن بىلمىگىدەك قىلىپ پۈتتۈرىمەن،-دىدىمدە ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىمدە ماشىنىغا چىقىپ ئۇنى ئادەم يوق بىر يەرگە ھەيدەپ بېرىپ كېرەم ماڭا بەرگەن سومكىنى ئاچتىم،قارىسام سومكىدىكى ئىككى كىلوگىرام كەلگۈدەك خىروئىن ئىكەن.ئۇنى ئازراق ئېلىپ تېتىپ باقسام،بۇ 100%لىك خىروئىن ئىدى.بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم.چۈنكى 100%لىك خىروئىن ھەممىلا يەردىن تېپىلمايدۇ.ئۇ نۇرغۇن پىششىقلاشلاردىن ئۆتۈپ ئاندىن قارا بازارغا كىرىدۇ.قارىغاندا ئەتكەسچىلىكنىڭ كېرەم بىلەن زور مۇناسىۋىتى بار ئىدى.شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىۋالغاندىن كىيىن  كېرەمنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە سومكىنى ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا جايلاشتۇردۇم.ئەمدى ماڭا پەقەت ئەتىكى ئويۇننى كۆرۈش ئىشىلا قالغانىدى.
    ئەتىسى ئارامگاھقا بېرىپ مەشرەپ ۋە ھېلىقى رەھبەرنى ئېلىپ،يولغا چىقتىم.قارىماققا ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى.قارىغاندا ئۇلار كېرەمنى قانداق پۇتلاشنى خېلى ئوبدان مەسلەھەتلىشىۋالغان بولسا كېرەك.
-ئەمىسە قالغان ئىشلار سىزگە قالدى.ھەمكارلىقىمىز ئوڭۇشلۇق بولغاي،-دىدى مەشرەپ ھاياجاندا تاماكىنى كۈچەپ شورىغاچ.
-سىزلا ئىشلارنى ياخشى ئورۇندىغان بولسىڭىز ،مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدى رەھبەر ئىككىلىنىپرەك.
-مەن ئىشلارنى سۇ كىرمەس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋەتتىم.شېركەتنىڭ بۇغالتىرى بىلەن كاسسىرى يىغىن زالىدا مىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ھا..ھا...ھا،-دىدى مەشرەپ تۇيۇقسىز جانلىنىپ.
-شۇنداق بولسىلىلا ياخشى.
شۇ پاراڭلار بىلەن ئاۋۋال ئۇ رەھبەرنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن،ماشىنىنى ھەيدەپ ،شىركەتنىڭ ناھىيىدىكى 6 قەۋەتلىك ئىش بىجىرىش بىناسىغا ھەيدەپ ماڭدىم.
-توختى ئۇكام.مانا لاچىننىڭ ئۇچىدىغان ۋاقتى كەلدى!..ئاز قالدى...بۇنىڭدىن كىيىن سەن شېركەتنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ مەخسۇس شوپۇرى بولۇپ قالىسەن،-دىدى ئۇ كەينى ئورۇندۇقتا يەلكەمگە يىنىك ئۇرۇپ.
-ھى..ھى..ھى...سىز لاچىن بولسىڭىز مەن سا بولاي ئاكا....كۆكتە مىنى مىنىپلا پەرۋاز قىلىڭ،-دىدىممەن خوشامەت قىلىپ.
-ھا..ھا..ھا..گەپكە بارغانسىرى يامان بولۇپ كىتىپ بارىسەن جۇمۇ!،-دىدى مەشرەپنىڭ خوشامەتتىن كۆڭلى ئېچىلىپ.
شۇ ئەسنادا شىركەت بىناسىغىمۇ يىتىپ كەلدۇق.ماشىنىنى توختىتىپ،مەشرەپ بىلەن بىرلىكتە يىغىن زالىغا كىردىم.يىغىن زالى شىركەتنىڭ مەمۇرى خادىملىرى بىلەن لىق تولغانىدى.مەشرەپ رەئىس سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ ئەزمىلىك بىلەن يىغىن ئېچىشقا باشلىدى.ساپلا شوئارسىمان تايىنى يوق گەپلەر ئىدى.بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن،يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيقۇغا كىتىشتى.لىكىن مەشرەپ ئۇلار بىلەن كارى يوق ئەزمە يىغىننى داۋاملاشتۇرىۋەردى.يىغىن زالىدا پەقەت مەنلا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھاياجان بىلەن ئاڭلاپ،ۋاقتى-ۋاقتىدا چاۋاك چېلىپ تۇردۇم.ئۇخلاپ قالمىغانلار ماڭا ئەگىشىپ چاۋاك چېلىپ قويۇپ تېلىفۇنغا مەشغۇل بولۇپ كەتتى.بۇ يىغىن ئۇدا 4 سائەت داۋاملىشىپ مەشرەپنىڭ شوئارلىرىمۇ تۈگەپ كونا گەپلەرنى تەكرارلاشقا باشلىۋىدى.ئۇنىڭ تېلىفۇنى سايراپ قالدى.ئۇ <<سىلەر بىردەم مۇزاكىرە قىلىڭلار>>دەپ قويغاندىن كىيىن ماڭا ئىما قىلىپ مىنى ئەگەشتۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقتى دە ئادەمسىز بۇلۇڭغا بارغاندىن كىيىن،ھاياجان ئىلكىدە تىلىفۇننى ئالدى.
-ئوڭۇشلۇق بولىدىمۇ؟،-دىدى ئۇ تېلىفۇننى ئېلىپلا.
ئۇ قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى بىردەم ئاڭلىغاندىن كىيىن:
-نىمە؟؟؟مۇمكىن ئەمەس!!بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟؟؟؟تەپسىلى تەكشۈرمىدىڭلارمۇ يا؟؟،-دىدى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا بىر ئاز تەسەللى بەردى بولغاي.
-ئىشىڭنى قىل!!!كېرەم ساڭا نەچچە پۇل بەردى؟؟؟تايىنلىق مەندىن جىقراق بەرسە مىنى ساتقانسەن؟؟؟،-دىدى ئۇ چىچاڭشىپ.
قارشى تەرەپ تېلىفۇننى ئۈزۈۋەتتى بولغاي،ئۇ تېلىفۇننى زەردە بىلەن يەرگە ئاتقاندىن كىيىن،چاچلىرىنى قالماللاپ ئۆزىگە-ئۆزى سۆزلىگىنىچە زالدا زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.
-ئاكا...ھازىر ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس.سىز دەرھال قېچىپ كىتىڭ،لاچىن نەدىلا بولسۇن ھامان كۆكتە پەرۋاز قىلىدۇ.بۇ يەردە ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلماڭ،-دىدىم جىددى قىياپەتتە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ.
-توغرا..توغرا...پۇرسەت ھامىنى كىلىدۇ،مەن ھامان ئۆچ ئالىمەن،-ئۇ پەس ئاۋازدا شۇنداق دىگەندىن كىيىن تېز قەدەملەر بىلەن پەلەمپەي بىلەنلا پەسكە ماڭدى.مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ مېڭىپ پەسكە چۈشكەندىن كىيىن،
ماشىنىغا چىقىپ ناھىيە سىرتىغا قاراپ قاچتۇق.يولدا ماڭغۇچە مەن ئۇنى بەزلىگەچ كېرەمگە بىز قاچقان تەرەپنى دوكلات قىلىۋەتتىم.شۇنىڭ بىلەن تېخى ئۇزاق ماڭمايلا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلار 4 ساقچى ئاپتومۇبىلى بىلەن يولىمىزنى توسۇپ قورال تەڭلىگىنىچە بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قولىمىزغا كويزا سېلىپ ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى.بىر نەچچە كۈنلۈك سوراق قىلىنغاندىن كىيىن ،مەشرەپنىڭ ئىقرارى بىلەن  ھېلىقى رەھبەرمۇ قولغا چۈشتى.مەشرەپ ئېتىراپ قىلماي تۇرىۋالغان بولسىمۇ ماشىنىسىدىكى ئىككى كىلوگىرام خىروئىن بىلەن مۇددەتسىز كىسىلىدى .ھېلىقى رەھبەر بولسا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.مەن قۇتۇلۇپ ساقچىخانىدىن چىقتىم.مەنمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ئۆزەمنى ئاقلاپ ،ھېچ ئامال قىلالماي ،ئاخىرى ساقچى باشلىقىغا سالاھىيىتىمنى ئاشكارىلاپ ئاران قۇتۇلدۇم.شۇنىڭ بىلەن مەشرەپنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتەككە تىقىپ،كېرەمنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتىم.مىنى كۆرگەن كېرەم بىر ئاز ھەيرانلىق بىلەن مىنى ئۆيگە باشلىدى.
-كىلە توختى ئۇكام كىلە،-دىدى ئۇ مىنى يەنىلا قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە باشلاپ.
ئىككىمىز كىرىپ مېھمانخانىغا جايلاشقاندىن كىيىن:
-مەن سىنى بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاچىقاي دىگەنىدىم خۇدايىم ئىشىڭنى ئوڭاي قىلىپ،ئۆزەڭ چىقالاپسەن مانا،-دىدى ئۇ ماڭا ھاردۇق چېيىنى قۇيغاچ.
-مەن ھېچنىمىنى بىلمەيمەن دەپلا تۇرىۋالدىم،ياخشى ئۇلار سۈيدۈكنىمۇ تەكشۈرمىدى-دىدىم قىززىق چاينى قېنىپ ئوتلىغاچ.
-قۇتۇلۇپ چىققانلا بولساڭ بولدى.بۇ قېتىملىق ئىشتا سىنىڭ تۆھپەڭ چوڭ.سىنى قانداق مۇكاپاتلىسام بولار؟،-دىدى كېرەم گۇمانى يىشىلگەندەك بولۇپ.
-مىنىڭ ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ سىزنىڭ يېنىڭىزدا خىزمىتىڭىزنى قىلغۇم بار ئاكا،-دىدىممەن ساداقەتمەنلىك بىلەن.
-مىنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بار ئىدى،لىكىن قاۋۇل ماڭا شوپۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى،سەن ئاۋۋال قايتىپ تۇر مەن ساڭا چوقۇم لايىق بىر ئورۇن تېپىپ بېرىمەن،-دىدى كېرەم ماڭا بىر لىپاپىنى ئۇزارتىپ،دەڭسەپ باقسام ئۇنىڭ ئىچىدە 20مىڭ يۈەنچە پۇل بار ئىكەن.
-بولىدۇ ئاكا،رەھمەت،رەھمەت،-دىدىم ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇلنى يانچۇقۇمغا سېلىپ.
-ھە بولدى.ئەمدى قايتىپ پۇلنىڭ قەنتىنى چاق!ئاۋايلاپ يۈرمە،بۇندىن كىيىن پۇلدىن خاتىرجەم بول،-دىدى كېرەم
مىنى ئۆيدىن ھەيدەپ.
-ئاكا....ھېلىقى...ھېلىقى..نېمە دىسەم بولار.....
-قانداق گەپ بلسا دەۋەرگىن،سەن مىنى بىر قېتىم قۇتقۇزۇپ قالدىڭ،كۆڭلۈڭدىكىنى دەۋەر،-دىدى ئۇ مەرتلىك بىلەن.
-مىنى مەشرەپ ئاكام ھېلىقىنىڭغا ئۆگۈتۈپ قويدى...ئەمدى بىراقلا تاشلاش بىر ئاز..بىر ئاز تەس تۇرىۋاتىدۇ،-دىدىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ.
-توغرا دەيسەن،ئۇ نەرسىدىن بىراقلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ،قاۋۇل ئىشىك ئالدىدا ماشىنىدا بار.چىقىپ شۇنىڭغا مىنى تېپىپ بەر دىدى دېسەڭ بولىدۇ،-دىدى كېرەم مۇشۇنچىلىك ئىشمىتى دىگەندەك قىلىپ.
كېرەم بىلەن خوشلىشىپ،تويوتا ماشىنىدا ئورۇندۇقنى كەينىگە چۈشۈرۈپ ياتقان قاۋۇلنىڭ يېنىغا كىلىپ،دەرىزىنى چەكتىم.ئۇ دەرىزىنى چۈشۈرۈپ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،مىنى ئېلىپ يېزىدىكى بىر ئۆيدىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردى.يولدا ماڭغىچە ئۇ خۇددى مىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولغىنىمنى بىلىپ قالغاندەك ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى.مەسىلەم ھەل بولغاندىن كىيىن ،كۆرۈشمىگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان رىزۋاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.
رىزۋان بىلەن زۇنۇن ھويلىدا ئورۇندۇق قويۇپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىكەن.
-ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىم ئىشىكتىن كىرگەچ.
-ھە...ئوغاۋالا....پەيسونى ئايلىنىپ چىقتىلا،-دىدى زۇنۇن ماڭا دوق قىلىپ.مەشرەپنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى كىچىككىنە يېزىدا ئاللىبۇرۇن خېلىلا غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
-ھە...شۇ...،-دىدىم ئوڭايسىز قىياپەتتە.
-ھە..ئوغاۋالا ساقچى تۇتقىدەك نىمىش قىلغانتىلە؟؟،-دىدى زۇنۇن يەنە مىنى سوتلاپ.
-مەن ھېچ ئىش قىلمىغان.مەشرەپكامنىڭ شوپۇرى بولغاندىكىن گۇمانلىنىپ مىنىمۇ تۇتۇپ،ئاخىرى گۇناھسىزلىقىمنى ئېنىقلاپ مېنى قويۇپ بەردى،-دىدىم قەددىمنى تىكلەپ.
-مەشرەپ ئاخۇن ئاق سېتىپتا،سىلى شۇ ماشىنىنى ھەيدىگەندىكىن خەۋەرسىز قالمىغانلا ھەقاچان؟؟؟،-دىدى زۇنۇن يەنە مېنى قويۇۋەتمەي.
-دادا...توختى بۇ ئىشلارنى ئۇقمايدىكەن..ئۇقسا ساقچىلارمۇ ئۇنى قويۇپ بەرمەس ئىدى.،-دىدى رىزۋان ماڭا يان بېسىپ.
-ئۇقمايدىكەن دىسىلە خېنىم.بۇ نائەھلىنى سىلى ئۇقماي قالمىسىلا يەنە.ساقچى دىگەن گۇناھى يوق ئادەمنى بىكار تۇتۇپ ئۈچ كۈن باقمايدا....ئى موزدوزغا دەپ قويسىلا،ھېلىغۇ چىنىنى چاقسۇن،چەينەكنى چاقسىمۇ ئۇنىڭغا بېرىدىغان قىزىم يوق مېنىڭ،-زۇنۇن شۇنداق دەپ قويۇپ ئاچچىق بىلەن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.مىنىڭ سالاھىيىتىمنىڭ مەغلۇپ بولۇش خەۋپىنى بىلگەن رىزۋان دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ھويلىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇردۇم.
-دادا...جاھىللىق قىلمىسىلا،ئۇنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىپتۇ..دىمەك ئۇنىڭ گۇناھى يوقكەن.،-دىدى رىزۋان تەتۈر قاراپ تۇرغان دادىسىغا يېلىنىپ.
-بۇ قاسماق موزدوز شىركەتكە كىرىپلا مەشرەپنى نەس بېسىپتۇ،بۇنداق نەس موزدوزنىڭ نەرىنى ئەتىۋالايلا رىزۋان خېنىم؟؟؟بۇ قېتىم دادىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ موزدوزدىن ئۈمىد ئۈزسىلە،مەن سىلىگە يالۋۇراي،-دىدى زۇنۇن ئاچچىق بىلەن.
-مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دادا،-دىدى رىزۋان ئەڭ ئاخىرقى ئامالنى ئىشلىتىپ.
-بىلگىنىمنى قىلىمەن دىسىلىمۇ مەيلى رىزۋان خېنىم،لىكىن مەن بۇ ئىشقا ھەرگىز رازىلىق بەرمەيمەن،بۇ موزدوزدىن شۇملۇق پۇراپ تۇرىدىكەن،مىنىڭ ئانىلىرىنىڭ يېنىغا يۈزۈم يورۇق كەتكۈم بار.،-دىدى زۇنۇن جاھىللىشىپ.
-ئەمىسە توختى بىلەن تەڭ كىتىمەن،-دىدى رىزۋانمۇ بوش كەلمەي.
-يول ئاينا.ئاشۇ موزدوز سىلىگە دادىلىرىدىن ئېزىز بولسا شۇنداق قىلسىلا،-دىدى زۇنۇن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
دادىسىنىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرگەن رىزۋان داۋاملىق تىركىشىشكە مەيلى قالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر:
-ئۇ ئەمدىلا شېركەتكە ئورۇنلاشتى دادا،ھازىرلا ئۇنى قوغلىۋەتسىڭىز شىركەتتىكى ئىشىمۇ تۈگەيدۇ،ھېچ بولمىغاندا ئۇ شېركەتكە ماسلىشىۋالغۇچە 10 كۈن بىزنىڭكىدە تۇرسۇن،سىلىمۇ ئۇنى چۈشىنىپ باقسىلا،10 كۈندىن كىيىن سىلى نىمە دىسىلە شۇنداق بولسۇن ماقۇلمۇ دادىكا،-دىدى رىزۋان سەبى قىزلاردەك دادىسىغا ئەركىلەپ.
-ئاڭلىدىلىما ،ئوغاۋالا.....10 كۈن بىزنىڭ ئۆيدە تەييار ناننى يەپ،10 كۈندىن كىيىن كۆزەمدىن ئىشتىلا!!!!،-دىدى زۇنۇن قىزىنىڭ قولىنى سىلىغاچ.
مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەن زۇنۇننىڭ ئۆيىدە كېرەمنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ ،بىرنەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم.لىكىن قېرىشقاندەك ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر كەلمەيۋاتاتتى.خەۋەر ئۈزىلىپ قېلىپ ئىچىم پۇشقانسىرى زۇنۇن <<ئوغاۋلا...يېتىۋەردىلە؟؟؟شېركەتتىمۇ ئىشلەپ بولغان ئوخشىماملا؟؟>>دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنى بىزار قىلاتتى.
   شۇ تەرىزدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماي ھەش-پەش دىگۈچە 5كۈن ئۆتۈپ كەتتى.قارىغاندا كېرەم مىنى تاشلىۋەتكەن ئىدى.ئەگەر 10 كۈن توشۇپ ،زۇنۇننىڭ ماڭا بەرگەن تۇرۇش مۆھلىتى توشسىلا مىنىڭ سالاھىيىتىم ئۈزۈل كىسىل مەغلۇپ بولۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.بىر كۈنى زۇنۇن سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە رىزۋان بىلەن مەسلەھەتكە چۈشۈپ كەتتۇق.
-مىنىڭچە يەنە كۈتۈپ باقايلى،مىنىڭ پەرىزىمچە كېرەم مىنى چوقۇم چاقىرتىدۇ،-دىدىممەن ئىڭىكىمنى تۇتۇپ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن.
-مەسىلەن ئۇ سىزنى مەڭگۈ چاقىرتمىسىچۇ؟ئۇ چوقۇم سىزدىن گۇمانلىنىپ قالدى.مىنىڭچە دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ،ئۇنى ئاۋال قولغا چۈشۈرۈپ،ئىككى كىلوگىرام خىروئىننىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئېيتىشقا قىستايلى،-دىدى رىزۋان تىتىلداپ.
-سىز بەك ئالدىراقسانكەنسىز رىزۋان خانىم،ئەگەر ئۇ قەتئى ئېيتقىلى ئۇنىماي تۇرىۋالسىچۇ؟،-دىدىم ئۇنىڭ بالىلارچە سۆزلىرىگە رەدىيە بېرىپ.
-بۇنداق ساقلاۋەرسەك نېمىگە پايدىسى؟؟يەنە 5كۈندىن كىيىن دادام سىزنى چىقىپ كەت دەپ قالسا ،بۇ يېزىدا قانداق سالاھىيەت بىلەن تۇرماقچىسىز؟،-دىدى رىزۋان ئەندىشە بىلەن.
-ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز رىزۋان خانىم.سىز چوقۇم ئۇنى قايىل قىلىشىڭىز كېرەك.مەن بۇ ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا قەتئى قوشۇلمايمەن.پەقەت بولمىسا ئاۋۋال دادىڭىزنى قاتتىق ۋاستە بىلەن بىر مەھەل كونتىرول قىلىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ.
-ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز.ئۇ دىگەن مىنىڭ دادام!يەنە مۇشۇنداق قالايمىقان ئويدا بولسىڭىز بېشىڭىزغا ئاگاھ بولۇڭ،-دىدى رىزۋان بۇ گېپىمدىن غەزەپلىنىپ.
-بۇ دىگەن ۋەزىپە رىزۋان خانىم.ھېچ بولمىغاندا ناركوز دورىسى بىلەن دادىڭىزنى بىر نەچچە كۈن ئارام ئالدۇرساق بولىدۇ.
-ياق.مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن.
-ھېسياتىڭىزغا تايىنىپ ئىش قىلماڭ!ھېلىمۇ سىزگە باغلاپ قويۇلغان بۇ سالاھىيەت ماڭا ئاز ئاۋارىچىلىق كەلتۈرمىدى.دادىڭىزنىڭ مۇنچىلىك جاھىل ئىكەنلىكىنى سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزدىن بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولۇشۇم كېرەك ئىدى.،-دىدىم مەنمۇ قاتتىق جىلە بولۇپ.
-شۇنداقمۇ ئەپەندى.قارىغاندا سىز مىنى راستىنلا بىر كارغا كەلمەس پالاكەت قىز دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز!ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ۋەزىپىدىكى مىس-مىسلىقىڭىز مىنى بەكلا ھەيران قالدۇردى...بولمىسا مەن ئۆزەملا بېرىپ كېرەمنى جايلايمەن.ئۇنىڭ ئېغىزنى ئاچمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!،-دىدى رىزۋان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ.قارىماققا ئۇ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك تۇرمايتتى.
-ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىڭ رىزۋان خانىم.مەن ئىسپاتنى مىڭ جاپادا قولغا چۈشۈردۈم.سىزنىڭ پىلانىمنى بۇزىۋېتىشىڭىزگە ھەرگىز قاراپ تۇرالمايمەن!،-دىدىم ئۇنى يەلكىسىدىن باسقىنىمچە ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ.
-ھىم...مەن بېرىپ شەرۋاندىن گەپ ئېلىپ باقاي!ئۇ كېرەم زادى نېمە ئويلاۋاتىدىكىن!
-ياق مەن ئۆزەم بارىمەن!،سىزدىن بىرەر چاتاق چىقىپ قالسا سىزنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگۈم قەتئى يوق،بولدى خەۋىرىمنى كۈتۈڭ،-دىدمدە چاپاننى مۆرەمگە ئارتىپ كېرەمنىڭكىگە قاراپ ماڭدىم.قارىسام ئىشىك ئالدىغا توختىتىلغان كېرەمنىڭ ماشىنىسىدا قاۋۇل دىگەن شوپۇرى ئولتۇرۇپتۇ.ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ئىشىكنى قاقماقچى بولۇپ تۇراتتىم ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ مەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەلدى.ئىشىك ئۇرۇشقا بارغان قولۇمنى چۈشۈرۈپ،ئۇنى كۈتۈپ تۇردۇم.
-كېرەمكام ھازىر ئالدىراش،ماڭا ھېچكىمنى كىرگۈزمە دىگەن،ئىشىڭ بولسا باشقا كۈنى كەل،-دىدى قاۋۇل قوپاللىق بىلەن.
-باشقا ئىشمۇ يوق قاۋۇلكا...شۇ...شۇ...ھېلىقى دورىدىن يەنە ئالسام بولاتتى،-دىدىم ئۇنىڭغا خوشامەت بىلەن ھىجىيىپ.
-سەن ئەتىگەندە ئۇنىڭغا نان چىلاپ يىمىگەنسەن ؟؟؟خېلى جىق نەرسە ئىدىغۇ ئۇ؟،-دىدى قاۋۇل چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-شۇ..شۇ...قارىسام ھازىر شېركەتتە مەن قىلغىدەك باشقا ئىشمۇ يوقكەن،شۇڭا مەنمۇ ئانچە مۇنچە شۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىپ باقايمىكىن دىگەن،-دىدىم ئۇنىڭغا كېرەم ماڭا بەرگەن 20000يۈەن قاچىلاغلىق كانۋېرتنى ئۇزارتىپ.
-ئۇنداقتا ئەتە كەل،مەن كېرەمكامدىن سوراپ باقاي.،-دىدى قاۋۇل مىنىڭ قېلىنلىقىمدىن ھەيران بولۇپ.
-ئەمىسە بۈگۈن ئازىراق ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز...مەن ئۆزەم چىكىدىغاننىمۇ ئاباي سېتىۋېتىپ قاپتىمەن..ھى...ھى،...ھى....
ئۇ گەپ قىلىشقا ئاغزىنى ئەمدى ئۆمەللىۋىدى ،ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئىچىدىن كېرەم چىقىپ كەلدى.
-ۋوي توختى ئۇكام كەپ قاپسەنغۇ؟يۈر-يۈر ئىچىگە كىر،-دىدى كېرەم قىزغىنلىق بىلەن قولۇمدىن تارتىپ.
مەن قاۋۇلغا مەغرۇر بىر نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كىيىن كېرەمنىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىردىم ۋە ئۇنىڭغا كىلىش مۇددىئايىمنى ئېيتتىم.
-بۇنداق ئىشلارنى قىلساڭ قاملاشمايدۇ ئۇكام.....بۇ دىگەن خەقنى قەستلەيدىغان،ئەل-جامائەتنىڭ قاغىشىنى ئالىدىغان نەس ئىش.بۇنداق ئىشلارنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت .ئۆزەڭمۇ ئۇ نەرسىگە يېقىن كەلمە.ساڭا مەن يەنە ئازىراق پۇل بېرەي شۇنىڭ بىلەن بىر ھالال تىجارەتنىڭ بېشىنى تۇت،-دىدى كېرەم ماڭا ساختا كۆيۈنۈپ.ئۇنىڭ پۇل بېرىپ مەندىن ئالاقىنى ئۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى.قارىغاندا مەن ئازراق قاتتىق ۋاستە ئىشلەتمىسەم بولمايتتى.
-...شۇ ئاكا..مىنىڭ ئىتتىكرەك پۇل تاپىدىغان ئىشلارنى قىلغۇم بار ئىدى....ئۆتكەندە ساقچىخانىدا ھېلىقى سىز ماڭا بەرگەن سومكىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ دەپ مەندىن نەچچە قېتىم سورىدى....مەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى تىنىپمۇ سالمىدىم.ھەممىنى مەشرەپكامغا دۆڭگەپ تۇرىۋالدىم...ئۇلار يەنە مىنى ئىزدەپ كىلىپ جىقراق پۇلغا ۋەدە قىلسا..مەن...مەن....،-دىدىم يالغان دۇدۇقلاپ.مەن كېرەمدىن ئىبارەت بۇ تۈلكىنىڭ مىنىڭ گېپىمنىڭ تىگىگە تېزلا يىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
-ئۇنداقتا..ئەتە كەل.سىنى ياخشى بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇراي.ياكى سىنىڭ تىجارىتىڭگە مال تېپىپ بېرەي،يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن...قانداق،-دىدى ئۇ يالغاندىن كۈلۈپ،مۈرەمگە قولىنى قويۇپ.
ئۇنىڭدىن ئېنىق جاۋاپ ئالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭغا ئەتە كىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىپ قويۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقىپ يەنە رىزۋاننىڭكىگە قايتتىم.قارىسام زۇنۇن قايتىپ كېلىپ بوپتۇ.
-ھە...ئوغاۋالا..نەلەردە تاپ پۇراپ كەلدىلە؟؟؟؟؟؟،-دىدى ئۇ ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ.
-...شۇ...كېرەمكامنىڭكىگە بېرىپ كەلدىم...
-نىم دەيدا؟؟
-ئەتە كەل دەيدۇ.
-ئەمىسە،كىلىپ كىتىپ يۈرگىچە،ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا بىرەر كىچە ساقلىسىلا بولمامتە؟؟كۆزەمنىڭ ئالدىغا كىرپىكتەك كىلىۋالماي؟؟؟،-دىدى ئۇ مىنى قەستەن ئوسال قىلىپ.
نېمە ئامال دەيسىز،ۋەزىپىنى دەپ يەنە قېلىنلىق قىلىپ گەپ قىلماي تۇرىۋالدىم.باشقا ئىشلارمۇ بولماي،كەچ كىرىپ ھەممەيلەن يوتقان ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق.زۇنۇننىڭ خورىكى بېسىلىپ كۆزۈم ئۇيقۇغا ئەمدى ئىلىشىۋىدى،ئۆگزىدىن شىپىر-شىپىر قىلغان ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى.ئاۋازنىڭ رېتىمىدىن قارىغاندا،ئۆگزىدە تەخمىنەن تۆتچە ئادەم،ئاياقسىز رىزۋاننىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ سۈرىلىۋاتاتتى.قارىغاندا كېرەم مىنىڭ ئاغزىمنى بىراقلا ئەتمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇلار ئاخىرى رىزۋاننىڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە توختاپ،ئاستا پەسكە سېرىلىپ ھويلىغا چۈشتى.ئەمدى چىقاي دەپ تۇرىۋېدىم ئۆگزىدە يەنە بىر قانچە ئادەم پەيدا بولدى.چىقىپلا تۇتۇشاي دىسەم زۇنۇننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيتتىم.ئامال يوق پەيت كۈتۈپ ياتتىم.ئاخىرى ئۇلارمۇ ئۆگزىدىن چۈشۈپ رىزۋاننىڭ ئىشىكە ئالدىغا توپلاشتى.ئۇلار تەل بولۇپ رىزۋاننىڭ ئىچىدىن ئىلىكلىك ئىشكىنى تىپىشى بىلەنلا مەنمۇ سەكرەپ تۇرۇپ ،رىزۋاننى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندىم.ئىشىكنىىڭ تىپىلگەن ئاۋازىدىن چۈچۈپ كەتكەن زۇنۇن
-نىم بولدى!!نىم بولدى ،-دىگىنىچە ئاڭقىرالماي ئۆي ئىچىدە قالدىم.مەن ئىشىكتىن چىقىپ،رىزۋاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغىچە ئالاھەزەل ئىككى سىكونتتەك ۋاقىت كەتكەنىدى.رىزۋاننىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمگىلا چىكەمگە سوغۇق تۆمۈر تىرەلدى.ئۇنىڭ شەكلىدىنلا تاپانچىنىڭ ئۈ يوقاتقۇچىسى ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىچىگە قارىسام ،يەتتە ئادەم قان ئىچىدە يېتىپتۇ.ھەممىسى جېنىدىن جۇدا بولغان ئىدى.شۇ دەمدە چىكەمگە تىرەلگەن تاپانچا ئاستا-ئاستا چىكەمدىن ئايرىلدى.
-توختى ئەپەندى،بۇندىن كىيىن مىنى سەل چاغلىمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن،مىنى يۇقىرىدىن ئوڭايلىققا ۋەزىپىگە ئەۋەتمەسلىك سەۋەبى مەن ناھايىتى خەتەرلىك-دىدى رىزۋان مۇدھىش كۈلۈپ.ئۇنىڭ كىچىلىك كىيىمى پۈتۈنلەي قانغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى.
لىكىن مىنىڭ ئۇنىڭغا ھەيران قالغىلى چولام يوق ئىدى،چۈنكى زۇنۇن تېخىچىلا  كىرمەيۋاتاتتى.شۇ خىيال بىلەن كەينىمگە بۇرۇلدۇمدە،زۇنۇن بىلەن مەن ياتقان ئۆيگە كىردىم.دەرۋەقە زۇنۇن جايىدا يوق ئىدى.رىزۋانمۇ قان پېتىلا يۈگرەپ كىرىپ ،زۇنۇننىڭ يوتقىنىنى قايرىدى.يوتقان ئاستىدا بىر پارچە قەغەزگە:(بۇ قېرى لازىم بولسا،ئەتە كەچ سائەت 12 دە ،ئادەم چاقىرماي تاغلىقتىكى مىس كانغا كەل)دىگەن خەت يېزىقلىق ئىدى.ۋەھالەنكى زۇنۇننى ناھايىتى ماھارىتى ئۈستۈن بىرى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ شەپىسىنى رىزۋان بىلەن ئىككىلىمىز ئاڭلىيالمىغان ئىدۇق....رىزۋانغا قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇنۇچلۇق غەزەپ نۇرى چاقناپ تۇرۇپتۇ...رىزۋاننىڭ قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۈن سۈرمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم.
-سىز دادامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى p1ەپەندى.،-دىدى غەزەپلىك كۆزىنى قەغەزدىن ماڭا بۇراپ.
-كەچۈرۈڭ.،-دىدىممەن چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ.رىزۋاننى سەل چاغلىغانلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ شەپىسىنى سەزمىگەن گۇناھ ھەقىقەتەن مەندە ئىدى.
-ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە لايىق...ھەممىسى،-دىدى رىزۋان كۆزلىرى قانغا تولۇپ.
مەن ئۈندىمىدىم.
-ئۇلار ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە،ھازىرلاكانغا بېرىپ ئۇ ئەبلەخلەرنى جەھەننەمگە ئۇزىتايلى،-ئۇ شۇنداق دىگەچ ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى.مەن ئۈنسىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھوجرىسىغا كىردىم.ئۇ يەردىكى جەسەتلەرنى قوپاللىق بىلەن تىپىپ بىر يانغا سۈرىۋەتكەندىن كىيىن،بىز كەلگىچە بىللە ئېلىپ كەلگەن شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك چامدىنىنى ئالدىغا تارتتى.ھېلىلا چامچاداندىن ئۈنسىز تاپانچىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن چاماداننىڭ ئاغزى ئېچىق ئىدى.ئۇ چامداندىن uziتىپلىق پىلىمتتىن بىرنى ئۆزى ئالغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ماڭا ئۇزارتتى.ئۇ تاللىغان قورالدىنلا ئۇنىڭ قانداق پىلان قىلغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولدى.
-مىنىڭچە بۆسۈپ كىرىپ ئۇلار بىلەن توقۇنۇشساق ھازىرقى ئەھۋالغا پايدىسىز p0،مىنىڭچە ياخشى پىلان تۈزەپ ئۇ بەلگىلىگەن ۋاقىتتا كانغا بارايلى،-دىدىم پىلىموتنى قولۇمغا ئالغىلى ئۇنىماي.
-ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز ئەمەس.p1.سىز شۇڭا بۇ يەردە ئەزمىلىك قىلىۋاتىسىز.سىزنىڭچە دادام ئۆلۈپ كەتسە ئۇ ئۆزىنىڭ رولىنى ئېلىپ بولغان بولىدۇ.سىز ۋەزىپىنى ئورۇنداۋېرىسىز شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟سىزدىنمۇ ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ،ئۆز ئاتىسىنى كۆرمىگەن ئادەمگە باشقىلارغىمۇ دادىسى كېرەك ئەمەستەك بىلىنىدۇ شۇنداقمۇ ؟>؟؟؟؟؟،-دىدى ئۇ ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ.ئۇنىڭ گېپى ئىنتايىن زەھەرلىك بولسىمۇ ،ئۇنىڭدىن خاپا بولمىدىم.چۈنكى ئاياللار بەك ھېسياتچان كىلىدۇ.قاتتىق ھاياجانلانغاندا قىلغان گەپلىرىنى راست دەپ تەگىگەن ئادەم چوقۇم ئاخماق.
-شۇنداق p0خانىم،سىز ماڭا ناھايىتى توغرا باھا بەردىڭىز.لىكىن بىز ھازىر بارساق دادىڭىزنى تېخى كانغا ئېلىپ بارمىغان بولسا قانداق قىلىمىز؟شۇ يەردە دادىڭىزنى بارمۇ دەپ تۇرايلى بىز ئۈسۈپلا كىرسەك،ئۇلار دادىڭىزنى ئۆلتۈرىۋېتىپ،ئاندىن بىز بىلەن تىركەشمەكچى بولسا قانداق قىلىمىز؟ئېسىڭىزدە بولسۇن ھازىر ئۇلارنىڭ 7 ئادىمىنىڭ خۇنى سىزدە،سىز ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان غەزىپىنىمۇ بوش چاغلىماڭ!،ئۇ يەردە سىزنى ساقلاۋاتقىنى مۇشۇ يەتتەيلەننىڭ ئاكىلىرى،ئىنىلىرى،دادىلىرى،بالىلىرى بولۇشى مۇمكىن،-دىدىم مۆرەمنى قىسىپ قويۇپ.
-ئەمىسە مۇشۇ يەردە ئۈژمە پىش،قوينۇمغا چۈش دەپ ساقلاپ ئولتۇرامدۇق،-دىدى ئۇ تىتىلداپ.قارىغاندا ئۇ ئابايقى ئەسەبى خىيالىدىن خېلى بوشاپ قالغانىدى.ھاياجانلانغان ئاياللارنى ،سالماق ئەرلەر چوقۇم قايىل قىلالايدۇ.
-ياق.بىز كۈتۈپ ئولتۇرمايمىز.بىزدە بىر ئەتراپلىق پىلان بولۇشى كېرەك.ماڭا ئىشىنىڭ زۇنۇنكامنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىمىز،-دىدىم ئۇنىڭ قولىدىكى پىلىموتنى ئاۋايلاپ ئېلىپ سىلىغاچ.
-مىنىڭ دادامدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق ،ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىڭ،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.بەلكىم باشقىلار ئىككى قولى قانغا بويالغان ئايال قاتىلنىڭ كۆز ياش تۆككىنىنى كۆرسە،ئەجەپلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە ھەر قانچە زەبەردەس ئايال بولسۇن ئۇ ھامان بىر ئەركەككنىڭ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىشىغا مۇھتاج.
-بولدى ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.مەن سىزگە دادىڭىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ۋەدە بېرەي،لىكىن ھازىر بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز جىق.يىغلاپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت يوق ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟،-دىدىم ئۇنىڭ ماڭا ئىسىلغان قوللىرىنى سىپايىلىق بىلەن ئىتتىرىپ ئۇنى قايتا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزغاچ.ئۇ بىردەم ئىسەدىۋالغاندىن كىيىن،ماڭا ئۈمىد نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
-مىنڭچە،ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى ئۆچىلەيلەننى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش.ئۇ ئادەملىرىنىڭ جايلىۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىراشلا بۇ خەتنى يېزىپ قويۇپ،دادىڭىزنى تۇتقۇن قىلىپ چىقىپ كەتكەن.دىمەك ئۇ ئىنتايىن ھوشيار بىر ئادەم.ئۇ سىزنىڭ ئۇ يەتتەيلەننى جايلىۋەتكىنىڭىزنى ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپلا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغان.دىمەك مىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارىم بارلىقى ھازىر ئۇنىڭغا قاراڭغۇ.....................
شۇ گەپلەر بىلەن ئەتراپلىق پىلان تۈزىشىۋالغاندىن كىيىن،بىر پىيالە سۇ قۇيۇپ رىزۋانغا ئۇزارتتىم.ئۇ <<رەھمەت سىزگە>>دىگەندىن كىيىن سۇدىن قېنىپ-قېنىپ ئوتلاپ بولغاندىن كىيىن شۇ يەردىلا ئۇيقۇغا كەتتى.مەن سۇغا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سېلىۋەتكەن ئىدىم.چۈنكى پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەتىكى جەڭگە ياخشى ئارام ئېلىپ ،تولۇق تەييارلىق بىلەن قاتنىشىش ئىدى.رىزۋاننى ياتقۇزۇپ ،ئۈستىگە يوتقاننى يېپىپ قويغاندىن كىيىن،جەسەتلەرنى ھويلىدىكى ئانارلىق باغقا ئاددىلا قىلىپ كۆمۈۋېتىپ،ئۆيدىكى قان داغلىرىنى سۇ بىلەن پاكىزە سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن،مەنمۇ خىياللارغا چىرمىشىپ ئۇيقىغا كەتتىم.
ئەتىسى چۈش سائەت 12 بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ،كىرىپ قاراپ باقسام رىزۋان تېخى جايىدىن مىدىرلىماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن چىقىپ تاماققا تەييارلىق قىلىپ ،پولونى دۈملىۋەتكەندىن كىيىن چىقىپ يېزا بازىرىدىن ئەپچىل بىر موتسىكىلىت سېتىۋېلىپ ھويلىغا قايتىپ كىلىپ،تېخىچە شېرىن ئۇيقىدىن ئويغانمىغان رىزۋاننى يىنىك سىلكىپ ئويغتتىم.پولو خېلى ئوخشىغانىدى.مەن راسا ئىشتىھا بىلەن يەۋېتىپ قارىسام رىزۋان تاماقنى قوشۇق بىلەن ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
-تاماقنى يەڭ!!!ئېسىڭىزدە بولسۇن،بىر قوشۇق تاماق بىلەن كىرگەن ماغدۇر،بىر دۈشمەندىن ئۆچ ئېلىشىڭىزنىڭ ئاساسى بولىدۇ،-دىدىم بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خىيالىدىن بېرى كىلىپ ،تاماقنى بولۇشىغا يىيىشكە باشلىدى.ئۇ سەۋزە بىلەن گۈرۈچتىن پۈتكەن ئاشنى خۇددى دۈشمەنلەرنى چاينىغاندەك غەزەپ بىلەن چايناپ،پەقەت يىگىدەك يېرى قالمىغاندا ئاندىن توختىدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئاددىلا يۇيۇنۇپ،كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ،تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتۇق.شۇ تەييارلىق بىلەن رىزۋان كۈتكەن سائەت 10 ئاخىرى يىتىپ كىلىپ ،موتسكلىت بىلەن كانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.رىزۋان بىر قولىدا قورال سېلىنغان سومكىنى تۇتۇپ،كەينىمدە سالماق ئولتۇراتتى،ئەمما دۈمبەمگە ئىنىق ئۇرۇلىۋاتقان يۈرەك سوقۇشى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خېلىلا جىددىلىشىپ قالغانلىقىنى ماڭا ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى.بىرەر سائەتلەر يول يۈرگەندىن كىيىن كان بىزگە يىراقتىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
مەن مۇۋاپىق جايغا رىزۋاننى چۈشۈرۈپ قويۇپ موتسىكلىتنى توختىتىپ قويۇپ،ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ كان تەرەپكە قاراپ پىيادە ماڭدىم.كاننىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا كىلىپ قارىسام سائەت 12 كىگە 5 مىنۇتلا قالغنىدى.مەن چىراق يېقىلغان مەيداننىڭ ئەڭ يورۇق يېرىگە كېلىپ،ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.بىردەمدىن كىيىن بىرەيلەن پاپاسلاپ چىقىپ مىنى بىر ھازا ئاختۇرغاندىن كىيىىن يېنىمدا قورال يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ يەنە پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ،قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غايىپ بولدى.
-ھا..ھا،...ھا...سەن ئەبلەخنىڭ خېلى يۈرىكى بار ئىكەن.يامان يېرى ئۆپكەڭ يوق ئىكەن.ئەگەر يەنە بىرەر ئاي تەخىر قلغان بولساڭ چوقۇم سىنى يېنىمدا ئىشلىتەتتىم،-دىدى  كېرەم بەش-ئالتە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ چىققاچ.
-قېنى ھېلىقى ئەركەك-زەدەك قانجۇق،-دىدى ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپنى بىر ئاز كۆزەتكەندىن كىيىن.
-زۇنۇنكامچۇ؟،-دىدىممەن ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاپ قايتۇرماي.
ئۇ قولىدا ئىشارەت قىلىۋىدى،زۇنۇننى بىرەيلەن چېچىدىن سۆرىگىنىچە چىقىپ كەلدى.زۇنۇن خۇددى بۇغۇزلىغىلى ئېلىپ ماڭغان قۇربانلىق قويدەك سۆرىلىپ كىلىۋاتاتتى.لىكىن ئاغزى پىلاستىر بىلەن ھىم ئېتىۋتىلگەنلىكى ئۈچۈ بىر ئېغىزمۇ ئاۋاز چىقىرالمايتتى.
-مانا بۇ پوق زۇۋان قېرى،ئەمدى ئۇ جالاپنى چاقىر،-دىدى كېرەم تەخىرسىزلىك بىلەن زۇنۇننىڭ ئاغزىدىكى پىلاستىرنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن.
-جالاپلىقنى خوتۇنۇڭ شەرۋاندىن سورا!!!!شەمۇ شە جالاپلىق قىلىپ شۇڭا شەرۋان دەپ نام ئالغان خوتۇنىڭدىن!!!،-قىزىنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان زۇنۇن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن بىخەۋەر كېرەمگە ئاھانەت قىلغىلى تۇردى.
-زۇۋانىڭنى يۇم!!بولمىسا ھازىرلا سىنى جەھەننەمگە يولغا سالىمەن،-دىدى كېرەم زەردە بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.
-نامەرت!!ماز پەينەك!!!نوچى بولساڭ ئاۋۋال مىنى قويۇۋەت كۈندۈزى سىنى،كىچىسى خوتنۇڭنى بوش جايلايمەن!!،-دىدى زۇنۇن تېخىمۇ ئەدەپ.
ئارتۇق گەپنىڭ ئۇنىڭغا كار قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن كېرەپ ،چوماقچىلىرىدىن بىرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى يەنە يەملىۋەتتى.
-ئاۋۋال زۇنۇنكامنى قويۇۋېتىڭلار..كۆردۈڭلار مەندە تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق،رىزۋان بىزنى باشقا يەردە ساقلاۋاتىدۇ،ئىككىمىزنى تۇتۇۋېلىپ،زۇنۇننى قويۇۋېتىڭلا ئۇنىڭ بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،-دىدىممەن قەتئىلىك بىلەن.كېرەم زۇنۇننى مەن تەرەپكە ئىتتىرىپ بەرگەندىن كىيىن ماڭ دەپ ماڭا ئىشارەت قىلدى.مەن زۇنۇننىڭ ئاغزىدىكى پىلاستىرنى ئېلىۋېتىپ كانغا كەلگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
-مەن ماڭمايمەن!!!كېرەم مەينەت (بەلكىم بالىلىقتىكى لەقىمى بولسا كېرەك)ئىككىمىزنى مۇشۇ يەردلا ئۆلتۈرىۋەت،ھەر قايسىڭنى ھەرگىز قىزىمنىڭ قېشىغا باشلاپ ماڭمايمەن!!،-زۇنۇن شۇنداق ئالا تاغىل ۋارقىراپ ھەممەيلەننىڭ دېھقىتى چېچىلىشىغىلا ئۇنى سۆرىگەنچە كەينىمدىكى ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدىم.بىزنىڭ يوشۇۇنغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئىككى چاپارمەن بىز تەرەپكە يۈگۈرۈپ كلىشىگىلا ئارقىمۇ ئارقا ئېتىلغان m28ai
تىپلىق مىلتىقنىڭ گۇم،گۇم قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭلا مېڭىسىنىڭ قېتىقى چاچراپ جېنىدىن جۇدا بولدى.
ئۇلار:
- مەرگەن باركەن!!مەرگەن،-دىگىنىچە كېرەمنى ئوتتۇرىغا ئالغىنىچە يورۇق رايوندىن كەينىگە چىكىندى،ئۇلار شۇنچە تېز ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ،رىزۋاننىڭ ئوقىدا يەنە ئىككىسى جېنىدىن جۇدا بولدى،ئەمما كېرەم ئۆمىلىگىنىچە قاراڭغۇلۇققا كىرىۋالدى.
-چىما ئۇ،بۇ مەلئۇنلارنى پاسپورتسىز دوزاققا يولغا سالغان؟،-دەپ سورىدى زۇنۇن ئەجەبلىنىپ.
-رىزۋان،-دەپ جاۋاپ بەردىم قىسقىلا قىلىپ.ھازىر مەن چوقۇم ھەممە تەرەپنى ئەتراپلق كۈزىتىپ،ئامال قىلىپ ئۇلارنى يورۇققا چىقىرىشىم كېرەك ئىدى.
-ھە ماز پەينەك،چىقمامسەن؟ھاھاھا!!ئاباي تېخى شىردەك ھۆكىرەپ،ئەمدى قۇرۇتتەك ئۆمىلىگىنىڭنى قايلا،ۋاي ماز پەينەك!!ۋاي ماز پەينەك،-زۇنۇن يەنە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇلارنى سېسىق تىللارغا كۆمۈشكە باشلىدى.
-تولا كۆرەڭلىمە!!!ھازىرلا ھەرقايسىڭنىڭ كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىمەن!!!،-دىدى كېرەم ئاچچىق بىلەن توۋلاپ.
-مانا قايلا،مەندەك ئوغاۋالىنىڭ خۇۋاينىسى دىگەن تۇرۇپ سۆلەيدا،يېتىۋالماي،گەپ قىلەۋا!!!قەشقەلك ئوغاۋاللىنىڭ يۈزىنى تۆكمەي!!!،-دەپ توۋلىدى زۇنۇن تارتقىنىمغا ئۇنىماي ئورنىدىن تۇرۇپ.
كېرەم ئۆزىنىڭ تۇرغان يېرىنىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ،رىزۋاننى كۆرەلمەيدۇ دەپ بېشىنى شۇنداقلا كۆتۈرىۋېدى،زۇنۇن قاچانلاردۇر تېرىۋالغان تاشنى كۈچەپ ئېتىپ ئۇدۇل ئۇنىڭ پىشانىسىگىلا تەككۈزدى.
-ۋايجان..ۋايجان...خەپ زۇنۇن خوررەك(بۇ لەقەمنى مەن قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن)!!!ھۇ ھىلىگەر تۈلكە!!!،-كېرەم ۋايسىغانچە زۇنۇننى تىللاپ كەتتى.
-قايدا !!!!!نەق تەككۈزەمدىكەنمەن؟؟؟؟؟چىقە يەنە !!!چىقمامسەن؟؟،-دىدى زۇنۇن يەنە ئەتەي ئۇنى جىلە قىلىپ.
لىكىن مىنىڭ قۇلىقىم ئەتراپتا ئىدى.چۈنكى ئارقا تەرىپىمىزدىن شىپىرلىغان ئاۋاز كىلىۋاتاتتى.قارىغاندا كېرەم ئابايلا ئايلىنىپ بېرىپ بىزنى تۇتۇشقا ئادەم ئەۋەتكەن بولسا كېرەك.
-زۇنۇنكا،بىردەم تىللىماڭ،كەينىمىزدىن ئادەم كىلىۋاتىدۇ،-دىدىم زۇنۇننىڭ مىنىڭ كۈزىتىشىمگە دەخلى يەتكۈمەسلىكى ئۈچۈن.بۇنى ئاڭلىغان زۇنۇن ئىككى قولىغا مۇشتەك تاشتىن ئىككىنى ئېلىپ،جىمجىت تۇردى.
-خەپ قىزىڭ دىگەن بۇزۇقنى تۇتۇۋالسام قانداق قىلىمەنكىن!!!!!قاراپ تۇر مۇشۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن خوتۇن قىلىپ بېرىمەن،-دەپ زۇنۇننى جىلەقىلدى كېرەم مىنىڭ مۇددىئايىمنى سېزىپ قېلىپ.
-ماڭا ۋا !!ماز پاينەك!!!قىزىمدىن قورقۇپ كامارغا كىرىۋېلىپ،نىمەڭگە كۆرەۇلەيسىناۋا !!ھۇ مەينەت!!!!،-دەپ توۋلاپ تاشلىدى زۇنۇن مىنىڭ ئابايقى گەپلىرىمنى چۆرۈپ تاشلاپ .ئۇ توۋلاپ تۇرىشىغا كەينىمدىكى قاراڭغۇلۇقتىن يالت قىلىپ بىر خەنجەر گېلىمنى نىشانلاپ كەلدى،مەن بېشىمنى ئىگىپ ،خەنجەردىن قېچىۋالغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىشىغا پۇرسەت بەرمەيلا،كىلىشتۈرۈپ بىر پەشۋا بىلەنلا خەنجەر ئىگىسىنىڭ زاڭىقىغىلا بىرنى تەپتىم.ئۇھ دىيىشكىمۇ ئۈلگۈمەي ،ئۇنى يېنىدىنلا بىر خەنجەر جېنىمغا قەس قىلدى.بۇ چاغدا ئاتقان پەشۋارىم تېخى يەرگە چۈشمىگەنىدى.جېنىمدىن جۇدا بولدۇم دەپ كۆزۈمى يۇمۇشۇمغا زۇنۇن <<ئاي..ھە!!!>>دىگىنىچە ئىككى قۇلىقىدىكى تاش بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا كىلىشۈرۈپ سالدى.خەنجەر ئىگىسىگە كەلگەن زەربىنىڭ تەسىرىدە تېخى يەرگە چۈشمىگەن پۇتۇمدىن سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى .ئاغرىقنى ھېس قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ،ئۇ تاشنىڭ زەربىسىدە لەلەڭشىپ قالغان مەلئۇننىڭ بېشىدىن قايرىپلا جەھەننەمگە ئۇزاتتىم.ئۇنىجايلىۋېتىپ بولۇپلا كەينىمدىكى ماشىنىغا يۆلىنى قالدىم.خەنجەر پۇتۇمنى خېلى ئو كىسىۋەتكەنىدى.
-ھەي !!!ياش باللادىگەن بىخۇتتە!!بىخۇت!!!،-دىدى زۇنۇن دەرھال ئىشتىنىمنى يىرتىپ ئېلىپ يارىنى ئەپچىلىك بىلەن تاڭغاچ.ئۇ ئۆزىنىڭ مىنىڭ گېپمنى ئاڭلىماي ،مىنىڭ دېھقىتىمنى چېچىۋەتكەنلىكىنى قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمايتتى.زۇنۇن يارىنى خېلى ئوبدان تېڭىپ قويغاندىن كىيىن،ھېلىقى ئېككىسىنىڭ يېنىنى ئاخترغاندىم تەلىيىمگە بىرسىنىڭ ئىشتان بېغىدىن،كاننىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ۋاتلىق قول چىراق چىقىپ قالدى.چىراقنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ،زۇنۇننى ئىشارەت قىلىپ،قاراڭغۇ يەر بىلەن ئايلىنىپ كېرەم تەرەپكە ئۆمىلەشكە باشلىدۇق.پەرىزىمچە كېرەمنىڭ يېنىدا ئىككىلا ئادەم قالغانىدى.بىردەم كۈتكەنىدىم ئۇلار ئويلىغىنىمدەك مەيداننىڭ چىرىقىنى ئۆچىرىۋەتتى.ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى بىراقلا ھەممە يەرنى قاراڭغۇ قىلىۋېتىپ،تاغ ئارىسىغا مۆكۈنگەن رىزۋاننىڭ ئەجەل ئوقىدىن قۇتۇلۇش ئىدى.بىردەم جىمىجىت كۈتكەنىدىم ئۇلار ئاستا يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ،
ئۆمىلىگىنىچە بىز باشتا مۆكۈنگەن ماشىنا تەرەپكە يېقىنلىشىشقا باشلىدى.ئۇلار خېلى ئوچۇقچىلىققا چىقىشىغىلا رەھىمسىزلىك بىلەن قول چىراقنى ئۇلار تۇرغان يەرگە قارىتىپ ياقتىم.<<گۇم گۇم>>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككى چوماقچى قانغا مىلىنىپ،جېنىدىن جۇدا بولدى.رىزۋاننى ئاچچىقىدا كېرەمنىمۇ ئېتىپ تاشلىمىسۇن دەپ چىراقنى دەرھال ئۆچۈرۈپ،زۇنۇننى باشلاپ كېرەم تەرەپكە يېقىنلاشتۇق.كېرەم ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سېزىپ قاچماقچى بولىۋىدى.
-ئەڭ ياخشىسى جايىڭدىن مىدىرلىما!!!!بولمىسا چىراقنى ياقسام،رىزۋان چوقۇم سىنى جەھەننەمگە ئۇزىتىدۇ،-دىدىم ئۇنىڭغا تەھدىد سېلىپ.قارىغاندا ئۇ مىنىڭ گېپىمدىن قەتئى گۇمان قىلمىغان بولسا كېرەك.جايىدىلا جىم تۇرۇپ قالدى.دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ ئىشتىنىنى تىزىغىچە سالدۇرىۋېتىپ،كەمىرى بىلەن قولىنى چەمبەرچاس باغلىۋەتكەندىن كىيىن،چىراقنى ئۈچ قېتىم ئۆچۈرۈپ ياندۇرۇپ رىزۋانغا بەلگە بېرىپ ئۇنىڭ كىلىشىنى كۈتكەچ،كېرەمنى سوتلاشقا باشلىدىم.
-بازا قەيەردە؟(خىروئىن يۆتكەيدىغان بازىنى دېمەكچى)
-نېمە بازا؟،-دىدى كېرەم خۇپسەنلىك قىلىپ.
-قارا!!كېرەم ئەپەندى..قانداقلا ھىساپ قىلساق سەن ئۆلۈمگە لايىق.شۇڭا سەن ئاغزىڭنى ئاچماي تۇرىۋالساڭ،مەن بەكلا قاتتىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشىم مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە رىزۋاننىڭمۇ ئۇنىڭ دادىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىڭغا قاتتىق ئاچچىقى بار.ئۇ كەپ قالسا ئىشىڭ تېخىمۇ چاتاق.،-دىدىممەن ئۇنىڭغا ئەمەلى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ.
-خالىغىنىڭنى قىل!!،-دىدى ئۇ مەرتلىك بىلەن.
ئارتۇق گەپنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇدۇل كەلگەنچە ئۇنىڭ ئاچ بېقىنىغىلا كىلىشتۈرۈپ بىر مۇش سالدىم.
ئۇ بىردەم تىنىق ئالالماي قىينالغاندىن كىيىن،ئاران ئەسلىگە كىلىپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە يەنە شۇ يەرگە يەنە بىر مۇش سالدىم.ئۇنىڭ چىرايى كۆكۈرۈپ ،كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇ يەنە بىر ھازادىن كىيىن خېلى ئەسلىگە كىلىۋىدى مۇشتۇمنى يەنە كۆتىرىشىمگە:
-مەن سىنى باشلاپ باراي..بولدى ئۇرما، بولدى ئۇرما،-دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى كېرەم.
ئۇنى ماقۇلغا كەلتۈرۈپ بىر ھازا كۈتكەندىن كىيىن ،قاپقارا كىيىم بىلەن كىچە قوينىغا سىڭىپ كەتكەن رىزۋان،قورال ياراق سېلىنغان چامداننى كۆتۈرگىنىچە پەيدا بولۇپ،<<دادا!>>دەپ زۇنۇنغا ئېسىلىپ يىغلاپ تاشلىدى.
-يىغلىمىسىلا خېنىم..ماڭا ھېچنىمە بولمىدى.يىغلىمىسىلا،چوپ چوڭ بوپ قالغاندا سەت تۇرىدا...،-دىدى زۇنۇن كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك رىزۋاننى بەزلەپ.رىزۋان بىردەم ئىسەدىگەندىن كىيىن،تۇيۇقسىزلا چامداندىن قول تاپانچىسىدىن بىرنى ئالدىدە كېرەمنىڭ چىكىسىگە غەزەپ بىلەن تىرىدى.ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ كەتكەن كېرەمنىڭ ئىككى پۇتى غال-غال تىترەپ،ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.
-ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.،...ئۇ بىزگە لازىم.ئۇلارنىڭ مال يۆتكەيدىغان جايىنى تېپىشتا ئۇ يول كۆرسەتمىسە بولمايدۇ،-دىدىم رىزۋاننىڭ قولىدىن تۇتۇپ،قورالنى كېرەمنىڭ چىكىسىدىن چۈشۈرۈپ.
-ماڭە !!!دىدى رىزۋان ئاچچىق بىلەن كېرەمنىڭ كۆتىگىلا بىرنى تىپىپ.كېرەم تىزىغىچە سېرىۋېتىلگەن ئىشتىنى پۇتلۇشۇپ،ناھايىتى ئاستا سۈرئەتتە كان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.بىز بىردىن ئاپتۇماتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق.
ئەسلى زۇنۇننى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويايلى دەپ ئويلاپ،لىكىن يەنە ئويلىمىغا ئىش يۈز بېرىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىمۇ ئېلىۋالدۇق.زۇنۇن تېخىچە <<مۇئەللىم>>قىزى بىلەن <<موزدوز>>كۈيئوغلىنىڭ بىر كىچىدىلا بۇنچىلىك يامان بولۇپ كەتكەنلىلىگە ھەيران قالغىنىچە بىزگە ئەگىشىپ كىتىپ باراتتى.ئەمەلىيەتتە كاننىڭ ئىچىدە بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىەپ قالسىمۇ كاتتىبېشىنىڭ جېنى بىزنىڭ قولىمىزدا بولغاچقا ئانچە ئەنسىرەپ كىتىش ھاجەتسىز ئىدى.شۇنداق قىلىپ كېرەمنىڭ كەينىدىن كانغا كىرىپ ئىجىر مىجىر كان يولى بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدۇق،كاننىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم بىر ئىشىكتىن كىرگەندىن كىيىن ناھايىتى يوغان بىر يورۇق زالغا كىرىپ قالدۇق.بۇ قارىماققىلا بىر توزاق ئىدى.مەن دەرھال كېرەمنى بىلىكىدىن تۇتۇپ،ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە  پىلىموتنى تىرەپ:
-مىدىرلاشما!!!!بولمىسا بىر پاي ئۇق بىلەن كاتتىبېشىڭنىڭ جېنىنى ئالىمەن،-دەپ توۋلىدىم زالنىڭ ئىچىگە قاراپ.
دەرۋەقە بىردەمدىلا  40-50چە قوراللىق ئادەم مۆكۈنگەن يېرىدىن چىقىپ قورالنى بىزگە بەتلەپ تۇردى.
-ھا...ھا...ھا.....ئۇنى ئېتىۋەت!!!كاتتىباشمىش تېخى!ئۇ دىگەن مەن باققان بىر ئىت خالاس!،-دىدى قاۋۇل بىر ياقتىن ئاستا چىقىپ كەلگەچ ئەسەبى كۈلۈپ.
-ھىم....سەن تولا مىنى ئەخمەق قىلىمەن دېمە!شۇنداقلا مىدىرلاشساڭ مەن ئۇنى چوقۇم ئېتىپ تاشلايمەن،-دەپ توۋلىدىم قاۋۇلغا جاۋابەن.
قاۋۇل ئالدىرىماي قول تاپانچىسىغا ئوقنى سالغاندىن كىيىن،قورالنى سىلىق بەتلەپ <<پاڭ>>لا  قىلغان ئاۋاز بىلەن ئالدىمدىكى كېرەمنىڭ يۈرىكىگىلا تەككۈدى.قارىغاندا قاۋۇل راس گەپ قىلغانىدى.ئەسلى كېرەم بىر قورچاق ئىكەن ئەمەسمۇ....
بۇلارنى ئويلاشقا ۋاقىت يوق دەرھال يېنىمىزدا تۇرغان مال قاچىلايدىغان يەشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈندۇق.
-ھا...ھا..ھا...،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار،-دەپ بۇيرۇق بەردى قاۋۇل يەنە ئەسەبى كۈلۈپ.
-مەن سىزنى قوغداي،سىز دادامنى ئېلىپ،چىكىنىپ،زالغا كىرىدىغان باشقا يول ئىزدەڭ،-دىدى رىزۋان ئەترەپنى ھوشيارلىق بىلەن كۈزەتكەش.ئۇنىڭ پىلانى ئىنتايىن ئاقىلانە ئىدى.ئەمما بۇ پىلان ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك خەتەرلىك.
شۇنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئەندىشە بىلەن تىكىلىۋىدى،ئۇ دەرھال كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ:
-سىزنىڭ يەنە مىنى سەل چاغلاۋاتقانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن.دەرھال بولمىسىڭىز بۇ يەردىن ھېچقايسىمىز چىقىپ كېتەلمەيمىز،-دىدى ئۇ قەتئىلىك بىلەن.زۇنۇن قىزىم بىلەن قالىمەن دەپ غەلۋە قىلىۋىدى،رىزۋان ساق سالامەت كۆرۈشىدىغانغا قەسەم قىلىپ دادىسىنى مىڭ تەستە ماقۇل كەلتۈردى.زالدىكى ئەتكەسچىلەر بولسا بىزنىڭ بېشىمىزنى چىقىرىشىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتمەكچى ئىدى.مەن قولۇمدىكى ئاپتوماتنى رىزۋانغا قالدۇرۇپ،ئۈن چىقارماي بارمىقىم بىلەن ساناق ساناشقا باشلىدىم.<<1،2،3>>ئۈچ بارمىقىم پۈكۈلىشىگىلا رىزۋان ئورنىدىن چىقىپ <<تا--تا--تات>>قىلىپ پىلىموتنى سايراتقىنىچە ،ئۇ ئەبلەخلەردىن بىر نەچچىسىنىڭ جېنىنى ئالدى،مەن ئۇلارنىڭ دېھقىتى بۆلۈنگەن پۇرسەتتە زۇنۇن بىلەن دىيىشىۋالغىنىمىز بويىچە بىزگە ئانچە ئۇزاق كەلمەيدىغان ئىشىككە قاراپ دومىلاشقا باشلىدۇق.ئوق قۇلىقىمنىڭ ئەتراپىدا ئۇچاتتى،لىكىن بۇلارنى ئويلاش بىلەن كارىم يوق بار كۈچۈم بىلەن دومىلايتتىم.ئاخىرى زۇنۇن بىلەن بىرگە بۇ ھالاكەت ئىشىكىدىن ساق سالامەت چىقىۋالدۇق.بۇ چاغدا زالنىڭ ئىچىدىكى ئېتىشىش ئەۋجىگە چىققانىدى.زۇنۇننى باشلاپ زالغا يانداش يەنە بىر يول بىلەن تام بويلاپ ئالدىغا ئىلگىرلىدىم.تەلەيىمگە ھايال ئۆتمەي ياندىن بىر كونا ئىشىك چىقىپ قالدى.ئىشىككە قۇلىقىمنى يېقىپ ،ئاۋازغا دېھقەت قىلسام ،ئىچى جىمجىت ئىدى.بۇ خىل ئەھۋالدا ئىككى ئېھتىماللىق بار.بىرسى رىزۋان قۇربان بولۇپ كەتتى.يەنە بىرى رىزۋان مۆكۈنىۋالدى.بۇ خىل ئەھۋلدا زالغا كىرسەم ئۆتمىتۈشۈك بولۇپ كىتىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى.شۇڭا يەنە بىردەم كۈزۈتۈشنى قارار قىلىپ ئىشىككە قۇلىقىمنى چاپلاپ جىمجىت تۇردۇم.
-ئوغاۋالا~~قۇلاقلىرى قىچىشقان بولسا مەن قاشلاپ قوياي!تامغا سۈركەپ تۇرىۋەمىسىلە...قىزىم ئىچىدە 50 ئەركەك بىلەن يالغۇز،-دىدى زۇنۇن مىنىڭ جىم تۇرۇۋالغانلىقىمدىن ئىچى پۇشۇپ.ئۇنىڭغا <<ئۈش>>دەپ ئىما قىلىپ تۇرىشىمغا زالنىڭ ئىچىدىن يەنە ئېتىشىشى ئاۋازى ئاڭلاندى.پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشىكنى كۈچۈپ ئىتتىرىپ زالغا كىردىم.ئالدىمدا بىر بەدبەخ رىزۋان تەرەپكە قارىتىپ ھوزۇرلىنىپ ئوق چىقىرىۋاتقانىدى.ئوقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ كەينىدىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى.كەينىدىن ئاستا كەلگەنچە ئۇنىڭ بېشىدىن قايرىپلا ئۇنى جىمجىت جەھەننەمگە يولغا سېلىپ،ئۇنىڭ قورالىنى تېرىۋېلىپ،تېخىچە ياندىكى خەۋپتىن بىخەۋەت بەدبەخلەرگە ئوق ئۈزۈشكە باشلىدىم.بىر نەچچىسى مىنىڭ ئوقۇمدا جېنىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن،ئۇلار ياندىن كەلگەن خەۋپنى سېزىپ،جان قايغۇسىدا ھەرياققا مۆكۈنۈپ،بىر دەمدە قالايمىقانلىشىپ كەتتى.لىكىن بىرئازدىن كىيىنلا رىزۋاننىڭ ئوت كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى.قارىغاندا ئۇنىڭدا ئوق ئاز قالغاندەك قىلاتتى.ئۇلارمۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىردەمدە سېزىپ مىنى قويۇپ بارغانسىرى رىزۋان تەرەپكە قىستاپ ماڭدى.مەن شۇنچە قىلساممۇ ئۇلارنىڭ دېھقىتىنى ئۆزەمگە بۇرىيالماي ئىچىم پۇشاتتى.قارىغاندا بۇ قاۋۇل خېلى ئىش كۆرگەن نىمىدەك قىلاتتى.
ئۇلار بىلەن رىزۋاننىڭ ئارلىقى تەخمىنەن ئون مېتىرچە قالغاندا،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى يېنىدىن گىراناتنى چىقىرىپ پىلىكىنى تارتتى.مەن زۇنۇنكامنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قويۇپ،ئۆزەم رىزۋاننى قۇتقۇزغىلى بارماقچى بولۇپ قارىسام،زۇنۇنكام ھېچ يەردە يوق.ھودۇقۇپ ئەتراپىمغا قاراشقا باشلىدىم.شۇ ئەسنادا ھېلىقى گىراناتنى ئاتماقچى بولغان بەدبەخ ۋاي دەپلا يەرگە يېقىلدى.ئەسلىدە قىزىنىڭ قورشاۋدا قالغىنىنى كۆرگەن ئۇ باتۇر بوۋاي ئاللىقاچانلا ،ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىۋالغان ئىدىن.ئۇ ئېسىلىپ ھېلىقى بەبەخنى يىقىقاندىن كىيىن،پىلىكى تارتىلىپ بولغان گىراناتنى ئېلىپلا،جىنايەتچىلەر زىچراق توپلىشىپ تۇرغان يەرگىلا ئاتتى.<<گۇم>>قىلغان غايەت زور پارتلاش ئاۋازى بىلەن بىر نەچچە پۇت-قول ئۈزۈلۈپ،زالنىڭ ئىچى ئەتكەسچىلەرنىڭ ۋايجان-ۋاييەي دىگەن ئاۋازلىرى بىلەن تولدى.مەن دەرھال قورالدىن بىرنى تېرىپ رىزۋان تەرەپكە ئېتىپ بەرگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ،جىنايەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر جەسەتنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالغان زۇنۇننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلاندىم.20 مىتىر،10مىتىر،5،مىتىرم3مىتىر زۇنۇنغا تەخمىنەن ئۈچ مېتىرلا ئارىلىق قالغانىدى.ئويلىمىغان يەردىن قاۋۇل ياندىن چىقىپ قورالنى زۇنۇننىڭ پىشانىسىگە تىرىگەنچە ئالدىغا تارتىپ،ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ،كەينى ئىشككە قاراپ چىكىندى.
-بۇ يەرنى ماڭا قويۇپ بېرىپ ،دادامنى قۇتقۇزۇڭ!1!!!!،-دەپ توۋلىدى رىزۋان ئەنسىزلىك بىلەن.
مەن يەنە رىزۋاننى يالغۇز قويۇپ،ئوقتىن ئۆزەمنى دالدىغا ئالغاچ كېرەمنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلىدىم.
ئۇ بىر ئاز قاچقاندىن كىيىن كاننىڭ تېخىمۇ تۆۋەن يېرىگە كىرىپ كىتىدىغان ،قوپاللا ياسالغا بىر لىفىتقا زۇنۇننى ئىتتىرگىنىگىچە كىرىپ كەتتى.لىفىت قوزغىلىشىغىلا يۈگرەپ بارغانچە لىفىتنىڭ ئۈستىگىلا دەسسىۋالدىم.لىفىتنىڭ ئۈستىدە ئادەم بارلىقىنى سەزگەن قاۋۇل توختىماي ئۈستىگە قارىتىپ ئوق ئۈزەتتى.مەن ئوقنىڭ يۆنىلىشىدىن ئۇنىڭ تۇرغان جايىغا ھۆكۈم قىلىۋالغاندىن كىيىن دەل ئۇنىڭ باش تەرىپىگە كىلىپ جىمجىت تۇرىۋالدىم ۋە زۇنۇن تېڭىپ قويغان تېڭىقنى يىشىۋېتىپ ،لىفىتنىڭ يىرىقىدىن قاننى تامشىتتىم.قاننى كۆرگەن قاۋۇل ئوقنى تەككۈزگىنىگە ئىشەنچ قىلىپ قايتا ئوق ئۈزمىدى،لىفىت ئالا-ھەزەل نەچچە يۈز مېتىر تۆۋەنلەپ ئاندىن شۇنچلىك قوپال توختىدى.ئۇلار چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن تىراكتورنىڭ ۋىنتىسىنى بوشاتقان ھۈنەرنى يەنە ئىشلىتىپ،لىفىتنىڭ ئۆگزىسىدىكى بى نەچچە تال ۋېنتىنى بوشىتىپ لىفىتنىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىپ ،لىفىتقا چۈشۈپ قورالنى بەتلىگىنىمچە ،لىفىتتىن چىقتىم.قارىسام بۇ لىفىتىنىڭ ئىچى ئايرىم بىر ئىسكىلاتقا تۇتاش بولۇپ،ئىسكىلاتنىڭ ئىچىدە ئادەم ھەيران قالغۇدەك مىقداردا ئامېركا دوللىرى قويۇلغان ئىدى.قاۋۇل زۇنۇنكامنى باغلىۋېتىپ،بىر تاغارغا ھەدەپ دوللا قاچىلاۋاتاتتى.مەن تاپانچىنى مۆرەمگە تىرەپ ئۇنىڭ كاللىسىنى قارىغا ئېلىشىمغا،ئۇنىڭ كۆڭلى خەۋپنى سېزىپ قالدىمۇ قانداق قول تاپانچىسىنى دەرھال زۇنۇنكامنىڭ چىكىسىگە تىرەپ مەن تەرەپكە قارىدى.
-قورالنى تاشلا!!!!بولمىسا ئۇنى ئېتىپ تاشلايمەن!!!!،-دىدى ئۇ ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ.
ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.شۇڭا ئاۋايلاپ قورالنى يەرگە قويۇپ ،ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ تۇردۇم.
-قورالنى يىراققا تىپىۋەت!!!!!!،-دىدى ئۇ تاپانچىنى زۇنۇنكامنىڭ بېشىغا تېخىمۇ كۈچەپ تىرەپ.
مەن دەرھال قورالنى ئۇنىڭغىمۇ ماڭىمۇ يىراق بىر بۇلۇڭغا تىپىۋەتتىم.
-ھا...ھا...ھا...خېلى يامان نىمىكەنسەن،ئەپسۇس مىنىڭ ئالدىمدا سەن يەنىلا خامكەنسەن!!ھا..ھا..ھا..قاراپتۇر ھە،-قاۋۇل شۇنداق دىگىنىچە زۇنۇنكامنىڭ چىكىسىگە تىرەكلىك قورالنىڭ تەپكىسىنى باستى.<<تاق....تاق..تاق>>ئەسلى ئۇنىڭ تاپانچىسىدا ئوق قالمىغانىدى.مەن دەرھال ئاباي تىپىۋەتكەن قورال تەرەپكە ئېتىلدىم.قاۋۇل دەرھال يېنىدىكى غىلاپتىن خەنجىرىنى سۇغۇرغانچە مىنىڭ ئالدىمنى توستى.ئۇ خەنجەرنى ئۇستىلىق بىلەن ماڭا شىلتىۋاتاتتى،مەن ھەدەپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇردۇم.ھېچ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكىدەك ئەھۋالىم يوق ئىدى.چۈنكى ئاباي پىچاق خېلى چوڭقۇر تىلىۋەتكەن پۇتۇم ماڭا پەقەت قولاشمايۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئوڭ پۇتۇم مەن ئەڭ كۆپ مەشىق قىلغان.جانبازلىقتىكى ماڭا ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئەزايىم ئىدى.شۇ خىياللار بىلەن دېھقىتىم شۇنداقلا بۆلۈنىشىگە پەيتنى تاپقان خەنجەر يۈرىكىمگىلا قەس قىلىپ كەلدى.ئەمدى مىنىڭ ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزۈپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.<<گاچ>>قىلىپ خەنجەرنىڭ سانچىلغان ئاۋازىدىن كىيىن كۆزۈمنى ئاچسام ،خەنجەر ئالدىمغىلا ئېتىلىپ كەلگەن زۇنۇننىڭ كۆكرىكىگىلا قاداغلىق تۇراتتى.بۇ قەيسەر بوۋاي شۇنچە ھىم باغلانغان بولسىمۇ،ئىككى پۇتلاپ سەكلەپ كىلىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدلىگە مىنى قۇتقۇزىۋالماقچى بولغانىدى.قاۋۇل خەنجەرنى سۇغۇرماقچى بولۇۋېدى زۇنۇن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە خەنجەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ كۈچەپ تارتتى.مەن زۇنۇننىڭ ئۆز ھاياتى بەدلىگە قولغا كەلتۈرگەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شارتلا قىلىپ يانغا ئۆتتۈمدە،بارلىق ئاغرىق،ئازاپ دىگەنلەرنى ئۇنتۇپ قان شۇرۇلداپ ئېقىۋاتقان پۇتۇمنى ئاڭسىزلا كۆتۈرۈپ بۇ قەھر-غەزەپ،ئۆكۈنۈش،مىنەتدارلىققا تولغان پەشۋانى دەل ئۇنىڭ زاڭىقىغا تەككۈزدۈم.ئۇ يەردىن بىرەر مېتىر كۆكلەپ،
يەرگە گۈپلا قىلىپ چۈشتى.ئۇنى دەرھال چەمبەرچاس باشلىۋېتىپ زۇنۇن بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدىم.ئۇ مەيدىسىگە پىچاق سانچىقلىق ھالەتتە ئوڭدىسىغا ياتاتتى.پىچاقنى ئېلىۋەتمەكچى بولۇپ يەنە يالتايدى،.چۈنكى پىچاقنى ئېلىۋەتسەملا قان ئېتىلىپ چىقىپ ئۇ ھازىرلا شۈك بولۇپ ئۆلۈپ كېتەتتى.ئاستا ئۇنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ ،بېشىنى كۆتۈرۈپ يانپىشىمغا ياتقۇزدۇم.
-ئوغ....ئوغ......،-ئۇ شۇنداق دەيتتىيۇ،ئاغزىغا قان كەپلىشىۋېلىپ ئاخىرىنى دىيەلمەيتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ مىنى بىزار قىلغان شۇ ئوغاۋالا دەپ چاقىرىشىغا شۇنچىلىك تەقەززا بولىۋاتاتتىم.ئۇ ئاخىرى بىر يۆتەل بىلەن قاننى سىرتقا چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن:
-ئوغ...ئوغلام......رىزۋان خېنىمدىن ياخشى ...ياخشى خەۋەر ئالسىلا،-دىگەندىن كىيىن مەيدىسىدىكى خەنجەرگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن قولۇمنى سىقىمدىغىنىچە جان ئۈزدى.كۆزلىرىمدىن توختىماي ياشلار تۆكۈلەتتى.چۈنكى تۇنجى قېتىم مىنى بىرەيلەن ئۆز جېنىدىن ئەتىۋار كۆرۈپ ،ئۆز ھاياتى بەدلىگە مىنى قۇتقۇزىۋالغانىدى.بۇنداق كۆرۈنۈش كىنولاردا كۆپ ئۇچرىسىمۇ،ئەمما 10مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدە بۇنداق قارارغا كىلەلەيدىغانلاردىن بىرەرسىنىڭمۇ چىقمايدىغانلىقى مەندەك ،تىغ ئۈستىدە ھايات كەچۈرىدىغان جاسوسقا ناھايىتى ئېنىق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن ئادەم مەن ئۇنى ئەزىزلەپ بولغىچىلا مەن كۆرۈپ باقمىغان ئاتا-ئانامغا ئوخشاش مەندىن مەڭگۈگە ئايرىلغانىدى.بىر دەم يىغلىۋالغاندىن كىيىن چۈشكۈنلۈك بىلەن زۇنۇننىڭ جەسىدى ۋە پۇللارنى لىفىتقا يۆتكىدىم.ئەسلىدە بۇ يەر كان ئىچىدىكى بىر چوڭقۇر ئازگال بولۇپ،ئافغانىستان ئىچىدىكى بىر ئۆڭكۈرگە تۇتۇشىدىكەن.كان ئېچىش داۋامىدا بۇنى بايقا قالغان بەبەخلەر مۇشۇ يول ئارقىلىق خىروئىن يۆتكىگەنىكەن.ئەڭ ئاخىرىدا قاۋۇل دىگەن بەدبەخنى قوپاللىق بىلەن لىفىتقا تاشلاپ لىفىتتىن ئۈستىگە چىقتىم.
چىقىپ قارىسام،لىفىتقا ئۇزاق بولمىغان يەردە كان يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ تۇرۇپتۇ.پۇللارنى،زۇنۇن ۋە قاۋۇلنى چۈشۈرۈۋېلىپ خېلى كۆپ پارتلاتقۇچنى لىفىتكە بېسىپ،پىلىككە ئوت يېقىۋەتكەندىن كىيىن،لىفىتنى پەسكە ماڭدۇرىۋەتتىم.گۇم قىلغان غايەت زور پارتلاش ئاۋازى بىلەن لىفىت بىكىتىلگەن ئازگال گۆمۈرۈلۈپ،خىروئىن ئېقىپ كىرىدىغان جىنايەت ئېغىزى ئىتىپ تاشلاندى.غايەت زور پارتلاش كۈچىنىڭ شامىلىدا،يېقىن يەرگە تېزىپ قويغان دوللار ئۇچۇپ كاننىڭ ئۈستىدىن قاردەك يەلپۈنۈپ چۈشەتتى.
پارتلاش ئاۋازىنى ئىزدەپ كەلگەن بولسا كېرەك،قالغان چوماقچىلارنى پاك-پاكىز قىرىپ تاشلىغان رىزۋان مەن تەرەپكە قاراپ ئېتىلىپ كىلىپ،ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن دادىسىغا قاراپ قېتىپلا قالدى.مەن ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدىم.چۈنكى مەن ئۇنىڭغا دادىسىنى ساق-سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانغا ۋەدە بەرگەنىدىم.رىزۋان مىنى دادىسىنىڭ يېنىدىن ئىتتىرىۋېتىپ،دادىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ يىغلاشقا باشلىدى.بىر دەم يىغلىغاندىن كىيىن ئۇ دادىسىنىڭ مەيدىسىگە تېخىچە قاداغلىق تۇرغان پىچاقنى زەرب بىلەن كۈچەپ سۇغۇردى.قان ئۇنىڭ يۈزىگە فونتاندەك چاچراۋاتقان بولسىمۇ،ئۇ قان ئېتىلىشتىن توختىغىچە خۇددى قاندا يۇيۇنىۋاتقاندەك جىمجىت تۇردى.
قانمۇ ئاخىرى چاچراشتىن توختاپ ئەگىز سۈيىدەك مۇلايىم ئېقىشقا باشلىدى.رىزۋان ھازىر پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان قان ئايالغا ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.ئۇ پىچاقنى كۆتۈرگەنچە قاۋۇلنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن قاۋۇل توختىماي تىپىرلايتتى.ماڭا يېلىنىش بىلەن قارايتتى.مەن دەرھال باشقا ياققا قاراپ تۇرىۋالدىم.چۈنكى ئۇنى مەن دەل مۇشۇ پۇرسەت ئۈچۈن ئۆلتۈرمەي پەستىن ئېلىپ چىققانىدىم.رىزۋان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ،ئىككىلەنمەيلا پىچاقنى <<غوس>>قىلىپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە تىقتى،<<غوس،غوس،غوس،غوس>>رىزۋان غەزەپ بىلەن توختىماي ئۇنىڭغا پىچاق ئۇراتتى.ئۇنىڭ ئۈستىبېشىدىكى زۇنۇن ۋە قاۋۇلنىڭ قېنى بىرىكىپ ،ئاجايىپ بىر خىل مۇدھىش رەڭگە كىرگەنىدى.قاۋۇلنىڭ تىپىرلاشتىن توختىغانلىقىنى كۆرۈپ،بېرىپ رىزۋاننىڭ يەنە سانجىشقا كۆتۈرۈلگەن قولىنى تۇتۇۋېلىپ ،ئۇنى يېنىمغا تارتىپ،باغرىمغا باستىم.
-يالغانچى!!،سىز ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىدىڭىز،ئەمدى مەن دادامدىن ئايرىلىپ،سىزگە ئوخشاش تىكەندەك يالغۇز قالدىم،خوش بولدىڭىزمۇ..ھۈ،،،ھۈ...ھۈ...،-ئۇشۇنداق دىگەچ مەيدەمگە مۇشلايتتى.
-ياق سىز يالغۇز ئەمەس رىزۋان.بۇگۈندىن باشلاپ مەنمۇ يالغۇز ئەمەس.مەن سىزنى جان-جەھلىم بىلەن قوغدايمەن،سىزنى بارلىقىم بىلەن سۈيىمەن،-دىگەچ ئۇنى تېڭىمۇ كۈچەپ قۇچاقلىدىم.ئۇ تەغدىرگە تەن بەرگەندەك مۆرەمگە بېشىنى قويۇپ،تىپتىنىچ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.


مايماق ئىجادىيىتى






























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 09:42 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
5:20AM + 90 ماختاشقا تېگىشلىك
مەلىكە + 200

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 290   باھا خاتىرىسى

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 07:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا ماۋۇ مايماقنىڭ ئەسىرىنى ،يېزىپ قوياپتۇ ھە بى كىشىلىك ،بۇنداق ئۈنچىلەر كاللىسىغا نەدىنمۇ بى كېلىدكىن كىنو قىلىپ ئىشلەيمىزمۇ مايماق ئاكا بۇ ئەسىرىڭىزنى؟
‹بەك ياقتۇردۇم›

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 08:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوپتىكەن

يامان يېرى خەتلەرمۇ  مايماق چىقۋىلۋاتىدۇ,باشقۇرغۇچىلار تەڭشەپ قويساڭلار بوپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirdax998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 08:33 PM  


باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 09:02:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنو كۆرۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم بۇ ئەسەرنى،،،،، پەشۋانى دەل ئۇنىڭ زاڭىقىغا تەككۈزدۈم.ئۇ يەردىن بىرەر مېتىر كۆكلەپ، يەرگە گۈپلا قىلىپ چۈشتى... 未命名44.gif


مۇشۇنداق چۈشۈپ كىتىپتۇدە




ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 09:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 09:02 PM
كىنو كۆرۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم بۇ ئەسەرنى ...

ئاۋۇ سۈرەتلىك رەسىم بەكلا ۋەششىمۇ يا

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27988
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 877 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىشىمىز مايماق  يىزىپ قوياپتۇ ھە ، جاپامۇ تارتقاندۇ يىزىپ بولغۇچە ، تەشەككۈرلەر بولسۇن

چىدىماس ئادەملەرنى قولدىن ئۇلۇغ ئشىلار كەلمەيدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ھەممىنى ئوقىۋىتەي دېگەن  لىكىن ما كەشتە كومغا قاراپ كۇلەۋەسەم يولدا ماڭغانلار مىنى جىن چاپلىشىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ قاممىسۇن دېدىم.  لىكىن ئالامەت  ئەسەركەن، كۇلۇپ بولاماي  تاسقالدىم يەرگە گۆپلا قىلىپ چۇشكىلى   قالغىنىنى ئەتە ئوقوي ئەمدى.

ئىلىمنىڭ دۇشمىنى قانائەت.

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئازىراق ئوقۇپلا قىزىقىپ قالدىم. ئەخلەت چېلىكى ئارقىلىق سالاھىيىتىنى تەستىقلىتىش. ئاللاھ خالىسا بۈگۈن مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇخلايمەن.

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3529
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32408
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3749 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مايماخجان بامۇ سىز ، يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ، مەن تىخى مايماق يەرلىرىنى تۈزلەتكىلى كەتتىمىكىن دىسەم يەنە مايماق پىتى كەپسىز ، بوپتۇ ، نىمىلا بولسا مۇنبەرەە كىرىپسىز ، قارشى ئالىمىز
    تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، تىمىنى ئوقۇغان پىتىم كىچىچە كۈلۈپ چۈشەيدىغان بولدۇم ئەمدى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99903
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:32:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك جۇما   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش