- قاسىم ، بىز بۇ يەرگە ئوغۇرلۇق قىلغىلى كەلمىدۇق، قىل چاغلىق نەرسەڭگە تەگمەيمىز.بىراق سەندىن سورايدىغان بىر نەرسە بار، شۇنى بەرسەڭلا بولدى ، بەرىبىر ئۇ سەن ئۈچۈن كېرەككە كەلمەيدىغان بىر تۈمۈر تەسەكنىڭ ئورنىدىكى نەرسە ، بىز ئۇنى ئالساقلا بۇ يەردىن كېتىمىز ، مەڭگۈ كەلمەيمىز. - نىمە نەرسە! - سېھىرلىك چەينەك، ئۇنى ماڭا بەرگىن . ئۇمۇ بۇرادىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ئامانىتى ، ئۇنى مەن ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرىمەن، - ئۇنىڭ ئىگىسى قېنى- دىدى قاسىمنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ. ئۇنىڭ مۇددىئاسى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى، ئۇ سېھىرلىك چەينەكنى ئىشلىتەلەيدىغان كىشىگە يەنە ئۆز نەپسى ئۈچۈن زۇلۇم قىلىشنى ئويلاۋاتقاندى. - مەن ئۇنى ساڭا ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئەمدى ئاچكۆزلۈك قىلما ، بولمىسا ئاچكۆزلۈكۈڭ بېشىڭغا چىقىدۇ. - دېدى بوۋاممۇ ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ. - ئۇنىڭ نەدىلىكىنى تېز ئېيت . - چەينەكنى ماڭا بەرسەڭ، ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن- دېدى بوۋام، - راست دەۋاتامسەن؟- دېدى قاسىم، - مەن ئۇنى تاپتىم . مەن ئۇنىڭغا چىراقنى تاپشۇرۇپ بېرىمەن، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلساڭ ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى. - دېدى. بوۋام ئۇنى توزاققا ئىلىندۈرمەكچى بولۇپ. - ئەمىسە چاتاق يوق.- دېدى قاسىم ۋە بوۋامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ تۇيۇقسىز بوۋامنىڭ بىرنى قويۇپ يەرگە يېقىتتى ، مەن « بوۋا! » دەپ بوۋامغا ئېتىلدىم. شۇ چاغدا ئۇ چېچىمنى قاماللاپ ئېلىپ تۇتۇپ ماڭا قىلىچىنى تىرىدى، غەيرەت ، نەسرىدىن ئەپەندىم ۋە ئالاۋىدىنلا ئېتىلىپ كەلدىيۇ پارقىرىپ تۇرغان قىلىپ بوينۇمغا تىرەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا چەكچەيدى.ئۇنىڭغىچە قاسىمنىڭ ھېلىقى چاپارمەنلىرى ئېتىلىپ كېلىشتى. - ئۇنى قويىۋەت! - دېدى غەيرەت - مىدىرلاشما ! - دېدى قاسىم غالجىرلىق بىلەن ، ۋە بوۋامغا قاراپ: - ئەلى ! بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئالاۋىدىن ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيت! بولمىسا بۇ قىزنى ھازىرلا جىنىدىن جۇدا قىلىمەن ! - دەپ ۋارقىرىدى. بوۋام تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇنىڭغا : - مەن سېنى ئۇنىڭ قېشىغا ئاپىراي، ئۇ قىزنى قويىۋەت - دېدى، - مېنى كالۋا كۆرىۋاتامسەن ئەلى؟ يۇۋاشلىقچە ئېيت بولمىسا! ئۇ قىلىچنى بوينۇمغا چۈرىۋېدى گىلىم چىممىدە ئېچىشىپ مىڭەمگە بىر ئاچچىق تۇيغۇ بىشىپ كىردى. تىممىدى قىلىپ بىر تامچە قان يەرگە تامغىنىدا غەيرەتلەر چىدىمىدى. - ۋۇ نائەھلى! قېنى مەرت بولساڭ ئەركەك بىلەن ئۇرۇشمامسەن؟!- دەپ ۋارقىرىدى غەيرەت ، ئۇنىڭ ئاۋازى غەزەپتىنمۇ ياكى باشقا نەرسىدىنمۇ بىرخىل تىترەپ چىقتى. -ماڭا بۇنداق ئاقماس گەپنى قىلما! ئۈچنى سانايمەن ، ئەگەر دىيىشمىسەڭ بۇقىز ئۆلىدۇ، بېر ، ئىككى ! - مانا مەن شۇ ! - ئالاۋىدىن چىداپ تۇرالماي ئوتتۇرغا چۈشتى. - بەللى بەللى ، ئەمدى ئەقلىڭگە كەلدىڭ، ئەمدى سەن بۇياققا كەل، - دېدى ئۇ . - ئۇنى قويىۋەت!- دېدى ئالاۋىدىن. - سەن ئاۋال مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇندا ، ئاندىن ئۇنى قويىۋېتىمەن- دىدى قاسىم، ۋە ئۇنىڭغا: - ئەنە ئاۋۇ پىلنىڭ ھەيكىلىگە قارا! - دېدى . بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا قارىدۇق. - ئەمدى بېرىپ سېھىرلىك چەينەكنى ئېلىپ كەل! - مەن كۆرمىدىم ، ئۇ قېنى - دېدى ئالاۋىدىن، بۇنىڭغىچە نەسرىدىن ئەپەندى سۆز قىستۇردى. - ئۇنىڭ كۆزىگە قارا..- بىز ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدۇك توۋا بۇ غايەت زور پىلنىڭ كۆزنىڭ ئىچىگە سەل شۇ سېھىرلىك چىراق قۇيۇلغان بۇلۇپ ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى پىلنىڭ كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك پەقەتلا چانمايتتى، ئالاۋىدىن ئېسىلىپ چىقىىپ ئۇنى ئالدى، مەن پەيتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ باياتىن بېرى چىڭ چىقىمدىۋالغان ، بوۋامنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە تەييارلىۋالغان ، ئىچىگە كۈچلۈك پۇراقلىق سۇيۇقلۇق قاچىلانغان پۈركىگۈچنى قاسىمنىڭ كۆزىگە پۈركىدىم،ئادەتتە ئۆز دەۋرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق پۈركىگۈچ ئەتتىر ئادەتتە ياخشى قوغنىدىش قورالى بولالايتتى.بۇنداق قىلغاندا كۆزگە كىرگەن ئاچچىقتىن ھەرقانداق كىشى قولىدىكى نەرسىنى تاشلاپ ئىختىيارسىز قولىنى كۆزىگە ئاپىراتتى. قاسىمنىڭ قولىدىكى قىلىچمۇ تاراڭڭىدە يەرگە چۈشۈپ مەن ئۇنى قولۇمغا ئېلىۋالدىم، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ھېلىقى ئونغا يېقىن چوماقچى يۇپۇرلۇپ كېلىۋېدى ، غەيرەت ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپ بىر قىلىچتا بىر نەچچىسىنى يەر چىشلەتتى، ئۇنىڭغىچە نەسرىدىن ئەپەندىم ۋە بوۋاممۇ ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى، بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى قىلىچۋازمىكىن ،ئەتراپنى قىلىچنىڭ چاڭ چۇڭ تىگىشكەن ئاۋازلىرى بىر ئالدى. مەن ساندۇقلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇياق بۇ ياققا يۈگرۈپ يۈرۈپ، قولۇمدىكى رەكەتكىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان قاراقچىلارنى ئېتىشقا باشلىدىم، ئۆزەممۇ ئەزەلدىن تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرگەچكە يېقىن كەلگەن قاراقچىلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆزەمنى قاچۇراتتىم. ھەم رەكەتكە بىلەن ئېتىپ ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمەيتتىم. غەيرەت بىر كۆزى قاراقچىلاردا بىر كۆزى مەندە ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۆزۈمنى قوغدىيالىغىنىمنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدىمىكىن، تېخىمۇ كۈچلىنىپ قاراقچىلار بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى. - ئالاۋىدىن تېز، بول ۋەزىپەڭنى ئورۇنلا بولمىسا بىز ئۈلگىرەلمەيمىز!- دەپ ۋارقىرىدى نەسرىدىن ئەپەندىم.بۇ چاغدا قاسىم ئالاۋېدىنغا يېقىنلاپلا قالغانىدى. بۇ چاغدا ئۇ قاراقچىلاردىىن ئۈچ تۆت كىشى قالغان بۇلۇپ قالغانلىرىنى ئاساسەن يەر يۇتقانىدى. بىراق بۇلار تولىمۇ يامان نىمىلەر بۇلۇپ ئۆكۈزدەكلا كۈچلۈك ئىكەن. - سېھىرلىك چەينەك كۈچۈڭنى كۆرسەت! ئالاۋىدىن شۇنداق دەپ قولىنى چىراققا كۈچەپ سۈركەشكە باشلىدى. بۇچاغدا راستىنلا چەينەكنىڭ كىچىككىنە چوغىسىدىن ئاستا ئاستا تۈتۈنلەر چىقىشقا باشلىدى ۋە بىردەمدىلا غارنىڭ ئىچى ئاسمان پەلەك كۆك تۈتۈن بىلەن تارقالدىيۇ ئۇ تۈتۈنلەر تۇيۇقسىز يەنە بىر يەرگە يىغىلىپ غايەت زور بىر مەخلۇققا ئايلاندى، بۇ مەخلۇقنىڭ كۆزلىرى، بۇرنى شۇنداق يوغان، يەنە ئىككى مۈڭگۈزى بۇلۇپ قارىماققا بىر قارىسا كالىغا بىر قارىسا ئادەمگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ھەممەيلەن جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى،تۇيۇقسىز ئۇ قاتتىق بىرنى ھۇۋلىغانىدى، غاردا توپا چاڭلار قاينام تاشلار دومىلاپ چۈشۈشكەە باشلىدى، بىز ھەممىمىز تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ يوشۇرۇندۇق. راست گەپ قىلسام ئۆزۈمنىڭ قوللىرىمۇ قورقۇنۇچتىن غال غال تىترەپ تۇراتتى. بۇ خۇددى بىزگە ياردەم قىلماي بىزنى تىرىك يۇتىۋېتىدىغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى. ھېلىقى قاراقچىلارمۇ قورققىنىدىن غال غال تىترەپ قوللىرىدىكى قىلىچلىرى جاراڭلاپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى ۋە - ئالۋاستى ! دەپ ۋارقىرىغىنىچە غارنىڭ تېشىغا قاراپ قاچتى، ھەر نىمە بولسا بىر كۈشەندىمىز بولسىمۇ ئازايغانىدى. كۆك مەخلۇق ئەتراپقا بىر قۇر نەزەرسېلىپ ئاغزىنى ئېچىپ قېتىپ قالغان ئالاۋىدىنغا كەلگەندە ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ قارىدى ۋە ھۇۋلاشتىن توختىدى. بىردەمدىلا تىنىچ ھالەتكە كەلدى. دىمەك ئۇ پەسكويغا چۈشكەنىدى. - خوجايىن ! نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن ، ماڭا تاپشۇرسىلا !- دېدى ئۇ. ئۇنىڭ ئالاۋىدىنغا ئېگىلىپ تۇرۇپ قىلغان گېپى خۇددى كۈچلۈك شامالدەك ئالاۋىدىننىڭ قۇلاقلىرىنى ئۇچارتىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ تىلى بىر پەس تىلغا كەلمەي تۇرۇپ قالدى. - ئالاۋىدىن، - دەپ ۋارقىرىدى غەيرەت بىتاقەت بۇلۇپ ، شۇندىلا ئالاۋىدىن ئېسىگە كېلىپ بېشىنى سىلكىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا « سەندىن بىر ئىشنى ئۆتىنىمىز، بۇلبۇلگويا دىگەن قۇشنى يوقىتىپ بەرگىن» دېدى، خۇددى ئۇنى خاپا بۇلۇپ قالارمىكىن دىگەندەك يالۋۇرغان ئاۋازدا، - « بۇلبۇلگويا؟ ! » دېدى دىۋە خۇددى ھەيران قالغاندەك - ئۇ ئەسلى بۇ جايدا ئىكەندە! - شۇنداق ، خەلىقنىڭ قېنىنى شوراپ ئىچىپ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇنى يوقىتىپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن... - ئالاۋىدىن ئۇنىڭغا شۇنداق چۈشەندۈرەتتى. كۆك دىۋە ئۇنىڭغا قاراپ - خوپ خوجايىن، بىراق ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئۇنىڭ سېھرىنى يوقىتىۋەتسەم بولامدۇ؟ - دېدى كۆك دىۋە ئالاۋىدىندىنمۇ بەك يالۋۇرۇپ، - ياق ئۇنى ئۆلتۈرىسەن، ئۇ بىر يىرتقۇچ! - دېدى غەيرەت . بۇنى ئاڭلىغان دىۋە غەزەبلەنگەندەك غەيرەتنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالقىنىدا چىڭ تۇتۇپ كۆككە كۆتەردى. بىز ھەممىمىز پاتپاراق بۇلۇپ ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە ئاتلاندۇق. بۇ چاغدا ئالاۋىدىن ۋارقىرىدى. - ئۇنى قويىۋەت! ئۇ مېنىڭ دوستۇم!- بۇنى ئاڭلاپ دىۋە غەيرەتنى پەسكە تاشلىدى. مەن يۈگرۈپ بېرىپ ئۇنى يۆلىدىم. ئالاۋىدىن ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭلا بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى ۋە ئۇنىڭغا : - ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا زىيان يەتكۈزىشىڭگە رۇخسەت يوق! -دىۋە بۇنى ئاڭلاپ پەسكويغا چۈشتى. - سەن بۇلبۇلگويانى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئۇنى يوقات، - دېدى ئالاۋىدىن يەنە بۇيرۇق تەلەپپۇزدا، ئۇ ئاۋالقىغا قارىغاندا خېلى بەك روھلىنىپ قالغانىدى. دىۋە بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغان ئەلپازدا كۆزلىرىنى يۇمدى ۋە بىر نىملەرنى ئوقۇشقا باشلىدى، بىر ئازدىن كېيىن سىرتتىن بىر قاتتىق شاۋقۇن كۆتىرلىىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي دەل ھېلىقى ئەجدىرھا سۆرەتلىك يىرتقۇچ غارغا ئۇچۇپ كىردى. ئۇ شۇنچىلىك ئەسەبىيلەشكەن بۇلۇپ بىزنى كۆرۈپلا بىزگە قارىتىپ ئوت پۈركىدى، بىراق بۇ ئوت كۆ دىۋە پۈركىگەن كۆك تۈتۈن تەرىپىدىن بىردەمدىلا ئۆچۈپ كەتتى، بۇ يىرتقۇچ شۇنچىلىك ئەسەبىيلەشتىكى قالايمىغان ئوت پۈلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئوت زەربىسىدىن تاغدەل ئالتۇنلار سۇدەك ئېرىپ كېتىۋاتاتتى، بۇنى كۆرۈپ قەيەرگىدۇر يۇشۇرىنىۋالغان قاسىم يۈگرۈپ چىقتى، - مېنىڭ ئالتۇنلىرىم ! مېنىڭ بايلىقىم !- ئۇ شۇنداق دەپ ئەسەبىيلەرچە ئالتۇنلارغا قاراپ يۈگرىدى. يىرتقۇچ قۇش توساتتىن ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ قالغان بۇ ئادەمگە غەزەپ بىلەن قارىدى ، قاسىم بۇنى كۆرۈپ يېنىدىكى ئالتۇن ھەيكەلگە قاتتىق يېپىشتى ، ياق، بۇ مېنىڭ ئالتۇنۇم، بۇنى كۆيدۈرمە.. ياق ياق!!!! - بىراق قۇش ئاغزىنى شۇنداق ئاچقانىدى بىر پارچە ئوت ئالتۇن ھەيكەلنىڭ بېشىغا چۈشۈپ ئۇنى سۇدەك ئېرىتتى، ۋە ئۇنىڭغا چاپلىشىپ تۇرغان قاسىمنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ چۈشۈپ بىردەمدىلا ئۇنى ئالتۇن ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ، يىرتقۇچ داۋاملىك ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى، نىمىشقىكىن كۆك دىۋە ئۇنىڭغا تارتىشىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، بىردەمدە ئالاۋىدىن ئۇنىڭغا قاتتىق بۇيرۇق قىلدى. - ئۇنى ئۆلتۈر!!!- بۇنى ئاڭلىغان كۆك دىۋە ئاغزىدىن كۆك تۈتۈننى يىرتقۇچقا قارىتىپ پۈۋلىدى. ئۇ توختىماي پۈلەيتتى، بۇ كۆك تۈتۈن يىرتقۇچنى ئۆز ئىسكەنچىسىگە ئالدى. ئۇ قاتتىق قىينالغاندەك تولغىنىپ كەتتى، ۋەبوشلۇقتىن پوككىدە يەرگە چۈشتى. ۋە خۇددى سۇدىن ئايرىلغان بېلىقتەك ئۇياق بۇياققا تولغىنىپ جان تالىشىشقا باشلىدى. ۋە بارغانسېرى كىچىكلەشكە باشلىدى، ئاخىرى كۆك تۈتۈنن ئۇنى بارغانسېرى ئوراپ ئۇنى كۆرەلمىدۇق.بىردەمدىن كېيىن دىۋە پۈركۈشتىن توختىدى. كۆك تۈتۈنلەر بارغانسېرى تارقىلىشقا باشلىدى. ئۇ جايدا ھېلىقى ئەجدىرھا ئادەم چوڭلۇقىدا بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ، ئاللىقاچان ئۆلگەندەك قىلاتتى. بۇ چاغدا كۆك دىۋە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ كەلدى ۋە يوغان بارمىقى بىلەن ئۇنى ئاۋايلاپ تۇتۇشقا ئۇرۇندى. ئۇ بىراق ئۇنىڭ بىر بارمىقى شۇ قىزغا تەڭ كېلەمدىكىن ئۇنى مىجىپ قويارمەنمىكىن دەپ يەنە ئاستا ئۇنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتى . بىز ئۇنىڭ بۇ ئازابلىق ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭدىن بولغان ۋەھىمىمىز قاياقلارغىدۇر يوقاپ كەتتى ، مەن دىۋىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇ ماڭا قاراپ، - سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلار بويىچە ئۇ ھازىر ئۆلۈپ كېتىدۇ.- دېدى. ئۇ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانىدى. -ھەي دىۋە ، سىز نىمىشقا بۇنچە ئازابلىنىسىز، بىزگە ئيېتسىڭىز بىز سىزگە ياردەم قىلالىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى سىزمۇ بىزگە ياردەم قىلالىدىڭىز. - دىۋە گېپىمنى ئاڭلاپ ماڭا قارىدى. - ھەي ئىنسان بالىسى،ماڭا ئىنسانلار ياردەم قىلالمايدۇ، مەن مەڭگۈ مۇشۇنداق قۇل بۇلۇپ ئۆتۈشكە بەنىت قىلىنغان بىر دىۋىمەن، - دېدى . - ياق ! مەن سېنى ئازاد قىلىمەن، سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى ئاڭلايسەن، سەن ئازاد بولغىن. - دېدى ئالاۋىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ. بۇنى ئاڭلاپ كۆك دىۋە شۇنچىلىك ھاياجانلانغىدىن ئالاۋىدىننى قولىغا ئېلىۋالدى. - خوجايىن، بۇ راستما؟ مەن ئۆمۈر بويى سىزنىڭ ۋە ئەۋلادىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان تۇرسام . بۇنىڭغا كۆزىڭىز قىيامدۇ؟ - سەن ماڭا تەئەللۇق ئەمەسسەن، كۆك دىۋە ، مەن ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ شۇنداق، مەن يامان ئىنسانلارنىڭ خۇددى دادامدىن پايدىلانغاندەك سەندىن ۋە مەندىن پايدىلىنىشىنى خالىمايمەن.- دېدى ئۇ مەردانىلىك بىلەن، كۆك دىۋە شۇنچىلىك ھاياجانلاندى، ئۇ ئالاۋىدىننىڭ يەرگە ئاستا قويدى. غەيرەت ، نەسرىدىن ئەپەندىم ۋە بوۋام ھەممىمىز ئالاۋىدىنغا ھۆرمەت بىلەن قارىدۇق. ئۇ نەقەدەر شەخسىيەتسىز ئىنسان ھە! كۆك دېۋە ھېلىقى يىرتقۇچنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنى يېنىك كۆتۈردى ،ۋە كۆككە قاراپ توۋلىدى. - مەن ئەركىن بولدۇم ، بىز ئەركىن بولدۇق ! بىز ئەركىن بولدۇق! - توساتتىن غار ئىچى باشقىدىن تۈتۈنگە تولدى ۋە ھېلىقى كۆك دىۋە بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى. كۆك تۈتۈن تارقالغاندا كۆك تۈتۈن تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۆز كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق. ئۇ جايدا ناھايىتى كىلىشكەن، بىر يىگىت تۇراتتى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدا ناھايىتى گۈزەل، ئاي يۇلتۇزنى خىجىل قىلغۇدەك بىر ساھىبجامال ياتاتتى.ئۇلارنىڭ بىزدىن پەرقلىق يېرى ئۇلارنىڭ قۇلىقى سەل ئۇچلۇقراق ئىدى. . ئەجىبا ئۇلارمۇ سېھىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانمىدۇ؟ بىزنىڭ ھەيران قالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئۇ يىگىت بىزگە سۆز ئاچتى.
ئەسلى بۇ بۇلبۇلگويا مېنىڭ مەشۇقۇم ئىدى.جىنلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ھۆكۈمدارى بولغان ئىنسان پادىشاھىمىزسولومىنىڭ قائىدىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇ بىزنى قارغاپ مېنى مۇشۇ چەينەككە مەھكۇم قىلىپ بىر ئەۋلادىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنى خىزمەتكە بۇيرىشىنى ئېيتقان، مەشۇقۇم بۇلبۇلگويانى بولسا كۈيچى قۇشقا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلغان. كېيىن ئۇ نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن ئۇ ئاشىق مەشۇقلارنىڭ سېھرى توپىسىدىن بىر قارانىيەت ئەجدىرھاغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېنىڭ قولۇڭدا، بىراق ئۇنىڭ ھايات قېلىشى ئىگەڭنىڭ قولىدا، دىگەنىدى. ئەگەر شۇ دەمدە خوجايىنىم ماڭا ئەركىنلىك بەرسە ئاندىن بىز بىرگە ئەسلىمىزگە قايتالايتتۇق ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بىز مەڭگۈ شۇ پېتى قالاتتۇق، بۇلبۇلگويا بولسا شۇ تاپتا ئۆلۈپ كېتەتتى. مەن خىزمەت قىلغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى بۇلۇپ مەن بىرەرسىدىن بۇ ئۈمىدنى كۈتمىگەنىدىم. مەشۇقۇمنى بولسا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغانىدىم، مەن سىلەردەك ياخشى ئىنسانلارنىڭمۇ بۇ دۇنيادا بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن، سىلەردىن مەڭگۈ مىننەتتارمەن. بىز بۇ تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسىنى ئاڭلاپ ئالاۋىدىنغا تېخىمۇ بەك ھۆرمىتىمىز ئاشتى. غەيرەت ۋە نەسرىدىن ئەپەندىملەر ئۇنى ئارقا ئارقىدىن چىڭ قۇچاقلاپ « يارايسەن بۇرادەر!» دېدى. - ئۇ قىز ھوشىغا كېلەرمۇ؟- دېدىم مەن ئۇ يىگىتكە. ئۇ يىگىت قىزنىڭ پىشانىسىگە ئاستاغىنە بىرنى سۆيدى. قىز ئاستا ئاستا كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئاشىقىنى كۆرۈپ ھاياجاندا ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
بۇ بىر تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ئىدى، بۇنىڭدىن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەنلىكىمدىن كۆزلىرىم نەمدەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ بىز بىلەن خوشلىشىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى بولغاي بىزگە قاراپ. - بىز ئەمدى سىلەر بىلەن خوشلىشايلى، سىلەرگە رەخمەت ئېيتىش يۈزسىدىن مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرەي. بۇ خەزىنىدە بايلىقتىن باشقا يەنە ئەڭگۈشتەرلەر بار، ئۇ بولسىمۇ جاھاننامە ئەينىكى بىلەن ئۇچار گىلەم. بۇ جاھاننامە ئەينىكى بۇلۇپ مەيلى نېمىنى كۆرمەكچى بولساڭلار ئۇنىڭغا قارىساڭلارلا كۆرمەكچى بولغاننىڭ ھەممىنى كۆرەلەيسىلەر. ئۇچار گىلەمدە بولسا بارار جايىڭلارغا مەيلى قانچە يىراق بولسۇن بىردەمدىلا بارالايسىلەر - دېدى. ۋە بىر تۈتۈن بىلەن كۆزدىن غايىپ بولدى. بىز ھەممىمىز ئاخىرى يېنىك تىندۇق. بىز ھېلىق ئەڭگۈشتەرنى تاپتۇق ۋە ئۇنى ئالدىمىزغا قويدۇق. - ئۇنىڭدا راستىنلا ھەممە نەرسىنى كۆرگىلى بولارمۇ؟ بىز بىر سىناپ باقمامدۇق؟- دېدى ئالاۋىدىن قولىدىكى خىسلەتلىك ئەينەككە قاراپ.م مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئەينەكنى ئالدىم ۋە :« ئەگەر مەن سەنەم بولمىسام راست سەنەمنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇ نەدىكىن !» دېدىم . تۇيۇقسىز ئەينەكتە ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قىز كۆرۈندى. ئۇ ئەتراپقا ئەندىكىپ قارايتتى. ئۇنى بىرمۇنچە ياساۋۇللار تۇتىۋالغانىدى. ئۇ بولسا جېنىنىڭ بارىچە« مېنى قويىۋېتىڭلار ، مەن مەلىكە بولىمەن، مەن خانىش ئانام بىلەن كۆرىشىمەن .» دەپ ئۇلارغا يىلىنىۋاتاتتى. بىراق ئۇلار ئۇنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك تۇراتتى.غەيرەت بۇنى كۆرۈپ زەرب بىلەن ئەينەكنى قولىغا ئالدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ شۇ ئەينەك ئىچىگە كىرىپ كەتكۈسى كېلىۋاتاتتى. - زالىم شاھ ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندەك قىلىدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟!- دېدى ئالاۋىدىن - تېز ئۇچار گېلەمگەئولتۇرۇپ ئۇ جايغا تېز يېتىپ بارايلى!- دېدى نەسرىدىن ئەپەندى. بىز ئۇچار گىلەمگە ئولتۇرۇپ بىر بىرىمىزگە چىڭ يىپىشتۇق. يەنە بىر تۈتۈن بىلەن بىز ئۆزىمىزنى دەل شۇ جازا مەيدانىدا كۆردۇق. شېرىننى دارغا ئاسماقچى بۇلۇپ تۇرغانىكەن. بىزنىڭ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولىشىمىز پۈتۈن كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ھەتتا جاللاتلارمۇ ھەيرانلىقتىن قېتىپ قالغان بۇلۇپ بۇ پۇرسەتتە بېز تېزدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ئارىسىغا كىرىپ سەنەمنى قۇتقۇزىۋالدۇق. ئۇ غەيرەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتتى. - مېنىڭ غېرىپىم، سېنىڭ مېنى قۇتقۇزىۋالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، - ئۇلار بىربىرىگە ئوتلۇق بېقىشتى. بىرمۇنچە ياساۋۇللار يەنە قۇيۇندەك يۇپۇرۇلۇپ كېلىشتى، بىز دەرھال يەنە ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرۇپ كۆزدىن غايىپ بۇلۇشتۇق. كۆزىمىزنى بىر ئېچىپ يۇمغىدەك ۋاقىتتا بىز كىشىلەردىن خالى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ قالدۇق. بۇ دەل بوۋام ئىككىمىزنىڭ قايتىدىغان جايى ئىدى. بىراق بىز خەتەردىن قۇتۇلغانىدۇق. غەيرەت بىلەن ياق غېرىپ بىلەن سەنەم ئۇلار تېنىچ ئامان تىپىشقانىدى. - مەن ئېسىمنى تاپسام تونىمايدىغان بىر كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپتىمەن، مەن سېنى ئىزدەپ ئوردىغا باراي دىگەنىدىم. بىراق ئۇلار مېنى كىرگۈزمىدى، مەن مەلىكە دىسەم ئۇلار ئىشەنمەي مېنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇشتى، مەن سېنىڭ كېلىپ مېنىڭ قۇتۇلدۇرىۋېلىشىڭنى بەك ئۈمىد قىلغانىدىم ئاخىرى كەلدىڭ غېرىپ. - سەنەم غەيرەتكە قاراپ شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى. - ئەمدى بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز،ئۇلار سىزنىڭ بىردىنبىر تەخىت ۋارىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. بىز بىرلىكتە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ خانلىقنى قايتۇرىۋالىمىز، ئەنسىرىمەڭ سەنەم، بىز ھامان غەلبە قىلىمىز. - دېدى غەيرەت. ئۇنىغا ئوتلۇق تىكىلىپ تۇرۇپ. ئۇلارنىڭ بەخىتلىك ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇلار ئۈچۈن قەلبىمنىڭ قېتىدىن خوشال بولسام ، يەنە بىر يەرلىرىمنى پۇچۇلىناتتىم. تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ مانا مۇشۇنداق ئويۇنغا ئوخشاشلا ئاخىرلاشقانلىقىنى ئويلىسام بۇنىڭغا تەن بەرگۈم كەلمەيتتى. ھەتتا باياتىن ئەينەك ئالدىغا كەلگەندە ئۆزەمنىڭ راست سەنەم بۇلۇپ قېلىشىمنىمۇ تىلىگەنىدىم. ئەپسۇس ھەقىقەت ئىسپاتلىدىكى مەن بۇ جايدا تەۋە ئەمەس ئىدىم. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمىزدىن بىر يورۇق يۇلتۇز پارلاپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭدىن تارقىغان ھالرەڭ نۇر بىردىنلا پۈتۈن ئاسماننى قاپلىدى. - بىزنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولدى بۇرادەرلەر! - بوۋام كۆپچىلىككە شۇنداق دىدى. مەن قىيالماسلىق نەزىرىم بىلەن غەيرەتكە قارىدىم. ئۇ يېنىمغا كەلدى. ۋە - سىز بىر باتۇر قىز سەنوبەر، مەن سىزنى ھەرگىز ئۇنتىمايمەن. -دېدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا يىتەرلىك ئىدى. مەن شۇنچىلىك قانائەتلەنگەنىدىم، يۈزلىرىمگە كۈلكە يۈگرىدى.«رەخمەت سىزگە، مەنمۇ شۇ سىزنى مەڭگۈ ئۈنتىمايمەن .سىلەرگە چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن. » دېدىم. ھەم نەسرىدىن ئەپەندىم ۋە ئالاۋىدىنلارغا قارىدىم. - مەن سىلەرنىڭ بۇ خەلىقنى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، غەيرەت قىلىڭلار بۇرادەرلەر، سىلەر ئۈچۈن تارىخقا يەنە بىر بەت قوشىمەن، دېدىم. - خەير خوش باتۇر قىز، ساڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭغا كۆپ رەخمەت- دېدى ئالاۋىدىن. - خەير پەرىشتە قىز، سەن ھامان ئۆز بەختىڭنى تاپىسەن.- دېدى نەسرىدىن ئەپەندىم يەنە مەنىلىك ھالدا كۆزىنى قىسىپ. بوۋام ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. تۇيۇقسىز ھال رەڭ نۇر تارىيىپ ئالدىمىزغا ئاسماندىن تىك ھالدا بىر كۆك نۇر چۈشتى ۋە قۇيۇن ھاسىل قىلىپ چۆرگىلەشكە باشلىدى. بوۋام ئىككىمىز قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ بۇ قاينامغا سەكرىدۇق،
خاتىمە مومام بىلەن بوۋام ئارمانسىز ھالدا جەم بولدى،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى نەچچە ئون يىل بۇرۇنقىدەك شۇنچىلىك ساپ ئىدى. دادام بىلەن ئاپام گەرچە بۇ رىئاللىقنى شۇنچە تەستە قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇلارنىڭ شاتلانغىنىنى كۆرۈپ يەنىلا ئۇلار ئۈچۈن خوش بولدى ۋە بوۋامغا كەڭرى قۇچاق ئاچتى. بۇ يازلىق تەتىل مەن ئۈچۈن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر گۈزەل ئەسلىمە بۇلۇپ قالدى. مەن تەتىلىمنى توشقۇزۇپ فىرانسىيەگە ماڭدىم. ئايروپىلانغا چىقىپ ۋەتىنىمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئايروپىلاننىڭ مېڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم. بىر ئازدىن كېيىن ئايروپىلان قوزغىلىشقا ئازلا قالغاندا يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا بىرى شۇنچە ئالدىرىغانچە كېلىپ ئولتۇردى. - تاس قالدىم ئۈلگىرەلمىگىلى .- دىدى ئۇ . ۋە ئالدىرىغانلىقىدىن قولىدىكى نىمىدۇر بىر نەرسە تاراققىدە قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا چۈشتى مەن ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشتىم ۋە يەردىكى بىر ئالتۇن تەڭلىك قەلەمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم، شۇ دەقىقىدە ئۇشتۇمتۇت ۋاقىت توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالدىم ، ئالدىمدا شۇنچىلىك سۈيۈملۈك بىر چىراي كۈلۈپقىنە قاراپ تۇراتتى. بۇ غەيرەت ئەمەسمۇ؟ شۇ خىيال يالت قىلىپ كاللامدا ئەكىت ئەتتى. - رەخمەت سىزگە،- دېدى ئۇ قولۇمدىكى قەلەمنى ئېلىپ. ۋە مېنىڭ قېتىپ قالغانلىقىمى كۆرۈپ قولىنى ماڭا شىلتىدى. - سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟- ئۇ شۇنداق دىدى. - ھە ! - مەن شۇندىلا ئېسىمنى يىغدىم، ياق ئۇ ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ يەردە بۇلۇشى قانداق مۇمكىن بولسۇن؟- كەچۈرۈڭ، سەت بولدى. مەن سىزنى بىر تونۇشۇمغا بەكلا ئوخشىتىپ قاپتىمەن .- دېدىم ئۇنىڭغا. - شۇنداقمۇ ، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شۇنداق، سىز مېنىڭ مومامغا بەك ئوخشايدىكەنسىز. ھە ياق ياق ... مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن...-ئۇ گەپنى تۈزلا دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. - ھېچقىسى يوي، مەن توغرا چۈشەندىم.- دېدىم، توغرا مەن بۇنى پۈتۈنلەي چۈشەنگەنىدىم. - ھەر نىمە بولسا خاتا چۈشىنىپ قالمىدىڭىز. ئىسمىم پەرھات . تونۇشۇپ قالدۇق، قارىماققا يولىمىزمۇ بىردەك قىلىدۇ.ئىشىنىمەنكى ياخشى دوست بۇلۇپ قالىمىز. - دېدى مەنىلىك ھالدا. - سەنوبەر- دېدىم ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن . چۈنكى شۇ تاپتا بەخىت مېنىڭ ئىشىكىمنى قاقماقتا ئىدى.
تامام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nikita01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-2 04:21 PM
|