مەن ئۇنىڭغا قايتىدىن زەن سىلىشقا باشلىدىم ، ھەقىقەتەن خۇشچىراي ، كەكە ساقال ، ئوتتۇرا بوي بۇ كىشى، ھەم ئۇنىڭ ھىلىقى ئەقىللىق بوز ئىشىكى رىۋايەتلەردىكى نەسىردىن ئەپەندىم تەسۋىرىنىڭ ئۆزى ئىدى.
شۇ تاپتا كۈلەي دىسەم تېخى.. يىغلاي دىسەم تېخى..
-قوسقىڭغا بىر نەرسە يەۋالغىن. سىنىڭ ئىسمىڭ نىمە؟
- سەنوبەر
- قورسقىڭغا بىر نەرسە يەۋالغىن،سەنوبەر قىز
- ئۇ ماڭا باياتىن بېرى قاقلاۋاتقان گۆشىنىڭ يېرىمىنى بەردى.
ئەتە سېنى قانچە پۇلغا ساتسام بولا ھە ئېشىكىم،
-نىمە ؟ ئۇنى ئەڭ ياخشى بۇرادەر دەۋاتقانتىڭىز، ئەمدى سېتىشنىڭ گىپىنى قىلىسىزغۇ؟
-ۋۇ ئەخمەق قىز، ئەتە بۇ پۇلغا ساڭا كىيىم كىچەك ئالمىساق قارا سېنىڭ ئۈستى بېشىڭغا.. بۇ ئەپتىڭنى كۆرگەنلەر سېنى نىمە دەپ قالىدۇ.. ئۇنى ساتمىساق پۇل نەدىن كېلىدۇ، دەيسەن؟
بىراق ئۇ سىزنىڭ ئەڭ يىقىن بۇرادىرىڭىز تۇرسا ؟
- ھەي ساددا قىز ،ئەتتىگەندە ساتسام ئۇ كەچكىچە يېنىپ كېلىدۇ.. ھاھ ھاھ
-بۇ ئېشەك ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق ئىكەن.
-ئەلۋەتتە !
-سەن نەدىن كەلدىڭ قىز، مەن سېنى ئىگەڭگە تاپشۇرۇپ تېزرەك يولۇمغا ماڭسام بولاتتى، قارا سەندەك بويىغا يەتكەن بىر قىز مەندەك ئەر كىشىگە ئەگىشىپ يۈرسە قانداق بولىدۇ؟! ھەي..
-مېنىڭ تۇققانلىرىم بۇ يەردە يوق،
- سەن بۇ يەرگە ئۆزەڭ يالغۇز كەلدىڭما؟ قانداق گەپ بۇ، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ تازا بىر غەم يىمەسمۇ..
- مەن سىزگە دىسەممۇ چۈشەنمەيسىز..
-شۇنداقمۇ،، دىگىن ، مەن چۇقۇم ساڭا ياردەم قىلىمەن، مەن نەسرىدىن ئەزەلدىن گىپىمدە تۇرىمەن.
- مەن بىلىمەن، بىراق سىز قىلالمايسىز.
-دىگىن، كاپالەت بېرىمەنكى ، چۇقۇم.
سىز ماڭا ئىشىنەمسىز؟
- ئەلۋەتتە ئىشىنىمەندە، سەن بىلەمسەن مىنىڭ ئۈچ كۆزۈم بار، بىرىدە كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرەلەيمەن؟
-شۇنداقمۇ؟
- مەن ساڭا كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
- بولىدۇ.
- بىشىدىكى شاپاق دوپپىسىنى ئېلىپ ماڭا بىشىنىڭ چوققىسىنى كۆرسەتتى، بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم. ئۇنىڭ بىشىنىڭ چوققىسىنى خۇددى ھازىرقى جاز مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدەك كۆز شەكىلدە قىرقىۋالغان ئىدى.
-سىز ھەقىقەتەن بەك قىزىقارلىق ئىكەنسىز .. -دىدىم مەن كۈلكەمنى باسالماي.
- ھاھ ھاھ ھاھ ...
- دىمەك مەن سىنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭدا ھىچقانداق بىر ساختىلىقنى كۆرمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن گەپ سۆزلىرىڭگە سۆزسىز ئىشىنىمەن.
- بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. ئۇنداق بولسا سىزگە كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي ، دىدىم ۋە تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغان بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم.
-شۇنداق مەن ئويلايمەن مەن بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس. مەن بۇ دۇنيادىن مىڭ يىل كىيىنكى بىر دۇنيادىن كەلدىم..- سۆزۈمنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا ئۇنىڭ چايناۋاتقان گۆشىنى يۇتۇشنى ئۇنتۇپ كۆزلىرىتىپ يوغان ئىچىپ ماڭا قاراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەتتا ئۇنىڭ بوز ئېشىكىمۇ ئۇنىڭ يىنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ماڭا يالغانچى دەۋاتقاندەك چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى.
- ھەي سىز مەڭگۈ چۈشەنمەيسىز..
- مەن ئازراق چۈشەنگەندەك قىلدىم قىزىم.
- شۇنداقمۇ ،-ئۇنىڭ گىپىمگە ئىشەنگەنلىكىگە بەكمۇ ھەيران قالدىم.- سىز ھەقىقەتەن ئاددى ئادەم ئەمەسكەنسىز، سىزنى ماڭا ئىشىنىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...مەن...
- قىزىم قارا ، مەن گىپىڭگە ئىشىنىمەن، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە، ئادەمگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا مىڭىسى ئازراق پىشىپ قالىدۇ. ھە مانا بۇنى يەۋەتسەڭ مىڭەڭ سەگەكلىشىپ قالىدۇ دە ئەتىلا 1000 يىل ئالدىغا كىلىپ قالىسەن ئالە ، بۇنى يە.
مەن ئامالسىز ئۇ ئۇزاتقان نەرسىنى ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم.
نىمە دىگەن ئاچچىق. بىراق ماڭا نىمە ئامال ، بەلكىم مىڭەمدىن راستىنلا چاتاق چىققاندۇ، مەن چەكسىز چۈش قاينىمىغا كىرىپ چىقالماي قالغاندىمەن. بەلكىم كۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم يۇمۇپ ئۇخلاپ ئەتە ئويغىنىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي تامغا يۆلىنىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.
ئەتىسى كۆزۈمنى ئاچتىم، ھېلىقى ئەسكى تاملىق ئىچىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن. بۇ چاغدا نەسرىدىن ئەپەندىم ئاللىقاچان باشقىچە تۈسكە كىرىپ بولغانىدى.ئۇ بېشىغا شاپاق دوپپا كىيگەن ،قىسقا چاپان كىيىپ بېلىغا پوتا باغلىغان ئىدى. بۈگۈن بۇرۇتى ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزراپ قالغان بۇلۇپ ئۇچىنى ئۈستىگە قارىتىپ قايرىېالغانىدى. ئۇنىڭ ياسىنىش قابىلىيىتىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم،
- خەيرلىك سەھەر ..
- ئوبدان قوپۇپسەنمۇ ناتۇنۇش قىز، ئەنە ئاۋۇ بىر پارچە ناننى ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ يەۋالغىن، تىنىڭگە داۋا بولىدۇ.
- بولىدۇ، رەخمەت سىزگە.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل ھالدا قولىدىكى ساپال قاچىدىكى ئاللىقانداق بىرمەلھەمنى يۈزىگە سۈركەۋاتاتتى.
- نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- ياشىرىۋاتىمەن قىز،
- قانداق قىلىپ؟
-تۈنۈگۈنكى بوۋاي نىمە دىگەن سەت ، ماڭىمۇ ياشارسام يارىشىدۇ ئەمەسمۇ،
- بۇنى سۈركىسىڭىز ياشىرامسىز؟
شۇنداق قىزىم، بۇنى ياڭيو بىلەن 12 خىل خۇرۇچتا ياسىدىم ، سۈرىۋالسام ماۋۇ سەت قورۇقلىرىمنى بىر كىچە كۈندۈز ياپالايدۇ ئەمەسمۇ ، قېنى كىم تۈنۈگۈنكى قېرى بوۋاينى بۈگۈن تاپالايدىكىن .
- ئۇستا گىرىمچىك ، قالتىس كەشپىيات، ... سىز ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق نەسىردىن ئەپەندىمكەنسىز.
- تېز بول ئىسمىغا لايىق سەنوبەر قىز ... بۇ رومالنى يۆگىۋالغان، سىرتتا بىرمۇنچە ئاچكۆز چىۋىنلار گىژىلدىشىپ يۈرىشىدۇ، مۇنۇ قىزىل ئالمىنى ئەسلىتىدىغان يۈزۈڭگە ئۆزىنى ئېتىشمىسۇن ئۇلار..
مەن ئەمدى بىلدىم، ئۇ كۈندە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، بىراق ئۇ مۇشۇنداق ياسىنىش ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى يۇشۇرىدۇ...
ئۇ شۇنداق دەپ ئۇزۇن قارا رومالنى ماڭا بەردى. مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بېشىمنى ئورىۋالدىم.مومامنى ئىزدىگىلى چىققاندا ھەر نىمە بولسا ئالدىراپلا ئۇزۇن ئىچ كۆينىكىمنىڭ ئىچىگىلا پادىچىلار ئىشتىنىمنى كىيىپ، ئۇستۈمگە چاپىنىمنى كىيىۋالغانىدىم.بۇ رومالنى ئارتىۋېدىم ئۇ بەدىنىمنىڭ يېرىمىنى ياپتى. ھەر نىمە بولسا ....
بىز يەنە تۈنۈگۈنكى يول بىلەن شەھەر ئىچىگە قاراپ يول ئالدۇق.يول بوپى ئۇ ئۆزى باپلىغان بىر نەچچە باينىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىلىرىنى ئوقۇپ كۈلمەيدىغان مەن تىلىقىپ كۈلۈپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرالمىغىلى تاسلا قالدىم. شۇ ئارىدا ئورمانلىقنىڭ چىقىش ئېغىزىدا بىر كىشىنىڭ بىر دەرەخنىڭ يېنىدا قاتتىق ئۇف سىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق.نەسرىدىن ئەپەندى ئۇدۇل ئۇنىڭ يېنىغا باردى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.- ئۇلار قول بېرىشىپ كۆرۈشتى.
-بۇرادەر، چىرايىڭنى غەم تۇمانلىرى قاپلاپتىغۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟
- مەن دىمەي ، سەن سورىما،-دىدى ھېلىقى كىشى يەنە قاتتىق ئۇف تارتىپ.
-دىگىن بۇرادەر، بەلكىم خۇدانىڭ مېنى ساڭا يولۇقتۇرغىنى سېنىڭ دەردىڭگە يېتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.ئىشىنىمەنكى ئىشلىرىڭ ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ.
- ھەي سوراپ تۇرىۋالدىڭ، خەير بوپتۇ، ساڭا ئېيتاي. شەھەردە بىر ھاممام ئاچىدىغان ئاددى بىر ئادەم ئىدىم، ھىچ كىشىگە مۇھتاجىم يوق ھەم ھىچكىممۇ ماڭا مۇھتاج بولمايدىغان بىر ئىنسان ئىدىم، تۈنۈگۈن، ئۈچ كىشى كېلىپ ماڭا بىر خالتا ئامانىتىنى تاپشۇردى. ۋە ماڭا ئۈچىلىشى تەڭ كېلىپ بۇ خالتىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئېلىپ قالدىم ، بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئارىدىن بىرى چىقىپ ئۇ خالتىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۈچىڭلار كېلىڭلار دىدىم، ئۇ ئىچكىرسىگە قاراپ توۋلاپ-ئاغىنىلەر بەرمەيۋاتىدۇ،دىدى. ئىچىدىكىلەر- تەقەززا قىلماي بېرىۋەتسەڭچۇ دەپ توۋلىدى، مەن خالتىنى بەردىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى چىقىپ كەتتى، بىراق كېيىن يەنە ئىككىسى چىقىپ ئۇنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا خالتىنى بەرگەندىن كېيىن كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتىم ، ئۇلار نىمىشقا بەردىڭ ئۇ ئۈچىمىز ئون يىل بىللە ئىشلەپ چىققان ئالتۇن ئىدى. ئۇ ئېلىپ كېتىپتۇ، دىدى، مەن «بېرىڭلار دىدىڭلارغۇ،»دىسەم ئۇلار :« بىز سوپۇننى دىگەن» دەپ تۇرىۋالدى. بىز قازىنىڭ ئالدىغا باردۇق، ئۇلار بىللە كەلگەن بىر نەچچە كىشىنى گۇۋاھچى قىلدى، قازى ماڭا ئۈچىسى بىللە كەلگەندە بېرىمەن دىگەن ئالتۇننى نىمىشقا بىرىگە بېرىسەن، خاتالىق سەندە دەپ ئۇ ئالتۇننى تۆلەشنى ئېيتتى. مەن بىر شۇ ھاممامغا تايىنىپ 9 بالامنى باقىدىغان بىر كىشى تۇرسام ، ئۇنچىلىك ئالتۇننى قانداق تۆلىيەلەيمەن. ئەگەر شۇنداق قىلمىسام ئۇلار چوڭ قىزىمنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، قانداق قىلارمەن ، ئۇ ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر مەسۇمە ئىدى.
- ئۇ كىشى شۇنداق دەپ كۆز ياشلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۆكتى.
- ئۇلار كەلگەندە ئۈچىمىز كەلگەندە بەرگىن دىگەنمىدى؟
-شۇنداق ئۇلار شۇنداق دىگەنىدى.
- قازىمۇ شۇ گەپنى چىڭ تۇتىۋالغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپتۇ، ھەن شۇ تاپتىلا قازىنىڭ ئالدىغان بارغىندە ئالتۇننى ئۈچىسى تەڭ كەلگەندە بېرىمەن دىگەن ئۈچىسى تەڭ كەلسۇن ئاندىن ئالتۇننى بېرىمەن دىگىن، شۇنداق قىلساڭ، ئۇلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھىلىقى كىشىنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى.
-توغرا ئېيتتىڭ بۇرادەر، بۇ ناھايىتى ئاقىلانە جاۋاپ ئىكەن. ساڭا ئاللا رەخمەت قىلسۇن. – دەپلا يۈگۈرگىنىچە كەتتى.
مەن نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ ئەقلىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.
-ھەقىقەتەن مەن كۆرگەن كىتاپلاردىكىدەك ئەقىللىق ئىكەنسىز نەسرىدىن ئەپەندىم.سىزگە مەن چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم .
-ماختىغىنىڭغا رەخمەت سەنوبەر، لىكىن ئېيتقىنچۇ؟ مەن قايسى كىتاپتا مېنىڭ ياخشى تەرىپىم ئېيتىلىپتۇ؟ ھەممە يەردە مىنى تۇتۇش توغۇرلۇق بۇيرۇق بېرىلگەن تۇرسا، كىملەر مىنىڭ تەرىپىمنى قىلىشقا پېتىنغاندۇ؟
-دىمەكچىمەن.. مەن... مەن ئەل ئارىسىدا ئاڭلىغانلىرىم دىمەكچى.
-ھىم .. مۇنداق دىگىن.
-سىزنىڭ مۇبارەك شەرىپىڭىزگە نائىل بولغانلىقىمدىن بەك خوشالمەن.مەن بۇنى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، توۋا، سىز راستىنلا بەك قالتىسكەنسىز...
تۇيۇقسىز بوز ئېشەك قاتتىق ھاڭراپ كەتتى.
-ئۇ ئەلۋەتتە سېنى كۆرگەنلىكىدىنمۇ بەك خوشال ئېشىكىم.-دىدى ۋە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئۇ ھەسەت قىلىۋاتىدۇ. دىدى، بۇنى ئاڭلاپ يەنە بىر قاقاقلاپ كۈلىۋەتتىم. ھەي ئۇ راستىنلا ئاجايىپ بىر كىشى ئىكەن.
بىز شەھەرگە كىردۇق. مەن شەھەرگە كىرگەندە ئۇنىڭ يەنە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرىنى يەنى رەھىمدىل، ئاقكۆڭۈللۈكىنى ھېس قىلدىم، بىز شەھەرگە كىرىپلا يول بويىدا ياتقان بىر ئاجىز ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تەڭگىلەرنى بەردۇق،مۈكچىيىپ ئوتۇن توشىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ ئوتونىنى كۆتىرىپ بازارغا ئاپىرىپ بەردۇق. ئىشقىلىپ يول بويى مۇھتاج كىشىلەرگە ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلاتتى.
-ئەپەندىم، ياق موللا ئاكا، قوسىقىم ئاچقاندەك قىلىدۇ، دىدىم مەن كۈن چۈشتىن ئاشقاندا. ئۇ مېنىڭ شۇنداق چاقىرىشىمنى ئېيتقانىدى.
-شۇنداق قىز، بار پۇل تۈگەپ كەتتى، ئەمدى مەن يەنە بۇ ئېشەكنى ساتمىسام بولمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئېشەكنى مال بازىرىغا ئاپىرىپ ساتتۇق، ئۇ يەردە چرايىدىن زالىملىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر كىشى «ھەي تۈنۈگۈن بىر ئېشەك ئالسام قېچىپ كەتتى كاساپەت، » دەپ يۈرەتتى، بۇنى ئاڭلاپ ئەپەندىم ماڭا كۆز قىسىپ قويدى. ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم، پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن.
ئەتتىگەندە ئەپەندىم ئىشىكىنىمۇ كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ياساپ قويغان بۇلۇپ، تۈنۈگۈن سىتىۋالغان ھىلىقى كىشى يىنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپمۇ ئۇنى تونىيالمىغانىدى.مەن قارىسام ئەپەندىم بىلەن ئېشەك شۇنچىلىك ماسلىشىدىكەنكىن، ئۇلار ئادەمنىڭ ماھايىتىگە قاراپ خۇي پەيلىنى چىقىرىدىكەن. ئەگەر دۇرۇسراق بىرەرى بولسا ئىشەك كىسەل بۇلۇپ قالغاندەك قۇلاقلىرىنى بىرىنى تىك بىرىنى پەس قىلىپ پوتلىلىرىنى ئېقىتىپ پۈشۈلداپ ھاسىراپ تۇرىۋالاتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بېشىنى چايقاپ قۇيۇپ كېتىپ قالاتتى. ئەگەر زوراۋانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان خوجايىنلارنى كۆرىدىغان بولسا ئىشەك قۇلاقلىرىنى دىڭڭىدە قىلىپ تىللىرىنى يالاپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ چاپچىپ تۇراتتى، تېخى پۇتلىرىنى كۆتىرىپ مۇسكۇللىرىنى كۆز كۆز قىلىۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىلاتتى. ئەپەندىممۇ تازا ماختايتتى «ئاتتەك يۈگرۈك ئىشەكتە بۇ، قوناق بىلەنلا باققان. شاش، ئەقىللىق، ئۆيگە ئوغرىنىمۇ يولاتمايدۇ دەڭە، چاشقان دىگەنگە بەك ئۆچ بۇ ئىشەك كۆرىدىغان بولسا ئۇ چاشقاننىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىدۇ..» ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياغلىقىمغا بېشىمنى تىقىپ كۈلۈپ تىلىقىپ قالاتتىم. « ئەپەندىم سىز ئىشەك سودىسى ئەمەس ئىت مۈشۈك سودىسى قىلىۋاتامسىز نىمە؟» دەپ قوياتتىم، بىراق ئۇ كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپ يەنىلا بىلگىنىنى دەۋېرەتتى.قىززىق ، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ھىلىقى بايلارنىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتەتتى، ئارىدىن ئەڭ پور كۆتەك زالىملىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىرىگە ئۇ ئىشەكنى ئىككى ئالتۇن تەڭگىگە ساتتى . بۇنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ بىراق ئەپەندىمنىڭ چاقناپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئوبدان پايدا ئالغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم.
- يۈر سەنوبەر ئەمدىكى نۆۋەت ئاشپۇزۇلغا كەلدى.- ئەپەندىم شۇنداق دىدى ۋە بىز مېزلىك ھورلار چىقىپ تۇرغان بىر تاماقخانىغا كىرىپ قوسىقىمىزنى توقلىدۇق. ئۇ يەردىن چىقىپ ئۇ ماڭا بازاردىن كىيىم ئېلىپ بەرمەكچى بولدى،
-قېنى تاللىغىنە سەنوبەر، قايسىسى چىرايلىقكەن؟- دىدى ئۇ ماڭا خۇددى خالتىغىلا ئوخشايدىغان ھەرخىل گۈللۈك كۆينەكلەرنى كۆرسىتىپ. راست گىپىمنى قىلسام بۇ مومام ئۆزى قولىدىلا تىكىپ كىيىۋالىدىغان كىيىملەرگە ئوخشايتتى.مەن ئۇنىڭ قايسىسىنىڭ چىرايلىق قايسىسىنىڭ سەتلىكىنى نەدىن بىلەي. مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا:« سىز تاللاپ بېرىڭ ئاكا،قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ. »دىدىم.
شۇنداق قىلىپ بىر ئاجايىپ ئۇششاق گۈللۈك پاختا رەخىت كۆينەكنى ئالدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگەن قارا راڭلىك ئۇزۇن يىپىنچىنىمۇ ئالدۇق، يەنە ئۇزۇن رومالمۇ بار ئىدى.
- بۇ كىيىملەر ساڭا بەك يارىشىپ كېتىدىغان بولدى قىزىم. بەك چىرايلى بۇلۇپ كەتسەڭ
ئاتا-ئاناڭ تونىيالارمۇ ئەمدى.
-رەخمەت سىزگە .
-مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مېنىڭ ھازىر بىردىن بىر ئويلايدىغىنىم كىيىم كىيىش ئەمەس بەلكى بۇ يەردىن ئۆزۈمگە ئوخشاش ئادەمنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئىدى. مەن بۇ يەرگە كىلەلىگەنكەنمەن چۇقۇم بۇرۇنمۇ باشقىلار كەلگەن، چۇقۇم شۇنداق. بەلكىم شۇ كىشى قانداق قايتىشنى بىلىشى مۇمكىن، بىراق شۇ كىشىنى قانداق تىپىشىم مۇمكىن ؟
مەن ئەتراپىمغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم ، خۇددى شۇنداق ئادەممۇ مېنى ئىزدەپ يۈرىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتىم. ئەپەندىم يەنە بازاردىن خۇرجۇنىنى ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرگە توشقۇزىۋاتاتتى.بەلكىم ئەتە قانداق ياسىنىشنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. تۇيۇقسىز ۋاراڭ چۇرۇڭ بۇلۇپ بىر توپ كىشىلەرشۇ ياققا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى ئەپەندىم دەرھال بېشىنى بۇراپ توپنى يېرىپ ئۆتتى.
. ئىككى كىشى كوچىدا ھەدەپ بىر نەرسىنى تالىشىۋاتاتتى.
-بۇ مېنىڭكى!
- ۋۇ يۈزسىز تۇزكۇر ، بۇ مېنىڭ !
-ۋۇ شەيتاننىڭ پۈشتىدىن بولغان چايان!
- ۋۇ ھىلىگەر تۈلكە!
ئۇلار شۇنداق تىللىشىۋاتاتتى. ئەپەندىم كەسپى ئادىتى بويىچە توپنى يېرىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى.
- ھاي ھاي ئەزىزلىرىم نىمە ۋەقە يۈز بەردى بۇ يەردە؟
ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئاجرىتىپ بولالمىغان بىر ياشراق يىگىت بۇ ئەھۋالنى ئەپەندىمگە چۈشەندۈردى.
-بىر كوزا ئالتۇن تەڭگە بار ئىكەن ، بۇ ئىككى كىشىنىڭ ھەر ئىككىسى شۇ كوزا ئالتۇننى مىنىڭ دەپ تالىشىۋاتىدۇ. قارىماققا ئىككىلىسىنىڭ توغرىدەك ،زادى قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم –دىدى.بۇ يىگىت بۇلارنىڭ ھەمراھىمىكىن؟ ئىشقىلىپ ئىنتايىن كەسكىن ۋە قوشۇمىلىرىنى قاتتىق تۈرگەنىدى. ئەپەندىم چوڭ قەدەم تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە-«ھەي قېرىنداشلار، نىمىشقا بىرەرىنىڭ ياردىمىدە بۇ جىدەلنى بىسىقتۇرۇشنى خالىمايسىلەر؟ »
- ئالتۇن مېنىڭ!
- مېنىڭ!
- بۇنداق قىلىشېۋېرىدىغان بۇلۇشسىلىرى قازى بېگىم بايلىقنى مۇسادىرە قىلىپ ئىككى تەرەپ قۇرۇق قول بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، - بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككىلىسى شۈكلەشتى.
- ئەمسە قانداق قىلىمىز ؟ ئېيتىپ باقسىلىچۇ،؟
-سىلەرگە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟
-ئەلۋەتتە ، بىراق چۇقۇم ئادىل ھۆكۈم بەرسىلىرى...-دىدى بىرەيلەن!
-ئالتۇن مېنىڭ – يەنە بىرى چەكچىيىپ.
ئەپەندىم ئۇلارنىڭ قولىدىكى كوزىدىكى ئالتۇننى يەرگە قويدى ۋە ماڭا شەرەتلىدى،
- بايىقى يېڭى رومالىڭنى كوزىنىڭ ئۈستىگە ياپقىن.
بايا ئۇلارنىڭ جىدىلىنى ئايرىپ تۇرغان قاملاشقا يىگىت بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىنى ئەپەندىمگە تىكتى، «سىلى راست ئايرىيالامدىلا؟!» ئەپەندىم ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك شاپىلاقلاپ قويدى،«خاتىرجەم بۇلۇڭ مەرت يىگىت!» ، دىدى ۋە ماڭا شەرەت قىلدى.
مەن قولۇمدىكى بايىلا ئالغان رومالنى ئېلىپ كوزىنىڭ ئۈستىگە ياپتىم. كۆپچىلىك بۇ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ تىخىمۇ قىستىشىپ تۇراتتى.
- مەن بۇ كوزىنى تۇنۇپ قالدىم. بۇنى مېنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ چىتىدىكى بىر كوزىچى بۇرادىرىم ياسىغان كوزا ئىكەن، سىلەرگە دىسەم ئۇ ياسىغان كوزىلىرىنىڭ قىرىغا بەلگە سېلىپ قوياتتى. قېنى سىلەر دەپ بېقىڭلار بۇ بەلگە چەمبەرمۇ ياكى ئۈچ بۇلۇڭمۇ؟ كوزىنىڭ ئىگىسى مىنىڭچە بۇنى بىلمەي قالمايدۇ. - ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئالدىراپ سۆز باشلىدى.
- ئىشقىلىپ ئۇنىڭ قىرىدا بەلگە بار ، بۇنى مەن بىلىمەن، بىراق ئىشلەتكىلى ئۇزاق بولغاچقا بەلگىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، - ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئەپەندىم يەنە بىر كىشىگە قاراپ بۇرۇلدى.
- قېنى سىز ئېيتىپ بېقىڭچۇ تەقسىر، ئەگەر كوزا سىزنىڭ بولسا سىزمۇ بەلكىم ئېنىق بىلۇرسىز،
- مەن بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. مەن ئۇنداق بەلگىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ناھايىتى كىچىكتۇ ياكى ئۇزاق يىل مابەينىدە ئۆچۈپ كەتكەندۇ، بىراق بۇ كوزا ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆيدە دادامنىڭ ئەتىۋارلىق نەرسىسى ئىكەن. ئەگەر دادام ھايات بولغان بولسا ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرەر ئىدى.
بۇ چاغدا ئەپەندىم ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ پۈتۈن كىشىلەرگە شۇنداق جاكارلىدى.
- بۇ كوزا مانا مۇشۇ قىرىدا نىمە بەلگە بارلىقىنى بىلەلمىگەن كىشىنىڭ ئىكەن، سىلەرگە دىسەم ئۇنىڭ قىرىدا ھىچقانداق بىر بەلگە يوق ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سىناش ئۈچۈن شۇنداق دىگەنىدىم . پەقەت يالغانچىلارلا مىنىڭ گىپىمگە ئالدىنىپ ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ.
-سىلىگە كۆپ رەخمەت تەقسىر ! ھەقىقەتەن داناكەنلا!- دىدى بايىقى راست سۆزلىگەن كىشى ، ھەم كوزىنى ئېلىشقا تەمشەلدى، بىراق يەنە بىر كىشى ئۆكتەملىك بىلەن يەنە ئۇنىڭغا ئېتىلدى.
- ئەسلى ئىككىڭنىڭ تىلى بىر! ! ئەكەل ئالتۇننىڭ مېنىڭ ئۇ!
بۇ چاغدا بايىقى زەبەردەست يىگىت ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالدى. \\
-ۋۇ يالغانچى مۇناپىق، يالغانچىلىقىڭ چىقىپ تۇرسىمۇ يەنە ئەۋزەيلەۋاتامسەن تېخى ! مىنىڭ كىملىكىمنى كۆرۈپ قوي!
ئالقانچىلىق بىر كۈمۈش بۇيۇمنى كۆرۈپ كۆپچىلىك تەۋرىنىپ كەتتى.
-ئوردىدىن كەلگەنىكەن،
-ئوردىنىڭ ئادىمىكەنغۇ بۇ !!!
بۇنى كۆرۈپ ھىلىقى ئالدامچىمۇ سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ گۇناھىنى تىلەشكە باشلىدى،
- مىنى كەچۈرسىلە بىگىم....
- كىلىڭلار! بۇ ئالدامچىنى تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىڭلار!!!
قاياقتىندۇر ئۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىككى يىگىت پەيدا بولدى ۋە ھىلىقى ئالدامچىنى پۇت قولىنى يەرگە تەگگۈزمەي ئېلىپ ماڭدى.
- نىمە دىگەن قالتىس ، بۇ جايدا ھەيران قالارلىق ئىشلار نىمە دىگەن كۆپ!
مەن ھاياجىنىمنى باسالماي شۇنداق دەپ توۋلىۋەتتىم.ۋە بايىقى جەسۇر يىگىتكە قاراپ «يارايسىز! » دەپ قويدۇم. ئاپلا ! بىراق بۇ گەپنى ئارتۇقچە قىلىپ سالغىنىمنى بىلگىنىمدە كىچىككەن ئىدىم، ئۇ ئاشۇ ئوقيا كىرپىكلىك چوڭ كۆزلىرىنى ماڭا نەشتەردەك تىكىپ مەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن دەرھال رومال بىلەن يۈزۈمنى يىپىپ ئەپەندىمنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدىم. ئۇ نىمىشقا ماڭا بۇنداق قارايدىغاندۇ، تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتكەنىدى.
- سىز بۇ يەردىكەنسىزدە ئەسلى!
- نىمە مىنى تونامسىز؟- ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.
- ئەلۋەتتە، سىزنى ئىزدەپ يۈرگىلى بىر ئاي بولدى مەلىكەم، ئەمدى ئويۇنىڭىز تۈگىگەندۇ ، مەن بىلەن ئوردىغا قايتىڭ ! - ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل بۇيرۇق تەلەپپۇزى چىقىپ تۇراتتى.
ئەپەندىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىغانچە قېتىپ قالدى.
-سىز خاتا تۇنۇپ قاپسىز مەن مەلىكە ئەمەس ، كەچۈرۈڭ !
- ئەمدى ئويۇنىڭىزنى يىغىشتۇرىۋېلىڭ مەلىكەم! شاھ ئاتىڭىز بىلەن ئانىڭىزنىڭ قانچىلىق بىسەرەمجەن بولغانلىقىنى ھىس قىلالىسىڭىز ئىدى! بۇنداق نادانلىق قىلىپ يۈرمەس بولغىيدىڭىز!! بىزنىڭ ۋەزپىمىز ئەتىدىن كەچكىچە سىزنى ئىزدەش ئەمەس بەلكى ئەلنى قوغداشتۇر !! يۈرۈڭ مەن بىلەن !!- ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمنى بىر تارتىۋىدىن، بەش قەدەمنى بىرلا ئېلىپ ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ بوي تۇرقى ئادەمدەك بولغان بىلەن قوتازدەكلا كۈچى باركەن.
-مەن راستىنلا مەلىكە ئەمەس ، ماڭا ئىشىنىڭ!– دىدىم مەن ئۇنىڭغا بىچارىلىك بىلەن قاراپ.
-توختاڭلار ئەزمەتلەر ! –دىدى ئەپەندىم ئۇلارنى توختىتىپ .- مەن بۇ قىزغا ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ قوياي. ئۇلار مېنى قويۇپ بەردى. ئەپەندىم مېنى يېنىغا كېلىشكە ئىشارە قىلدى.مەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.
-راستىنلا ئۇلارنىڭ مەلىكىسى ئەمەسمۇسەن؟-دىدى پەقەت مەنلا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا.
-راست ، مەن ئەمەس ،-دىدىم قەتئىي .
-ئۇنداق بولسا ئال بۇ يۇپۇرماقنى چىڭ ساقلا . كەچتىلا چايغا چىلاپ ئىچىۋەتكىن.شۇنىڭ بىلەن سېنى كېزىك بۇلۇپ قاپتۇ دەپ چېقىلىشالمايدۇ دە تىۋىپ چاقىرىشىدۇ،شۇ چاغدا مەن بېرىپ سىنى قۇتقۇزىمەن. ئەلۋەتتە سەن مەلىكە بولمىساڭ ئۇلارنىڭ مەقسىتى چۇقۇم يامان، بىراق قورقمىغىن . باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ، سەن ئۇ يەردىن چىققاندىن كىيىن ئۈچ كۈندىن كىيىن ئوڭشىلىپ كېتىسەن.
مەن ئۇ بەرگەن يۇپۇرماقنى ئالدىم ۋە مەھكەم سالدىم. –رەخمەت سىزگە ،- شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاۋازىنى قويۋەتتى.
-ئەنسىرىمىگىن قىزچاق ، ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا قىيالمىغان ھالدا قاراپ قالدىم.شۇ تاپتا مەن بۈركۈتنىڭ قولىغا چۈشكەن ئاجىز كەپتەردەك تىپىرلاپ قالغانىدىم. ھېلىقى ياساۋۇللارنىڭ باشچىسى بولغان يىگىت بىرنى ئىسقىرتىۋېدى بىر ئات قاياقلاردىندۇر كىشنىگەن پېتى يۈگرۈپ كەلدى. ئۇ ئېتىغا مىندى ۋە مېنى يەردىن بىر قوللاپ دىگۈدەكلا ئېلىپ ئالدىغا ئولتۇرغۇزدى. مەن ئۆمرۈمدە ئات مىنىپ باقمىغانىدىم. شۇ تاپتىمۇ مىنمىدىم ، يانچە ئولتۇرۇپتىمەن. چا! دىگەن ئاۋاز بىلەن شۇنداق ئۈنلۈك بىرنى چىقىرىۋەتتىم . مەن چۈشۈپ كېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانىدىم بىراق ئۇنداق بولمىدى. ئۇنىڭ مېنى ئارىسىغا ئالغان ھالدىكى چۇلۋۇر تۇتقان قولى مېنى ئاتتىن مىدىراتماي چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. يۈرۈكۈم دەششەت تېز سوقۇۋاتاتتى. ئۆمرۈمدە بىرەر يات جىنىس بىلەن بۇنىچىلىك چاپلىشىپ ئولتۇرۇپمۇ باقمىغانىدىم.كونا زاماننى شۇنداق مۇتەئەسسىپ دەيدىغان ، مەلىكە دىگەننى مۇشۇنداق خالىغانچە ئەر كىشىلەر يۈدۈپ يۈرسە بولامدىغاندۇ؟ ھەجەپ ھە! كۆڭلۈمدە بىر خىل بىئاراملىق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى.
بىز خېلى چاپتۇق. شەھەردىن چىقىپ كەتكەندەكمۇ ھېس قىلدىم، تېخىمۇ قۇيۇق ئۆسكەن بۇلۇپ بىر ئورمانلىققا كىرىپ كەتتۇق. بىز كېتىۋاتقان بۇ يول ئورمانلىقنى ئىككىگە بۆلگەن ئىدى.بىر ئازدىن كېيىن بىز ئورمانلىقتىن چىقتۇق، چىقىپلا يىراقتىكى ياپيىشىل دالىدىكى ئېگىز بىر ئىمارەت كۆزگە چىلىقتى. ئۇنىڭغا قارىغانچە ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم . سېپىللىرى شۇنداق ئېگىز، قاتمۇ قات سېلىنغان بۇ ئىمارەت شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك ئىدى. تېخى بۇلۇتقا تاقاشقىدەكلا شۇنداق ئېگىز مۇنارىمۇ باركەن تېخى. ئۇ ئاتنىڭ قەدىمىنى ئاستىلاتتى. بىز ئۇزۇن سېپىل ئىچىگە كىردۇق. قوش قوش دەرۋازىلەر ئېچىلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئۈستىگە ساۋۇتلارنى كىيگەن ئالاھىدە ئېگىز ۋە بەدھەيۋەت قاراۋۇللار تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپلا بىزگە يول بوشاتتى. بىز ئاتلىق ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتۇق. مەن توختىماي ئەتراپقا قارايتتىم. ساپلا نەقىشلىق گۈللۈك ، خەتلىك بۇ ئايرىم-ئايرىم ئايۋان ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالتۇن رەڭ ھەل بېرىلگەن بۇلۇپ كىشىنىڭ كۆزىنى چاقاتتى.دەرەخ ئوت چۆپ ۋە گۈل گىياھلىرى ھەر بىر كىچىك يولنى ئوراپ تۇراتتى، بىز شۇ كۆركەم ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيداندا توختىدۇق. ئۇ مېنى ئاتتىن چۈشۈردى. تەرەپ تەرەپلەردىن ئۈستى بېشى رەڭگارەڭ شايىلار بىلەن ئورالغان گۈزەل قىزلار يىغىلىشقا باشلىدى.
- مەلىكەمگە سالام، مەلىكەم تىپىلىپتۇ...
- رەخمەت سىزگە باھادىر يىگىت!
- ھەقىقەتەن قالتىس جۇمۇ سىز !
ئۇ قىزلار توختىماي شۇنداق دەپ چۇقىرىشاتتى. مەن ھىلىقى يىگىتكە قارىدىم ئۇ يەنىلا شۇنداق قەتئىي ، چىرايىدا بىرە تالمۇ باشقىچە ئىزنا يوق ، خۇددى ھازىرلا گۆردىن قوپقاندەك ئىپادىسىز تۇراتتى. ئۇ ئېتىنىڭ كاسسىسىغا بىرنى قويغانىدى، ھىلىقى ئات چاپچىپ يەنە قاياقلارغىدۇر كېتىپ قالدى، ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىدەكلا ياخشى كۆندۈرۈلگەنىكەن !
-قېنى بۇياققا مەلىكە ئالىيلىرى!- ئۇنىڭ بۇ تەلەپپۇزىدىن ھۆرمەت ئەمەس بەلكى يەنىلا بۇيرۇق تەلەپپۇزى چىقىپ تۇراتتى.
ئۇ مېنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى. بىز ئۇياق بۇياققا بۇرۇلۇپ مېڭىپ ئاخىرى ئۇزۇن قىزىل سېلىنچا گىلەم سېلىنغان بىز باشقا ئىمارەتلەردىن ئالاھىدە كاتتا بىر ئىمارەت ئالدىغان كەلدۇق. مەن ېبشىمنى كۆتىرىپ ئۇنىڭ خېلىلا ئېگىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىشلىقىپ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى شۇنچە چىرايلىق نەقىشلىك بۇلۇپ ھەممىسى كۆزنى چاقنىتىدىغان سېرىق ھەل بېرىلگەن، پوللىرى مەر مەر تاشتىن ياسالغان ئىدى، مەن قىزىل سىلىنچا ئۈستىدىن ئەيمىنىپ ماڭدىم.
بىز قىزىل سېلىنچا سېلىنغان پەشتاقتىن چىقىپ ھەشەمەتلىك بىر زالغا كىردۇق. ئېنىقكى بۇ شاھ ئوردىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىللى سەنئەتنى تەرىپكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى. مەن يەردە ھاڭۋاققىنىمچە ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. تۆرىدىكى يەنە نەچچە پەشتاق ئېگىزدە بىر تۇرۇپ كىرىسلوغا بىر تۇرۇپ كارۋاتقا ئوخشايدىغان ھەشەمەتلىك ئورۇندا ئېگىز تاجىسىنى بېشىغا پاتۇرۇپ كىيگەن ئېغىرلىقىدىنمىكىن مۈرىىسىنىمۇ بېسىپ قويغان ئۇزۇن زەر باسقان تون كىيگەن بىر كىشى غادىيىپ ئولتۇراتتى، شاھ بولسا كېرەك دىدىم ئىچىمدە. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ۋە پەس تەرەپتە سەللىلەرنى بولىشىغىچە ئورىغان ۋە توز پەيلىرىنى تاقىغان ۋە ئۇزۇن پەرىجىلەرنى كىيگەن بىر مۇنچە كىشىلەر قول باغلاپ تۇراتتى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم شاھ ئالىيلىرى! – دىگەن جاراڭلىق ئاۋازدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ بىز قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئېگىلىپ تۇراتتى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم كىمنى باشلاپ كەلدىڭ بۇ يەرگە؟
-بۇ قىزلىرى مەلىكە سەنەم بولىدۇ شاھ ئالىيلىرى!
-نىمە ؟!
-نىمە؟! – ئاۋازىم ھىلىقى شاھتىن ئۈنلۈك چىقىپ كەتتىمۇ بىلمىدىم، ھەممەيلەن ماڭا قاراپلا قالدى
- قىزىم ! قىزىم ! زالنىڭ قايسى يېرىدىندۇر ئۇزۇن شايىسى يەرگە سۆرىلىپ تۇرىدىغان ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ ئۈستىگە ئۇزۇن پىنجىك كىيگەن بىر ئايال يۈگرۈپ چىقتى، ئۇنىڭ كەينىدىن بايا سىرتتا كۆرگىنىمگە ئوخشايدىغان تۆت قىز يۈگرۈشۈپ كەلدى. ئۇ كېلىپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم.
- مەلىكە ئالىيلىرىغا سالام! – بۇ زالدىكى ھېلىقى كىشىلەر شۇنداق سالام قىلدى. ھېلىقى تەخىتتىكى كىشىمۇ ئۈسىتىدىن چۈشتى ۋە ئالدىمغا كېلىپ مېنى يېنىككىنە قۇچاقلىدى،
-قىزىم مېنى كەچۈر ، ئەمدى سېنى ئۇ ئىشقا مەجبۇرلىمايمەن.
مەن ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئۈنسىز سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. قارىغاندا ئۇلار مېنىڭ مۇشۇ دەۋىردىكى دادام بىلەن ئاپام ئوخشايدۇ.