|
|
|
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى تورداشلار .
ئۆتكەن قېتىم بىز كاتىپىم ئۈندىدار سالونىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن بولساقمۇ ئەمما تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا ئاز بولمىغان يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمىدۇق ، ھەمدە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئېرىشتۇق ، شۇڭلاشقا بۇ قېتىم سالونىمىزنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى يېڭىلاپ مۇشۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز .
سالونىمىزدىكى لوغەتلەر بۇرۇنقى بىر قانچە خىلدىن بۇ قېتىمقى تۈركچە ، ئەرەبچە ، روسچە ،گىرمانچە ، ياپۇنچە قاتارلىق 20 نەچچە خىل تىلغا كۆپەيتىلدى ، يەنە بۇرۇنقى خەنزۇتىلىنى چەتئەل تىلىغىلا تەرجىمە قىلىدىغان تاق يۆلىنىشلىك لوغەتتىن ھازىرقى خەنزۇچە خەتنى چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان ۋە چەتئەل تىلىنى خەنزۇچە خەتكە تەرجىمە قىلىدىغان قوش يۆلىنىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلدى .
بۇرۇنقى ھاۋارايى ، پويىز ۋاقتىنى تەكشۈرۈش ، تېز يوللانما تەكشۈرۈش ، لاتارىيە تەكشۈرۈش قاتارلىق نادىر ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلدى .
ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلغان لوغەت ، ئۇيغۇرچە يۇمۇرلار ، ئۇيغۇرچە تاماق رىسالىسى ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ ، پات ئارىدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ سالونىمىزنى قېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ كۆرىشىنى ۋە شۇنداقلا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بىزگە ئەۋەتىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز .
ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى : katipim
قاچىلاش ئۇسۇلى :
|
|
|
|
|
|