|
|
|
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۈندىدار چوڭ كىچىك ئەر ئايال ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى ، يەنە ھەرخىل ئۇيغۇرچە سالونلارمۇ قۇرۇلۇپ ئۈلگۈردى ، بۈگۈن سىلەرگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئۇيغۇرلار قۇرغان تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈندىدار(ۋېيشىن)سالونى -- كاتىپىم سالونى
ئۈندىداردىكى ئىزدەش نۇمۇرى : katipim
ئارتۇق گەپنى كۆپ قىلىپ ئولتۇرماي ئىقتىدارلىرىنى تۇنۇشتۇرۋېتەي
ھازىر بار بولغان ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە :
1،خەنزۇچە-تۈركــچــــە لوغەت
2،خەنزۇچـە-ئەرەبــچــە لوغەت
3،ھاۋارىيـــىـدىن مــــــەلۇمات
4،پويىز ۋاقتىنى تەكــشۈرۈش
5،تېز يوللانــمــا تەكــشۈرۈش
6،باشقا تــىـــلدىكـــى لوغــەتلەر
7،كوچـــــا ئاپــــــتۇبـــــۇســى لىنىيسىنى تەكسۈرۈش
8،تېـــــــلفــۇن نۇمــــــــــــۇرى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش
9،كــىــمــلــىــك نـــــــۇمــــــۇى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش
10،لاتــارىيــــە بېلىتىنىڭ مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى تەكـــشــۈرۈش
11،پايچــېــكى ئۇچۇرلىرىنى تەكــشـــۈرۈش
12،ئېنگىلىزتىلى 4-6-دەرىجە ئىنتاھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش
يۇقارقى ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئاپتۇماتتىك بولۇپ ، 2سىكۇنتتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ .
كەلگۈسىدە قوشۇلماقچى بولغان ئىقتىدارلار :
ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە تۈركچە ، ئۇيغۇرچە ئەرەبچە لوغەت.
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى.
ئۇيغۇرچە يۇمۇرلار.
......
سالونىمىزنى قاچىلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئېقىم مىقتارى(流量)،يانفۇنىڭىزنىڭ سىغىمىنى خورىتىپ ھەرخىل لوغەت ھاۋارايى دىتالى،پويىز ۋاقتىنى تەكشۈرۈش دىتالى ،تېز يوللانما تەكشۈرۈش دىتالى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى تېلفۇنىڭىزغا قاچىلامسىز ياكى بىر كۇنۇپكا بىلەن كاتىپىم سالونىمىزنى قېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىقتىدارلارغا ئېرىشەمسىز تاللاش ئۆزىڭىزدە!
ئەسكەرتىش: ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلار خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ۋە بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ API ئېغىزىنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە توربېكەتلەردىن بىرسىمۇ بولمىغاچقا(ھاۋارايى مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت ھازىرغىچە يوق) سالونىمىزنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرۈلىشى ئۇيغۇرچە ، ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى خەنزۇچە بولۇپ قالدى ، ئەمما بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئاز تولا تېخنىكا ئىشلىتىپ بۇ ئۇچۇرلارنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن ، ھازىر ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز شۇڭلاشقا بىرقىسىم تورداشلارنىڭ ياخشى پىكىرلەر بولسا بېرىشىنى ئەمما بەزى يەرلىرى خەنزۇچىكەن ئۇنداق بۇنداق دەپ تىللىمىسالىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
|
|
|
|
|
|