gadankax111 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:19 PM 
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مىنىڭ ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرغۇچى ...
ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ، دېمىسىمۇ بۈگۈنكى جەمىئىيىتىمىزدە بۇخىل رەزىل ئىشلار بارغانچە زورايماقتا ، بىزنىڭ دىنىي-ئىتىقادىمىز ۋە مىللىي غورۇرىمىز بۇ خىل ئىشلارغا يول قويماسلىقى كېرەك .
مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتىمەن . سىزنىڭ يوللىغان بىرىنجى ئىنكاسىڭىز ئەقىل-ھوشى جايىدا ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا چۈشىنىشلىك بوپتۇ ، لېكىن ئاستىدىكى ئەسكەرتمە ئىنكاسىڭىز ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىكەن . « سەمىمىي ئەسكەرتىش: مىنىڭ ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار سەمىگە، مىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل قىلىش ياكى ماڭا ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭغا بۇ گەپنى قىلسام بۇنىڭدىن 10ھەسسە ئېغىرراق گەپنى قايتۇرۇپ بەرسە، كۆڭۈل ئاغرىقى بولارمۇ دىگەننى ئويلاپ ئىنكاس يېزىڭ » بۇ زادى بىزگە ئۆزىڭىزنىڭ بىرىنجى ئىنكاسىڭىزنىڭ ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيەدە يازغانلىقىڭىزنى پەش قىلماقچىمۇ ۋەياكى باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك دۆت ۋە ئەخلاقسىز دەپ قارىغىنىڭىزمۇ ؟! مېنىڭچە ئىنكاس يازغاندا يوللانغان تىما توغرۇلۇق ئىنكاس يازغىنىڭىز ئەڭ ئاقىلانە تاللاشقۇ دەيمە .
مەيلى نىمىلا ئىش قىلمايلى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمدۇر . قىلغان ھەربىر سۆزىمىزدە مۇلايىم ئەخلاقلىق بولايلى !