مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11197|ئىنكاس: 66

تۇتقۇن قىزنىڭ ئەيدىز بولۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 09:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   مەزكۇر ئەسەر مەلۇم كىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىغا ئاساسەن يىزىپ چىقىلدى، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۇزگەن جايلىرىمۇ بار بۇ ھىكايىنى ئوقوشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچە گۇمانلىنىش باشقىلارنى ھارغۇچە تىللاش ئىدىيىڭىزنى بىر ياققا تاشلاپ قويوپ تۇرۇڭ، شۇنداق بولغاندىلا بۇ ھىكايىنى ئاخىرغىچە ئوقوپ چىقالايسىز !قىنى ئەمىسە بۇ بىمارغا ئىچ ئاغىرىتامسىز ؟ ياكى ئۆچلۇك قىلامسىز ؟ تاللاش ئۆزىڭىزدە بۇ ئەسەر بىمارنىڭ قوشىلىشى بىلەن يىزىلدى! كىشى ئىسىملرى ئۆزگەرتىلدى! ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئىشلار ئادەمنىڭ دىقىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ئىشلارغا بەزدە ئادەمنىڭ ياقىسىنى چىشلەپ توۋا دىگۇسىمۇ كىلىپ قالىدىكەن.
   
     مەلۇم بىر يازنىڭ توموز ئىسسىقىدا قول تىلفونىم تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ قالدى…. ۋەي! كىمۇ؟ دىدىم مەن بۇ ئىسسىقتا ئۇيقۇدىن باشقا نەرسە ئادەمگە خوشمۇ ياقمايتى خىيالىمدا ئاغىنىلىرىم تىلفون قىلىپ چىقە ئاداش ئولتۇرمىز، ئۇ قىلىمىز بۇ قىلىمىز دىسە بىر باھانە تاپاي دەپ تۇرسام خوشنام مەمەت ئاكا تىلفون قىلىپتۇ.  بىز تىلفوندا بىر دەم ھال مۇڭ بولوشقاندىن كىيىن ئۇ كىشى مىنى پەسكە چۇشۇشكە ئۆزى بىلەن بىر جايغا بىللە بىرىشنى ئىيتتى. مەنمۇ ئامالسىز بەشىنجى قەۋەتتىكى ئۆيۇمدىن بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ پەسكە چۇشۇشكە باشلىدىم ، چۇنكى بۇ ئادەم ئۆزى شۇنداق ئاق كۆڭۇل ھەم تىرىشچان بىرەر كىشى كىچككىنە ئىشقا ياردەم سورىسا شۇ ۋاختىدا ياردەم قىلىدىغان يالغانچىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان ئادەم ئىدى،  پەسكە چۇشۇپ ئۇ كىشى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرشىۋەتكەندىن كىيىن ‹‹ھە مەمەت ئاكا نىمە ئىش ئىدى؟›› دەپ سورىدۇم. ئۇ كىشى قولىدىكى رەسىمگە تارتىش ئاپىراتىنى كۆرسىتىپ بۇگۇن دوختۇرخانىغا بىرىپ بىرسىنى زىيارەت قىلماقچى ئىدىم. ماۋۇ مىنىڭ ياردەمچىم ئاغرىپ قاپتۇ كىلەلمىگۇدەك، شۇڭا ماڭا ياردەملىشىپ بىللە بىرىشىپ بەرسىڭىز دىدى، مەنمۇ قوشولدۇم.  يولدا ماڭغۇچە قايسى دوختۇرخانىغا قايسى بۆلۇمدىكى نىمە بولغان بىماردۇر، نىمىشقا زىيارەت قىلىدىغان بولوپ قالغاندۇ دەپ بەك خىيال قىلىپ كەتتىم. چۇنكى بۇ مەمەت ئاكا شەھرىمىزنىڭ قىززىق نوقتا خەۋەرلىرىنى ئىلان قىلاتتى .مەنمۇ مۇشۇ باھانىدا خىلى ئىشلارنى بىلىۋالىدىغان بولدۇم دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ماڭدىم. ھەش پەش دىگۇچە شەھرىمىزنىڭ چەترەك يىرىگە جايلاشقان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ ۋىۋىسكىسىنى كۆرگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز مەندە سەل قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولوپ قالدى. بۇنداق جايدا قانداق ئادەمنى زىيارەت قىلىدىغاندۇ، ئەمدى سارىسمىدۇ؟ ئەيدىزمىدۇ؟ كاللامدا تىخىمۇ قورقوش پەيدا بولدى. چۇنكى بۇ كىسەللەر يۇقۇملۇقتە ھەي ئاباي نىمىشقىمۇ ماقۇل دىگەن بولغۇيتۇم دىگەنلەرنى ئاستا ئاستا خىيال قىلدىم. لىكىن ئەمدى كىتىمەن دىگىنى بولاتتىمۇ بولدى تەۋەككۇل دەپلا كىردىم. بىز بۇ دوختۇرخاننىىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا ئۇدۇلدىكى بالنىست بىناسىغا كەلدۇق ۋە 1-قەۋەتتىكى بىر ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ قالدۇق. مەن ھەيران بولغان قىياپەتتە مەمەت ئاكىغا قارىدىم، مەمەت ئاكا ماڭا چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن سۆزىنى باشلىدى قاراڭ ئۇكا ھازىر بىز زىيارەت قىلماقچى بولغان ئادەم سىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر قىز، ئۇ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇنىڭ يەنە نەچچە ئايلا ۋاختى قالغان ئۇنىڭ ئىسمى ئالمىرە، بىز ھازىر كىرىمىز، لىكىن سىز ئەنسىرەپ قالغان بولسىڭىز ھازىر كەتسىڭىزمۇ مەيلى ئۆزۇم قىلالايمەن دىدى ،،،،ياقەي مەمەت ئاكا پۇشايمان قىلمايمەن، شۇ ئەسنادا تىخىمۇ قورقتۇم كۆز ئالدىمدا كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەن پۇتكۇل بەدىنىدىن قان يىرىڭ ئىقىۋاتقان چاچلىرى پاقپايغان بىر قىز كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۇشكە باشلىدى، دەل شۇ چاغدا تامدىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تەشۋىق تاختىيىغا كۆزۇم چۇشتى، ئۇ تاختدا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش دىگەندەك بىر قاتار گەپلەر چوڭ قىلىپ كارتون رەسىم بىلەن چۇشەندۇرۇلگەن ئىدى. شۇ چاغدا كۆڭلۇم ئازراق جايىغا چۇشتى ۋە سىتىرادىن بىرسى كىلىپ بىزگە بىردىن ماسكا ۋە پەلەي بەردى. بىز ياتاق ئىچىگە كىردۇق مىنىڭ كۆرگۇنۇم ئاباي مەن كۆز ئالدىمغا ئەكەلگەن قىزچاقنىڭ دەل ئەكسىچە ئىدى. يوغان قوي كۆزلۇك چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان كىينىشى پاكىز شۇنداق رەتلىك دوختۇرخانا كىيىمى ئۇنىڭغا شۇنداق ياراشقان. ئادەمگە قارىسا كۇلۇپلا تۇرىدىغان 22-23ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز كىسەل كارۋىتىدا ياتاتتى. بىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشكەندىن كىيىن مەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ شەھرىمىزنىڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قىززىق نوقتا خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ مۇخپرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خەتلىرىنى ۋە تىلفونلىرىنى تاپشۇرۋىلىپ بەزى ئىشلارنى بىلگەنلىكى، ھەممە ئىشنى بىر بىلىپ بىقىش ئۇچۇن كىلىپ زىيارەت قىلماقچى بولوپ قالغانلىقىنى ئىيتتى، ئالمىرەمۇ بۇ زىيارەتكە قوشولدى ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتورغا قويدى. ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇنىڭغا پۇل ياكى باشقا نەرسە كىرەك ئەمەسكەن، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش قىزلارنىڭ ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك كىشىلەرنىڭ جەميەت دىگەن بۇ ئوروندا ئۆزىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە قىلىشىدىن باشقىلارنىڭ شىرىن شىكەر سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئۆزىنىڭ غۇنچە گۇلىنى باشقىلارنىڭ ئۇزۇپ قۇرۇتۇۋىتىشىدىن پەخەس بولوش توغرىسىدا ئازغىنە كۆڭۇل سۆزى بارلىقىنى ئىيتتى ……
ئالمىرە كىسەل كارۋىتىدىن ئاستا مىدىرلاپ قويوپ گىپىنى باشلىدى .
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەن ناھاىيىتىمۇ بەخىتلىك ئىدىم، ئاپام دادام مىنى مەلىكىلەردەك باقاتتى، نىمە دىسەم شۇ تەييار ئىدى. مەن تولوقسىزدا ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دادام قىمار ئويناپ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى، بەخىتلىك ۋاقىتلىرىم تۇگىدى، ئائىلىمىزنىڭ كۇنى تەسلەشتى، دادام باشقىلارنىڭ قىماردىكى پۇلىنى قايتۇرمىغانلىقى ئۇچۇن دادامىنى باشقىلار ئۆلتۇرۋىتىپتۇ. بۇ ئىشلار بىلەن ئاپام ئاغرىقجان بوپ قالدى، مىنىڭمۇ كاللامغا دەرس كىرمەيدىغان بولوپ قالدى، بۇ ۋاقىتلار پۇتكۇل خىيالىم پۇل تىپىپ ئاپامنى بىقىش بولغان ئىدى، بىراق ئاپام بۇ خىيالىمغا قارشى ئىدى. بۇرۇن ھەر مەۋسۇمدا ئۇچتە ياخشى بولوپ ئوقىيتىم، بىراق تولوقسىزنى پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغاندا ئوقوشتىن رەيىم ياندى، شۇنداق بولسىمۇ ئاران دىگەندە تولوقسىزنى پۇتتۇرۋالدىم، ئاپام مىنى مەجبۇر ئوقويسەن دىدى مەن ئوقوشتىن ۋاز كەچتىم ۋە ئاپامدىن يوشورون خىزمەت ئىزدىدىم. ئاخىرى ئايلىقىم 1000يۇەندىن بىر تاللا بازىرىدىن خىزمەت تاپتىم. ئايمۇ بىردەمدە توشتى تۇنجى مۇئاشىمنى قولومغا ئالدىم بۇ مۇئاشنى ئالغان ۋاقىتتا كۆزۇمگە لىققىدە ياش ئالدىم ۋە يۇرگەنچە ئۆيگە باردىم. ئىشكتىن كىرسەم ئاپام ئۆزى كونا، بىراق پاكىز ئوچىقىمىزنىڭ ئالدىدا لەغمەن ئىتىشكە تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن دەرھاللا ئاپامغا قاراڭ ئاپا مۇئاشىمنى ئالدىم دىۋىتىپتىمەن چۇنكى مەن كىچىكىمدىن يالغان سۆزلەپ باقمىغان ھەم بۇ قىتىم بەك خۇشال بولوپ كەتكلەنلىكىم ئۇچۇن دەھاللا دىيۋەتتىم. ئاپام ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يىنىمغا كىلىپ يۇزۇمگە چاڭ قىلىپلا بىر كاچات سالدى ۋە ماڭا زەردە بىلەن مەن تىخى ئۆلمىدىم، مەن ئۆلگەندىن كىيىن قانداق قىلساڭ ئۆزۇڭنىڭ ئىشى ئىدىغۇ، سەن مىنى ئالدىدىڭ دەپ كۆزلىرىدىن ياش ئاققان ھالدا ئۆيدىن چىق سەندەك بالام يوق دىدى، مەنمۇ دەرھاللا ئارقىمغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتىم كۇندۇزدە خەلق باغچىسىدىكى ئوروندوقتا ئولتۇرۇپ شۇنداق يىغلىدىم، ئاپامغا شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى، كاللامدىن ئۆتمىدى. كەچتە خەلىق باغچىسىنىڭ ئىشىكىنى تاقايدىغان ۋاقىت بولغاندا مەن ئۇ جايدىن چىقىتىم. بىراق قەيەرگە بارىمەن قەيەردە ياتىمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم ۋە خىيالىمدا كىچىچە مىڭىپ ئايلىنىپ تاڭ ئاتقۇزۇشنى ئويلاشتىم. ئۇيان مىڭىپ بۇيان مىڭىپ بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى، يانچۇقۇمدا تىخى 1000يۇەن پۇلۇم بار ئىدىغۇ دىگەننى خىيال قىلدىم ۋە مۇشۇ ئەتراپتىكى بىرەر كىچىك مىھمانخانىغا كىرىپ بىر كىچە قونوشنى لايىق تاپتىم. ،مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر مھمانخانىغا كىردىم، ئىشكتىن كىرشىمگە بۇرنىمغا بىرخىل بەتبۇي سىسىق پۇراق ئۇرۇلدى، مەن مۇلازىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ماڭا ياتاق ئىچىپ بىرىشنى ئىيتتىم، بىراق كىملىكىم بولمىغاچقا مۇلازىم ماڭا ياتاق ئىچىپ بىرىشكە قوشولمىدى، ئامال يوق سىرىتقا چىقتىم ۋە مىھمانخانا ئىشىكى ئالدىدا يەرگە بىشىمنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئولتۇردۇم، تۇيۇقسىز يىنىمغا بىر قارا سايە پەيدا بولوپ قالدى، بىشىمنى كۆتۇرۇپ قارىسام دادام دىمەتلىك ئادەمدىن بىرسى قىزىم بۇ يەردە ئولتۇرسىزغۇ دىدى، مەن گەپ قىلمىدىم، ئۇ كىشى يەنە مىنىڭ ئۆيۇم مۇشۇ ئەتراپتا مىنىڭمۇ ئۆيدە سىز دىمەتلىك بىر قىزىم بار، بۇ جاي خەتەرلىك، بىر چىرايلىق قىزكەنسىز بىرەر ئىش بولوپ قالمىسۇن بىزنىڭ ئۆيگە كىتىپ قىزىم بىلەن تۇرۇڭ دىدى، مەنمۇ ئالدى ئارقىنى ئويلاشمايلا ماقۇل بولوپ ئۇ ئادەم بىلەن ماڭدىم، چۇنكى مەن ئاچلىققا چىدىيالىساممۇ ئۇيقۇسىزلىققا چىدىيالمايتتىم، ئۇ كىشى مىنى باشلاپ بىر قاراڭغۇ كوچىغا ئىلىپ كىردى، كۆڭلۇمگە شەك چۇشتى ۋە سەل ئەنسىردىم، ئۇ ئادەم بىر كىچىك ئىشكلىك ئۆينى كۆرسىتىپ قىزىم بىرىپ ئىشىكنى چەككەچ تۇرۇڭ، مەن بىر تەرەت سۇندۇرۋالاي دىدى ،مەنمۇ ماقۇل بولوپ بىرىپ ئىشىكنى چەكتىم، ئىشىكنى مەندىن نەچچە ياش چوڭراق چىرايىدىن غەم قايغۇ چىقىپ تۇردىغان بىر قىز ئىشىكنى ئاچتى ۋە مىنى ئۆيگە باشلىدى، مەن ئۆيگە كىردىم، ئۇ مىنى يان تەرەپتىكى بىر كىچىك ئۆيگە باشلاپ كىردى، ئۆي ئىچى قالايمىقان زەي ۋە سىسىق پۇرايتتى، ئۇ قىزغا مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇ قىز ماڭا سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە يەيدىغان نەرسە ئىلىپ كىرەي دەپلا چىقىپ كەتتى، لىكىن ئۇ چىقىپلا ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويدى، مەن دەرھاللا بىرىپ ۋاقىرغان-جاقىرغان بولساممۇ بىراق بىرئازمۇ سادا بولمىغان ئىدى، ئارىدىن يىرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئىشىك ئىچىلىشقا باشلىدى، مەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ تۇرسام ئىشىكتىن چىرايىدىن ئادەم قورقىدىغان سول يۇزىدە بىر چوڭ تاتۇقى بار ئۇستىخىنى يوغان بەسىتلىك بىر ئادەم كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا قاراپ سەت ھىجايدى، ئاستا يىنىمغا كىلىپ ئىككى قولومدىن تۇتۇپلا قۇشنى كۆتۇرگەندەك يوتقان ئۇستىگە ئاتتى ۋە كىيىملىرىمنىڭ ھەممىنى سالدۇرۋەتتى، مەن ئانامدىن تۇغما ھالەتكە كىلىپ قالدىم، ئۇ ماڭا سەت ھىجىيىپ تۇرۇپ قىزچاق ئەڭ ياخشىسى قارشىلىق قىلىمەن دىگۇچە بولما، بولمىسا سىنى ئۆلتۇرۋىتىمەن دىدى ۋە ئۆزىنى ئۇستۇمگە ئاتتى. مەن شۇنچىۋالا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ ئۇ مىنى چىڭ بىسىپ تۇرۇپ ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى. مۇشۇ يىشىمگىچە ساقلاپ كەلگەن پاكلىقىم شۇ ناكەسنىڭ قولىدا ۋەيران بولدى. ئۇ ناكەس قىلىدىغنى قىلىپ بولوپلا چىقىپ كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا مەن ئاپامدىن يامانلىغانغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم. بىراق ئەمدى ئورنىغا كەلمەيدۇ. مۇشۇ ئەسنادا تامغا ئۇسسۇپ ئۆلىۋىلىشنىمۇ ئويلاشتىم، بىراق جۇرئەت قىلالمىدىم، مىنى تۇتۇپ كىلىپ ھەپتىگىچە سىرىتقا چىقارمىدى، ھىلىقى ناكەس كۇندە مەن تۇرغان ئۆيگە كىلىپ ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى، كىيىن بىلسەم ھىلىقى دادام دىمەتلىك ناكەس مىنى بۇ ھايۋانغا 2000يۇەنگە سىتىۋىتىپتۇ. مەن بۇ بىر ھەپتە دوۋزاق ئازابىنى كۆردۇم ئورنىمدىن تۇرغۇدەك ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى، پۇت قولوم سىقىراپ ئاغرىيتتى، پۇت قولوم ئۆزۇمنىڭ ئەمەستەكلا. شۇنداق قىلىپ مىنى تۇتۇپ كەلگىنىگە ساق بىر ھەپتە بولغان كۇنى ھىلىقى ناكەس يەنە بىرسىنى باشلاپ كەلدى ۋە قولومدىن باغلاپ بىر قارا ماشىنىغا ئىلىپ چىقتى. ئۇ ماشىنا ئىچىدە ماڭا ئەڭ ياخشىسى قارشىلىق قىلماسلىقىمنى، باشقىلاردىن ياردەم سورىماسلىقىمنى، ئۇنداق بولمىسا مىنى ئۆلتۇرۇپ جەسىدىمنى ئىتقا تاشلاپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتتى   ئۇلار مىنى پويىز ئىستانسىغا ئىلىپ كەلگەندە ئاندىن قولومنى يىشىۋەتتى ۋە مىنىڭ قولىمدن چىڭ تۇتۇپ پويىزغا ئىلىپ چىقتى. بىز پويىزدا 4كۇنلەرچە ئولتۇرغاندىن كىيىن پويىز بىر ناتونوش جايدا توختىدى. بىز پويىز ئىستانسىدىن چىققاندا ۋىۋىسكىدا شاڭخەي دەپ تۇراتتى. ئىچ ئىچىمدىن تىخىمۇ يىغا تۇتۇپ كەتتى. چۇنكى ئەمدى مەن سەرگەردانلىق تۇرمۇشۇمنى باشلىغان ئىدىم. مەن ئاپامنىڭ نەسھەتىگە قۇلاق سالمىغانلىقىمغا مىڭ پۇشايمانلار قىلغان بولساممۇ لىكىن ئەمدى ئورنىغا كەلمەيتتى. بۇ ھايۋانلار مىنى تاكسىغا سولاپ ماڭدى ۋە بىر چەت يەردىكى كونا تاشلاندۇق بىنا ئالدىغا كىلىپ توختىدى.    ھىلىقى ناكەس يەنە بىرىسىگە تىلفون قىلدى. ئۇ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۇنى ياسىن لوبەن دەپ چاقىردىكەن. ئۇ ناكەس  مىنىڭ قولومدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ياسىن لوبەنگە تاپشۇردى ۋە كۆز ئالدىمدا ئۇ ناكەسكە ياسىن لوبەن 10000مىڭ يۇەن پۇلنى ئۇ ناكەسگە بەردى.   مىنى چىڭ تۇتىۋالغىنىچە ھىلىقى تاشلاندۇق بىناغا ئىلىپ كىرىپ كەتتى………………………………………………………………………………………..
ئالمىرە كۆزلىرىدىن قان ياش ئاققۇزغان ھالەتتە تۇرۇپ كەچۇرمىشلىرىنى سۆزلىمەكتە ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ يۇرىكىممۇ بۇ قىزچاقنىڭ ئىشلىرىغا چىدىماي قاتتىق ئىچىنىۋاتقان ئىدى …
   ئالمىرە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى…
مەن ئۇ بىنانىڭ ئىچىگە ھىلىقى ياسىن لوبەن بىلەن كىردىم، كىرسەك ئالدىمىزغا مەن دىمەتلىك ئۇچ ئوغول بالا چىقتى ۋە قانداق تاپشۇرۇقلىرى بار دىگەن مەنادا ياسىن لوبەننىڭ كۆزىگە قارىدى، ياسىن لوبەن گىلىنى بىر قىقىۋىتىپ ھە ئابلەت بۇگۇن ئەمىسە ۋەزىپەڭنى ئۇنىتما ھە دىدى، يان تەرەپتە تۇرغان ئوروقلىقىدىن ئۇستىخانلىرى چىقىپ قالغان بىر بالىغا، ئۇ ياسىن لوبەننىڭ گىپى تۇگىشىگىلا جىنىم ئاكا بىر چىكىم تاماكا بىرىڭ پەقەت چىدىمىدىم دەپ تىزلىنىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن بۇلارنىڭ دىيشىۋاتقان گىپىنى چۇشەنمىگەن ئىدىم. ياسىن لوبەن قاتتىق ئاچچىغلانغان ھالدا ئاناڭنى قەلەندەرنىڭ بالىسى ئاناڭ دىگەن پاسكىنا ئەينى چاغدا سىنى ماڭا 30000مىڭ يۇەنگە ساتقان، يىتىشىڭ مەندىن كىينىشىڭ مەندىن بۇ ۋاقىتقىچە سىنى ئالغان پۇلغا كالا ئالغان بولسام بۇ ۋاقىتقىچە نەچچىنى موزايلايتى دەپ مەيدىسگە بىرنى تەپتى. ، ئالىم بىرىپ روزىخاننى چاقىرىپ كەل، ئۇنىڭغا ئوقوغۇچى كەلگەنلىكىنى، تىزدىن مىنىڭ ئىشخانامغا كىرىشىنى ئىيت دەپلا قولومدىن تارتقان ھالدا ئىشخانىسىغا سۆرەپ ۋە دەرھاللا كىيملىرىمنى سالدۇرۇپ تۇغما ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى. ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئىش قىلمىغىلى، بازاردا ئۇرۇك ئالغان ئادەممۇ تەمىنى تىتىپ بىقىپ ئاندىن ئالىدۇ دەپلا گىلىمنى بوغوپ يان تەرەپتىكى كىچىك كارۋاتقا باستى ۋە ماڭا چىقىلدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا روزىخان دىگەن ئايال كىردى ۋە چالۋاقىپلا سۆزلەپ كەتتى ….
   -ئوھوييييييي نىمىش قىلىۋاتىلا لوبەن كۇپكۇندۇزدە ئاچ قالغان ئوخشىماملا،  كىچىك ئۇرۇكلەر بولسا بەك ئامراق ھە ئۆزلىرى دەپ مەنىلىك كۇلۇپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇردى. لىكىن بۇ ياسىن لوبەن دىگەن ھايۋان ئۇ ئايالغا پىسەتنىتمۇ قىلماي ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتاتتى. ياسىن لوبەن ئىشىنى تۇگەتكەندىن كىيىن روزىخان دىگەن ئايالغا بۇ قانجۇقنى ئىچىقىپ يۇيۇپ تاراپ بىر ئىش قىل كەچتە سودا بار دىدى. بۇ روزىخان دىگەن ئايال 40ياشلار چامىسىدىكى كۆزلىرىدىن شۇملۇق يىغىپ تۇرىدىغان چىرايىدىن ھىلىلا بوياق تۇڭىدىن چىققاندەك تۇرىدىغان سىغىزنى ئۆمرىدە چايناپ باقمىغاندەك خۇددى سىغىزغا بىرەر ئۆچى باردەك قاتتىق چايناۋاتتى.   مىنىڭ پۇتىمدىن بىشىمغىچە بىر قارىۋىتىپ ماڭە ھۇي جىن دىدى ۋە مەن يەنە ئامالسىز بۇ كونا تاشلاندۇق بىنا ئىچدىكى تۇرمىگە كىردىم. مەن بۇ يەردىن قاچالمايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم، چۇنكى شۇنداق كۆپ بالىلار بۇ يەردە ئۇ يەردىن بۇ يەرگە مىڭىپ يۇرەتتى، لىكىن بىرەرسىمۇ بىرسىگە گەپ قىلمايتتى، روزىخان دىگەن ئايال مىنى كىچىك ئۆيدىن بىرسىگە ئەكىردى، بۇ ئۆيدە مەندىن بىر نەچچە ياش چوڭ قىزچاق تامنىڭ بىر بۇلىڭىدا يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بەدەنلىرى تاياق زەربىسىدىن بولسا كىرەك يىرىلىپ كەتكەن بىلەكلىرىدىن قانلار چىقىپ تۇرغان ھالەتتە ئىدى، زورىخان دىگەن ئايال ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ چىچىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ھۇ پاسكىنا قانجۇق تەلىيىڭگە يەنە بىرسى كەلدى، بۇگۇن كەچكىچە بۇ كىچىك جىنغا بۇ جاينىڭ قائىدىلىرىنى ئوبدان چۇشەندۇرۇپ ئۇگۇتۇپ قوي بولمىسا ھىساۋىنى سەندىن ئالىمەن دەپ قويوپلا ئىشىكنى يىپىپ چىقىپ كەتتى، مەن ئىشىك ئالدىغا بىرىشىمغا ھىلىقى قىز ئۇ يەرگە بارماڭ دىدى، مەن بۇ گەپكە ھەيران بولوپ ئۇنىڭغا قارىسام، ئۇ بۇ جاينىڭ بىرىنجى قائىدىسى ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىشىك يىنىغا بىرىشقا بولمايدۇ دىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ھال مۇڭ بولوش ئويىدا ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم، ئىسمىم ئالمىرە دىدىم، ئۇ مىنىڭ ئىسىمىم رەنا دەپلا يىغلاپ كەتتى ۋە بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن ئۇ ماڭا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۇرمىشلىرىنى ئىيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ئۇ بۇ يەرگە 15يىشىدا ئۆگەي دادىسى تەرىپىدىن سىتىۋىتلىپتىكەن .مانا ھازىر ئۇنىڭ بۇ جايدا ھايۋان ئورنىدا تۇرىۋاتقىنىغا 4 يىل بولوپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ياسىن لوبەن ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز پۇل دىسە ئانىسىنىمۇ سىتىۋىتىدىغان ئادەمكەن. رەنا بۇ جايغا كەلگەندىن كىيىن بىر قىتىم بالا تۇغۇپتۇ ئىككى قىتىم بالا چۇشۇرۇپتۇ تۇغۇلغان بالا ئۆلۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن رەنانى سەمەت لوبەن ھارغۇچە ئۇرۇپتۇ. چۇنكى ئۇ بالا تۇغۇلسا سەمەت لوبەن بۇ بالىنىمۇ باشقىلارغا قىممەت باھادا ساتىدىكەن .
   مەن بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كىيىن تىخىمۇ قورقۇپ كەتتىم. رەنا يەنە ئىغىز ئىچىپ بۇ جايدا ئوغوللار بازار ئويناپ مال ساتىدۇ  ئەگەر ئۇلار بىر كۇنلۇك ۋەزىپىنى ئوروندىيالمىسا كىچىچە ئىسىپ قويوپ ئۇرۇلىدۇ. بىز قىزلار كۇندە مىھمان كۇتىمىز دىدى، مەن چۇشەنمىگەنلىكىم ئۇچۇن رەنادىن سورىدۇم، بازار ئويناش دىگەن نىمە دىسەم لالە ماڭا قارپا يانچۇقچىلىق قىلىش، باشقا ۋاقىتلىرىدا نىشە ، خىرئىن ۋە باشقا زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ساتىدۇ دىدى. مەن يەنە ئۇنىڭدىن بىزنىڭ مىھمان كۇتىمىز دىگىنىمىز نىمە گەپ دەپ سورىدۇم. ئۇ ماڭا بۇ دىگەنلىك بىز ھازىر ھايۋان ئورنىدا باشقىلار نىمە قىلسا بولىدۇ دىگەنلىك دىدى. مىنى قاتتىق يىغا تۇتۇپ كەتتى ۋە كۆزۇمگە لىق ياش ئىلىپ تۇرۇپ ئەگەر بىز قوشولمىساقچۇ دىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ مىيىققىدا كۇلۇپ قويوپ ئۇنداق بولسا ئۆلگىنىمىز شۇ، مىنى كۆردىڭىزمۇ ئۇنىمىسىڭىز مەندەك بولىسىز يەنە كىلىپ بۇ جاينىڭ قائىدىسى بويىچە كىرگەن ئادەمنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقى ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى دىگەندەك ئىشلارنى دىيىشمەيمىز ئىشقىلىپ ئامال بار گەپ قىلمايسىز، ئۇنداق بولمىسا روزىخان بىلەن ياسىن لوبەن بۇ ئىشلارنى بىلىپ قالسا ئۆلگىچە تايىقىڭىزنى يەيسىز دىدى. كەچ كىردى بۇ ۋاقىتقىچە رەنا بىلەن بىزگە ھىچقانداق يەيدىغان نەرسە ئەكىرىپ بەرمىدى. كەچلىك تاماق ۋاختىدا تۇيۇقسىز ئىچىك ئىچىلدى ۋە ياسىن لوبەن ئالمىرە بۇياققا چىق دىدى. مەن ئاستا قوپوپ ئىشىك ئالدىغا باردىم. ياسىن لوبەن قولى بىلەن بۇ كونا بىناننىڭ بۇلۇڭ تەرىپىدىكى بىر كىچىك ئۆينى كۆرسەتتى ۋە ماڭە بىرىپ ئاشۇ ئۆيگە كىر مىھمان سىنى ساقلاپ قالدى دىدى. مھىمان دىگەن گەپنى رەنادىن ئاڭلاپ چۇشەنگەن ئىدىم. ياق دەي دىسەم تاياقتىن قورقتۇم ۋە قەدىملىرىمنى ئاران يۆتكەپ ئۇ ئۆيگە كىردىم. كىرسەم بۇ ئۆيدە ئولتۇرغىنى ئىككى پاكىستانلىق ئىدى. مەن تىخىمۇ قورقتۇم. ئۇلار بىر بىرىگە بىرنىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن بىرسى كىلىپلا قولىدىن تارتتى ۋە كارۋاتقا بىسىپ كىيىملىرىمنى يىرتىپ تىگىگە بىسىۋالدى، مەن قارشىلىق قىلىغان بولساممۇ كۇچۇم قالمىدى، ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ماڭا چىقىلغاندىن كىيىن ئىشتان باغلىرىنى ئىتىپ چىقىپ كىتىشتى، مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۇمگە ناھايىتى ھار ئالدىم ۋە پۇشايمان قىلدىم، جىنىم ئاپا مەندىن رازى بولوڭ مەندەك ئاپىسىنىڭ گىپىگە كىرمەيدىغان قىزىڭىزدىن رازى بولوڭ دىدىم ۋە ئۇدۇلۇمدىكى تامغا بىشىمنى قاتتىق ئۇردۇم، شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى پىشانەمدىن ئىسسق بىر نەرسە چىقىۋاتاتتى، گۇپ قىپلا يىقىلدىم، مەن شۇ ياتقانچە نەچچە كۇن يىتىپتىمەن، ساق ئۇچ كۇن بولغاندا كۆزۇمنى ئاچتىم. چۇنكى قورسقۇم بەكلا ئاچقان ئىدى. كۆزۇمنى ئاچسام كۆز ئالدىمدا رەنا بار ئىدى، ئۇ مىنىڭ بىشىمنى قۇچىغا ئىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بىشىمنى ئاران كۆتەردىم ۋە رەنادىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ ماڭا شۇ كۇنى كەچتە مىنىڭ بىشىمدىن قان چىقىۋاتقانلىقىنى، مىنى روزىخان ئەكىرىپ تاشلاپ قويوپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى. رەنا ماڭا قاراپ تۇرۇپ نىمانداق ئەخماقلىق قىلىسىز ياسىن لوبەننىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا سىزنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ قوياتتى دىدى. ئىچىمدە يەنىلا ئۆلىۋىلىش ئىستىكى مىنى قاتتىق قىينايتتى. كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتۇپ كىتىپ بارغان ۋاقىتتا بۇ جايغا كەلگىنىمگىمۇ بىرە ئايچە بولغان ۋاقىت بىر كۇنى كەچتە ئىشىك يەنە ئىچىلدى ۋە ياسىن لوبەن يەنە ھىلىقى ۋاقىتتىكى ئۆيگە كىرىشىمنى ئىيتتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى قالايمىقان ئويلاردا بولما بولمىسا ………………………………………………………………………………………………
  يەنىلا بۇرۇنقىدەك قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ئۇ ئۆيگە كىردىم، كىرسەم دادام دىمەتلىك كىشىدىن بىرسى ئولتۇراتتى ۋە مىنى كۆرۇپ ئالدىمغا كەلدى، ئىشىكنى يىپىۋىتىپ ئۆزىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇشۇمنى ئىيتتى، ئۇ كىشى ئۆزىنى بىر بەزمىخاننىڭ خوجايىنى دەپ تونوشتۇردى ۋە ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ئولتۇردى، بىراق ماڭا چىقىلمىدى مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولدۇم ئۇكىشى ئۆزىلا گەپ قىلدى مەن گەپ قىلمىدىم ۋە بىر ئازدىن كىيىن ئۇ كىشى چىقىپ كەتتى، مەنمۇ چىقىپ كەتتىم. ئۆزۇم تۇرىدىغان ئۆيگە كىرىپ رەناغا بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بىرىۋاتسام ئىشىك يەنە ئىچىلدى ۋە ياسىن لوبەن ئالمىرە بۇياققا چىق دىدى. مەن يەنە بىر ئىش بار ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم ئۇ شۇ يەردىلا ئابايقى خوجايىنغا سەن ياراپ قاپسەن، ئۇ سىنى ئۆزىنىڭ يىنىغا ئىلىپ كىتىدىغان بولدى دىدى. مەن ئۇ كىشىنىڭ ئابايقى ماڭا قىلغان مۇئامىلىرىنى دەررۇ ئويلىدۇم ۋە ئاللاھقا مىڭ شۇكىرى ئەمدى بۇ ئىشلاردىن ۋاز كچىدىغان بولدۇم دەپ ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھقا مىڭلاپ ھەمدۇ ساناھ ئىيتتىم…….
مەن ئۇ خوجايىنغا ياراپ قاپتىمەن. بۇ ئۇنىڭ نىمە دىگىنىدۇ مەيلى مۇشۇ يەردىنلا چىقىپ كىتىدىغان ئىش بولسا قەيەرگە كەتسەم
مەيلى دىگەنلەرنى ئويلاپ ھىلىقى تاشلاندۇق بىنادىن سىرىتقا چىقتىم. ھىلىقى خوجايىن مىنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ ئۇنىڭ تەقى تۇرقى خىلى يامان ئەمەس چىرايىدىن يامان نىيتى باردەك ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بۇ تاشلاندۇق بىنادىن يىراقلاشتۇق بىراق ئىچىدىكى شۇ بالىلارغا ۋە رەناغا قاتتىق ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى. قانداق قىلىمەن قولومدىن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش شۇ ناكەسلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئىلىش كەلمىسە دىگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر ۋاقىتلاردا بىرسىنىڭ مىنى قاتتىق ئۇرغانلىقىدىن ئيغىنىپ كەتتىم قارىسام بايامقى خوجايىن ئىكەن. مەن ئۇنىڭ قوي تىرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرە ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاپ قوي پاسكىنا قانجۇق مەن سىنىڭ ئۇ ياسىن لوبەن دىگەن يۇمشاق باشلىرىڭغا ئوخشىمايمەن. بۇ ئەتراپتا ئابلەت تۇڭگان دىسە مىنى تونىمايدىغىنى يوق. مىنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىغان جىنلارمۇ نەچچە كۇنلۇك يەرگە قاچىدۇ. سەن بۇندىن كىيىن مىنىڭ ئادىمىم. شۇڭا مەن بىر دىسەم بىر بولىدۇ ئىككى دىسەم ئىككى بولىدۇ ھەرگىز ئۇچ بولمايدۇ دەپلا قولومدىن سۆرەپ بىر تاشلاندۇق ئەخلەتخانا تەرەپتىكى بىر كىچىك ئىشىكتىن ئەكىردى. بۇ يەرنىڭ ئىچىدە ھەممە ئىش بولىۋاتقان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جايدا ھەيشى ئىشرەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىدى، بىز بىر نەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كىيىن ئۇ مىنى يەرئاستى ئۆيگە ئەكىردى. بۇ يەردە ھە دەپ گىرىم قىلىۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇر قىزلار ئولتۇراتتى. ھىلىقى ئابلەت تۇڭگان دىگەن سەت بىر تۇكۇرگەندىن كىيىن روسسى ماۋۇ قانجۇققا بۇ يەرنىڭ ئەلمى تەلمىنى بىر چۇشەندۇرۋەت دەپ قويوپلا چىقىپ كەتتى. روسسى دىگەن قىزنىڭ ئەسلى ئىسمى گۇلسۇم ئىكەن.  روسسىنىڭ چۇشەندۇرىشچە بۇ جايدا بۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوللانمايدىكەن. چۇنكى بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىلىك بەزمىخانىدا كىندىكىنى ئىچىپ قويوپ ئەرەپچىگە بەل تولغايدىكەن. خوجايىن بىرەرسى بىلەن ياتىسەن دىسە نىمىشقا دىيەلمەيدىكەن. بۇ ئابلەت تۇڭگان دىگەن ئۇچچىغا چىققان پۇل مەستانىسى ئىكەن. پۇلغا كەلگەندە ئانىسىنىمۇ تونىمايدىغانلارنىڭ بىرىسى ئىكەن. روسسى ماڭا چۇشەندۇرۇپ بۇ جايدا تۇرىمەن دەيدىكەن چوقوم خوجايىن بۇيرىغاننى قىلىش ئىكەن ئۆزىنىڭمۇ بۇ جايغا كەلگىنىگە بەش يىلدىن ئارتۇق بولغانلىقىنى ئىيتتى. ئۇ يەنە ماڭا ئازابە دەپ ئىسىم قويوپ قويدى ۋە ئۆزۇمنى بۇندىن كىيىن قوشومچە مىھمان كۇتسەم(بۇ جايدا باشىقىلار بىلەن بىللە بولوشنى مۇشۇنداق ئاتايدۇ)ئۆزۇمنى ئۆزبىك دەپ تونوشتۇرشۇمنى ئىيتتى. . ئۇ يەنە ماڭا بىر قۇر ئۇسۇل كىيمى ۋە گىرىم بويۇم ئەكىلىپ مىنى ياساشقا باشلىدى. ھالاھەزەل ئون مىنۇتلاردا ئىشىم پۇتتى ئەينەكتىكى ئۆزۇم ئەمەس ھازىرلا بوياق تۇڭىدىن چىققاندەك تۇراتتىم روسسى ماڭا يەنە چۇشەندۇرۇپ سەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققاندا ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغانلىقىمنى پەقەت قولومنى ئىگىز كۆتۇرۇپ بىلىمنى چۆرگىلتىپلا قويسام بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى.   ئون نەچچە قىزلار بىرلىكتە بۇ يەرئاستى ئۆيدىن چىقتۇق. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم ئۇلار خۇددى ياخشى ئىش قىلغىلى ماڭغاندەك شۇنداق غادىيىپ مىڭىشاتتى بىز نەچچە ئايلانمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بىر قارا پەردە ئارقىسغا كىلىپ تۇردۇق رىياسەتچى مىكروفىننى قولىغا ئىلۋىلىپ ھەر دەپ ئىنگىلىسچە،روسچە،خەنزۇچە قاتارلىق تىللاردا بىر نەرسىلەرنى دىگەندىن كىيىن پەستە ئولتۇرغانلار قاتتۇق چۇقان سۇرەن قىلىپ كەتتى نىمە بولغىننى مەنمۇ بىلمىدىم تۇيۇقسىز ئۇسۇلچى قىزلار ھەممەيلەن بىراقلار مەيدانغا يۇگۇرۇپ چىقىشتۇق. بىز ھەممەيلەن كىندىكى ئوچوق ئەيتاۋۇر تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئۇسۇل كۆينىدىكى كىيۋالغان چىرايىمىزغا بولسا يۇزىمىز سۇس كۆرنۇپ تۇرىدىغان چۇمبەل تارتىۋالغان ھالەتتە سەھنىگە چىقتۇق. پۇتلىرىم خۇددى توك سوقىۋەتكەندەك پەستە ئولتۇرغان ھەممە ئادەم ماڭا قاراپ ئولتۇرغاندەك ھەممە يىرىم جاقىلداپ تىترەپ كىتىپ باراتتىم. ئۆزۇمنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئۇسۇلمۇ تۇگەپ سەھنىدىن ئايرىلدۇق. سەھنە ئارقىغا كەلگەندە ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سىلىشقا باشلىدى. ھەممەيلەن كۇسارچان ۋە باغىرداش بىلەنلا تۇردى. مەن نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي رۇسسىگە سۇئال نەزىرىدە قارىدىم ئۇ ماڭا بىر تال كۇسار بىلەن بىر دانە باغىرداشنى بەردى. . ماڭا ھازىرلا يۆتكىۋىلىشنى سەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققاندا مۇشۇنداق ھالەتتە چىقىدىغانلىقىمىزنى ئىيتتى ئامال يوق بۇلارنىمۇ ئالماشتۇردۇم. رۇسسى بۇۋاقىتتا ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىشىمنى ئىيتتى. بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۇمگە خوپ بولدى ئەينى چاغدا ئاپامنىڭ گىپىگە كىرگەن بولسام ھەرگىز بۇنداق بولمايتتى دەپ پىچىرلىدىم ۋە ھەممە گۇناھنى ئۆزۇمگە قويدۇم. بىز سەھنىگە چىقتۇق. سەھنىدە قىقاس چۇقان كۆتۇرۇلدى. بىز ئۇيانغا مانچە قەدەم بۇيانغا مانچە قەدەم ماڭدۇق يەنە نەچچە مىنۇتتىلا بۇ ئۇسۇلىمىزمۇ ئاياغلاشتى ۋە يەنە ھىلىقى قاراڭغۇ زەي يەرئاستى ئۆيگە قايتتۇق. تۇيۇقسىز ئابلەت تۇڭگان كىردى ۋە ھەممىمىزگە بىر قىتىم قارىۋەتكەندىن كىيىن ئالمىرە چىقە بۇ ياققا دىدى. مەن ئاستا مىڭىپ چىقتىم ئۇ ماڭا بۇگۇن بىر مىھماننىڭ كۆزى ساڭا چۇشۇپتۇ. شۇڭا بۇگۇن سەن قوشومچە مىھمان كۇتىسەن دىدى مەن نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇ ماڭا كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقىشىمنى سەھنىدە ئىشلەتكەن ساختا كەيمە چاچنى كىيىپ چىقىشىمنى روسسى ئىيتىپ بەرگەن ئىسمىمنى دىيشىمنى تاپىلاپ قويوپ يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مەن ئادەتتىكى كىيمىمنى كىيىپ ئابايقى سەھنىدە كەيگەن ساختا كەيمە چىچىمنى كىيىپ يۇقىرىغا چىقتىم. يۇقىرىغا چىقىپ تۇرشۇمغا ئابلەت تۇڭگان ئالدىمدا جىندەكلا پەيدا بولدى ۋە مىنى بىر ياش يىگىتكە تونوشتوردى ئۇ بالا مىنى ئارقىدىن مىڭىشقا بۇيرىدى ۋە مىنى بىر ئايرىمخانىغا ئەكىرىدى. بۇ يەرگە كىرسەم بىر چەتئەللىك ھە دەپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى ھىلىقى يىگىت ئۆزىنى ماڭا تونوشتۇردى. ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇ بىر تەرجىمانمىش ھىلىقى چەتئەللىك چوڭ خوجايىن ئىكەن ئۇنىڭغا ھەمرا بولوپ ئىچىشىپ بىرىدىكەنمەن ئاخىرىدا ئۇ نىمە قىلسا مەن قارشىلىق قىلمايدىكەنمەن. ئىش تۇگىگەندە ئۇ چەتئەللىك ماڭا چاي پۇلى بىرەمىش چاي پۇلى دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيتتىم. ئۇ چەتئەللىك مىنى ھاراق ئىچىشكە زورلىدى، بىراق مەن ئۆمرۇمدە ھاراق ئىچىپ باقمىغان ئىدىم مەن ئىچمەيمەن دىسەم ئۇ بىر نەرسىلەرنى دىدى ۋە ئاغىزىمدىن تۇتۇۋىلىپ بىر رومكا ھاراقنى ئاغزىمغا قۇيدى ھاراق ئۆپكەمگە كەتتىمۇ بەكلا يۆتىلىپ كەتتىم ئۇ تۇيۇقسىز مىنى تىگىگە بىسىۋالدى ۋە كىيىملىرىمنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇندى مەن قولومنى ئۇياق بۇياققا سوزدۇم تۇيۇقسزى قولوم بىر ھاراق پوتولكسىغا ئۇرۇلدى ۋە ئالدىم ئۇ چەتئەللىكنىڭ بىشىغا كەلتۇرۇپ بىرنى سالدىم ئۇ چەتئەللىك چىرقىرىغان پىتى قوپوپلا مىنى بىر مۇش ئۇردى كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ھۇشۇمدىن كەتتىم. نەچچە كۇن ئورنىمدىن قوپماي يىتىپتىمەن ئىسىمنى بىلگەن ۋاختىمدا مەن دوختۇرخانىدا ئىكەنمەن، يىنىمدا بىرسى بىشىنى قويوپ ئۇخلاۋاتاتتى دىققەت قىلىپ قارىسام ئۇ رەنا ئىكەن. شۇنداق خوش بولدۇم ئۇنى دەرھاللا ئويغاتتىم رەنا رەنا رەنا بىشىنى كۆتۇرۇپ قارىدى. مەن چۇچۇپ كەتتىم ئۇنىڭ يۇزلىرى كۆك ئىدى ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇنىمۇ ياسىن لوبەن بىر پاكىستانلىققا سولاپ بىرىپتىكەن. ئۇ پاكىستانلىقنىڭ تەلىپىگە قوشولماپتۇ ۋە ئۇنىڭ پاقالچىقىنى قاتتىق چىشلىۋاپتۇ شۇنىڭ بىلەن ياسىن لوبەن قاتتىق ئۇرۇپتۇ مەن ھۇشسىز ياتقان كۇنى ياسىن لوبەن بىلەن ئابلەت تۇڭگاندىن قەرزىنى سۇيلەپ بارسا ئابلەت تۇڭگان ياسىن لوبەننى ھاقارەتلەپتۇ. ئىككەيلەن جىدەللىشىپ قاپتۇ ياسىن لوبەن ئابلەت تۇڭگاننىڭ قورسىقىغا بىر پىچاق سىلىپ ئۆلتۇرۇپ قويغانلىقىنى ساقچىلارنىڭ ياسىن لوبەننى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى. ئىچىمدە ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى شۇ ناكەسلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىڭغا مىڭ رەھمەت دىدىم ۋە خۇش بولدۇم .رەنا يەنە ياتاقتا يىتىش رەسمىيەتلىرىنى ساقىچلارنىڭ بىجىرگەنلىكىنى ئىيتتى رەنا يەنە بىزنىڭ شىنجاڭغا يۇرتىمىزغا قايتساق بولدىغانلىقىنى. بىراق ئىككىمىزنى ساقىچلار ياسىن لوبەننى سوتلىغان ۋاقىتتا بىرىمىزنىڭ زىيانلانغۇچى بىرىمىزنىڭ گۇۋاھچى سۇپىتىدە سوتتا گۇۋاھلىق بىرىشمىزنى ئىيتىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا سەل ئەندىشە قىلدىم. چۇنكى ياسىن لوبەننىڭ پۇلى بار يول مىڭىپ چىقسا ئۆچ ئىلىشىدىن قورقتۇم ۋە ئاستا ئورنىمدىن تۇردۇم ۋە رەناغا ھاجەتخانىغا چىقىمەن دىگەننى باھانە قىلىپ سىرىتقا چىقتىم. تۇيۇقسز قىچىپ كىتىش خىيالى كاللامغا كەلدى ۋە دوختۇرخاننىڭ كىسەللىك كىيمى بىلەنلا سىرىتقا چىقتىم بۇ يەردە كىشىلەر ئالدىراش ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۇرىشەتتى. ھىچكىممۇ ماڭ قاراپ قويمايتتى قورسىقۇم شۇنداق ئاچتى . يىنىمدا موچەن يوق بىشىمنى ساڭگىلىتىپ مىڭىپ شەھەرنىڭ قايناق يىرىگە كىلىپ قاپتىمەن تۇيۇقسز بىرسىگە  سوقولوپ كەتتىم ۋە دەررۇ ئىسىمنى يىغىپ قارىسام مەندىن سەل چوڭراق بىر ئۇيغۇر يىگىت ئۇنىڭ تەقى تۇرقى يامان ئەمەس كىينىشى پۇزۇر چىڭلىڭتۇ(شۇ ۋاقىتلاردا مودا بولغان چاچ شەكلى) قويىۋالغان بىر يىگىت ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم ئۇ يىگىت كەچۇرۇڭ دىققەتسىزلىكتىن سىزنى سوقىۋەتتىم دىدى. مەن گەپمۇ قىلماي يەنە مىڭىشقا تەمشەلدىم. ئۇ يىگىت تۇيۇقسىز قارىسام بىرەر ئاۋارچىلىققا يولوقوپ قالغاندەك تۇرىسىز ماڭا دەڭ مەن ياردەم قىلاي بۇ يۇرتتا شىنجاڭلىق بىرەر قىزچاقنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. قانداق ھاجىتىڭىز بولسا دەڭ مەن قولومدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن دىدى ۋە بىرەر جايغا بىرىپ مۇڭدىشىمىزنى ئىيتتى. مەنمۇ ماقۇل بولدۇم ۋە شۇ ئەتراپتىكى بىر ساياھەت ئوروندىقىدا ئولتۇردۇق. ئۇ ئۆزىنى تونوشتۇرۇپ ئىسمىنىڭ ئالىم ئىكەنلىكىنى بۇ جايغا سودا قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئىيتتى، بىراق نىمە سودا قىلدىغانلىقىنى ئىيتىمىدى. مەنمۇ ئۆزۇمنى تونوشتۇردۇم ۋە بۇ جايغا قانداق بولوپ كەلگەنلىكىمنى ئۇنىڭغا قىسقىچە ئىيتىپ بەردىم. بىراق بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئىيتمىدىم گەرچە ئۇنى تونىمىساممۇ يۇزۇم چىدىمىدى مەن يەنە ئۇنىڭغا ياتىدىغان يىرىمنىڭمۇ يوقلىقىنى يىنىمدا موچەن پۇلمۇ قالمىغانلىقىنى قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىنى ئىيتتىم ئۇ ئىغىر ئۇھ تارتقاندىن كىيىن يۇرۇڭ دىدى ۋە قولىمدىن تارتىپ ماڭدى مەن ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم ئۇ مۇشۇ ئەتراپتا تۇرىۋاتقان ياتىقىم بار ئىككى كارىۋات بار ئۆزۇم يالغۇز شۇ يەردە تۇرۇڭ، مەن سودا ئىشى بىلەن ئالدىراش كۇندۇزدە ئاساسەن ياتاقتا تۇرمايمەن دىدى. بوپتۇلا تۇرساممۇ تۇراي سىرىتتا يۇرسەم ھىچ يەرنى بىلمىسەم دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم ئىككىمىز چوڭ يولدا تۇرۇپ بىر سائەت تاكسى توسقان بولساقمۇ بىرمۇ تاكسى توختىمىدى. بىز ئاخىرى بىر تاكىس ماشىننى توستۇق ماشىنىغا چىقىشىمىزغا ھىلىقى تاكسى شوپىرى قوپاللىق بىلەن نەگە بارىسىلەر دىدى. ئالىم بىر جاينىڭ ئىسمىنى دىدى بىز يولدا جىمجىت ماڭدۇق ۋە بىردەمدە نەچچە كوچىدىن ئۆتۇپلا ئالىم دىگەن مىھمانخانىغا كەلدۇق. ئالىم مىنى بۇ مىھمانخانىغا باشلاپ كىرىشىگە مىھمانخانا مۇلازىمى ئالىمدىن كىم ئۇ دەپ سورىدى ئالىم ماڭا نىمە دەيمەن دىگەندەك ئايالىم دەپ قويوپلا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرسەك يەرلەردە تاماكا قالدۇقى ۋە نەچچە يەردە ئىشپىرىس تۇراتتى ئۇنىڭدىن بۇ نىمە نەرسە دەپ سورىسام ئۇ بۇلارنى ئۆزۇمگە ئۇكۇل قىلىپ سالغاندا ئىشلەتكەن دورامغا ئىشلىتىمەن دىدى. كىيىن بىلسەم ئۇ ئاق چىكىدىكەن بۇ ئاق دىگەن نەرسىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلگەن ئىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ بىز چىقىشىپ قالدۇق ۋە مۇھەببەتلەشتۇق. ئۇ ھەر كۇنى ماڭا يەيدىغان ياخشى نەرسىلەرنى كىيىدىغانغا ھەرخىل چىرايلىق كىيىملەرنى ئىلىپ كىلەتتى. مەلۇم بىر كۇنى ئۇ ماڭا نىكاھ ئوقىتىۋالايلى دىدى ۋە نەدىن تاپتىكىن تاڭ بىر خۇيزۇ قارىدىن بىرىنى تىپىپ كەپتۇ. بىز شۇ مىھمانخانىدىلا نىكاھ ئوقوتتۇق مەن ئۇنڭغا ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۇشنى ئىيتتىم ئۇمۇ قوشولدى. بىز بىر چەت جايدىن بىر ئىغىزلىق ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئالدۇق كۇنلىرىمىز ياخشى ئۆتىۋاتاتتى. مەلۇم بىر كۇنى ئالىم ماڭا سوۋغا قىلغان يان تىلفون سايراپ قالدى، بۇ تىلفوننىڭ تۇنجى قىتىم سايرىشى ئىدى. تىلفون قىلغان ئالىم ئىكەن، ئۇ مەلۇم بىر ساقچىخانىدا ئىكەنلىكىنى ئۆيدىگى گىلەم ئاستىدا 5000يۇەن پۇل بارلىقىنى، شۇ پۇلنى ئىلىپ ساقچىخانىغا كىلىشىمنى ئىيتتى. مەن جىددىيلەشكەن ھالدا بىر تاكسىنى توستۇم ۋە تاكسىغا چىقىپ بارىدىغان يىرىمنى ئاران چۇشەندۇردۇم. ساقچىخانىغا كىرسەم ئالىمنىڭ قولىدا كويزا تۇراتتى. ئۇ مىنى كۆرۇپلا خوتون پۇلنى ئاۋۇ ساقچىغا بەر دىدى. مەن پۇلنى ساقچىغا بىرىشىمگە تەڭ ئۇنى قويىۋەتتى ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ گەپنى بۇراپ دەپ بەرمىدى ئاخىرى ئۇ ئۆزىنىڭ بازارچى(يانچۇقچى)ئىكەنلىكىنى ماڭا ئىيتتى. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ يانچۇقچى ئىكەنلىكىنى بۇگۇن بىلدىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىم پىررىدە قايدى………..
ئالمىرە يەنە سۆزىنى داۋام قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش توختايدىغاندەك ئەمەس . مەن ئۇنىڭ بازارچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن كۇنىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرىشىم يوقاشقا باشلىدى، چۇنكى مەن ئەزەلدىن ئۇنى ھالال سودا قىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، مەلۇم بىر كۇنى ئۇ ئۆيگە كەلدى كىلىپلا كارۋاتقا چىقىپ ياتتى ئۇنىڭ تىترەشلىرىنى كۆرۇپ ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ ماڭا گەپمۇ قىلماي يانچۇقىدىن بىر ئىشپىرىسنى چىقاردى ۋە قولىنى ئەسكى رىزىنكە بىلەن بوغوپ ئۇكۇل ئۇردى، ئۇنىڭ بىرەر كىسىلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ سەل ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئالىم يىقىندىن بىرى تازا مىجەزىڭىز يوق دوختۇرغا بىرىپ كىلەيلى بۇنداق كىتىۋەرسىڭىز بولمايدۇ دىدىم. بىراق ئۇنىڭغا بۇ گەپلەر ئاڭلانمايۋاتقاندەك جىمجىتلا ئۇخلاپ قالدى ئۇ شۇ ئۇخلىغىنىچە نەچچە سائەتلەردىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ماڭا 500يۇەن پۇل بىرىپ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئاشخانىغا بىرىپ ئالىم ئەۋەتكەن دىسەڭ ساڭا دورا بىرىدۇ. شۇنى ماڭا ئەكىلىپ بەر دىدى، مەنمۇ ماقۇل بولوپ ئۇ جايغا بىرىپ ئاشخانىغا كىردىم، بۇ ئاشخانا ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى بۇنداق ئاشخانىلار ئەسلى قايناق بولسا بولاتتىغۇ دىگەنلەرنى ئويلىدۇم. مەن نەچچە قىتىم ئادەم بارمۇ دەپ ۋاقىرغان بولساممۇ ھىچ بىر كىشى چىقمىدى، مەن ئالدىغىراق بىرىشىمغا ئارقىمدىن نەچچە ئادەم ئىككى قولومنى قايرىپ مىنى يەرگە دۇم ياتقۇزۇپ قويدى، مەن نىمە بولغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالدىم ۋە چىرقىراپ يىغلاپ كەتتىم، ئارىدىن بىر ئۇيغۇر كىشى مەندىن قوپال ئاۋازدا بۇ جايغا نىمىگە كەلدىڭ دەپ سورىدى، مەن يىغلاپ قورقومسىراپ تۇرۇپ ئىرىمغا دورا ئالغىلى كەلگەن دىدىم، ئۇ كىشى چۇشەندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى ۋە مىنى شۇ جايدىكى بىر ساقچىخانىغا ئىلىپ كەلدى ۋە مىنى سوراق قىلدى، مەن ھەممە ئىشنى ئۇلارغا ئىيتتىم ئۇلار مىنى بىر ماشىنىغا سىلىپ ئۆيۇمگە ئىلىپ كەلدى ئۆيگە ئۇلار باستۇرۇپ كىردى، بىراق ئالىم ئۆلۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلىكىدە ئۇكۇل ئىشپىرىسى تۇراتتى. كىيىن بىلسەم ئۇنىڭ دورا دىگىنى زەھەرلىك چىكىملىك يەنى خىروئىن ئىكەن. قانۇن دوختۇرلىرى ئۇنى زەھەرنى كۆپ مىقداردا ئۇرغانلىقى ئۇچۇن قىتىپ قاپتۇ دىدى ۋە يەنە ئۇنىڭ قىنىنى تەكشۇرۇش نەتىجىسى چىققۇچە مىنىڭ ساقچىخانىدا تۇرشۇمنى ئىيتتى. ئەتىسى سەھەردە بىر نەچچە ئاق خالات كىيۋالغان سىستىرالار بىلەن بىرا قانچە ساقچىلار مەن تۇرىۋاتقان قاماق ئۆيىگە كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچى ئالىمنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىققانلىقىنى، شۇڭا مىنىمۇ تەكشۇرشى كىرەكلىكىنى ئىيتتى ، مەنمۇ قوشولدۇم . ئۇلار مىنىڭ قىنىمنى ئىلىپ تەكشۇردى دەرۋەقە مەنمۇ ئەيدىز ۋىروسى بوپتىمەن. بۇ كىسەلنىڭ كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئۆزۇممۇ بىلمەيتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق ساقچىلار مىنى شىنجاڭغا ئاپىرىشى كىرەكلىكىنى شۇ جايددىكى دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى ئىيتتى. بىراق مىنىڭ قاچان ئۆلۇپ كىتىدىغانلىقىمنى ئۇلار ماڭا ئىيتمىدى. بەلكىم ئۇلار مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئايىغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدۇم. مەن ساقچىلارغا مىنى تۇنجى قىتىم سولاپ قويغان ئۆينى ۋە ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغان كىشىنى تەسۋىرلەپ بەردىم. ئۇلار شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورونلار بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇ ئىپلاسنى تۇتۇپتۇ. مىنى شاڭخەي ساقچىلىرى ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭغا ئىلىپ كەلدى ۋە شىنجاڭ ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار مىنى ئۆيۇمگە ئىلىپ كەلدى. مەن شىنجاڭنىڭ ھاۋاسىدىن قايتا نەپەس ئالغان ۋاقىتتا خۇشاللىقتىن يۇرۇكۇم پارتىلاپ كەتكىلى تاس قالدى. ئۇ قاباھەتلىك چۇشكە ئوخشىغان ۋاقىتلىرىمدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم. ئەمدى بۇ كىسەل بىلەن قانچىلىك ياشىيالايمەن دىدىم. ساقچىلار مىنى ئۆيۇمنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى. بىراق كۆرگىنىم ئىشىكلىرىنى توپا بىسىپ كەتكەن ئىشىككە يوغان قۇلۇپتىن بىرسى سىلىقلىق تۇراتتى. مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرگەن قۇلۇم قوشنىلار بىردىن ئىككىدىن ئىشىكلىرىنى ئىچىپ چىقىشتى ئۇلار ماڭا بىرخىل يات نەزەردە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇنداق نەزەردە ماڭا قارايدىغانلىقىنى بىلمىدىم ۋە يىقىن خوشنىمىز ئايخان ئاچامنىڭ يىنىغا بىرىپ ئاپام قەيەرگە كەتتى ئۆيدە يوقما دىدىم. ئۇ ئايال ماڭا سەت بىر قارىۋىتىپ ئۇ ئالەمگە كەتتى دىدى ۋە مىنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ كەتتى. ئاپامنىڭ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىنىمدە مەنمۇ ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋىلىشنى ئويلىدۇم. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىيتىشىچە ئاپام مەن ئۆيدىن چىىپ كەتكەندىن كىيىن مىنى ئەتە كىرەر ئۆگۇن كىرەر دەپ ئولتۇرۇپتۇ مىنىڭ كىرمىگىنىمنى كۆرگەندە بولسا تولا يىغلاپ بۇرۇنقى كىسەللىكلىرى قوزغۇلۇپ قىلىپ ۋاپات بوپتۇ. كىيىن ئاپامنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقىپ تازا ھارغۇچە يىغلىدىم. ئەمدى نىمە پايدىسى ئىدى .مىڭ يىغلۇغىنىم بىلەن بۇ يولنى ئۆزۇم تاللىدىم ھەممە گۇناھ ئۆزۇمدە شۇ كۇنلەردىن كىيىن يۇقىرىدىن يىزىپ بەرگەن تونوشتۇرۇشنى ئىلىپ شەھەردىكى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر مەركىزىگە كەلدىم ۋە ئىسپاتنى كۆرسەتتتىم. ئۇلار مىنى مۇشۇ ياتاققا ئورونلاشتۇردى. كۇندە ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ چىقاتتىم. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىدى. پات پات نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۇپ كەتكىننى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ ئۆزىمىزنى زورىغا ئالداپ مەن ئۇزۇن ياشايمەنغۇ دەپ كەلدۇق. بىراق ھەممىمىزنىڭ ۋاختى ئاز قالدى. يىقىندا رەنا شىنجاڭغا كىلىپ مىنىڭ ئىز دىرىكىمىنى قىلىپتۇ ۋە مىنى ئىزەدپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ ئۆزۇمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم ئۇنىڭ بىلەن ھىلىقى كونا تاشلاندۇق بىنادىكى ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ كۆزلىرىمىزنى ياشلىدۇق. ئۇ يىقىندا توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە تويىغا بىرىشىمنى ئىيتتى. بىراق مەن ئۇنىڭ تويى بولغان كۇنى بارمىدىم ۋە بىر پارچە خەت يىزىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتتىم خىتىمدە مىنى كەچۇرشىنى ئۆزۇمنىڭ ئۇنى تويىنى شۇنداق كۆرگۇمنىڭ بارلىقىنى بىراق نىمىشقىدۇر بارغۇم كەلمىگەنلىكىنى ئىيتتىم. تۇيۇقسىز بىر كۇنى شەھەر گىزىتىدىن قىززىق نوقتا سەھىپىسىنى كۆردۇم ۋە تىلفون قىلدىم. مىنىڭ تىلفون قىلىشىمدا باشقا مەقسەت يوق پەقەت ماڭا ئوخشاش قىسمەتكە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۆزۇم دىمەتلىك تەڭتۇشلىرىمنىڭ كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بىر ئۆمۇر پۇشايمان قىلىپ ياشىماسلىقى ئۇچۇن ئۆز كەچۇرمىشىمنى ئىيتىپ بىرىشنى لايىق تاپتىم ……………………………………………..
   بىچارە قىزچاق گەپنى تۇگىتىپلا يىغلاپ كەتتى مىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى ۋە خىيالىمدا بۇ ئىشلارنى تور مەتبۇئادلىرىدا يىزىشمنىڭ بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىدۇم. ئۇ ياشلىرىنى سۇرتىۋىتىپ قانداق قىلساق مۇشۇ ئىشلارنى تىخىمۇ كۆپ جايلارغا ئەۋەتىپ باشقىلارنىڭ قاراڭغۇ يولغا كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسا شۇنداق قىلساق بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى ………………… مەن دەرھاللا ئۆيگە بىرىپ كومپىيوتىر ئالدىغا كەلدىم ۋە بۇ يازمىنى يىزىشقا كىرىشتىم. لىكىن نەچچە كۇنگىچە كۆزلىرىمگە ھىچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىچىمدە ھىلىقى ناكەس ئادەم بىدىكلىرىنى ۋە پۇلنى ھارام يولدىن تىپىۋاتقان شۇ لوبەنلەرنى مىڭنى تىللايتىم. باشقا يەرلەردىكى قاراڭغۇ يولغا مىڭىپ كىتىۋاتقان جۇملىدىن ھەممىمىزنىڭ ئىنساپىغا دۇئا قىلاتتىم. بۇ ئىشلار بولوپ نەچچە ئايغۇچە ئۆزۇمنى چىۋىن يىۋالغاندەك بولوپ قالدىم. بۇ زىيارەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم ھەم بىر ساۋاققا ئىگە بولدۇم. بىر ئايدىن كىيىن مەن باشتا زىيارەتكە بارغاندا ئۇنىڭغا ھىچنىمە ئىلىۋالمىغانلىقىمىز ئۇچۇن ئەمدى سەل خىجىل بولوپ قالغان ئىدىم ۋە بازاردىن بىر يىشىك سۇت ۋە بىر چوڭ دەستە گۇل سىتىۋالدىم. ئىچىمدە مۇشۇ كچككىنە نەرسىلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلسام ئەچەپ ئەمەس دەپ ھىلىقى دوختۇرخانىغا كەلدىم ۋە ئۇ ياتقان ياتاققا كىردىم. بىراق ئۇ يوق ئىدى. بىردەم ساقلىساممۇ كىرمىدى ۋە مەن شۇ يەردىكى بىر سىستىرادىن ئالمىرەنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىدۇم ئۇ سىستىرا ئۇنىڭ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى. ئورنىمدا داڭ قىتىپلا قالدىم. شۇ بىر ئاي ئالدىدىكى زىيارەت ئۇنىڭ بىلەن تونوشقان ۋاختىم ئىدى. نىمىشقىمۇ بالدۇرراق كىلىپ ئۇنى يوقلاپ قويمىغاندىمەن دىدىم ئىچىمدە ۋە ئىلىپ كەلگەن نەرسىلىرىمنى سىستىراغا بىرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش كىسەلگە مۇپتىلا بولغان باشقىلارغا بىرىپ قويوشنى تاپىلاپ قويوپ چىقىپ كەتتىم. دوختورخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم.
  مەنبە: ئۇيغۇر ساراي بىلوگ قۇرغۇچىسى ئە.ئىلى يازمىلىرى
ھەمبەھىرلەنگنى يارپ مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-4 09:38 PM  


باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32235
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 10:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولومدىن تارتقان ھالدا ئىشخانىسىغا سۆرەپ ۋە دەرھاللا كىيملىرىمنى سالدۇرۇپ تۇغما ----

ھەممىمىز ئويلۇنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ،بۇ كىمنىڭ بالىسى؟----نىمە ئۈچۈن نۇمۇس قىلمايمىز؟

ھەممىمىزنىڭ ئوۇشىغا ئەرزىيدىۈان ياخشى ئەسەر يېزىپسىز،رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32235
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 10:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-4 10:19 PM
قولومدىن تارتقان ھالدا ئىشخانىسىغا سۆرەپ ۋە دەرھاللا  ...

ھەممىمىز ئويلۇنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ،بۇ كىمنىڭ بالىسى؟----نىمە ئۈچۈن نۇمۇس قىلمايمىز؟

ھەممىمىزنىڭ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى ئەسەر يېزىپسىز،رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 10:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تۇڭگان لەقەملىك كۇلىچىنى مەن ئاڭلىغان. شاڭخەيدە ۋۇخەندە يۈرگەن دەپ ئاڭلىغان. بەلكىم ھازىر يۇرتىدىدۇ، ۋە ياكى باشقا يەردىدۇ.  ۋە ياكى مەن ئاڭلىغان تۇڭگان ئەمەستۇ

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھارام يول بىلەن پۇل تاپقان ئادەم ئاخىرى بارلىق ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپ ،ئەجىلىدىن بۇرۇن نەپرەتلىك ئولۇمدە ئولۇپ كىتىدىكەن،  شۇ ئىمانسىز لىنىڭ كاساپىتىدىن ئىچكىرى ئولكىگە ھالال تىجارەت ئۇچۇن بارغان ئويغۇرلار خورلۇققا ،ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتىدۇ.ھەممىگە قادىر ئاللاھ شۇ مۇناپىقلىنىڭ جاجىسىنى ھەر ئىككى دۇنيادابەرگەي. تىمىڭىز غا رەھمەت.

gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:24:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax111 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-4 11:15 PM
مۇبادا سوتسىيالىستىك ھاكىمىيىتىمىز رەزىل ئادەم بېد ...

‏راس دەيسىز.مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان.لىكىن ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1345 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىچكىرى ئۆلكىدە قانچىلىك قىز - ئاياللار خارۇ- زار بولىۋاتقاندۇ؟

نەچچە يىللاردىن كىيىن، ئۇلارنىڭ خارلىنىۋاتقان ھالەتتىكى سىنئالغۇ لىنتىلىرى چىقىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق- تۇققان، قولۇم- قوشنىلىرى، ئەل - جامائەتتىن كۆرۆپ قالىدىغانلىرى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.

بۇ خەنلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشى بولمىسا، بەلكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن تورغا چىقىرالمايۋاتقانلا يىرى بار.

ئىچكىرىگە بارغان قىزلارنى، شىنجاڭدىكى ياخشى يىگىتلەرنىڭ قۇتقۇزىۋىلىش مەجبۇرىيتى يوق مىنىڭچە. ئۇ قىزلار ئۆزىنىڭ ھارامزادىلىكىدىن كۆرسە توغرا بولىدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32235
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 11:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirdax998 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-4 11:24 PM
‏راس دەيسىز.مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان.لىكىن ئۇنداق بولىش ...

چۈنكى،جەمىيتىمىزدە ئەخلاق بىلەن قانۇن بىر-بىرىنى قوغۇداش رولىنى ئوينىيالماۋاتىدۇ.ئۇنداق ئىكەن ئەلبەتتە باللىرىمىز ۋە بىز ئاشۇنداق ئازاپقا قالىمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش