ئايروپىلان سوقۇش ئۇيۇنىدىن ھىس قىلغان 11 تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش مەخپىيىتى
1. بىخەتەرلىك بىرىنچى . سىزنىڭ نۇمۇرىڭىزنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغىنى ، سىزنىڭ قانچىلىك باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگىنىڭىز بىلەن ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ قانچە ئۇزۇن ھايات تۇرالىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك . نۆۋەتتىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە چۇقۇم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىشى كىرەك . 2. ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىش بىردىنبىر ئاساسلىق مىلودىيە . بىر ئايروپىلاننى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز ، يەنە بىر ئايروپىلان كىلىدىغان پۇرسەت بار . مۇھىمى شۇكى ئۇ سىزگە قاراپ تىز سۈرەتتە كىلىدۇ ، سىزنىڭ ئويلىنىپ ، مەسلەھەت سېلىپ ئولتۇرىدىغان پۇرسىتىڭىز يوق .كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا بىردىنبىر يول ئالدىغا قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت . 3. ئاساسلىق بازىنى ياخشى تاللاش كىرەك . ئورنىڭىزنى زىيادە كۆپ يۆتكىمەسلىكىڭىز كىرەك ، ياخشى ئورۇننى تاللاپ ، شۇ ئورۇننىڭ ئەۋزەللىكى تۈگىگەنگە قەدەر مەھكەم تۇرۇش كىرەك . 4. ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىش كىرەك . ئەڭ ئالدى بىلەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەندىكى نۇمۇرنى ئىنىق بىلىش كىرەك ، ھەرگىزمۇ تىز سۈرەتتە كەلگەن ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانغا چېقىلماسلىق كىرەك ، بولمىسا ئېتىشقا ئۈلگۈرەلمەي تۇرۇپ بىتچىت بولىدىغان گەپ . يەنى بەك كۈچلۈك رىقابەتچى بىلەن تۇتۇشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك ، بولمىسا نەتىجىسى بىرلا . 5. چوڭ نىشاننى ئېتىشتا چۇقۇم يىتەرلىك ئارلىق ۋە ئوت كۈچى بولىشى كىرەك . ئەگەر چۇقۇم چوڭ نىشاننى تاللىماقچى بولساق ، ئۆزىمىزگە قۇتۇلىدىغان يول قۇيۇپ قويىشىمىز كىرەك . چوڭ ئايروپىلان ئېتىشنىڭ خەتىرىمۇ چوڭ ، ئەلۋەتتە نۇمۇرىمۇ يوقىرى . 6. قاتتىق دىتال ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن مۇھىم . تىلفۇننىڭ ئىكران سىزىمچانلىقى يۇقىرى ، .ئىكرانى چوڭ ۋە ئۇزۇن بولغان تىلفۇننىڭ ئەۋزەللىكى يوقىرى ، يەنى توسالغۇ جخسىمنى تېخىمۇ ئىنىق ۋە بالدۇر كۆرگىلى بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە بايلىق ئىنتاين مۇھىم ، مەسىلەن : ئىقتىساسلىقلار قۇشۇنى ، پۇل قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىىشى . 7. ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت بولىشى كىرەك . مۇبادا ئايروپىلانلىرىمىز ھەممىسى پارتلاپ تۈگىسە ، دوستلىرىمىزدىن ئايروپىلان سورالايمىز . ئىگىلىك تىكلەشتىمۇ ئوخشاشلا ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتكە مۇھتاج بولىمىز . 8. رەت تەرتىپىڭىزگە بەك ئىتبار بىرىپ كەتمەڭ . چۈنكى ھەر چاشەنبە كۈنى بارلىق نەتىجىللىرىڭىز نى نۆلگە ئەكىلىپ قويىدۇ . ئوخشاشلا سودا ساھاسىدىمۇ مەڭگۈلۈك غوجام بولمايدۇ ، شۇڭا باشقىلار بىلەن بايلىقىڭىزنى سېلىشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ . 9. نۇمۇرىڭىزنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەڭ . چۈنكى يېقىندا بۇ ئويۇنغا ساختىلىق ئىشلىتىپ باشقا قۇشۇمچە دىتاللار بىلەن نۇمۇرنى يۇقىرلىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ، تېڭ شۇن بۇنداق لارنى بايقىسا قاتتىق بىتەرەپ قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن .كارخانا باشقۇرۇشتا بەزى ۋاقىتلاردا بەك كۆزگە كۈرىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ . 10. سودا پۇرسىتى ھەممە يەردە بار . ھازىر تاۋ باۋ تورىدا ئاللىقاچان باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئۇيۇن ئويناپ رىكوت يىڭىلاپ بىرىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇكانلار ئېچىلدى . سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يانداشما ئېھتياجنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇڭ . 11. ئۆزىڭىز ئويناپ سىناپ بېقىڭ . بەزىدە يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر قالايمىقان ئويناپمۇ ، كونا ماھىرلانى يىڭىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ . شۇڭى ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى مۇشۇنداق «قالايمىقان» ئويناش ئۇسۇلىغا سەل قارىماڭ . مەنبە : خەنزۇچە ئىگىلىك تىكلەش گوروھى تورىدىن(创业邦网站) ئابلەت ئەيسا تەرجىمىسى .
|