مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

ئاشنا دىگەن ساقالدىكى ئاش ...(قاراخان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17776
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6840
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 06:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"ئاشناجان" دېگەن ناخشىدا مۇنداق مىسرا بار:

ئۆستەڭ بويىغا چىقىسام ،
ۋاي ، ئاشناجان .
سۇلار سۈزۈلۈپ قاپتۇ ،
ئالمىنىڭ چېچەكىدەك ئاشناجان
مەڭزىڭ قىزىرىپ قاپتۇ .
.........................
قىش كىرىپ كەلگەن كاككۇكنىڭ ئۈنلىرى ھەر جايدا غېرىب ،
كەل كاككۇك ئاشنا بولايلى ، سەن مۇساپىر ، مەن غېرىب .
........................................

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە " ئاشنا " سۆزى مۇنداقمۇ ئىپادىلىنىپ كېلىدۇ :

ئوقۇرمەنگە قول بېرەر كىتاب ،
يولى يوققا يول بېرەر كىتاب .
ئىلىم - پەنگە ئاشىنا بولساڭ ،
ئەقىل - ئىدراك نۇر بېرەر كىتاب .

بۇ يەردىكى " ئاشنا " يار بولۇش ، يېقىن بولۇش ، كۆنۈكمەك ، دوست بولماق ، كۆۈنمەك دېگەن مەنىلەردە كەلگەن .

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرقايسى شىۋىلەردىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەر خىل كېلىدىكەن . بولۇپمۇ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا :

قوشامەتنى ئۇچۇر دۇڭ ئاغىز يەلدە ،
دەردىڭىز زەكەيگەن ئېگىنىم جەندە .
بېرى كەلگىن ئېجىلىم مۇڭدىغايلى ،
چىقالمادىم دۈشمەنگە بولدۇم جەندە .

بۇ يەردىكى << ئېجىل >> ئاشنا ، ئامراق ، ھەمرا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىكەن .
تارىخي مەلۇماتلاردىكى " ئاشىنا ئۇرۇقى " ھەققىدىكى رىۋايەتتىمۇ ئاشىنا توغرىلىق تەپسىلات بار . لېكىن ئۇ "ئاشىنا ئۇرۇق " نىڭ بۇ يەردىكى "ئاشنا " بىلەن ئوخشاشلىقى ياقى پەرقى ، مۇناسىۋىتى ھەققىدە تېخى بىرلىككە كەلگەن مەلۇمات يوق .


مەنبە: تور ۋە "ماتىرىياللار"دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:03:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماي يېزىۋاتىسىز، مول يېزىۋاتىسىز، تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئۈستىدە بەدىئي ئىزدىنىشنى توختاتماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن، مۇمكىن بولسا تىلفون ياكى ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشەيلى، سىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 04:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش