|
|
|
|
رېئاللىق قانچە رەھىمسىز بولغانسىرى، كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى شۇنچە گۈزەللىشىپ بارارمىش. خۇددى بىز كۆرىۋاتقان كىنولاردىكى مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىمۇ مۇمكىنلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بەخت ھېكايىلىرىدەك. خۇددى بىزلەر كىچىكىمىزدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان چۆچەكلەردىكىدەك. ئۇلار بىزگە دائىم قاراڭغۇلۇق كەينىدە يورۇقلۇق مەۋجۇت. بەخىتسىزلىك ھامىنى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ دەيدۇ. ئەجەبا ھەقىقى تۇرمۇشتىمۇ شۇنداقمۇ ؟
فوتوگراف DinaGoldstein مۇ خۇددى مەندەكلا باللار چۆچەكلىرىدىكى بەختلىك «خاتىمە»لەردىن گۇمانلانغۇچىلارنىڭ بىرى. تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل قېين-قىستاقلىرىغا قوشۇلۇپ، رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئايال، دادىللىق بىلەن باللار چۆچەكلىرىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش فوتو ئەسەرلىرى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى غەش قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىزلەرگە رىئاللىققا يۈزلىنىشنى ئۈگۈتۈپ قويىشىمۇ مۇمكىن.
دەرۋەقە قار مەلىكە مۇرادىغا يىتىپ، شاھزادە بىلەن بەختلىك ئائىلىسىنى قۇردى. بىز بىلىدىغان چۆچەكمۇ مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى. ئاياقلاشمىغىنى بولسا تويدىن كېيىنكى باش قېتىقى. قىزىقچىلىقتا تۇغۇۋالغان بالىلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭىغا قوشۇلۇپ شاھزادىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ بىرسىمۇ يوق.
كۈل قىزنىڭمۇ دەردى باردە. ئۇنىڭ شۇنچە دەرتنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتىشى مۈمكىنمۇ ؟ ئۆگەي ئانىسى دېگەن جادۇگەرنىڭ ئەتمىشلىرىنى ئويلىغاندا ئۇمۇ ئاچچىقىدا بولىشىغا ئىچىپ، ئىچىنى بوشتىدۇ.
يەسىمەن مەلىگە، ھەي بىچچارە مەلىكە..، كىم سېنىڭ يۇرتۇڭنى ئوتتۇر شەرىقتە بولسۇن دەپتۇ. ئۇرۇش ئاۋازى توختىمايدىغان بۇ يەردە سەنمۇ ئامالسىز قولۇڭغا قۇرال ئالدىڭ.
ئۇيقۇ گۈزىلى ئاخىرى ئويغاندى ؟؟؟ ياق .. ئەمەلىيەتتە ئۇ مەڭگۈ ئويغىنالماي ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلاندى.شاھزادىمۇ ئامالسىز ئۇنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان قېرىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ ئۆلگىچە ساقلىدى
مانا بۇ ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن، ئېگىز قەلئەدىن قاچقان قىز. ئوتتۇر ياشلاردا كۆرۈلىدىغان چاچ چۈشۈش كېسىلى بۇ بىچارىنى يالغان چاچ تاقاپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا…
گۈزەل خانىش بېللا، ھەرقانچە گۈزەل بولساڭمۇ قېرىلىقنىڭ ئالامىتى بولغان سەكسەن قورۇق سېنى ئىزدەپ كەلمەي قويمايدۇ. شۇڭا سەنمۇ ھۆسن تۈزىتىشكە مۇھتاجسەن.
بۇ قىزچاقنى دىمىسەممۇ ھەممىڭلار تونۇدۇڭلار. ئۇ يەنىلا شۇ ئورماندا، بۆرىگە يەم بولماي خاتىرجەم ياشىماقتا. ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ھازىر ئەخلەت يېمەكلىكلەرگەكۆنۈۋالدى. تەن ئېغىرلىقىمۇ ئېشىپ كەتتى ئەلۋەتتە …
ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقسام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر نىمىش بىلەن ئالدىراشتۇ?
|
|
|
|
|
|